نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

رەزىللىك ئۈستىدىن جەڭ قىلغۇچى Shank قايتىپ كەپتۇ! كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگىچە ئويۇن: Shank 2

shank2

بىر يىلنىڭ ئالدىدا تورخۇماردا Shank ناملىق بۇ ئويۇننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن چېغىمدا، نۇرغۇن تورداشلار بەس-بەستە چۈشۈرۈپ ئويناپ ياخشى باھالىرىنى بېرىشكەن ئىدى. يېقىندا بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنچى قىسمى Shank 2 ئېلان قىلىنىپتۇ. ئورگان تەرەپ EA نىڭ دېيىشىچە، بۇ Shank بىرنى ئاددىيلا ئۆزگەرتىپ قويغان ئويۇن بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر خىل ئويۇن ئىكەن…

[ Shank 2 دىن بىر قىسىم كەسمىلەر ]

EA نىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئويۇندىكى نۇرغۇن ئېلىمېنتلار قايتىدىن رەتلىنىپ قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق مەشغۇلاتلارنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ۋە جانلىق بولۇشىنى، كۆرۈنمە يۈزنىڭ تېخىمۇ فەچەت چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر بۆلۈمدە يەنە ھەمكارلىشىپ ئويناش شەكلى قوشۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى پېرسوناژلارنى تاللاشقا بولىدىكەن، يەنى بۇ ئاددىيلا ھەمكارلىشىپ ئويناش شەكلى بولماستىن، بەلكى بىر-بىرىگە بولغان كۈچلۈك ياردەم ۋە تايىنىش ئاستىدا خىلمۇ-خىل رەزىل دۈشمەنلەرنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئاستىدا قانداق قىلىپ ھايات قېلىش مەسىلىسى ھېسابلىنىدىكەن.

قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپتە ئۆزگىرىش يوق بولۇپ، ئىلگىرى ناۋادا بۇ ئويۇننى نورمال ئوينىيالىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەنسىرەشنىڭ كۆپ ھاجىتى يوق.

قاچىلاش ئۇسۇلى:

1. چۈشۈرۈپ پرېستىن يېشىمىز، لاتىنچە ھەرپ-بەلگىلەردىن تۈزۈلگەن مۇندەرىجە ئاستىغا يېيىلىشى كېرەك
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. ئۈستەل يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولدى

دىققەت: خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن ساقلاش ھۆججىتى 我的文档\My Games\Shank 2 نىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

Shank 2 نى چۈشۈرۈش     |     مەنبە: تورخۇمار     |     يېشىۋېتىش يامىقى     |     خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى     | Shank 1 نى چۈشۈرۈش



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 08-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: shank2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى شۇمۇ ھېلىقى

  2. موللاقچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فەچەت ئويۇندىن يەنەبىرى كەپتۇدە ، چۈشۇرۇشنى باشلىۋەتتىم ئەمسە … :razz:

  3. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق ئەمسە !

  4. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-قىسمىنى قاچىلىسام بىرنىمىسى كەم دەپ ئويۇن ئېچىلغىلى ئۇنىمىغان … بۇ قىسمى قانداق بولاركىن … ئاۋۋال چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي …

  5. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1 جىسىنى تۇگەتكەن ما ئىككىنجىسىنى چۇشۇردۇم … قاچىلاپ ئوينىسام ساقلانمامدۇ يا بۇ ئويۇن… :arrow:

  6. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ ساقلاش ھۇججىتى يوقكەن…قانداق قىلىپ ئويۇننى ساقلايدىغان بولغىيتتۇق… بۇنىڭدىن بىر تەلىم بەگەن بوسىڭىز …

    • تورخۇمار :

      نورمال ھالەتتە ساقلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئويۇننىڭ ساقلىنىش شەكلى، بىر ئۆتكەلنى تۈگەتسىڭىز بىر ساقلايدۇ، كېيىنكى قېتىم كىرگەندە ھەربىر ئۆتكەلنى ئايرىم تاللىغىلى بولىدۇ. يېشىۋېتىش يامىقىنى ئايرىم تەمىنلەپ قويدۇم، يەنە بىر قېتىم يېشىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

    • ياۋايى :

      رەھمەت … مەن يىشىۋىتىش يامىقىنى قاچىلىماپتىمەن . شۇ ئويۇننىلا يىشىپ قاچىلىغان ، بىر ئۆتكەلدىن ئوتتۇم . ئويۇننىڭ بىشىغا قايتىپ كىرسەم ھەقىقەتەن ساقلىنىپ چىقتى … لىكىن ئۆچۈرۈپ ياقسام ساقلانمىدى …شۇڭا دىگەن ئىدىم … يىشىتىش يامىقىنى قىلىپ باقاي قىنى …

  7. پەنجىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ قالتىس كەن ، ماڭا بەك ياقتى !

  8. مەن شۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈپ بولغان، لېكىن قاندا يىشىشنى بىلەلمىدىم
    كىتاپنى ئېچىپ ‹سېتۇپ› نى باسسام يىشىلمىدى .
    قاندا قىلىمەن ئۈگۈتۈپ قويغان بولسىڭىز؟

    • ياۋايى :

      كىتابنى ئايرىم ھۇججەت ئىچىگە يىشىپ ئاندىن سىتوپ خۇججەتنى چىكىپ قاچىلايسىز…

  9. مەن شۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەشۇ ،كىتاپنى قانداق يىشىيدىغاندۇ؟

  10. قەيسەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنچى قىسمىنى ئويناپ كۆرگەن ، بۇ قىسمىنى چۇشۈرەي دىسەم مەن ئولتۇرغان بۇ تورخانىنىڭ چۇشۇرۇش سۇرىتىنى چەكلىۋىتىپتۇ بەك ئاستا قايسىلا كومپىيۇتىردا بولسۇن!

  11. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئويۇننىڭ ساقلاش ئىشلىرى مىنى بەك ئاۋارە قىلدى . يىشىۋىتىش يامىقىنى چۇشەسەم ئۇنداق نەرسە بار ھەممىىسى… ھەم مىنىڭ ئارخىۋىم ئىچىدە بۇ ئويۇننىڭ ساقلاش ھۇججىتى ساقلىنىدىغان ھۇججەتنى پەيدا بولدى.. بۇ ئويۇننى ئويناپ بىر ئۆيكەلدىن ئۆتۇپ ئۆچۇرگەندە ئۆزى ساقلىنامدىغاندۇ ياكى بىرەر يەرنى بىسىپ ساقلامدىغاندۇق…

  12. زەپەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    飚车世界 دىگەن ماۋۇ ئۇيۇننى بۇرۇن شۇنداق ئوينىغان، ھازىر قايتا ئويناش ئىستىكى قوزغۇلۇپ قاچىلاپ تەييار قىلغان، بىراق该账号无法使用 بۇ نۇمۇرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئۇچۇر چىقۋالدى،飚车 دىگەن ئۇيۇندا ئىشلەتكەن نۇمۇرنى يېزىپ كىرگەن ئىدىم، 飚车غا بىۋاستىلا كىرىپ كىتىدۇ، بىراق 飚车世界 مۇشۇنداق ئەسكەرتمە بېرىپ تۇرىۋالدى، ھەل قىلىش يۇلىنى بىلىدىغان تورداشلار بولسا يول كۆرسەتسەڭلار
    QQ:278083304 ئاۋارە قىلدىم. رەھمەت

  13. بۈركۈت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەپەندىم بۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ ،ياماق پاماقلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ،ئىكران تىزلەتمە ئايكوننى بىسىپ ئويۇنغا كىرسەم،
    0x004a63ca“指令引用“0×00000000″内存.该内存不能为“read“ بۇ خەت چىقىۋىلىپ تۇرىدۇ.كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغاتساممۇ ئوخشاش .بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز‹






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)