دۇنيادىكى ھەر دۆلەت «سىنىپ» ئىچى موھىت سېلىشتۇرمىسى، سىز بۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە تەۋەلىكىنى بىلەمسىز ؟
سىنىپ مۇھىتى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس مەزمۇنلىرىنى ئىستېمال قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى. خۇددى كۆڭۈل خاتىرجەمسىز ھالەتتە ھالۋىمۇ لاۋزا تېتىغاندەك، ئازادە بولمىغان سىنىپتا تىتىرەپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان دەرىسنىڭ كاللىغا كىرىشىمۇ تەس ئىش. بۇ جەھەتتە 70-80 يىللارنىڭ(يېزا-بازار) باللىرى كۆپ تەجىربىلەرگە ئىگە.
بۈگۈن تورداشلارغا فوتوگراف Julian Germain نىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپ سىنىپ مۇھىتلىرى تەسۋىرلەنگەن فوتو ئەسەرلىرنى تورخۇمارلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىقا سۇندۇق. قېنى بۇ رەسىملەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىنىپ مەنزېرىلىرى
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن يۇقۇردىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار قارىماققا ناھايىتى بەختىيار. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى بىر قىسىم ئىدىيە كۈرىشىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان بالىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قان كېچىپ ياراتقان بۇ بەخت بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ئەڭ چوڭ دەسمايە بولماقتا. ئەنە شۇ بەختكە نائىل بولالمىغانلار ئەلۋەتتە ئەۋلادلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن بۈگۈن قان ياكى تەر ئاققۇزسا ئەرزىيدۇ !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، سىنىپ، فوتوسۈرەت، مەكتەپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,620 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: her-dolet-sinip-mohitliri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىنولارنىڭ ساغلاملىق دەرىجە كۆرسەتكۈچىنى بىلەمسىز؟ بۇھەقتە ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتەي…
- كېيىنكى يازما > ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
- يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
دىۋان
توۋا قىلدىم خۇدايىم ، خۇدايىم بىر توۋا ! يې باللا بەش مىنۇت ساقلىسام ئادەم يوقتى ، ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ يەنە ئۈچ مىنۇتقىچە ئەدەم كەممىگەن ، نەدىن پەيدا بولدى ما ئەلكان قارى ؟ مىنىڭ قاتتىق پىكىرىم بار ، چۇقۇم ما ۋىروس بىلەن ئەلكاننىڭ تىلى بىر ، با بولمىسا مۇشۇنىڭ تېگىدا بىر سىر با ؟
قېنى ماۋۇ تورخۇمار ؟ ھېلىقى تەدبىركار ئەپەندى ؟ (تەدبىركار @ ) مۇشۇنىڭغا بى گەپ قىلسىلا ، مۇشۇندا دىۋاندا ئولتۇرۇپ بوسىمۇ قىستاپ چۈشۈرۋىتىدىغان ئىش بۇلامدا ؟ جىڭ گەپ ماۋۇ ، تورخۇماردا يۇچۇق با ئوخشايدا ،
ئەجەپ كەيىپنى بۇزدى ما دىۋان ، ئو ئۇششششش
كەيپىڭىزنى بۇزۇپ قويغانلىقىمىزدىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز.
تورخۇماردا ھەرقانداق بىر تورداشنىڭ تۇنجى ئىنكاسى تەستىقتىن ئۆتىدۇ. ئوخشاش بىر ئېلخەتتە ئىككىنچى قېتىم ئىنكاس يازغاندا ئىنكاسىڭىز تەستىقسىز باش بەتتە كۆرىنىدۇ. يەنى سىز كۇلۇبىمىزنىڭ كونا ئوقۇرمىنى بولغاچ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز تەستىقسىزلا باش بەتتە كۆرۈندى. ئەلكان ئەپەندىنىڭ شۇ ئېلخەتتە تۇنجى ئىنكاس يېزىشى بولغاچ، گەرچە ئىنكاسنى سىزدىن بۇرۇن يازغان بولسىمۇ، تەستىق ساقلاپ باش بەتتە كۆرۈنمىدى. بايا بىز ئەلكاننىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن بولسا ئەسلى تەرتىپ بويىچە بىرىنچى رەتتە كۆرۈندى. توغرا چۈشەنگەيسىز!
مۇشۇ دىۋاندا ئاۋال ئولتاغانلارغا مۇكاپات بېرىلگەن بولسا ھە!! شۇ چاغدا تازا قىزىقى بولاتتى…
ۋىروسنىڭ ياردىمىدە دىۋان نىسىپ بوپتۇ دە
دىۋاندا ئولتۇرىدىغان ئادەم بامۇ؟ ئادەم بامۇ ؟ئادەم بامۇ ؟ ئۈچ قېتىم توۋلۇدۇم ، ئەدەم يوق ئوخشايدا… ئۆزەملا ئولتۇراي
بۇ رەسىمنى كۆرۈپ مەكتەپتىكى ھاياتىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .بولوپمۇ ئەڭ تۆۋەندىكى بىر پارچە رەسىم
دىۋان دىگەن شاختا بولمايدۇ جۇمۇ
شاختا بولمايدىكەن راس ، سىلىنىڭ دەسمىنىڭ ئاستىدىكە ئەمەسمۇ قايدا قىلىپ ئولتادىلا مۇشۇ دىۋاندا بى دەپ بەسىلە ، سىلى ۋىروسنىڭ كىچىك نۇمۇرىمىيا ؟
ھەي ئەڭ ئاخىرقى رەسىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئەجەپ بۇزۇلدى ، سەۋىر قىلاي بولدى ، ئوڭشىلىپ كىتە
ھەي… دىۋاندا ئولتۇرىدىغان بولدۇم دەپ خۇشال بولۇپ كىرسەم، ئابومجان مەندىن چاققان چىقىپتۇ ئەمەسمۇ، بوپتۇ……
ھەر دۆلەتنىڭ سىنىپ مۇھىتى ئوخشىمايدىكەن،تەرەققىياتى ئىلگىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا تەرەققىياتى چىقىپلا تۇرىدۇ-دە……….
مانا مانا ئىسپاتمۇ تۇلۇق cool: كارۋان ئەپەندىممۇ تۆگىسىنى چاپتۇرۇپ كىلىپ مىنىڭ دىۋاندا ئولتۇرغۇنۇمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۈرۈپتۇ ، مۇشۇنىڭغا بى بەرھەق گەپ قىلىشسىلا بولدى ، دىۋاندا ئولتۇرمىساممۇ مەيلى
قارىسام ئەڭ بىچارە كۆرۈندىغىنى بىزنىڭ جۇڭگو، شىنجاڭدىكى ئاشۇ چەت يېزا قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەركەن.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە يېڭى كىرگەندە ئاۋۇ ئاستىدىكى رەسىمدىكىدىنمۇ ناچار، پارتا، ئورۇندۇقىنىڭ تايىنى يوق بىر سىنىپتا قىستىلىشىپ ئوقۇيتۇق.
ھەر بىرىمىزنىڭ ئوقۇش تارىخى ئوخشىمايدۇ، شۇ ۋاقىتتىكى چاغلار بەك گۈزەل…. ھېچنىمە بىلەن كارىمىز يوق غەمسىز يۈرەتتۇق دە….
ئاۋۇ 1- رەسىمدىكى سوكا قۇچاڭلاپ ئولتۇرغان بالىنى كۆرۈپ 1- سىنپقا يېڭى ئۇقۇشقا كىرگەن ۋاقتىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى ، خەت يازاي دىسە ئۈستەل يوق ، تىزمىزغا قۇيۇپ خەت يېزىپ ئېلىپبەدىن ساۋات چىقارغان ھازىر ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ ….
ئەجەپ ما ئېيىق بالا تۇلا دىۋان دەپ غەلۋە قىپ كەتتى دەپ قېلىشمىسىلا ، نەچچە كۈن بولدى تورخۇمار تىما يېڭىلىمىغىلى ، بايا كىرسەم يېڭىلىنىپتىكە ماندا خۇشال ئولتۇرىنى دەپ ئازتۇلا غەلۋە قىپ قويدۇم كۆڭەللىرىگە ئېلىشمىسىلا ، دىۋان ھەرقايسىللىرىدىن ئايلانسۇن
ئاغزىمغا چىشىم چىقىپ بۇگۇن دىۋاندا ئولتۇردۇم .تور خۇمارغا تولا كىرەتتىم لىكىن دىۋان نىسىپ بولمىغان شۇڭا.
ئاساسلىق گەپ ئاۋۇ رەسىمدىكى پەرىقنى كۆرۇپ سەل كۆڭلۇم يىرىم بولدى .
نەگىلا بارسا دىۋان تالىشىپ يۇرۇيدىكەن دىسە شۇ تالاشقان دىۋاندا ئادەملەر ئولتۇرسا بولمامدىكەن ئېيىقچاق بۇ ھايۋاناتلار باغچىسى بولمىسا يا بۇ دىگەن تورخۇمار جۇمۇ بەيدۇلاپ بېقىڭ ماكانىڭىز تېپىلىپ قالار
تىنىش بەلگىسىنى قويماپتىمەن ، ئېيىقلار تىنىش بەلگىسى ئىشلەتمەيدۇ دەپ
شۇ …. شۇ… گەپ سىلەر دىۋان ئويناپ يۈگەن بىلەن يېزىلاردا يەنە ئاشۇنداق ئاۋارە سىنىپلار ، ئۈستەللەر ……
بالىلار … مائارىپلار … ھەي جۇڭگۇچىلىق
ۋاي ۋۇي ئابۇمجان دوستۇم . مەن دىۋاندىكى چاغدا تىمام تىخى تەستىقلانماپتىكەن كىيىن دىۋان دىۋان دەپ سىز 3قىتىم توۋلىۋىدىڭىز ئاھ دىۋان دەپ ئۆزۇمنى تورخۇمارغا ئاتسام يەنە تەستىق كۈتۈڭ دەيدۇ …ئۇھ شۇنىڭ بىلەن دىۋانغا مەن سوجاڭ بولدۇم
كىچىككىنە باللارنىڭ دەرسخانىسىدا ئەيدسنىڭ تەشۋىقاتلىرى چاپلىنىپ كەتكىنى نېمىسى ئەمدې
ئەيدىسقا يۇقۇپ بولغاندا چاپلىسا بۇلامتى ئەمسە؟ كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دىگەن گەپ بار ،بۇ جەھەتتىكى تەربىيەنىڭ ئاجىزلىقىدىن يامراپ كىتىپ بارىدۇ بۇكىسەل!
ئەجىبا سىزنىڭچە شۇ ئەمدىلا بىرىنچى يىللىققا كىرىپ ئۇقۇۋاتقان بالىلارغا ئەيدىس كىسىلى جىنسى مۇناسىۋەت ،ئۇكۇل يىڭ نىڭسىنى ئورتاق ئىشلىتىش،زەھەر چىكىش دىگەندەك ئىشلاردىن يۇقۇپ قالىدۇ دەپ چۇشەندۇرىشىمىز لازىمكەندە. ئەيدىس دىگەن تەشۋىقاتنىڭ ئاقىزلىقىدىن يامراپ كەتكەن ئەمەس ،ئىماننىڭ سۇسلىقىدىن يامراپ كەتكەن نەرسە. ئىمانى بار ئادەم ئەيدىستىن ئەمەس ،بەلكى ئاللاھ دىن قورقىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى رەسىم
بىز نىمانچە بىچارە دەيمەن. ھەي سەھرا قىيامەت! تېخى ئۈرۈمچدىكى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئوقۇغان سىنىپقا قاراڭ! بىر سىنىپتا 60~70كىچە بالىلار ئوقۇيدۇ.
شۇ ئەمەسمۇ.پەرىق بەك چوڭ.ھازىرقى شارائىت خىلىوپ قويىدۇ.لىكىن چەتەلدىكىگە سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ جۇما
توۋا دەيمەن سىلەر نىمىشقا دائىم تېما ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەي دىۋان دىۋان دەپ تالىشىسىلەر؟
ھەي باللا بولدى تالاشماڭلار بۇ بىچارەباللارغا سىنىپ سېلڭپ بەرسە ماۋۇبەگ غۇجاملارنىڭ نەچچەيەردىكى داچىلىرى ئىسىل ماشىنلىرى نەدىن كىلىدۇ بېشمىزنى سىلاۋاتقان غۇجاملارغىمۇكۇڭۇل بۇلۇپ قۇيايلى
مەن ھەرھالدا خېلى ياخشى سىنىپتا ئوقۇپتىكەنمەن … شۈكۈرى !
بۇنى كۆرۇپ بەك ئچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى بىزنىڭ ھالىمىز بەك بىچچارا ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ ،بۇ كۈنلەرمۇ ئوتۇپ كىتەر …مائارىپىمىزنى تىخىمۇ كۈچەپ قوللايلى …
ئاۋۇ بىزنىڭ سىنىپ شۇغۇ؟
ئاۋۇ 3- رەسىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئۆزى كىچىك ئەمما چوڭقۇر پىكىرلىك ئىنىمىز كۇرشاتنىڭ سىنىپىغا ئۆز ئەينى ئوخشايدىكەن.
…
ئەڭ ئاخىرقى رەسىمدىكى ھالەت يۇرتلىرىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇت !
مائارىپ پەرقى ئاسمان-زىمىن كەبى .
ئۈستىدىن ساناپ 2- رەسىمدىكىلەرنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشىكەن جۇمۇ ؟؟
توۋا تىما توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپ يوق ھەممىسى قۇرۇق دىۋان گېپى …
توۋا ما تورخۇماردا دىۋاندىكىلەگە مائاش بىرەمدۇ؟ھەجەپ تالشىدىكىن بۇدىۋاننى تۇل خوتۇن تۆ تالاشقاندەك.
شۇنى دەڭە ئىش قىلىپ قايسى تېمىنى ئاچسا ئاۋال بولۇنىدىغان مۇنازىرە دىۋان توغرىسىدا ئىكەن.
ھەممىدىن بىز بىلەن ھىندىستان بىچارە ھەم نامرات ئىكەن.
ھەي بىزلەر مۇ شۇنداق ئەركىن مائارىپ مۇھىتىغا ئىگە بۇلىدغان بىر كۈنلەرمۇ بۇلار ھە !!!!
ئەلۋەتتە تەر -قان ئاققۇزۇپ كۈرەش قىلىشتىن باش تارتىپ ئۆيدە باققان مۈشۈكتەك ئولتۇساق كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز بىزگگە نەپىرەتلىنىشى ۋە بەد دۇئا قىلىشى مۈمكىن .
بۇلاغا نىمە دەي …..
باي زېمىندا نامرات خەلق،
گۈزەل تۇپراقتا غېرىپ سىنىپ.
ئۆز ئۈيىدە مۇساپىرچىلىق،
دىيارىمىزدا غېرىپچىلىق.