توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستانلىق 30 ياشلىق ئەر Pakkirappa Hunagundi نىڭ ئادەتتىكى نورمال تاماقلارغا پەقەتلا ئىشتىھاسى يوقكەن، ئەكسىچە ھەر كۈنى ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا كېسەك، توپا دېگەندەك نەرسىلەرنى يەيدىكەن، ئەكىس تەسىر قىلىدىغان ھېچقانداق ئالامەتمۇ يوق ئىكەن.
Pakkirappa Hunagundi تەخمىنەن 10 ياشلار ئەتراپىدىن باشلاپ بۇ خىل ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، 20 نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرىۋېتىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ چىشلىرى ھەممىسى جايىدا ئىكەن.
ئۇ ئاپىسى بىلەن بىر-بىرىگە تايىنىپ جان كەچۈرىدىغان بولۇپ، كەنتتە ئاساسەن بىر قىسىم جىسمانى ئەمگەككە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىكەن. ئاپىسى گەرچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭغا بۇ ئادىتىنى تاشلاشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەزىرىدە خام كېسەكنىڭ تەمى قاقلانغان توخۇ گۆشىدىن نەچچە ھەسسە تەملىك ئىكەن.
بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلىپ كېتىدىغان بوپتۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا سۇ ئىچكەچ مۇشۇنداق «ئالاھىدە تاماق» يېيىشنى ياخشى كۆرەتتىكەن، ئۇلار ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ ئانا-بالىغا ياردەم قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىكەن.
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل غەلىتە ئادەت، پىسخىكىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولىدىكەن، ئەمما نۆۋەتتە تېخى ھەقىقىي تۈردە ئېنىق بىرەر داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئىلگىرىلەش تېخى يوقكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، ئادەت، خەۋەر، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,953 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: eat-bricks.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- كېيىنكى يازما > كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئەمدى بولكىنى ئاز يەڭ
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- سىنوۋېدىن زادى كىم؟
مەن مۈشۈك تۈككى يەيدىغان چەتئەللىك قىزنى ئاڭلىغان مىخ يەيدىغان تاش يەيدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن مۇنداق كىسەك قىش يەيدىغان ئادەمنى تۇنجى كۆرشىم ھىلىقى مۈشۈك تۈككى يەيدىغان قىز نەچچە يۈز مۈشۈكننىڭ تۈكىنى يەپ بۇبتۇ تىخى كىچىك ئارسلان تۈككى بەكلا يىيشىلك ئىكەن
ئاۋۇ كىسەك چايناۋاتقان كۆرۈنىشىگە قاراپ مېنىڭ چىشلىرىم غۇچۇرلىشىپ كەتتى …
ھەيران قالارلىق
توربەتكە ئەزا بولغىلى بولمايدىغۇ
يائاللا يېمەيدىغان نېمىسى يوق بۇخەقنىڭ
كىسەك تۇگەپكەتسە نىم يەيدىغاندۇ
ياغاچ يەدىغانلامۇ بارىمدۇ
بايا تېخى ماۋۇ خەنلەرنى دۇنيادىنى ھەممە نەرسىنى يەيدۇ دەپ بىر خەۋەر كۆگەن، قارىسام چاشقاندىن تارتىپ، تۇغۇلمىغان بالىغىچە، قۇرۇت-قوڭغۇزدىن تارتىپ سۇۋەرەككىچە يىگەن رەسىملىرىنى چىقىرىپ قوياپتىكەن. ناۋادا مانى كۆرەپ قالسا تېخىمۇ چاتاق بولغىدەك. كېسەكنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنىمۇ يەپ بولىدۇ بۇ خەق.
ياگونىڭ ئېلانىغا چىقسا بولغۇدەك، بىزنىڭ ياگو ئاقارتالمايدۇ، لېكىن تۆمۈرنىمۇ چاينىغۇدەك قىلىۋېتىدۇ.
يائالللا،،، مايەگە كىلىپ قۇرلۇشتا ئىشلەپ قالسا لوبەنگە زىيان سالامدۇ ما ئاداششششششش
ھاھا ، سەنما بۇ ؟ 918؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلى يېگىنىمۇ ئادەتتىكى سېغىز ئەمەسمىش…، ئالاھىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى بار بىر تۈرلۈك يېمەكلىكمىش.
بۇ ئاداش، تاماق يەپ بولۇپ كېسەك قۇيىدىغان بولسا بېيىپ كەتكۈدەك
ھاھاھا ، كېسەك قۇيىدىغان بولسا ، قىززىق پىكىرلەر باكەن ، كۈلۈپ، كەيپىياتىم خېلى كۆتۈرلۈپ قالدى ، تورخۇمارغا كېلىپ ..
ئىنكاسلا ئاجايىپلىغۇ كۇلىۋېرىپ قورسۇقۇم ئاغارىپ كەتتى
ۋۇييۇ بۇ ئادامنىڭ ئاشقازىنى خىرۇمدىن تىكىلگەنمۇ قانداق؟؟
ھى ھى ھى كىسەكنى يەۋىرىپ كىسەكتەك قارىداپ كىتىپتۇ بۇ بىچارە