ئايفۇنچى ئوسمان ۋە دەريا مۇئەككىلى ھەققىدە چۆچەك _ ئوغلۇم بۇ ئايفۇن (iPhone) سېنىڭمۇ ؟
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تېرىق تۇلۇمدىكەن، ھازىرقى زاماندا ئوسمان ئىسىملىك بىر ئايفۇن ھەۋەسكارى بولغانىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھەممە بوۋاق «ئىڭە، ئىڭە» دەپ يىغلاپ تۇغۇلسا، ئوسمان «ئايفۇن، ئايفۇن » دەپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقانىكەن. لىكىن ئوسماننىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، قىممەت باھالىق ئايفۇننى ئالالماي كۆڭلى بەكمۇ پەرىشان ئىكەن.
ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىكرو بىلوگدا ئىچكىرىدىكى بىر خەنسۇ بالىنىڭ ئايفۇن ئېلىش ئۈچۈن بۆرىكىنىڭ يېرىم تالاسىنى سېتىۋەتكەنلىك خەۋىرى تور دۇنياسىنى بىر ئاپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوسماننىڭ كاللىسىغا دەررۇ بىر ئەقىل كەپتۇ ۋە ئوسمانمۇ بۆرىكىنىڭ بىر تالاسىنى سېتىپ بىر دانە iPhone5 ئاپتۇ.
«دىدەك مونچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماس، يىتىم ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماس » دەپ، يىپيىڭى iPhone5 قولىغا تەگكەندىن كىيىن، ئوسمان ئايفۇننى ئەل- ئاغىنە، ئۇرۇق- تۇغقان، تۇنۇش- بىلىشلىرىنى ئالدىدا تازا كۆز- كۆز قىلىپ دوست- دۈشمەنلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىپتۇ. باشقىلار ئوسماننىڭ ئالدىدا «ۋاھ، يانفۇنىڭىز ئەجەپ ئىسىلكەن جۇمۇ » دەپ ھەۋەس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۇرسىمۇ، ئارقىسىدىن ھەسەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ «ھۇ ئۆزىنى چاغلىمايدىغان، بىر نان تاپسا داپ چالىدىغان تاز» تىللاپتۇ.
گۈللەر پورەكلىگەن باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوسمان ئايفۇنىغا لىق توك قاچىلاپ دەريا بويىدا ۋېيشىندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇشتۇمتۇت بىر تېلېفۇن كىلىپ قاپتۇ، چۈچۈپ كەتكەن ئوسمان ئېھتىياتسىزلىقتىن ئايفۇننى دەرياغا چۈشۈرىۋېتىپتۇ. ئامراق ئايفۇنى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن ئوسمان ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، دەريادىن ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن نىمىشقا بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بوۋاي دەررۇ دەريادىن بىردانە iPhone 4 نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان بېشىنى چايقاپتۇ. بوۋاي يەنە بىر iPhone 4s نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان يەنە بېشىنى چايقاپتۇ. بۇ قېتىم بوۋاي دەريادىن بىر دانە iPhone5 نى سۈزۈپ چىقىپتۇ ۋە ئوسماندىن «ئوغلۇم، بۇ ئايفۇن سىنىڭمۇ؟ » دەپ سوراپتۇ. ئوسمان «ھەئە، بۇ مىنىڭ ئايفۇنۇم! » دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. بوۋاي ئوسماننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئوغلۇم، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي بالىكەنسەن » دەپ ماختاپتۇ ۋە «بۇ ئۈچ ئايفۇننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بىرەي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايفۇننى بەرىبىر ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن » دەپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، يانفون، چۆچەك، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphonechi-yogit-we-derya-muekkili.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيادىكى ھەر دۆلەت «سىنىپ» ئىچى موھىت سېلىشتۇرمىسى، سىز بۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە تەۋەلىكىنى بىلەمسىز ؟
- كېيىنكى يازما > كىچىك ساۋات – يامغۇر ياغقاندا ئاستا ماڭغاندا بەك ھۆل بولامدۇ ياكى يۈگۈرۈپ ماڭغاندىمۇ؟
- تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئويۇنى iPad/iPhone نەشىرى | ۋاقىتلىق ھەقسىز
- ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- قار مەلىكە شاھزادە ۋىسالىغا يەتتى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجراشتى | باللار چۆچەكلىرىدىكى سىز بىلمەيدىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەر
- Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
- iOS 6.1 قاچىلانغان iPhone5/iPad mini قاتارلىقلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك
- مۇۋاپىقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ: سىتايلون ھەققىدە راست-يالغان ھېكايە
- ئالما تۆۋەن باھالىق iPhone چىقارماقچىمۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ رىۋايەتلەردىكى iPhone mini نىڭ ئۇقۇم لايىھەسىمىش!
- ئەۋرىشىم ئىكىرانلىق يانفۇن دەۋىرى يىتىپ كەلدىمۇ قانداق ؟ | Samsung ئەگمە ئىكىرانلىق يانفۇنىنى ئاشكارلىدى
مانا مۇشۇنداق كۈلدۈم
مەن كۈلىدىغان يەردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايمەن ….. ھىچ كۈلەلمەيۋاتىمەنيا ؟…….
شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇيغۇربالىنىڭمۇ كاللىسىدىن ئۆتۈپتۇ دە؟ ئاشۇنداق قىلىپ ئايفون ئىلىش؟ ماڭا دىگەن بولسا ئۆزۈمنىڭ 5 نى بېرەتتىم.
ماڭا بىرىڭە بولمىسا….ياق دىمەيمەن،
ئايفون 5 نى دىمەكچى، خاتا چۈشنىپ قالماڭلار ھە؟
ئا بوۋايمۇ بەك دۆتكەن ئوسماننى سىنىماقچى بولسا ئالتۇن يالىتىلغان ئايفون 5 تىن بىرنى كۆرسەتمەمدۇ باشتا ….
بوۋاي ئوسماننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئوغلۇم، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي بالىكەنسەن » دەپ ماختاپتۇ ۋە «بۇ ئۈچ ئايفۇننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بىرەي، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايفۇننى بەرىبىر ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن » دەپتۇ.
مۇشۇ يەنى ئوقۇپ بەك سەت كۈلۈپ كەتتىم
يۇمۇركەن بۇ ، ئاخىرىنى ئوقۇپ سەت كۈلۈپتىمەن
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن تېلفۇننى ئىشلەتكىلى بولمىسا ئۇ سۇدىن ئالغان ئۈچ تېلفۇننىڭ ھەممىسىنى بەرگەننىڭ نىمىسى…
ئاۋۇ بوۋايمۇ جىڭ شىتىلىمۇ؟ بىچارە بالىنى تازا چاپتۇدە.
مەن ئايفون شورپىغا چۈشۈپ كەتسە ھېچنىمە بوممايدۇ دەپ ئاڭلىغان، قارىغاندا دەريا سۈيىنىڭ شورپىدەك مەززىسى بوممىغاندىكىن بۇزۇپ قويىدىكەندە ئايفوننى