نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10-ئاپرېلدىن باشلاپ تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

taxi

9-ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، 10-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسى 6 يۈەندىن 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.  10 يۈەنگە ئۈچ كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدۇ.  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن،  تاكسى توسۇش تەس بولۇش،  تاكسىلارنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق،  شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپلا قالماستىن،  تىجارەت كېنىشكىسى يوق قارا تاكسىلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىپ،  قانۇنسىز يولۇچى توشۇش قىلمىشىغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاكسىلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتى 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا باشلىنىدىغان بولۇپ،  تاكسىلارنىڭ باھا ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەڭشەش ۋاقتىنىڭ تەرتىپىنى ھەرقايسى ئاپتوموبىل ئەترىتى بېكىتىدىكەن.  باھا ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەڭشەش خىزمىتى 25-ئاپرېل تاماملىنىدىكەن.  باھا ھېسابلاش ماشىنىسى تەڭشەلمىگەن تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى يەنىلا 6 يۈەن بولىدىكەن.
تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش ھەققى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن،  تاكسىلارغا بېرىلىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە،  ئۈرۈمچىدە جەمئىي 10 مىڭ 46 تاكسى بار بولۇپ، 38 تاكسى شىركىتى،  19 مىڭ 400 شوپۇر باركەن. 1998-يىلى تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە 4 كىلومېتىر، 8 يۈەنگە 3 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلگەن؛ 2000-يىلى 6 يۈەنگە 3 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ، بۇ باھا 12 يىلغىچە ئۆزگەرتىلمىگەن.
بۇ يىل 3-ئاپرېل، دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىشلەپچىقارغان قۇرۇقلۇقتىكى تەبىئىي گاز ئاپتوموبىللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش ئۆلچەم باھاسىنى يۇقىرلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ تەبىئىي گاز سېتىش باھاسىغا ئالاقىدار مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن يېقىلغۇ ۋە تىرانسىپورت باھا بىرلەشمە مىخانىزىمنى ئورۇنتۇشقا بولىدىكەن، تاكسىلارنىڭ توشۇش باھاسى ۋە يېقىلغۇ قوشۇمچە پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئۆلچىمى روھىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاكسى قوزغىلىش باھاسىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى ۋە باشلىنىش باھاسىنى 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. غېرىپجان 2013.04.10 , 16:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانمۇ بۇ ھە؟

    • سەردارى 2013.04.10 , 20:06

      ئابومجان كۆرۈنمەيدىغۇ دىۋاندا .مىنى چىقىۋالامدىكىن دەپ قورقۇپ كىتىپتۇ دە .

    • ئابومجان 2013.04.11 , 00:13

      دۇرۇس سەردارى ،پىژژىدە قىپ چېقىۋالامدىغان دەپ قورقۇپ ئولتۇرامماۋاتقان گەپ ما دىۋانوفتا ، نەچچە قېتىم بولدى قەستەن ئولتامايۋاتقىلى ، ھې ھې

  2. غېرىپجان 2013.04.10 , 16:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا ئۈرۈمچىدىن باشلاپتۇدە باھا ئۆستۈرۈشنى ،بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ مىش-مىش پاراڭلار بار ئىدى .

  3. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.04.10 , 16:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارا تاكسى ، …. تاكسى توسۇش تەس بولۇش، تاكسىلارنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، تىجارەت كېنىشكىسى يوق قارا تاكسىلارنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىپ، قانۇنسىز يولۇچى توشۇش قىلمىشىغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدىكەن.
    ——————
    نىمە مۇناسىۋىتى پۇلىسى ئۆسسە بۇنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق تە :evil:

    • مۇشاۋىر 2013.04.10 , 16:58

      شۇنى دەيمەن، پۇلى ئۆسسە بىز تاكسى توسالىساق تاكسىغا بولمىسا قارا تاكسىغا چىقىمىز، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ رىسقىنى تېپىۋېرىدۇ، بولغۇلۇق يەنە شۇ بىزدەك ئادەتتىكى پۇقرا بولىدۇ.
      يەنە بىر مەسىلە شۇكى، كۆپىنچە تاكسىلار قاتناش قىستاڭ يەرلەرگە بېرىشقا ئاسان ئۇنىمايدۇ، قارا تاكسىلار باھانى قىممەت قويىدۇ، … مۇنداق مەسىلىلەر قاچان ئوڭشىلاركىن تاڭ…

  4. ئارسلان 107 2013.04.10 , 17:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مائاش ئۆسمەي ، بازار ئۆسۈپ كىتىۋاتىدا بۇ كۈنلەردە، ھەي ئۈرۈمچىگە بارسام ، ئاشۇ قىستا قىستاڭ ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلارغا چىقارمەنمۇ :evil:

  5. نەۋقىران 2013.04.10 , 17:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ئەمدى ئۈرۈچىدە كانكى تىيىلىپ ماڭساق بولامۇ ئىسىمدە قىلىشچە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن 2يىل ئاۋال چۈشۈمدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ بالغانتىم ،توۋا ئۈرۈمچىدە توكلۇق ھارۋۇلار يوقكەن قارا تاكسىنىڭمۇ كىراسى قىممەتكەن ،توۋا دىگۈدەك بىرئىش ئاددى تۇرمۇشتىكى بالىلارمۇ تويىغا پىرىزدىنتلاردەك ماشىنا سالىدىكەن ھەيران قالدىم ،2 يىل ئاۋال مەنمۇ قەشقەردە 25مىڭ پۇل؛ بىلەن ئۇلاردىنمۇ كاتتا توي قىلغان ،توۋا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قوشۇلۇپ قالدىيا ئەڭ موھىمى مائات قاشتەك مال باھاسى تاشتەك :بۇنى پەيلاسوپ ئارتىس ئابدۇكىرىم ئابلىز دىگەن ھە توۋا

  6. گىلور 2013.04.10 , 18:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن ئەتتىگەن ئەسلى 12يۈەندىن سەل ئالتۇرقىراق پۇلغان كېلىپ بولدىغان يولغا، ساپمۇساق 29.8 بىلەن كەلدىم ، ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ئادەمنىڭ يىغلىغۇسىنى كەلتۈرىدۈ مۇشۇ كۈنلەردە…..لېكىن ئۆزمگىمۇ ئاز، ماڭا نېمۇ قويۇپتۇ 3مىڭ دىن ئاران ئاشىدىغان مائاشىمنىڭ ھالىغا باقماي تاكسى توسۇشنى، ماڭا نېمە قويۇپتۇ بىر ئايدا بىر يىغىلىپ دوسلۇرۇم بىلەن تاماق يەپ كەچ يېتىشنى، يەنە ماڭا نىمە قويۇپتۇ يېشىمغا ماس چىرايلىق كىينىپ بېسىملىق تۇرمۇشتىن ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈشنى …………ئۆيدىكىلەرگە ئازراق ئېشىنىپ پۇل ئەۋەتىپ بېرىشنى، ئانچە مۇنچە پۇل خەشلەپ ئېلىكتىر بۇيۇملىرىمنى يېڭىلاشلارنى، ئىشتىن سىرىت ئانچۇ مۇنچە كۇرۇسلاردا ئوقۇشلارنىغۇ بۇ مائاشىمدىن ئېشىنامە دەپ ئاسماندىكى غازغا قاراپ بوينىمنى ئاغرىتمىدىم……:cry::cry::cry:
    بەزىدە ئاشۇ ئۆي ئالىمەن، توي قىلىمەن دەپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرمىشىپ كېتىۋاتقان يىگىتلەرگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، كۈندە 8 سائەت ئىشلەپ ئۆز ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيۋاتقان بۇ باللار، ئىشتىن چۈشۈپ قارا ماشىنىچىلىق قىلىدۇ، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى باشقا شىركەتلەردە ئىشلەيدۇ، كېچە كېچىلەپ تەرجىمانلىق قىلىدۇ(مەنمۇ ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ بىرسى)، خۇدايىم ساقلىسۇن ئاغرىپ قېلىشلاردىن ئۆللا دىگىنى ئۇ …….

    • ھۆرقىز 2013.04.10 , 21:06

      ئوخشاش ھىسسىيات ، ئوخشاش تۇرمۇش غېمى ….
      بېسىم راستىنلا ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ ما ئۈرۈمچىدە :sad::sad:

  7. مەنسۇر 2013.04.10 , 19:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مائاشنى ئۆستەسە نەچچە يىلدا ئاران نەچچە يۈز يۈەن ئۆستۈرىدۇ، مال باھاسىنى تەڭشەڭ دىسە تاس قالىدۇ ئىككى قاتلىغىلى، تېخى پۇقراغا پايدىلىقىمىش…قاملاشمىغان.
    دۆلەت ئىشلەپچىقارغان قۇرۇقلۇقتىكى تەبىئىي گاز ئاپتوموبىللىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش ئۆلچەم باھاسىنى يۇقىرلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ تەبىئىي گاز سېتىش باھاسىغا ئالاقىدار مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش…
    بۇ ئۇقتۇۇرۇشقا قارىغاندا كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزنىڭ گاز ماشىنىسىدىن چەتنىڭ گاز ماشىنىسى ئەرزان بولىدىغان ئوخشايدۇ.

  8. مەنسۇر 2013.04.10 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىرانىڭ قىممەتلىكىگە شەخسى ماشىندىن بىرەنى ئەپ ھايداپ قوياي دىسە پىراۋا ئامماقنىڭ تەسلىكى، پىراۋا ئالىمەن دەپ بىر شىيالىنىڭ پۇلىنى غەجلەپ بولدۇم.

  9. ۋاقتىم 2013.04.10 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي… بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ئاز كۈن قالماي ئۆسىىدىغان ئوخشايدۇ ئەمىسە… ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، ما جاھان بارغانسېرى چىڭلىشىپ كەتتى…. جان باقماق تېخىمۇ شۇ … :sad::sad::sad:

  10. ئىلتەبىر 2013.04.10 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارا تاكسىلارمۇ چىقسىلا 10سوم ئالىدۇ. كىرا باھاسى ئۆسكىنى ياخشى بوپتۇ.

  11. تاماشىبىن 2013.04.10 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەرت تۆكۈۋالىدىغان يەر چىقتىمۇ نىمە…….:mrgreen:
    مەنمۇ شۇ ، بۇ تاكسى ھەيدىگەنلەر بەك ناچار خەقلەرمىكىن يا شۇنداق بوپ كەتكەنمىكىن. بەكەرەك ئۇزاقراقلا يەرنى دېسە تۆت تاكسىنىڭ ئۈچى ئىشىم باتتى، گاز تۈگىگەن ، يەنە بىرنىمە دەپ چۈشۈرۋېتىدۇ، بەزىلىرى كەلگىچە كىرا چىقمايدۇ، بەك ئۇزۇن يولكەن ئۈستىدىن پۇل قېتىپ بېرىسەن دەپ، ئامال يوق ماقۇل بولىدىغان گەپكەن. كېيىن بىلسەم ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى ئۇنچىلىك يەرگە بېرىپ كەلگىچە قىسقا بىرنەچچە قېتىم مېڭىپ ئۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلايدىكەن. لېكىن بەزى تاكسىچىلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز ئاجايىپ ئېسىل. يۈك تاقلىرى كۆپ بولسا چۈشۈپ ياردەملىشىپ بېسىپ، ئاپىرىپ ئۆيىگىچە ئەكىرىۋېتىپ كېتىدىغان.

  12. Forever 2013.04.11 , 00:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قەشقەردىكى توكسىكىلىتلار ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن جۇمۇ ، 2~3 كويغىلا مەنزىلىمىزگە يېتىپ بارىدىكەنمىز …..

  13. كۆك كەپتەر 2013.04.11 , 10:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈرۈمچىدە توكسىكىلىت ھەيدىگىلى قويمامدۇ؟ بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردىغۇ تۆمۈر يولدىن دۆڭكۆۋرۈككە ۋەلىسپىتتە بىرىپ كىلەتتۇق. :shock:

  14. ئۇقۇغۇچى 2013.04.11 , 10:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي،ئاغزىمغا سەت گەپ كىلۋاتىدۇ. شاڭخەيدە قۇزغىلىش باھاسى 13 يۈەن،شەھەر ئەتراپىدا تىخىمۇ ئەرزان ،بىيجىڭدا 11 يۈەن.
    ئەمما بىزنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئىقسىاد سەۋىيسى بۇ شەھەرلەر بىلەن چوڭ پەرق قىلىدۇ،ماي باھاسىدىمۇ پەرق بار ،ھۆكمەتنىڭ تۇلۇقلىما بىرىپ كىرا باھاسنى تۇۋەنلىتىشى كېرەك
    يەنە بىر ئىلتىماسىم بار: مۇشۇ تۇرخۇماردىكى دىۋان ساراڭلىرىدىن بەكمۇ بىزار بولدۇم ،بۇلسا مۇشۇ دىۋان تۇغۇرلۇق يىزىلغان ئىنكاسلارنى ئۇچۇرۋەتكەن بۇلساڭلار .ئىنكاس دېگەنى تۈزۈك ئوينىمامسىلەر قۇڭالتاقلار

    • ئەركە 2013.04.11 , 14:07

      شۇ ئەمەسمۇ، « دىۋان » دەپ كاناي ئېلىپ توۋلاش تورخۇماردا ئاللىقاچان « مودىدىن » قالدى.

    • مەنسۇر 2013.04.11 , 21:48

      ئۇكووووووم، ئى «دىۋان» دىگەن گەپ بىژيەلىرىگە سانجىلمىغاندۇ؟ بىژكىم چىللاپ ئەكەمىگەندىن، بۇ يەرگە چىرىپ تورداشلارنى «ساراڭ»، «قوڭالتاقلار» دەپ تىللىغۇچە قىسىپ ئولتۇراپ بەسىلە، قاتتىقراق گەپ قىلاي دىسەم «ئوقۇغۇچى» دەپ قالدىلا، بولمىسا ئاغزىمغا سەتبىي گەپ كەپتى.

  15. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.04.11 , 14:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ قوڭالتاق دىگەن گەپنى ئاڭلاپ بۇرۇن ئولتۇرۇپ سالغان 10 دىۋانىمغا سەت ئېچىندىم ماقما ……!

    2 – دىۋاندا ئولتۇرۇپ سالسام قوڭالتاق بولاپ كىتەي …:evil:

    • مەنسۇر 2013.04.11 , 21:55

      ئايشەمخون، ما گەپنى ئويلانمايلا دەۋاتتىلە، سىلە-بىز بىلىپ بىلمەي دىۋان ئويناپ قويدىغان باللا، ئىۋۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا كۇلۇبنىڭ خاسلىقىدىن كېچىدىغان گەپما؟؟؟ ما گېپىڭلىغا قارىغاندا بۇدا 1-بوپ ئىناس يازغانلا «قوڭالتاق» بولاما؟ تورخۇمارنىڭ ئەزاسىدەك بىي گەپ قىڭلار ھېي…

  16. تەلبا 2013.04.11 , 16:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇنۇگۇن تاكسىغا ولتسام 10كوي دەپ تۇرىۋالغانتى、 كىمىڭنى الدايسە دەپ 6كوينى تاشلاپ قارىماي كەتتىم

  17. يانغىن 2013.04.11 , 19:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ىولتۇرماڭ ىەمەس ىولتۇرۇڭ. دىۋان دەپ كانىيىڭزنى كەرمەي پىكىرىڭىزنى يىزپ چىقىڭ !بىر ىوبدان تىمىلىغا مەزمۇن ىوقۇماي دىۋان دىگەننىڭ نىمە پايدىسى!تىما يوللغۇچىنىڭ ىەرۋاينى ىۇچۇرۇپ!

    • مەنسۇر 2013.04.11 , 21:59

      مەن ما تورخۇمارغا كىرگەندىن بېرى تېما يوللىغۇچىلارنىڭ بىرە قېتىم «ئەرۋايىم ئۇچتى» دىگىنىنى كۆمىدىمغۇ؟ ئۇچسا سىلىنىڭ ئەرۋايىڭلار ئۇچقاندۇ؟؟؟ ئى ئاستىدا غېرىپجان، رىتا، ئابومجانلا دەپ ئۆتكەندەك دىۋان دەپ بوپ بىر ئوبدان يېزىۋاتمامدا ئىنكاسنى…

  18. غېرىپجان 2013.04.11 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى بىر كۆرەلمەس پەسلەنىڭ كاساپىتىدىن تورخۇماردا خاتىرجەم يۈرگىلىمۇ بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟ھەقاسىڭ دىۋان ئوينىماي چوڭ بۇلۇشمىغانسەن،دىۋان دىگەندە بىلىپ-بىلمەي ئولتۇرۇپمۇ قالىدىكەنمىز بەزىدە،قالايىمقان بىلجىرلاپ تورخۇمارنىڭ ئىناۋېتىنى تۆكۈشمە!

    • ئابومجان 2013.04.11 , 21:31

      تورخۇمارنىڭ ئىناۋىتى دىۋان دەپ قويسا چۈشۇۈپ كىتىپتىما ؟ گەپنىمۇ ئويلاپ دەيلى ، كىچىككىنە ئىشنى دەپ ئازارلاشقاننىڭ نىمە پايدىسى ، ئايدا يىلدە تورخۇمارغا بىر كىرىپ قويمايدىغانلار دىۋان دەپ قويغانلارنى تىللىشىدىن ئۆرگىلەي

  19. رىتا1028 2013.04.11 , 20:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ئويناش تور خۇمارنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى .
    مەنغۇ دىۋانچىلارنىڭ ئوماقلىقىدىن كۈلۈپ كېتىمەن .بېسىمنىڭ جېقلىقىدىن تويمىغانلار باركەنسلەر ، بەزىدە دىۋان تالىشىشتەك كىچىككىنە ئىشلاردىن زوقلىنىپ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنى ئازتولا ئۇنتۇيدىغۇ ئادەم دېگەن .
    تولا مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى ئادەملەردەك قىلىق قىلماي تاماشا كۇلۇبە بولغاندىكىن تاماشاغا خاس ئويناڭلار ھوي ما يەرنى بالىلار .:neutral::wink:

    • ئابومجان 2013.04.11 , 21:28

      ئوغاۋالىدەك گەپ قىپسز ، ۋوجون يې باللا دىۋان تالىشىپ قويسا نىم بوپتۇ ، تالىشىپ بۇلۇپ بىر چىرايلىق ئىنكاسنى يېزىپ قۇيىۋاتمامدۇ ، سەل ئەپۇچان بۇلايلى ، كىچىككىنە ئىشنى دەپ خۇماداشلا زىتلىشىپ ئولتاساق ياخشى بوممايدىكە ھېي

    • رۇسلان 2013.04.12 , 12:25

      رىتا ئايلا ،گۈللۈكتىكى ھىكاينىڭ ئاخىرىنى چاپسان يازسىڭىز بۇلاتتى

  20. ئەركە 2013.04.11 , 22:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەردە كۆرەلمەسلىك گىپى يوق، ھازىرغۇ ئاز قالدى، ئۆتكەنلەردە تېما مەزمۇنى ئۇياقتا قېلىپ دىۋاننىڭلا گېپى بولاتتى، يازمىغا ئائىت گەپ-سۆزلەر يوقلا، ھەددىدىن ئاشقان دىۋان توغرىسىدىكى گەپلەر، شۇنىڭغىلا قارىتىلغان گەپلەر ئۇ . ئۇنداق تالىشىپ ، تىللىشىپ كەتكۈدەك ئىش يوق بۇ يەردە. ئابومجان، سىز ئەمدىلەتىن كىرىپ ئۇنداق مۇنداق دىمەڭ، چاقىرىپ ئەكەلمىدۇق دەيدىغان گەپنى قىلماڭ. مانا پېقىرمۇ تورخۇمار قۇرۇلغاندىن تارتىپ مۇشۇ يەردە مەۋجۇت …. ئېيتىپ كەلسەم سىزمۇ مۇشۇ يەردىكى مەن ۋە باشقا نۇرغۇنلاردىن يەنىلا يېڭىياچى ھىسابلىنىسىز…. مەيلى يېڭى بولسۇن، كونا بولسۇن، ئايرىمچىلىق يوق، پەقەت دىۋاننىڭ گىپى ئاز بولسىكەن دىمەكچى ، دوستلار ئۆز-ئارا دىل ئازارلىشىپ قالماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. :oops:

    • ئەركە 2013.04.11 , 22:11

      ئابومجان، مەنسۇر ، ئوقۇغۇچى قاتارلىق قېرىنداشلار، گەپ-سۆزلەر سەل سىلىقراق بولسۇن، ئوقۇغۇچى، مەنسۇر ئىككىڭلار مۇنداق گەپنى قىلماسلىقىڭلار كىرەك ئىدى ئەسلى. :shock:

    • ئابومجان 2013.04.13 , 15:57

      :???: ھىم ياخشى گەپ ، لىكىن ئېۋۇ چاقىرىپ ئەكەلمىدۇق دىگەننى مەن دىمىگەن ، لىكىن بەك دىگۈم باتى ، ئامال با ئىلمى سۆزلەشكە تىرىشقانتىم ، ئىسمىمىز ئالمىشىپ قاپتا :mrgreen: بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىمىز

    • مەنسۇر 2013.04.13 , 21:52

      مېنى دىگەن چېغىۋا.
      چىم دەيدۇ تورخۇمارغا ئەمدىلەتىن چىدى دەپ؟ مەن ما كۇلۇب ئېچىلغاننىڭ ئەتىسى چىمىگەن بولساممۇ ئۆگىنى بولسىمۇ چىرىپ-چىقىپ زىيارەت قىپ ژۈگەن، ئىنكاس يېزىشنى باشلىغىلىمۇ بىژ يىل بولاي دىدى. گەپ كونا-يېڭى بولۇشتا ئەمەس، بىراۋنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپكەن ئەدەمنى كۆسەم بېشىغا قايناق سۇ قۇژىدىغان خۇيۇم با. مەن نەچچە دەپ ئۆتتۈم، دىۋان دىگەن گەپكە ئۆش بولساڭلار ئىنكاس كۆگەندە ئاستىدىن ئۈستىگە كۆرۈڭلا دەپ، تورخۇماركاممۇ ئىنكاسنى ئاستىدىن ئۈستىگە كۆرۈپ دىۋانچىلا با يەگە كەگەندە ئىتتىكرەك ئۆتەپكەتسۇن دەپ بىژ تال راكىتا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. باشقا گەپ بىھاجەت، ھەممىمىز قېرىنداش بوغاندىكىن باشقىلارنى ئۇنى-بۇنى دەپ ژۈمەي، ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى يېزىپ قويساق بولدى، تورخۇماردىكى ئىنكاسلارنىڭ ئەڭ نوچىسى ئاشۇ دىۋان توغرىسىدىكى ئىنكاسلا، ئاشۇ تورداشلامۇ قاچان يېڭى تېما چىقاكىن دەپ تورخۇماردا پەرۋانە بوپ يۈرۈيدۇ، ئەنە ئاشۇلار تورخۇمارنىڭ ئەڭ سادىق ئەزالىرىنىڭ بىرى.

  21. نىدا 2013.04.12 , 16:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارا تاكسىلارنىڭ بېسىمى ئېغىرلامىش! كىم ئىشىنەر بۇنداق گەپلەرگە! كۈنى تۇغۇلدى ئۇلارنىڭ. 6 كويلۇق يەرگە 10دىن ئېلىۋاتقاندا غىڭشىۋاتساق، ھۆكۈمەتنىڭ تاكسىسىمۇ 10 كويدىن ئالغىلى تۇرسا غىڭشىيالماي قالىمىز ئەمدى. ئۇلار 15 كويغا چىقىۋالىدىغان بولدى.:dizzy:ئەمەلىيەتتە، بېسىم بولىدىغىنى بىزدەك بىچارە پۇقرالارنىڭ ھەميىنى!:!:

  22. تۈن ئەركىسى 2013.04.18 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ چاتاق چىقتىدە قارا ماشىنلار 15 يۈۋەننىمۇ ياراتمايدۇ تېخى

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量