كۇنۇپكا تاختىڭىز زادى قانچىلىك مەينەت ؟ ئەلۋەتتە سىز تەسسەۋۇر قىلغاندىنمۇ بەكىرەك مەينەت
قانداق ئادەملەرنىڭ كومپىيۇتېرى ئەڭ پاكىزە تۇرىدۇ؟ ئەلۋەتتە قىز-ئاياللارنىڭ بولىشى ئېنىق. ئۇغۇللاردىن بايقىشىمچە پروگىراممېرلارنىڭ بەكەرەك مەينەت بولىدىكەن. بولۇپمۇ كۇنۇپكا تاختىسى ئەڭ مەينەت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەتتا كىشىنى چۆچۈتكۈدەك قورقۇنۇچلۇقكەن.
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە: ئادەتتە بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كۇنۇپكا تاختىمىزدىن ناھايىتى ئاسانلا 500 خىلدىن دىن ئارتۇق باكتىرىيىنى بايقاش مۈمكىنكەن. بۇلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى يەنىلا بىزنىڭ تېرىمىز، ئېغىز-بۇرۇن بوشلۇقىمىز ھەتتا ئۈچەي يولىمىز قاتارلىقلار ئىكەن. ھەممىدىن قىززىقى بەزى بىر قىسىم تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە ھەتتا ئىشخانىدا ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكا تاختىلىرىدىمۇ، ئارىشاڭ، يانار تاغ ۋە بەزى ئاراللاردا بولىدىغان مىكرو جانلىقلارمۇ بايقالغان. دېمەك بىزنىڭ كۇنۇپكا تاختىمىز نۇرغۇن مىللەتلەر ئىناق ياشايدىغان بىر چوڭ ئائىلىگە ئايلىنىپ قاپتۇ.
ئامېرىكا San Diego State University ئونىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش خادىملىرى نيۇ يۇرىك، سان-فرانسېسكو، Tucson قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەھەردە كۇنۇپكا تاختىسى پاكىزلىق دەرىجىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە گەرچە نېۋ يۇرك بىلەن سان فرانسېسكونىڭ ئەمەلى ئارىلىقى 4700km بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرىدا بايقالغان باكتىرىيە تۈرلىرى ناھايىتى ئوخشاش چىققان. ئەمما Tucson دا بولسا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەتتا قۇملۇق باكتېرىيىلىرى بايقالغان.
قوشۇمچە :
ئەنگلىيىدىكى بىر ئىستېمالچىلار ژۇرنىلى مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ، تەرەت قاچىسى ، ھاجەتخانا تۇتقۇچى قاتارلىقلاردىكى مىكروئورگانىزملارنى تەكشۈرگەندە كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مىكروب سانىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى مىكروب سانىدىن 5 ھەسسە كوپ ئىكەنلىكىنى بۇ ساننىڭ نورمالنى مىكروب سانىنىڭ 150 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان .
بۇ ژۇرنال ئۇيۇشتۇرغان تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 4000 كىشى ئىچىدە % 11 كىشى ئەزەلدىن كۇنۇپكا تاختىسىنى تازىلاپ باقمىغان ، % 20 كىشى ئەزەلدىن مائۇسنى تازىلاپ باقمىغان ، % 46 كىشى ئايدا بىر قېتىم كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى تازىلىغان .
يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ كومپيۇتېرلىرى ئەرلەرنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا قارىغاندا 10%-20% پاكىزە ئىكەن. قارىغاندا بىز ئەركەكلەرمۇ بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلمىساق بولمىغۇدەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: باكتىرىيە، تەتقىقات، كومپىيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,839 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-dirty-is-your-keyboard.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىززىقارلىق جىنس رىكورتى – ھەممىدىن بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان پۇتبول مەستانىلىرى | تۈركىيە
- كېيىنكى يازما > تىتانىك ناملىق پاراخۇت چۆكۈپ كەتمىگەن دەيدۇ | Titanic II ھەققىدە بىر قىسىم ئەپقاشتى پاراڭلار
- ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
- چۈشنىمۇ بايقاپ كۆرگۈلۈك، ياپون ئالىملىرى ئىنسانلار چۈشىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئانالىز قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇمىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- قىزىقارلىق تەجرىبە – گۈڭگۈرت گېكسافتورىد ئاۋازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ! ئۇششاق باللا قالايمىقان سىناپ يۈرمەڭلا!
- ئالىملار سىزنىڭچە قانداق كىشىلەر ؟ ئۇلارنىڭ راسلا شۇنداق پاخپايغان چاچلىرى بىلەن يوغان كۆزئەينەكلىرى بارمۇ ؟
- سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
- سىرلىق دېلو 12 يىل بېسىلىپ قالدى، FBI ئامالسىز پۈتكۈل دۇنيانى سىرلىق «ھالاكەت پارولى»نى يېشىشكە چاقىردى!
يەنە بىر دىۋان
مېنىڭ پەرىزىمچە سىزنىڭ كونۇپكا تاختىڭىزدىكى F5 كونۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى باكتىرىيەلەر بىزنىڭكىگە قارىغاندا 2 ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
ئەلكان ئەپەندىم شۇ كۈندە دىۋان باقامدۇ نېمە
F5نى پات -پات يوقلاپ تۇرمىسام دىۋان نىسىپ بولمايدۇ شۇ.
شۇڭا باكتىريە يوق دىيەلمەيمەن.
ھوي، ما ئابوم قارى بىلەن ئەلكان قارى ئىككىڭلار ئۆينى تاشلاپ تورخۇمارغا كۆچۈپ چىقىۋالمىغانسىلە؟ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى تورخۇمارنىڭ لاۋداسى بولىۋالدىڭلا جۇما،
بىكارچىلىقتا دىۋان ئويناپ قويدۇق شۇ …
ھازىر قارىسام بۇ تېما يوق كەنتۇق بىردەمدە
يەنە كىيىن قاپتىمەن … خەپ دىۋان
مەن كۇنۇپكا تاختىسىنى كۇندە بىر قىتىم پاكىزە سۈرتىپ قويىمەن.
كومپىيۇتېر ئوينىغاچ ئۇششاق-چۈششەك نەرسە يەيدىغانلار …… ھا ھا ھا كۈلگۈم كەپ كەتتى
نەفىسە قارىغاندا ئاشۇ ئۇششاق چۈششەك نەرسە يەيدىغاننىڭ بىرىنچىسى سىزمۇ تىخى
ئاللىبۇرۇن ئاشقازاندىن چاتاق چىقمىغاندۇ . خۇدايىم ساقلا ھە
ۋاي يا كۈندە ئىشلىتىپب بولۇپ، كونۇپكا تاختىسىنى كىرئالغۇغا تاشلاپ قويىمەن پايپىقىم بىلەن بىللە …. بەك پاكىز تۇتىمەن ئادەتتە
كەچتىم دىۋاندىن، مەنلا بىر ئىش قىلىمەن ئاي چىۋالدۇ.
مەنغۇ مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى كۈندە بىرچېتىم سۇپۇنلاپ يۇيۇپ تۇرىمەن
قېتىم
شاشقۇ كۈندە بىر قېتىم سۇپۇنلاپ يۇيسىڭىز راس پاكىزكەن جۇما بىچارە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ جېنىغا ۋاي
شۇڭا ئايفوننىڭ كۇنۇپكا تاختىسى يوق.
مەن ، كونۇپكا تاختىسىنى كۈندە بىر تازىلايدىغاندىن
كونۇپكا تاختام جايىدا جىم تۇرسا، ساق سالامەت ئىشلەپ بەرسە، كۆتۈرۈپ ئۇ يەر بۇ يەرگە يۆتكەپمۇ قويمەيدىكەنمەن جۇمۇ… ئايالىمغا دەپ قويسام كىر يۇيغىچە تەڭلا يۇيىۋەتسە بولغۇدەك ھەر قېتىم….
تازا ئا كىرئالغۇغا سېلىپ يۇسۇن كىرنى بەكىرەك ئالىدۇ
مەينەتلىكتە يانفۇنمۇ قېلىشمايدۇ كونۇپكا تاختىسىدىن
مەن يېرىم يىلدا بولمىسا 1 يىلدا بىر قېتىم خاتىرە كومپىيۇتېرىمنى تازلاتقۇزىمەن….چۈنكى مېنىڭ بوشوسى تۈگىگەن… قوقماي ئاچىمەن شۇڭا
مەنغۇ پات-پات دۈم قىلىپ قېقىپ تۇراتتىم، دىزىنغىكسىيەلەش ئىشكابىغا سېلىپ دىزىنغىكسىيە قىلىشقا ئامالىم يوق ئەمدى، مۇشۇ ئېكراننىمۇ سېزىمچان ئېكرانلىق قىلىۋەتمىسە بولمىغۇدەك
‹نۇرغۇن مىللەتلەر ئىناق ياشايدىغان بىر چوڭ ئائىلىە›
مىنىڭ بالام كونۇپكا تاختىسىغا سىيىپ قويغان تېخى !
ئويلاپ باقسام مەن ئەزەلدىن كۇنۇپكا تاختىسىنى تازلاپ باقماپتىمەن دىققەت قىلسام بولغىدەك
كونۇپكا تاختىسىنۇ تازلاپمۇ ئىشمۇ مەينەت بوپكەتسا ئالماشتۇرسىلار بولمامدۇ