ئوغۇللارغا بىر سوۋغا – ياندا ئېلىپ يۈرۈش ئىنتايىن قولاي دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ساقال ئالغۇچ
ئىلگىرى توردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان چەتئەلنىڭ بىر مەھسۇلاتىنى كۆرگەن ئىدىم. ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنتايىن ياخشى چىققان بىر مەھسۇلات دېيىشكە بولىدىكەن، دائىم سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈيدىغان ياكى ئۇچرىشىشقا كۆپ بارىدىغان ئوغۇللار ئۈچۈن، بۇ خىل ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ساقال ئالغۇچ ھەقىقەتەن كۆپ قولايلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ پەۋقۇلئاددە ئەرزان.
دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز لايىھەلەنگەن Carzor ناملىق بۇ ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ساقال ئالغۇچ پەقەت نېپىزلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىشلىتىشمۇ بەك ئاسان، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئۈچۈن يەنىلا ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان ياخشى ھەمراھ بولالىغۇدەك. بۇ ساقال ئالغۇچنىڭ نېپىزلىقى پەقەت 3 مىللىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان ئىكەن، ئىشلەتمەيدىغان چاغدا، خۇددى بانكا كارتىسىدەك پورتمالغا قىستۇرۇپ قويساقلا بولىدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ ساقال ئالغۇچنىڭ باھاسى پەقەتلا 28 سوم بولۇپ، 淘宝 ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىشتىكى رولىغا ھەقىقەتەن سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكىدەك تاللاپ سېتىۋالىدىغان دەۋردە، كىشىلەر ئالدى بىلەن قولايلىق مەھسۇلاتلارنى ئويلىشىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەلۋەتتە قىزلار بولسا، ئوغۇل دوستىغا بىرەرنى ئېلىپ سوۋغا قىلسىمۇ، ئىشىنىمەنكى زور كۆپ ساندىكى ئوغۇللار ئىنتايىن خۇشال بولىدىغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا سېتىۋېلىش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي.
سېتىۋېلىش ئۇسۇلى:
ئاۋال www.taobao.com نى بېسىپ كىرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ 淘宝 ھېسابات نومۇرىڭىز بىلەن كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مەزكۇر بەتتىكى ئۇلانمىنى بېسىپ كىرىپ 立即购买 نى بېسىپ سېتىۋالسىڭىز بولدى.
سېتىۋېلىش ئادرېسى: CARZOR دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ساقال ئالغۇچى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 641 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: carzor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > فېليەتون(ئاچچىق كۈلكە) – ھاللىق سەۋىيە كۆۋرۈكى
- كېيىنكى يازما > كارتون ۋە كارتون ئىشلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ – Animator vs Animation
راسلا قالتىسكەن ئەپ قويايمۇ بىرنى ….
ئۆتمەي قالامىكىن بىزنىڭ ساقاللىغا…
پىرىستان ھاجىم،يۈننەننىڭ شەمشىرىدە ساقال ئالىدۇ دەۋاتقان
پاھ-ھوي…ماڭا بىرنى سوۋغا قىلمامسىلەر قىزلار؟
ھەقىقەتەن ياخشىكەن!
مەنمۇ بىرنى ئالسام بولغۇدەك جۇمۇ.
ھە راس پورتمالمنى ئوغىرلاپ كەتسە ساقال ئلغۇچمۇ يۈتكىدەك ، ئەڭ ياخشىسى ئالماي تۇراي جۇمۇ، سوۋغا قىلىپ قالسا ئويلىشىپ باقارمەن.
(چاقچاق)
ھەرقاچان، پېقىرنىڭ ساقىلىغا ئۆتمەيدۇ بۇ ؟!
مەندە ساقال يوق بۇۋامغا ئېلىپ بېرەي