ئاجايىپ سىرلىق چەكسىز ئۇلانما كارىدور | چېكىپ كىرىپ كۆرمىسىڭىز نېمىشلىقىنى ئۇقمايسىز!
بۇ سىرلىق رايوندا، قارىماققا پەلەمپەينىڭ ئاستى ۋە ئۈستى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىۋېتىلىپ بىر ئايلانما قانال ھاسىل قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، مەيلى قانچىلىك مېڭىڭ، بۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ كېتەلمەيسىز. بۇ زادى قانداق ئىش؟ كىم بۇنىڭ پرىنسىپىنى بىلىدۇ؟ كامېراغا ھۈنەر ئىشلەتكەنمىدۇ ياكى…؟
ئاجايىپ سىرلىق چەكسىز ئۇلانما كارىدور
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، سىرلىق، سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,498 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: amazing-stairwell-illusion.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق
- كېيىنكى يازما > 10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
- YouTube دىكى 2013-يىلى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك 10 فىلىم(TOP 10)
كۆزۈم نىمىنى كرۈۋاتىدۇ زادى ؟
دىۋان غەلۋىسى قىلغاننىڭ بەرىبىر پايدىسى يوق ئەمدى ! شۇڭا دەپ قوياي، ماۋۇ مەن ئولتاغىنى ( دىۋان ) ئەمەس ماقما باللا .
ئىشەنگۈم كەلمىدى .
توۋا…. راستىنلا بەك سىرلىقكەن…
كاللام ئىشلىمەيۋاتىدۇ مېنىڭ….
نېمە ئىش بۇ؟ پىرىنسىپى نېمە؟
يالغانمىكىن مېنىڭچە ، ئارلىقتا بىرەر سىھىرلىك ئىشىك بولمىسىلا …
توۋا…..! ئادەمنڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدىكەنغۇ؟ مىنڭمۇ كاللام يەتمىدى جۇمۇ،،،،توۋا،،،،،قالتىسكەن!
ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويغۇدەك بۇ كاردور … ئەقىل يەتمەيدۇ بۇ ئىشقا ….
كىم بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ؟
بۇنىڭدىكى سىر مېنىڭچە سىنئالغۇ يەر تەكشىلىكىگە نىسبەتەن 60گىرادۇسلۇق يانتۇلۇققا توغرىلانغان، بىز كۆرۈۋاتقان پەلەمپەي ئەمەلىيەتتە باش- ئاخىرى بىر تەكشىلىك ئۈستىگە لايىھىلەنگەن پەلەمپەيسىمان قۇرۇلما بولۇشى مومكىن.
مېنىڭچە قوشكېزەكتىن بىر ئىككى جۈپ بولسا ،مەشىق قىلدۇرۇپ مەنمۇ ئوينىۋېتىمە بۇنداق ئويۇننى…خى خى خى
مىنىڭچە قوش كىزەك بولوش نىسبىتى%30 فىلىم كىرىشتۈرۈش ماھارىتىدىن پايدىلانغىنى %50 قالغىننى باشقا ئامىللار بولىشى مومكىن. فىلىمغا زەن قويوپ كۆرۈپ بىقىڭلار ، ئادەم چىرايى بىز خىل غۇۋالاشتۇرۋىتىلگەن. خۇددى نىقاب تاقىۋالغاندەكلا تۇيغۇ بىرىدۇ. شۇڭا دەيمەن 2-3 جۈپ قوش كىزەكلەر بىلەن %30 پىرسەن ئىشى تامام %50 بولسا سىننى كىرىشتۈرۈش تىخنــــكىسى خالاس.
مىنىڭچە ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەڭ.ئاددىغىنىسى سىھرىگەرگىمۇ ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن ….
يالغان ئەمەسكەن. پەقەت شۇ كۆزىمىز ئالدىنىپ قالىدىكەن. توردىن ئىزدىسەم بىر نېمە پىرىنسىپىدىن پايدىلانغان دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن. بەك تەپسىلىي ئىزدەش خۇش ياقمىدى. بىلىشنى خالىغانلار ئىزدىنىپ بېقىڭلار.
ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ھېلىقى ئىتوتى يادىڭلاردىمۇ شاڭجاڭ دەيدىغان.
شۇ ئېتوتنى قانداق ئىشلىگەندۇ ؟ باشقا ئادەملەرگە نىقاپ كەيدۈرۈپ ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۆز ئاۋازىنى ئارقا سەپتىكىلەر قويۇپ بەرگەنمىدۇ ؟؟؟
تورخۇماردا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان « ئامرىكا فىلىملىرى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن » دىگەن يازمىنى كۆرسىڭىزلا چۈشىنىسىز .
ئەنجۈر تېلىفۇنىمدا نىمىشقا سىن ھۆججەتلىرىنى قويالمايدۇ
ئوبدانلاقۇيىلىۋاتىدىغۇ.
ئەنجۈر تېلۇنلىرىدا Chrome جاھاننامىسىنى ئىشلەتسىڭىز توردىكى سىنلارنى بىمالال كۆرەلەيسىز.
مەن بىر يەردە مۇشۇنداق بىنا كۆركەندەك يادىمدا قەيەر دە بولغاي ؟ ….خىيالىمغا كەلگەندە دەپ بىرەي سىناپ بېقىڭلار …ئۈرمچىدىكى قايسى بىر مەكتەپتىكى كونا بىناغۇ دەيمەن…
بۇ ھەرگىزمۇ ئەمەلىي كۆرنۈش ئەمەس، ھازىرقى يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرلىقىدا، يەنى فىلىم كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئالدىنقى قېتىم تورخۇمارغا يوللانغان يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن سۇنىڭ كۆرنۈشىنى ھەممىمىز كۆردۇق.
گەپنىڭ قىسقىسى پۈتۈنلەي كىرىشتۈرۈلگەن سىن.
راس بەك سىرلىقكەن …
مېنىڭچە بۇ ئېنىقلا كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسىمىكىن دەيمەن، كىنولاردىكى تېخنىكىدەك…….
مۇشۇ فىلىمنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەتنى تەپسىلى كۆرسەكلا پرىنسىپىنى بىلەلەيمىز.
ماتېماتېكا ئىلمىدە توپولوگىيە دەپ بىر تارماق پەن بار. مۇشۇ توپولوگىيە ئىلمىدىن پايدىلىنىپ بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
مىنىڭچە بۇ مۇمكىن…ئىلمى ئاساسىنى بىلمەيمەن…ئەمما مەن سۇئۈستى باغچىسىدا بىر ئۆيگە كىرسەم .. كىرگەندە ئۆي تۈزلا .. ئەمما ماڭاي دەپ دەسسىسىلا ئادەم سولتەرەپتىكى تامغا چاپلىشىپ قالىدىغان…..بۇنىڭ پىرىنسىپىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغاندەك بىلىندى ماڭا
راس بەكلام سىرلىقكەن بۇ كارىدور…. مەن بۇنى يەنىلا راس دەپ ئويلايمەن… چۇنكى بۇ دۇنيادا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلار ئازمۇ…
سىتىف خاۋكىڭ نىڭ بوشلۇق سۇنىدۇ دىگەن نەزىريىسى بار . ئەگەر بۇ كۈرنۈشلەر ھەقىقەتەن راس بولسا 2 نوقتا ئارسىدىكى ئەڭ يېقىن ئارلىقنىڭ تۈز سىزىق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان بۇلدۇ ، ئەگەر بۇ كۈرنۈشلەر ھەقىقەتەن راس بولسا 1 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن بۇلاتتى ، 4 ئۆلچەملىك بوشلۇق ، ۋاقىتنىڭ سۇنىشى بوشلۇقنىڭ سۇنىشى ، قا قىزقىدىغانلا بولسا مىنى دوس قۇشۇڭ چ چ : 1119267080