تۇرمۇش بىزگە شۇلارنى ئېيتىدۇلەركى…ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا!
بۈگۈن كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، كاڭشى خاننىڭ 23 يېشىدىلا دۇنياۋى خاقان بولغانلىغىنى بىلىپ، ئۆزۈمگە قاراپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، ئەمما توڭجى خاننىڭ 23 يېشىدە ئۆلگىنىگە تۆت يىل بولغىنىنى بىلىپ كۆڭلۈم خېلى ئەمىن تېپىپ قالدى…
* ئەرلەر ئىككى خىل بولىدۇ؛ بىرى ئىشقىۋاز، يەنى بىرى ئەشەددىي ئىشقىۋاز.
ئاياللارمۇ ئىككى خىل بولىدۇ؛ بىرى يالغاندىن سەبىي بولىۋالىدۇ، يەنە بىرى سەبىي بولۇپ قالماسلىققا تىرىشىدۇ.
* مىنىڭ جاھاندارچىلىق پىرىنسىپىم: باشقىلار ماڭا دەخلى قىلمىسا، مەنمۇ باشقىلارغا دەخلى قىلمايمەن. باشقىلار ماڭا چېقىلىپ قالدىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشقىنىم تۇتۇشقان!
* ھازىرقى زامان قىزلىرىنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمى: ئۆي- ماشىنىسى بولسىكەن، ئاتا- ئانىسى ئۆلسىكەن.
* ئەرلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە: ئۇنى ھېچنىمىگە ئىگە قىلماسلىق؛ ئاياللارنى جەلپ قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە: ئۇنى ھەممىگە ئىگە قىلىش.
* تۇرمۇشتىكى ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، مىڭ تەستە گۈزەل بىر چۈش كۆرۈپ، ئەتىگەندىلا ئۇنتۇپ قېلىش.
* قايسى بىر كۈنى قىز دوستۇمدىن بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى: ”بىز ئايرىلىپ كىتەيلى!“. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى قايغۇراي دەپ تۇرۇشىمغا، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى: ”كەچۈرۈڭ، خاتا يوللاپ قويۇپتىمەن.“
* دادام مەندىن: ”ھاياتىڭدا قانداق ئىنتىلىشىڭ بار؟“ دەپ سورىغانىدى مەن: ”پۇل ۋە گۈزەل قىز.“ دەپ جاۋاب بىرىپ، بىر كاچاتقا ئىرىشتىم. ”كەسپ ۋە مۇھەببەت“ دەپ جاۋاب بىرىۋىدىم، مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ قويدى.
* شۇنىڭغا ھەيرانمەن، قىزلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئوغۇللارغا چىرايلىق كۆرۈنۈشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇغۇللارنىڭ كۆرۈشكە تەشنا بولغىنى قىزلارنىڭ كىيىم كەيمىگەن قىياپىتى تۇرسا ……
* مەن ئۇنى بىر قىزدىن بىر ئايالغا ئايلاندۇردۇم، ئۇ مىنى بىر ئوغۇلدىن بىر كەمبەغەلگە ئايلاندۇردى.
* مەن ھەقىقەتەن قېرىپتىمەن، ھازىر سۇ ئۈزەلمەيمەن. ئەمما مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەمرالىرىم ئىچىدىكى ئەڭ تېز ئۈزىدىغىنى ئىدىم.
* تەقدىر ماڭا رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرسۇن دەپ بىر جۇپ كۆز ئاتا قىلدى، مىنى ئەمگەك قىلىپ، جېنىنى باقسۇن دەپ بىر جۇپ قول ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تەڭسىزلىگىنى قارغىسۇن دەپ ئېغىزمۇ ئاتا قىلدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,جەمئىيەت,دۇنيا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 509 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: experience-of-life.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > iPad ،iPhone قاتارلىق Apple مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا-يېڭىلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > 2011-يىلى قايسى نادىر فىلىملەرنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مەن بەك يامان بوپ كىتىپ بارىمەن جۇمۇ،قوساق ئاچقاندا تۆرىگە ئامراق بوپ قالىدىكەن كىشى …
پۇل ماشىنا بولسىكەن،ئات-ئانىسى ئۆلسىكەن ماگەپنىڭ جىنى با…
* قايسى بىر كۈنى قىز دوستۇمدىن بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى: ”بىز ئايرىلىپ كىتەيلى!“. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى قايغۇراي دەپ تۇرۇشىمغا، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى: ”كەچۈرۈڭ، خاتا يوللاپ قويۇپتىمەن.“
———————
بۇ قايسى بىچارە بايقۇش بولغىيتى ، چوقۇم سەھرالىققۇ دەيمەن؟!
مەن تىخى بويتاق،يۈكسەلكامزە، پىقىرنىڭ تىلىفونى يوق،سەھرادا تىلىفون تارتمايدۇ جۇما …
مەن ئۇنى بىر قىزدىن بىر ئايالغا ئايلاندۇردۇم، ئۇ مىنى بىر ئوغۇلدىن بىر كەمبەغەلگە ئايلاندۇردى…..
مىنىڭ كەمبەغەل بولغۇم يوق!
كەمبەغەل بولمايمەن دېسىلە، ئايپاتەم بولاپ كېتىلا، مەيلىما ؟! …
شۇنىڭغا ھەيرانمەن، قىزلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئوغۇللارغا چىرايلىق كۆرۈنۈشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇغۇللارنىڭ كۆرۈشكە تەشنا بولغىنى قىزلارنىڭ كىيىم كەيمىگەن قىياپىتى تۇرسا ……
ئالە شەرڭنى خا خا
ھاي ھاي ، ئايرىلىپ كىتەيلى، خاتا يوللاپتىمەن، ئاچىغىمدا دىگەن گەپ، دىگەن دەك ئۇچۇرلار، ماڭا ھەپتىدە بىر سالام يوللايدۇ جۇمۇسىلا ~~ ھەي قىسقىسى تۇرمۇش مۇشۇنداق، ~~ قىزلارنىڭ كىيىم كەيمىگەن قىياپىتى …… مىنىڭچە بەز يىمەيدىغان مۈشۈك يوق…. ھاھاھا
قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار
ھاي ھاي ، ئايرىلىپ كىتەيلى، خاتا يوللاپتىمەن، ئاچىغىمدا دىگەن گەپ،
ئاچچىقىدا دىگەن گەپمۇ ياكى يەنە بىرىگە يوللايمەن دەپ سىزگە يوللاپ سالغان گەپمۇ
* ئەرلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە: ئۇنى ھېچنىمىگە ئىگە قىلماسلىق؛ ئاياللارنى جەلپ قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك چارە: ئۇنى ھەممىگە ئىگە قىلىش.
ماۋۇ ھەقىقەتەن پەچەت گەپكەن!
ما تىمىنى ساقلىۋالمىسام بولماس!!!
* دادام مەندىن: ”ھاياتىڭدا قانداق ئىنتىلىشىڭ بار؟“ دەپ سورىغانىدى مەن: ”پۇل ۋە گۈزەل قىز.“ دەپ جاۋاب بىرىپ، بىر كاچاتقا ئىرىشتىم. ”كەسپ ۋە مۇھەببەت“ دەپ جاۋاب بىرىۋىدىم، مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ قويدى
ماڭا بەك يارىدى … سىز ئەمدى 23 ياشقا كىرمىگەنسىز ؟
نادىر يازمىكەن . بۇنى ئۇقۇۋېتىپ «شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز» دىگەن يازما ئېسىمگە كېلىپ قالدى !
* شۇنىڭغا ھەيرانمەن، قىزلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئوغۇللارغا چىرايلىق كۆرۈنۈشنى ئىستەيدۇ، ئەمما ئۇغۇللارنىڭ كۆرۈشكە تەشنا بولغىنى قىزلارنىڭ كىيىم كەيمىگەن قىياپىتى تۇرسا ……
——-
باللا،ما گەپنى قىزلار كۆرۈپ قالمىسۇن جۇمۇ!
ھە ھە ھە … قىزىلار ئوغولارنىڭ دىگەن يېردىن چىقىمىزدەپ رەخنى قىممەت كۆرۇپ كىيىمنى چولتا كىيىدىغان بوپتۇ دە