چۈشنىمۇ بايقاپ كۆرگۈلۈك، ياپون ئالىملىرى ئىنسانلار چۈشىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئانالىز قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇمىش
ھەممە ئۇچۇرلاشقان بۈگۈنكى دەۋىردە پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ چۈشىلا ئەڭ بىخەتەر شەخسى ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەممە ئىشىڭىز ياتقان-قوپقىنىڭىزدىن تارتىپ بىلىپ بىلمەيلا ئاشكارلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە چولپانلارنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ.
ئەمما يىقىندا ياپونىيە تېلىگىراف ماگىناتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلار چۈشىنى ئانالىز قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىنى جاكارلىدى. قارىغاندا ئەمدى بىزنىڭ بىردىنبىر شەخسى مەخپىيەتلىكىمىز بولغان چۈشلىرىمىزمۇ باشقىلار تەرىپىتىدىن ئاشكارلىنىپ كېتىشى، ھەتتا كۆرگەن چۈشلىرىمىز بىزگە ئويلاپمۇ باقمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرىشى مۈمكىن(سىياسى چۈش كۆرسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق).
ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەجىربىگە قاتناشقۇچى ئۈچ كىشىنى ئاۋال ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزگەن. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇلارنى ئويغىتىپ، كۆرگەن چۈشىنى قىسقىچە بايان قىلدۇرغان ھەم ئۇنى خاتىرلىۋالغان مىڭە ھەركىتى شەكلى بىلەن سېلىشتۇرغان. ئاندىن يەنە تەجىربىگە قاتقاشقۇچىلارغا ئوخشىمىغان تۈردىكى 20 پارچە رەسىمنى كۆرسەتكەن(ماشىنا، ھايۋانات دىگەندەك). ئوخشىمىغان رەسىملەرنى كۆرگەندىن كىيىنكى ئوخشىمىغان مىڭە ھەركىتى بىلەن، ئۇلار چۈش كۆرىۋاتقان ۋاقىتتىكى مىڭە ھەركىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ئانالىز قىلىپ چىققان. توغۇرلۇق دەرىجىسىمۇ %70 تىن ئېشىپ كەتكەن ھەم ئاللىقاچان 200 نەچچە قېتىم تاماملانغان.
گەرچە توغۇرلۇق دەرىجىسى ناھايتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل كىشىلەر كۆرگەن ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭلەرنى ئانالىز قىلىش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. لېكىن تەتقىقان گۇرۇپپىسى بۇ خىل ئىمكانىيەتنىڭ كەلگۈسىدە تامامەن مۈمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغۇچى«خەلىقارا تېلىگىراف تەتقىقات ئورنى» گۇرۇپپىسنىڭ ئاساسى مەبلىغىنى، ياپونىيەدىكى ئىككى چوڭ تىلىگىراف ماگىناتى NTT ۋە KDDI تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق مىڭە ھەركىتى ئارقىلىق بىۋاستە كومييۇتېر تىزگىنلەشنى ئۈمۈت قىلىشماقتا. ھازىرقى بىر قىسىم ئەقلى يانفۇن ۋە ماشىنا سېستىمىلىرىنى مىڭە ئارقىلىق كونتىرول قىلىش دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولۇپ بولدى. ئەگەر مۇشۇ تېخنىكا بىلەن ھازىرقى ئاساس بىرىكسە ئىشىنىمىزكى كەلگۈسىدە قول بىلەن مەشخۇلات قىلىدىغان زامانلارمۇ ئاياقلىششى مۈمكىن.
قوشۇمچە : كوكا كولانىڭ چۈش ھەققىدىكى ئۆزگىچە ئېلانى (يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەتقىقات، خەۋەر، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,507 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: decipher-human-dreams.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھىندىستاندىكى بەش يىگىت، بىر قىزنى ئورتاق خوتۇن قىلىپ ئەمرىگە ئاپتىمىش…
- كېيىنكى يازما > ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10-ئاپرېلدىن باشلاپ تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
دىۋان
دىۋان ئىشخال قىلىندى
مەرگەن ئاداش،بۇ نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم سىلىنى،داۋاملىق دىۋاننى چەنلەپ پەگادا ئولتۇرۇپ قالىدىغان قانداق مەرگەن سىلە؟
ۋاي مەرگەن ، دىۋاننى قارالاپ سوقمامدۇ دەيمە ، نەچچە قېتىم بولدى ھە دىۋان دەپ پەگانى سوققىلى ھې ھې ھا
بىشىغا بىر نەرسىنى تاقاپ شۇ ئارقىلىق كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى مەۋھۇم دۇنياغا كىرىپ كىتىدىغان ئىشلار راسقا ئايلىنىشقا ئاز قاپتۇ.
بۇلارنىڭ تەجىربە يۆنىلىشى شۇ خىل ئوخشايدۇ.
لېكىن كۆز بىلەن باشقۇردىغان تېخنىكا ھازىر ئەڭ ئەمىلىي ھەم بەك تەرەققىي قىلدى .قولنىڭ ،بارماقنىڭ ھەركىتىنى ئىز قوغلاپ شۇ بويچە ئىجىرا بولدىغىنى ،ھازىر يىڭى ئىز قوغلىغۇچ كۆز قارچۇقىنىڭمۇ ھەركىتىنى ئىز قوغلىيالايدىغان دىتال ياسىدى. ياپونىيەغۇ دەيمەن.
ئويۇن ساھەسىگە بەكرەك ئىشلىتىدىغۇ دەيمەن. شەخسىلەر سېتىۋالسىمۇ بولدۇ .ئىلگىركى ئىز قوغلىغۇچلار ھەجىمى چوڭ. بۇنىڭ ھەجىمى بەك كىچىك بەك ئەپلىك .
(بۇ ئىز قوغلىغۇچ GPS ئەمەس ،بۇ ھەركەتنى تەقلىد قىلدىغان تېخنىكا. ئويۇن ئوينىغاندا قولىنى ھەركەتلەندۈرۈپ قايسى تەرەپكە مىدىرلاتسىڭىز ئويۇننىڭ ئىچىدىمۇ شۇ يۆلنشكە ھەركەت قىلدىغان)
سەنشىڭنىڭ S4 دا كۆز بىلەن بەت ئۆرۈيدىغان ،پەسكە سىيرىلىدىغان ،قاراپ تۇرسا سىن قويۇلۇپ كۆز نۇرى يۆتكەلسە سىن توختايدىغان تېخنىكا قوللىنىپتۇ.
راس دەيسىز،
يالغان سۆزلىگەننى ئايرىيالايدىغان تىېخنىكىنىڭمۇ ئەڭ باشتا خىلىلا داۋرىڭى بۇلغان كىيىن يوقاپ كەتتى.مىڭىسىدە قانداق ئويلىغىنىنى ئانالىز قىلىش تەس. چۈشنى ئەسلا قانداق ئانالىز قىلار.بۇنىڭ قانونىيتى ماڭا يىشىڭىزنى تىپىپ بىرەلەيدۇ دېگەن تېپىشماقتەك مانچىنى قوشۇپ مانچىنى ئېلىپ ئىشىپ قالغىنى سىزنىڭ يېشىڭىز دىگەن بىر تېپىشماق. يانا ئۆيىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى ئاۋال مانچىگە كۆپەيتىپ يانا مانچىنى قوشۇپ دەپ چېقىردىغان تېپىشماق.
مىكىروسوفىتنىڭ بىر پىراكتىكانتى قول بىلەن تۇتۇپ ھۆججەت باشقۇردىغان، يۆتكەيدىغان ئۈچ د ئۈنۈملۈك پىروگىراممىنى ياسىدى ،ئىككى كامىرا، بىر ئۈچ د ئۈنۈم ھاسىل قىلدىغان پەردە .تورخۇماردا ئېلان قىلنىشقا تېگىشلىك ئىدى.
بۇ پەقەت ئانالىز قىلىدىكەن، كۆرەلمەيدىكەن. يەنى ئوخشىمىغان شەئىلەرنى كۆرگەندە ۋە ئويلىغاندا سىزنىڭ چوڭ مېڭە ھەركىتىڭىزنىڭ پەرىقىنى خاتىرىلەپ، سىز ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىكى مىڭە ھەركىتىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىزنىڭ قاندا چۈش كۆرىۋاتقىنىڭىزنى ئەمەس بەلكى چۈشىڭىزدە نىمىلەرنى كۆرىۋاتقىنىڭىزنى تەخمىنى پەرەز قىلىدىكەن.
مىكرو سوفىت ھەققىدىكى يازمىغا كەلسەك. بىز ھازىر توخۇمارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانغا راستىنلا ئاجىز كېلىۋاتىمىز.2013- يىلى كىرىپ ھازىرغىچە بولغان 4 ئاي ئىچىدىلا نۇرغۇن يىڭىلىقلار ئىز قوغلاپ مەيدانغا كەلدى. خالىسىڭىز سىزمۇ بىز بىلەن بىرگە تورخۇمارنى قۇرۇشقا قاتنىشىڭ.
مېنىڭ چۈشنىشىمدە ، ئادەم ھامان چۈشىدە ئۆي،ماشىنا ، تالا ، دۇستلىرى، سۇ ، دەل – دەرەخ، قورقۇنۇچلىق نەرسىلەر ……..نەرسىلەرنى چۈشەيدۇ .مەن ھىچقانداق مېڭە ھەركىتىنى تەتقېق قىلمايلا 20 پارچە خەتنى كۆرسىتىپ سۇ ئۈزۈش،ئۇچۇش، تاماق يېيىشىش …..
قىلسام تورخۇمارغا كىرگەن ئون ئادەمنىڭ يەتتىسى چىقامىكى دەيمەن. (مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى دەپ باقتىم ،سىزگە قارشى تۇرغىنىم ئەمەس).
مەن خالايمەن ئەلۋەتتە .لېكىن سەۋىيەم يەتمەي قالمىكى باشقىلارغا يارىغۇدەك قىلىپ تېما يوللاش .
بىز ئۇنچە يۇقىرى سەۋىيەلىك يازمىلارنىمۇ تاللاپ كەتمەيمىز. تۇرمۇشىمىزغا ئەڭ يىقىن يەڭگىل تېمىلارنى ئۆزگىچە ئىپادىلەپ بەرسەكلا بولدى …
ماۋۇ ۋىروسجان باش سۇرتىنى ئالماشتۇرۋەتسە بولغىدەك ….
مىنىڭ كۈزۈمگە قەتئىيلا ياقمىدى ….
باشقىلارمۇ شۇنداق ھسياتقا كەلگەن بۇلىشى مومكىن
ماڭا خېلى يارايدۇ ۋىروسنىڭ بېشى ئىسمىغا ئوخشاشلا باشتە ئۇ ، قاراپ بىردەم تۇرسا كۈلۈپ سالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ با تېخى ھا ھا … ھە راس مىنىڭ بېشىم قانداراق يې باللا ؟
ھەنىم بولسا پەقەت ئانالىز قىلىدىكەن،كۆرەلمەيدىكەن . ئەگەر كۆرەلەيدىغان ھالەتكە يەتسە نۇرغۇن ئىشلار قالايمىقانلىشىپ كەتكۈدەك…
ھەممەيلەن ئويغىنايلى ، ئويغانجاندەك ئۇزززۇن ئىنكاس يازىلى ،ئويغاننىڭ ئىنكاسىنى ئۇقۇسىمۇ يېڭى تىما كۆرگەندەك بۇلىدۇ ئەدەم
ما تەنە گەپنى ئابدۇرىھىمجان؟ ئابدۇرىھىمجون،ئابومجان.
يا يا يا خۇدا ھەققى پەقەت تەنە گەپ ئەمەس جۇما ، دىمىسىمۇ دىۋاننىڭ غەلۋىسىدە بەزى تىمىلارغا ياخشىراق ئىنكاس يازمايدىكەنمىز ، سىز كەلگەننىڭ ياقى مەنمۇ دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى ئاز قىلىدىغان بولدۇميا ~~ ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىرخىل مويسىپىتلىقىڭىز چىقىپلا تۇرىدا ، تورخۇماردا يامان باللا ئاز ئەمەسكېن
ھاي ھايباللا ئەگەر چۈشنى كۆرگىلى بولسا كىنومۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىدۇ دەيمەن. كىيىن چۈشىنى ساقلىيالايدىغان ئۈسكىنىلەمۇ بارلىققا كەلسە ئاندى كۈنىگە ھەممە ئادەم چۈشىنى كىنو قىلىپ ئىشلەيتتىدە.
مۇشۇ ئېلاننىڭ لايىھەلەيدىغان ئادەمنىڭ رومانتىكلقى بەك ئىشىپ كەتكەنمۇ نېمە !!!!!!!!!!!!!!