ئىككى يېرىم مىنۇتتا Apple Mac نىڭ 30 يىللىق تارىخى ئۆزگىرىشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش
Apple نىڭ ھازىر دۇنيادىكى مەھسۇلاتلىرى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ۋە تېز بولغان بىر شىركەت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بولۇپمۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك iPhone, iPad قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىزچىل بىزنىڭ كۆزىمىزنى قاماشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ھەر قېتىملىق بۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا Steve jobs ئوخشاش بىرلا قۇر كىيىم كىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل يېڭىلىنىۋاتقان Apple مەھسۇلاتلىرىنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، جۈملىدىن Apple نىڭ Mac كومپيۇتېرىمۇ شۇنداق بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىردىكى MacBook Pro ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ Mac كومپيۇتېرلىرى قايسى تارىخى دەۋرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولغىيتى؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple,iPhone,Mac
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mac-30-years-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NOKIA S60v5 يانفونلىرىگە چۈشىدىغان تاللانغان تەگرەسىملەر توپلىمى(1)
- كېيىنكى يازما > پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە قاچىلاش ھاجەتسىز بولغان PDF كۆرۈش قورالى – Foxit Reader
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
مەك نىڭ يېڭىلىنىشى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق جەريانكەن، قاچانمۇ ئاشۇ ئېسىل نۇسقىدىكى لەپتوپتىن بىرنى ئوينارمەن،-ھە…
تۈرمىدىن قېچىش نى كۆرگەندە ھېلىقى ياپونلۇق ھارام تاماقنىڭ لەپتوپىغا كۆزۈم چۈشكەن ئىدى، ئاشۇلارنىڭ جابدۇقلىرىنى ئوغىرلاپ قاچقان مەن بوسامچۇ دەپ كەتكەن ھېلىقى چاغدا…
قىزىلبايراقتا MacBook Pro نى ئويناپ كۆرۈپ باقتىم(ئۆزۈمنىڭ يوق، باھاسى 20000 سومدىن ئاشىدۇ)، ئۇنىڭدىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، بىراق ناتونۇش OS ئالدىدا سەل تەمتىرەپ قالدىم.
hi wats your myspace page
ئۇيغۇرچىنى بىلمەمدۇ يا ماۋۇ دوستىمىز. ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىمۇ ؟ ئىگىلىزچىنى مەن يازسام خاپا بوپ قالدى جۇمۇ بۇ بلوگ.
ئىنكاسلارنىڭ ساپلىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھېچقانداق ئۇيغۇرچە ھەرپ ئارىلاشمىغان ئىنكاسلار بولسا يوللىغىلى بولمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان. ماۋۇ يولداش قانداق يوللىدىكىن ھەيران قالدىم، كۆڭلى خوش بولۇپ قالسۇن چىقىرىپ قويغانتىم.
ئەسلى ياقا يۇرتتىن تېنەپ كىلىپ قالغان ئادەمكەندە، ئۇلىنىشقا دىققەت قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ… ياۋ… مانا دۆلەت ھالقىپ زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ باركەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا تور خۇمارى بىزنىڭلا تۇتمايدىكەن جۇمۇسلا