كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
بەلكىم ھەر بىرىمىزنىڭ ئىنتىرنېت دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان ئاكونت(ھېساۋات نۇمۇرى)مىز بولىشى مۇمكىن. QQ بولسۇن، ئېلخەت بولسۇن ۋە ياكى مىكرو بلوگ بولسۇن ئىشقىلىپ ئۆلگىچە سانسىزلىغان ھېساۋات نومۇرى ئىشلىتىمىز. ئۇنداقتا يەرشارىدىكى 7 مىليارد ئادەمنىڭ ھەر بىرى نەچچىدىن ئاكونت تۇرغۇزغىلى تۇرسا بۇ بىر ئىسىراپچىلىق بولامدۇ قانداق؟ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھېساۋات نومۇرى يەنىلا ساقلىنىۋەرسە ئۇزۇن ئۆتمەيلا غايەت زور ئىنتىرنېت ئەخلىتىنى شەكىللەندۈرىشى مۇقەررەر. لېكىن تەمىنلىگۈچى تەرەپ يەنىلا بىۋاستە ئىشلەتكۈچىلەر ھېساۋاتنى بىكار قىلىۋەتسىمۇ بولمايدۇدە…
مانا بۇ مەسىلە دەل Google نىڭ بېشىنى ئاغرىتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇشۇ مەسىلە ئۈچۈن مەخسۇس سىياسەت بەلگىلەپ ئۈلگۈردى. ئىشلەتكۈچىلەر Google ھېساۋاتى باشقۇرۇش بېتىدىن «ئۈنۈمسىز ھېساۋات بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكى»(Inactive Account Manager)ناملىق مەخسۇس تاللاشنى ئۇچرىتالايدىغان بولۇپ، مەزكۇر تاللاش رايونى ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىت مەزكۇر ھېساۋاتنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرۇلىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە سىزنىڭ تېلىفون نومۇرىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە Google تەرەپ ئۆزى سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت سىز كۆپ بولغاندا 10 دانە ئالاقىلەشكۈچىنى بەلگىلەپ، ئۇلارغا قارىتا ئالدىن يېزىپ تەييارلىۋالغان ئېلخەتنى يوللاش ۋە خالىغان كىشىلەرگە ياكى ھەممىسىگە قارىتا ئېلخەت ئۇچۇرلىرىنى ئېچىۋىتىش قاتارلىق تاللاش ھوقۇقلىرىڭىز بولىدۇ.
دىمەك Google سىزنىڭ ئۇچۇر ھوقۇقىڭىزغا يۈكسەك ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، ئۆزى ھەقسىز تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىمۇ رۇخسىتىڭىزسىز بىر تەرەپ قىلمايدۇ. دۇنياۋى بىر گوروھ ئاددى بىر پۇقراغا نىسپەتەن تولىمۇ سەمىمى پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، ئاكونتىڭىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. مانا بۇ ئاددى بىر تور بېكەتنىڭ، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياغا غوجا بولىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى بولسا كېرەك؟ بىلمىدىم دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى قانداقكىن، ئىشقىپ مېنىڭ ئاز بولمىغان ھېساۋاتىم بىۋاستە توڭلىتىۋېتىلگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، ئۇچۇر، تېخنىكا، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,147 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-afterlife-account.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10-ئاپرېلدىن باشلاپ تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
- كېيىنكى يازما > گرافىك ساھەسىدە سۇيۇق جىسىم ۋە دولقۇن ھەركىتىنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىر دەرىجىسى نامايەن بولغاندەك قىلىدۇ
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
مانا بىر قىتىم دىۋان بىزنىڭ بولدى،. دىۋاندا ئولتۇرىلى بىردەم.
يا ئاللا دىۋانكەن ماۋۇ ھە
خەپ جۇما، مەن بىژ قىتىم ئولتاسام يامان بولامدا دەيمەن
يامان بوممايتۇ ئەينا ، دىۋان دىگەن ماڭ قايسا ھەۋەس قىغانغا كەممەيتتۇ ، ئا بۈركۈت بالىدەك ئۇچۇپ كىلىنى ماقىما
يا ئاللا بۇ گوگىلنىڭ دەردىدە ئادەم خاتىرجەممۇ ئۆلەلمەمدۇ نىمە .
دىۋان تالىشىش كۈرىشى يەنە باشلىنىپتۇدە
ئەلۋەتتە ، باشلاندى ئەمەس ، تېخى توختاپ قامماپتىيا دىسەك بەكرەك توغرا بۇلىدا
دەۋاتقىنىم مۇنۇ تىمىدىكى دىۋان تالىشىش كۈرىشى ھەر بىر تىمىدا بىر قېتىملىق دىۋان تالىشىش ، بۇمۇ تورخۇمارنىڭ ئالاھىدىىكى بوپ قاپتۇ مانا
ئالدىيىماڭ دەيمە ، ھېلى چىقىدۇ ، يەنە دىۋان تالىشىپ ، بەلەن ئىنكاس يازماي تاراق تۇرۇق دىگەندەك دىۋانغا قارشى ئەترەتنىڭ ئىنكاسلىرى .
ئەدەمنىڭ خىيالىغا كەممىگەن يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ بۇلار زادى
ئازراق مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ دەي ، ئۆتكۈر ئەركىننىڭ مانداق بىر پىلانىنى ئاڭلىغان ، ئۆيدىكىلىرى قۇشۇلسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قەبرىسىگە ئىككى كودلۇق نىمە دەيتۇق ، ئاشۇنى چاپلاپ بىرىدىغان بىر تۈر قۇرۇشنى ئويلىشىپتىكەن ، دىمەك سىز ئاشۇنى تېلفۇن ئارقىلق سكاننېرلىسىڭىزلا ۋاپات بولغۇچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەم ۋاپات بولغان كۈنى ، ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملىرى ، قىلغان ئىشلىرى قىسقىچە بايان قىلىنىدىكەن ، گەرچە بىزنىڭ يۇرتلاردا بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇبۇل قىلىش سەل تەس بولسىمۇ ، ئۆتكۈرنىڭ مۇشۇ لايھىيەسىنى قوللاشقا بۇلىدۇ ، بۇ بالا خېلى ئىشلارنى قىلىۋېتىپتۇ ، قىزىقىدىغانلار تور بىتىگە كىرىپ ماراپ بېقىڭلا
ئابومجان ما مەن باش سۈرەتنى پەقەت توغۇرلىيالماۋاتىمەنيا .ئۇزۇن بولدى ۋوردپەرەس ئاككونىت نۇمۇرى بىلەن مىما دىگەن يەرگە توغرا باسساممۇ پەقەت ئىچىلماۋاتىدۇ.
يەنە كىلىپ ماڭا ئىنكاس يازساڭلا پاقات كەلمىدى ماڭا ئۇچۇر بولۇپ بولمىسىغۇ چچ رىم ئوچۇقتى بولمىسا .ھە راس كىلەر قىتىمدىن باشلاپ دىۋاندا ئولتۇرۇپ قالسام يىڭىلىقتىن بىرنى چىقىرىمەن.
ئىنكاسقا جاۋاپ يازسا E-Mail دا نورمال كېلىۋاتىدۇ؟ ئېلخەتنى ئوبدانراق تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ماۋۇ بەزى ئېلخەتلەر بەك ئەقلىيلىشىپ كېتىپ ئەخلەت ئېلخەت قاتارىغا تىقىۋېتىدىغان ئىشلار بار، شۇنداق بولۇپ قالسا 白名单 گە قوشۇپ قويسىڭىزلا بولدى
سەردارى: مەنمۇ سىناپ باشقا نۇمۇرغا بىر باش ئالاي دەپ سىنىسام ، create a new one ، sign up for free ، دىگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ، يەنى ھەقسىز تىزىملىتىش دىگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئېچىلمىدى ، 无法显示此网页 مۇشتالا گۈشىيىپ تۇرىدۇ ، لىكىن ئۆزەمنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نۇمۇرى بىلەن نۇرمال كىرەلىدىم ، نىمە ئىشتۇ بۇ . ئۆزۈمنىڭ نۇمۇرىغا كىرگەندىن كىيىن يەنە بىرقانچە باش رەسىم قاتقىلى بۇلىدىكەن ، يەنى سىز پەقەت ماڭا ئىلخەت بىلەن رەسىمىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىزلا ئۆزەمنىڭ نۇمۇرى ئارقىلىق سىزگە بىر باش قېتىپ قويسام بۇلىدىكەن ، ئەلۋەتتە ئىلخەت شىفىرىڭىز كىرەك بولمايدۇ ، مەن يەنە ئەپلىشىپ باقاي ، ئەگەر مىنىڭ ئارقىلق ئۆزىڭىزگە باش چىقىراي دىسىڭىز 30769175 نى قېتىڭ ، ئايرىم پاراڭلىشىلى
ئۇنداقتەك قىلمايدۇ مىنىڭ چچ رىمغا خىلى جىق ئىلخەت ئادىرسى باغلىنىقلىقككەن .باشقا ئۇچۇرلار نۇرمال كىلىتتى بولمىسا
بىر ئاكونتقا بىر نەچچە ئېلخەت باغلىغىلى بولىدۇ، ھەم ھەر قايسى ئېلخەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم باش سۈرەت بەلگىلىگىلى بولىدۇ.
1549576034 ماۋۇ چچ نۇمۇرۇمنى قىتىڭە .توغرا قىلساممۇ تور بەتتە خاتالىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ .چچ دا كەسمە رەسىمىنى ئەۋەتەي قاراپ بىقىڭە .
ئالدىنقى تىمىدا راكىتانىڭ گېپى بۇلاپتۇ, مەن ھېچ تاپالمىدىمغۇ راكىتا دىگەن نەسىنى
مۇشۇ گوگېلى،مىكروسوفىت دىگەندەك شىركەتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەقىقەتەن ئىشلىتىشكە ئەرزىيدۇجۇمۇ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئادەمنى راستنلا قايىل قىلىدۇ،ئابومجان سىز دىگەن ئۆتكۈرنىڭ تور بېتىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
‹ئالدىڭىزدىكى بىكەت دىۋان ›:دىۋان تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجەم.ھەۋەسكار ،مۇھىمى سۇرئەت دەيمە…
دىۋان تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى باشلىنىىپ ماڭاە تەگمەس بولدى بوپتۇ خۇدايىم بىرە
【Uyyumtal.Com】 ئۆتكۈر ئەركىننىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەم شىركىتىگە قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ بېقىڭلار ، شىركەت باش بەت ئادرىسى مانا : http://uyyumtal.com/index.swf
ئىنكاس يازسام پەقەت چىقمىدى ، ئىسىمدە يوق قارا تىزىملىككە دەسسەپ ساممىغاندىمە
ئېلخەت ئۆزگەرتىپسىزغۇ ؟
ئاكىسمەت قىستۇرمىسى تور ئادىرىسى قېتىلغان ئىنكاسلارنى ئاپتۇماتىك سىپەملىۋىتىدۇ. سىلىنىڭمۇ سىپەملىنىپ كىتىپتىكەن، ئازات قىپ قويدۇم. قايغۇرمىسىلا …
ئابومجان دىگەن ئىسىم مودا بوپتۇ-دە!
تەدبىركار بىلەن ۋىروسقا ئازراق تەكلىپ ، ماۋۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەش دىگەن دەرىسلىكتىن پايدىلىنىپ باش سۆرەتنى تەڭشىيەلمەيۋاتقانلار خېلى باركەن ، شۇ دەرىسلىك بىلەن نەچچە قىلىپمۇ ئەپلەشمىدى ،ئورگان بېتىدىكى تىزىملىتىش دىگەندەك بەزى ئۇلۇنىشلار پەقەت ئېچىلمىدى ، سىلەر بى قاراپ باقساڭلا بوپتىكەن ، ئورگان تەرەپنىڭ چاتىقىمۇ يا بىز تازا ئۇقۇپ بۇلاممىدىقمۇ ؟
‹‹ئۇچۇر ھوقۇقىڭىزغا يۈكسەك ئېتىبار بەرگەن ›› مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندىلا نېمە ئۈچۈن چەتئەل تور بەتلىرىنىڭ شۇنچە تېزلا كىشىلەر تەرىپىدىن ياقتۇرۇشقا ئېرىشىشى ، باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇم……
مىنىڭ تورخۇماردا ئۆزۈمنى باش سۈرىتىنىڭ چىقىشىنى شۇنداق قىلىۋاتساممۇ بولماۋاتىدۇ ئەمەسمۇ
ۋىروس مەن باش سۇرەتنى زادىلا چىقرالمىدىم
بىر ۋاقىتتا بىر خەنزۇ ئايالنىڭ يولدىشى تۇيۇقسىز ماشىنا ھادىسىدە ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، ئۇ ئەركىشىنىڭ چ چ بوشلۇقىدا ئايالى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەر بار ئىكەنتۇق لېكىن ئايالى شىفىرىنى بىلمىگەچكە تېڭشۈن شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىپ ياردەم سورىسا دەپ بەرمەپتىكەن …..
مەنچە بىر جەھەتتىن بۇ قىلغىنىمۇ توغرا..
بايا تېخى ما نۇمۇرغا باش سۆرەت قاتسام مۇۋاپپقيەتلىك بوغان ، ما سەردارىغا قىپ بىرەي دىسەم ئەمدى چىقامماۋاتىمە ئا ۋورد پىرەس دىگەن تورغا ، ھەجەپ خىجىل قىلدى ئەدەمنى
مەنمۇ ئاشۇ ۋوردپەرەس تىن ئۆتەلمىدىم شۇيەگە مىما بىلەن نۇمۇر سالساملا خاتا دەپ چىقىدۇ .يىڭى تىزىملىتى سالساممۇ شۇ خاتالا دەيدۇ .
ئادەتتە رەسىمنى بىكىتكەندىن كېيىن تەستىقلىنىشىغىمۇ بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ. ھەممە مەشخۇلاتنى تولۇق تاماملاپ بولۇپ تور كۆرگۈدىن ئەخلەت تازلاشنى ئۇنۇتماڭلار…
مەنمۇ پات-پات ئويلاپ قالاتتىم، كىسەل بوپ ئۆلۈپ كىتىپ قالسامغۇ ھەممە ھىساباتىمنى قالدۇرۇپ قويارمەن ، ناۋادا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىپ قالسام قانداق بوپكىتەر ھېساباتىم دىگەندەكچۇ…
ۋايجان نىمدا قورقۇنچلۇق خىيال بۇ !
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، تۇيۇقسىز ۋاپات بوپ كەتسەم، ئېلخېتىمگە، چ چ ۋە بلوگىمغا ئىنكاسلار چۈشسە كىم تەستىقلا دەپ…
ۇلۇپ كەتسەم چ چ دىگەندەكلەرنى نەۋرىلىرىمگىلا مىراس قالدۇرۇپ قويىمەن دوسلىرىغا كۆز كۆز قىلىۋالىدۇ دەرىجىلىرىنى خې خې