گرافىك ساھەسىدە سۇيۇق جىسىم ۋە دولقۇن ھەركىتىنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىر دەرىجىسى نامايەن بولغاندەك قىلىدۇ
تورخۇمارلار بەلكىم ئالدىنقى يازمىدىكى كارتون فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا، دېڭىز سۈيى ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن. ھازىرقى گرافىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى سۇيۇق جىسىم ۋە سۈزۈك قاتتىق جىسىملارنىڭ چىنلىق دەرىجىسى ئارقىلىقمۇ ئايان بولىۋاتىدۇ(ئادەتتە مۇزغا ئوخشاش سۈزۈك قاتتىق جىسىملارنىڭ ھېسابلاش قېيىنلىق دەرىجىسى ئېنتايىن يۇقىرى). بۇ يىلقى نادىر كىنولاردىن بىرى بولغان «Life of Pi» نىڭ يەنە بىر غەلبىسىمۇ دەل دېڭىز سۈيى ۋە دولقۇن ئۈنىمى ئالاھىدە چىققان.
ئەمما يېقىندا Position Based Fluids ناملىق بىر سىستېما نامى چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، مەخسۇس سۇيۇق جىسىم ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىم تارىخى بىر سەھىپە يارىتىلغان بولۇپ، ھەرىكەت قانۇنىيىتى ۋە چىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەمىلىيەتكە يېقىنلاشقان. ھېسابلاش پىرىنسىپى بولسا : سۇيۇق جىسىمنى نۇرغۇنلىغان ئۇششاق دانچە(زەررىچە)لەر توپىدىن شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەت مىخانىزىمىنى يۈكسەك دەرىجىدە بەلگىلەنگەن فىزىكىلىق قانۇنىيەت ۋە موھىت ئامىلىغا بېقىندۇرۇشتۇر. ھازىرچە مەزكۇر سىستېما ھەققىدە تېخى تولۇق بىرەر ماتېرىيال مەنبەسى بولمىغاچ، ۋاقتىنچە مۇناسىۋەتلىك سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلغاچ تۇرايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، فىلىم، كىنو، لايىھە، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: water-simulation.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر فىلامىنگو قۇشىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ھەققىدىكى قىززىقارلىق ھېكايە | Flamingo Pride
- كېيىنكى يازما > پولات قانداق تاۋلاندى؟ پۇت قوللىرىنى سۇندۇرۇپ تاۋلاندى | پاركور مەشىقى جەريانىدىكى ئوڭۇشسىز كۆرۈنۈشلەر
- 83-قېتىملىق ئوسكاردىكى ئەڭ نادىر 10 يۈرۈش قىسقا كارتون فىلىمنىڭ بىرى – Coyote Falls
- «يېڭى ناۋا»تۇنجى سان | كۆپچىلىك سىلەرچە يېڭى ناۋا قانداقراق بوپتۇ؟
- ئەسلىدە ھەقىقى خاسىيەتلىك پالۋانلار مۈشۈك پلانېتىدىكىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
- كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
- 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- سىزگە نىسبەتەن قايسى ئۇيغۇر تورى ئەڭ گۈزەل؟ نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ كۆركەم ئۇيغۇر تورى ھەققىدە ئازراق سۆزلىمەمسىز…
- iOS 7 نىڭ ياپىلاقلاشتۇرۇلغان ئۇقۇم لايىھەسى – بۇنداق iOS 7 قاچىلانغان iPhone 6 گە قانداق قارايسىز؟
- پورتىگالىيەلىك سەنئەتكار Budapest-based نىڭ ئاجايىپ گۈزەل قېرىنداش ئويمىلىرى
- يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
ئاھ دىۋان
دىدىمغۇ جۈممە كۈنى چۈشتىن كىيىن يېڭى تىما يوللاش ئىھتىمالى يۇقىرى دەپ مەرەك بوسۇن
سىلىنىڭ بىلىمنى يامان ئۆگۈنۈپتۇ !
دىۋانما بۇ ؟
دەقىقە كېچىكىپتىمەندە ………
مىقلارنى ئۇرۇپ چىقىرىپ
مەن دىۋاندا ئولتۇردۇم
بۈگۈن جۈمە بولغاچقا
بالدۇر ئورنۇمدىن تۇردۇم
ھەركىتىمدىن كۆپ بەركەت ،
كەلدى بۇ كۈن قىشىمغا
ئوتۇردى دەپ دىۋاندا
ئۇرماڭ دوسلار بىشىمغا
ئاخىرىنى باشقىلا يازسۇن ،،،،،،،،،،،،،،،
فىلىم مۇشۇ تەرىقىدە تەرەققى قىلسا بەلكىم ئاز كۈندە راس ئىشلارغىمۇ ئىشەنمەس بولىشىمىز مومكىن ،مەنمۇ بىر فىلىم ھەۋەسكارى گەرچە داڭلىق بىر فىلىم ئىشلىمىگەن بولساممۇ تىرىشىۋاتىمەن بۇ گىرافىك سەنئىتىگە قارلۇقتىكى دوسلارمۇ خىلى ئۇستىكەن ئاز كۈندە ئۇيغۇرلارمۇ 3دلىق فىلىم ئىشلىيەلىشى مومكىن سادىر پالۋان سىيىت نوچى فىلىملىرى ئىشلەنسە ھە
ۋوجوون ، ئاغزىنى ئاچسىلا شىئىر تۈكىلىدىكەنيا ما قىرانبەگنىڭ ئاغزىدىن ، ئۈزۈمنى سەل بىلىپ يۈرەي ، يەنە ۋەھشەت شىئىرلارغا چۈپ قامماي
تاس قاپلا كۆرەلمەي مەدەك بولسۇن دىگىلى
يەنەشۇ دىۋان دىۋان
ھەپتىلىك نادىر يازمىكەن بۇ
فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ…
بۇ سۈرئەت بىلەن ماڭغىلى تۇسا ……..
سۇ ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىنولارنى ئىشلەش بۇرۇنقىدىن ئاسانلىشىپ كىتىدىكەندە.
ئەڭ چىنىپ قالغىنى غەرىپكە ساياھەت 2دىكى سۇ ۋەقەسى كۆرۈنۈشلىرىمىكىن دەيمەن.
بىرە ئىككى مىليون بىلەنلا 30 قىسىملىق كىنو ئىشلەيدىغان خەق تۇسا بۇ ، چانامدۇ چانمامدۇ چاتىقى يوق ، جۇڭگۇدا ئادەم جېق بولغاندىكىن خەق ئېزىپ كىتىپ بىر كۆرىدۇ ئىككىنچى كۆرمەيدۇ بەزى كىنولارنى شۇنداق ھېساپلىغان تەغدىردىمۇ شۇ ئېزىپ كۆرۈپ سالغان ئادەملەر بىلەنلا جېق كىرىم قىلىۋالىدۇ …… ئادەم كۆپ يەرنىڭ ئەۋزەللىكى شۇ !
جىڭ گەپ قىلدىڭلا، 1-بۆلۈمىنىغۇ تېخنىكا تۆۋەن دىدۇق، ئەمما 2-بۆلۈمىدە چېنىپ قالغان كۆرنۈشلە خېلىلا كۆپ.
تازا قىتىرقىنىپ كۆرىۋىتىپلا جۇمۇ كىنونى بەلكىن بۇ جايدا جىڭ كىنو ئىشلەيدىغان بىزلا قاپتۇق ،موللاقنى جىڭ ئاتىمىز مۇشنىمۇ جىڭ يەيمىز پەقەت سىنارىيەنىلا يازىمىز شۇ
ما ھەقىقەتەن ياخشى تىخنىكىكەن
تىما يولىلسا تەستىقلانمايدىكىنا 24 سائەتتىمۇ