نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

سىرلىق زۇلمەت تۈسىنى ئالغان ئويۇن – Alan Wake

alan-wake

ئويۇندا alanwake ئىسىملىك بىر يازغۇچى ئايالى بىلەن بىرگە مەلۇم جايغا يېڭى كىتابىغا ماتېرىيال توپلاش مەقسىدىدە ساياھەتكە بارىدۇ، سەپەر جەريانىدا بەك ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بىر جايدا ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈش ۋە رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم ئاجايىپ غەلىتە، ئىنتايىن سىرلىق ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلايدۇ…

[ Alan Wake ئويۇنىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر ]

ئويۇندىكى باش پېرسوناژ Alan Wake نىڭ يېزىۋاتقان كىتابىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى Max Payne بولۇپ، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىغا بەلكىم يەنە بىر شۇ ناملىق ئويۇننىڭ باش پېرسوناژىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىتىشى مۇمكىن.

ئويۇننىڭ تەشۋىقات فىلىمى:

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. ساپ ئېنگلىزچە ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستىن يېشىمىز
2. setup.bat ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ قاچىلاشنى باشلايمىز
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولدى.

تەسىرات:

ئويۇن ھېكايە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ۋەقەلىكىمۇ ئىنتايىن پەيزى چىققان، ئوينىغانسىرى كېيىنكى قەدەمدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگىڭىز كەپلا تۇرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ناھايىتى ياخشى ئويۇن، ئويناپ بېقىشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن!

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

Alan Wake نى چۈشۈرۈش      |      مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاڭنۇرى 2012.02.25 , 22:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانمۇ بۇ؟؟؟

  2. دىۋانچى 2012.02.25 , 23:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇن پەيىزى ئىكەن جۇمۇ!:cool:

  3. تاماشىبىن 2012.02.26 , 02:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپيوتېرغا قويىدىغان تەلىپىنى يېزىپ قوياي . چۈشۈرۈپ ئوينالماي چىقمايدىغان ئويۇنىغا ئادەم ئاخماق قىپتۇ دەپ قالمىسۇن يەنە…
    سىغىمى : 8GB
    Windows Vista ،Windows 7 سېستىمىسىدا :
    CPU قوش يادرولۇق AMD Athlon X2 2.8GH ياكى Intel Core 2 Duo 2GHz
    ئىچكى ساقلىغۇچ : 2GB
    كۆرسەتكۈچ كارتا : 512MB
    AMD: ATI Radeon 3650 、4450、 5550、6450
    ……………………………………………………………………
    Intel:NVIDIA GeForce 8600GT、9500GT、GT120、GT430、GT520
    ……………………………………………………………………
    DirectX 9 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نى قوللىشى كېرەك.

    • تورخۇمار 2012.02.26 , 12:59

      تولۇقلىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! تېخىچە Windows XP ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم بۇ ئويۇننى ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن.

  4. بودەك 2012.02.27 , 03:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن win7كوچىۋالغىلى 2ھە پتىچە بولدى،باشتا ياختۇرمىغان،ئەمدى بولسا ئامرااق بوپقالدىم، قىنى .ئەمسە win7دا ئۇيۇننىڭ پەيزىنى سۇرۇپ باقاي…

  5. ئەززام 2012.02.27 , 12:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تازا بىر چۈشۈرۈپ ئوينىۋاتاي دىسەم، 6گ لىق ئۇيۇنكەن ئەمەسمۇ.

  6. چايان 2012.04.24 , 14:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى ئۇيۇنكەن بۇ 2-قىسمى قاچان چىقا بۇنىڭ تۇگۇتۇپ بۇلۇپ كوڭلۇم يېرىم بوپقالدى ماۋۇئاداشنىڭ ئايالى بىلەن جەم بۇلالمىغىنىغا:twisted:

  7. بەگزادە 2012.05.07 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈپ بولوپ قاچىلاي دىسەم مىت قىلماي تۇرىۋالدى

  8. گۇزەل يېڭسار 2014.07.27 , 01:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    8 جى ئويۇننى ئوينىيالمايمەن:cry::cry::cry:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量