رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق
گەرچە بىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا ئەشۇ رەھىمسىز رېئاللىققا يۈزلەنمەي ئامالىمىز يوق. تولۇق ئوتتۇرىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ھەمىشە، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت رېئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەيتى. ھەقىقەتەن، بىز ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان نۇرغۇن گۈزەل كۆرۈنۈشلەر، ھېس-تۇيغۇلارنى ئاشۇ كىنو-فىلىملەردىن تاپىمىز، بىراق كىنونى كۆپ كۆرۈپ كەتكەن كىشىدە ھەمىشە، تۇرمۇشمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بولغان بولسا ھە دېگەن تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ، بىراق شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇن: كىنو ھامىنى كىنو، رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ.
كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق
دوستىمىز ۋارىسنىڭ مەزكۇر سىننى تەۋسىيە قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، سېلىشتۇرما، قىزىقارلىق، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,420 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: real-life-vs-movies.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆتمۈشتىكى 20 يۈرۈش ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان خاسىيەتلىك پالۋان فىلىملىرى(1)
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ سىرلىق چەكسىز ئۇلانما كارىدور | چېكىپ كىرىپ كۆرمىسىڭىز نېمىشلىقىنى ئۇقمايسىز!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
دىۋان دىۋان دىـــــــــۋان
تەڭ چىقىۋالغىلى بولمامدادىۋانغا؟
مەن دىۋاندا ئولتۇرالمىغان بولساممۇ دىۋاننىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرايچۇ؟
ۋەھشى ئەدەسسىز سېلىشتۇرما بوپتۇ ئەمسە !
قىستىلشىپ ئۇلتۇرۇڭ
ھى ھى ھى يامان قىزقارلىق ئىكەن ، فىمدە چىققىنى فىرانسوسچىمۇ ياكى گىرمانچىمۇ ؟ ھىچ ئايرىيالمىدىم
سۆزى فرانسۇزچىكەن .
ئەمما لېكىن، دەھشەت قىزىقارلىق چىقىپتۇ ماۋۇ پەرىقلەندۈرۈش !
رىئاللىق رەھىمسىز ئەمەس ، تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر دەيدۇ كونىلار ، رىئاللىق رەھىمسىز دەيدىغان كىشىلەر ئۆزىدىن سوراپ باقسا بۇلىدۇ ، ئاشۇ رەھىمسىز رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زادى قانچىلىك تىرىشتى ، ئۆزىنىڭ قۇربى يىتىدىغانلىكى ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىمۇ يوق ، ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن تىپىك مىساللار بار ، خىزمەت تاپالمىساق ئاتا ئانىمىزنىڭ باشلىق ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىمىز ، تۇرمۇشتا بەزى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىساق ئاغرىنىپلا بولدى قىلدۇق ، خەپ دەپ چىشىمىزنى چىشلەپ باقتىقمۇ …
ئويلاپ باقساق نۇرغۇن رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلەيتۇق ، ئەپسۇس تەقدىر قىسمەتتىن ئاغرىنپلا بولدى قىلدۇق ، ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنى ،پىكىرلەشسەك بۇلىدا
ھەقىقەتەن ياخشى سېلىشتۇرۇش بوپتۇ، بۇنى قىزلارمۇ كۆپىرەك كۆرسە ياخشى بولاتتى، «ئاق ئاتلىق شاھزادە»لەرنى چۈشەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ دەيمە… چاۋشەننىڭ كىنولىرىنى كۆپ كۆرۈپ ئىددىيسىڭىگە سىڭىپ كەتكەن قىزلارنى كۆپ ئۇچىراتتىم، ئەمەلىيەتتە قىسمەن ئوغۇللارمۇ بار، (مەنمۇ ئازىراق شۇنىڭ ئىچىدە)
كۆرىۋېتىپ كۈلىۋېرىپ قورسىقىممۇ ئاغرىپ كەتتى..
بولاپمۇ ئاخىردىكى ماشىنا پارتىلغان كۆرۈنۈش ،
ماشىنىغا قارىغاندا ئۇ ئادەم بەكىرەك زەخمە يەپ كەتتى بولغاي
مەنمۇ شۇ قاراشتا.
ھا ھا ھا … بۇ تىما بەك قىززىقكەن ، يەنە ئابومجاننىڭ تەھلەل قىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، مەن مۇشۇنداق ئەتراپلىق تەھلىل قىلىدىغانلار بىلەن پىكرلىشىشكە ئامراق ، ئابومجان دىگنىڭىز ناھايىتىمۇ ئۇرۇنلۇق ،بولدى ، دانا ئادەم سەۋەنلىكنى ئاۋال ئۈزىدىن ئاندىن ئوزگىدىن ئىزلەيدۇھەم تىرشىدۇ قەتتىي بۇشاشمايدۇ ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى (بەخىت ئىشكىنى چەككەندە) فىلىمىدۇر.
ئۈستىدىكى سىن يامان قىزىقارلىق ئىكەن !
ئۇنىڭغا ئابومجاننىڭ ئىنكاسى قۇشۇلۇپ تېما قىممىتى تېخىمۇ ئېشىپتۇ .