«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان يېڭىچە نۇسخىسى چىقماقچى!
مودا بولۇپ خەققە يادا بولۇپ كەتكەن بۇ ئويۇن ھەر قېتىم يېڭى بىر نەشىرىنى ئېلان قىلسا ئىنتايىن ئۆزگىچە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇدا چىقماقچى بولغان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: بوشلۇق» بولسا، مەزكۇر ئويۇننىڭ ئەنئەنىۋى نەشىرلىرىگە قارىغاندا نۇرغۇن يېڭىچە ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېڭىلانغىنى پەقەت مەيدانلا ئەمەس…
ئالەم بوشلۇقىدا ئوينايدىغان مەزكۇر نەشىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئاشكارىلانغان ئېلانىدا پەقەت بىر دانە ھومىيىپ قاراپ تۇرغان قۇشنىڭ كۆزىلا بار بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئەمەلىي مەزمۇننى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىر تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمۇنلار تورغا ئاخىرى ئاشكارىلاندى. مەزكۇر سىن، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى SXSW 2012 يىغىنىدا Galaxy Note ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئەمەلىي سىناقتىن ئېلىنغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەيداننى ئالماشتۇرۇپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلغان ئەمەس، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭىچە ئېلىمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قېنى ئاۋال ئورگان تەشۋىق فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى:
شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، مەزكۇر يېڭى نەشىرىدە ئېغىرلىق كۈچى ئۇقۇمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېڭىچە بىر خىل ئويۇن ھالىتى شەكىللەندۈرگەن. قۇشقاچلار بوشلۇقتا تۈز سىزىق بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، پەقەت مەلۇم پلانېتقا يېقىنلاشقان چاغدا ئاندىن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە سەل ئېغىش يۈز بېرىدۇ. بۇ يېڭىچە ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، قۇشقاچنى ئېتىپ چىقىرىش مەشغۇلاتىغا قەتئىي تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ھەم باشقىچە ئويناش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: بوشلۇق» ئويۇنى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى iOS ۋە Mac نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەگەر سىز ياقتۇرسىڭىز ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ PC نەشىرى»نى چۈشۈرۈپ ئويناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، Mac، ئويۇن، ئېلان
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,748 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: angry-birds-space-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىرلىق زۇلمەت تۈسىنى ئالغان ئويۇن – Alan Wake
- كېيىنكى يازما > «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
بۇ ئۇيۇننڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مېھرى بار ..ھى ھى …
دەسلەپتە بەك ئوينايتتىم بۇ ئۇيۇننى .
دىۋانما بۇ
قېنى ما سەھرالىق ھەم ئۇيغۇر بەگلەر
دىۋانما بۇ
قېنى ما سەھرالىق ھەم ئۇيغۇر بەگلەر .
بۇ ئويۇننى مىنىڭ ئەنجۈرۈمدە ئويناپ باقاي دىسەم بولمامدۇ نىمە؟
ۋاي ئاپلا ئۇيغۇي بەگنىڭ كىلونلانغىنى چىقىپ ئولتۇرۋاپتا
مەن ھىچكىمنىڭ كىلونلانغىنى ئەمەس ، شاكىچىك .
ئاستىمدا قېلىپ سەل ئېخىر كەلگەن ئوخشايدۇ سىلىگە – ھە ؟!
بۇ مىكىيانلارمۇ تەرەققىي قىپتۇ … ئالەم – مالەملەردە يۇرەمدۇ نىمە ؟!
بۇرۇن توخو يۇرەك دەپ باشقىلارنى تىللايتتۇق . بۇ ئۇيۇن مودا بولۇپ ،ئەمدى بىرسىنى توخو يۇرەك دەپ تىللىساق ، ھە شۇنى بىلسەڭ ياخشى ئاچچىقىم يامان جۇما دەيدىغان بولدى-دە .
ياخشى ئويۇن جۇمۇ، بىكار قالسام ئانچە- مۇنچە ئويناپ قويىمەن.
بۇ نەشىرىنىڭ جۇڭگودىكى تارقىتىش ھوقوقىنى 360 شىركىتى سېتىۋاپتۇدەك ….
نەدە قالدىڭلا سىلەر؟؟؟
مەن نەچچە كۈن بولدى بۇ نۇسخىسىنى ئويناپ يۈرگىلى…..
يىرىمىدىن كۆپرەك مەيدانلىرىدىن ئۆتۈپ بولدۇم…
بىز بىر يەردە قالمىدۇق ، بۇ تېما يېزىلغىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى !
ئالدىنقى كۈنى تېخى youtube دا كۆرگەنتىم بۇنى ! بۈگۈن مايەدە كۆردۈم !