نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

سىنوۋېدىن زادى كىم؟

ئامېركا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانما خادىمى، غوللۇق جاسۇسى، كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى، مەخپىي ئاڭلاش ۋە ئىز قوغلاش جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئېنژىنىرى ئىدۋارد سىنوۋىدىن – 1983 – يىلى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى   ئامېرىكا كالورىنا شىتاتىدا تۇغۇلغان(30 ياش)، ۋىلمىڭتوندا چوڭ بولغان، ئۇنڭ دادىسى ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئوفىسېرى، ئاپىسى ئامېركا فىدراسىيسىدە كاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن، كېيىن ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ئاجراشقان، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دادىسى قايتا توي قىلغان. سىنوۋىدىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە  ھۆكۈمىتى (كەسلەنچۈك جەمەتى) جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ ئالى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارلىغۇچى.  ئۇ 2011 – يىلىدىن باشلاپ ئىنتايىن مەخپى ئۇچۇرلارنى ئېلىپ قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، ئامېركا جاسۇسلىرىنىڭ قەستلىشىدىن  ئەنسىرەپ، 2012 – يىلى يىل ئاخىرىدا شىياڭگاڭ ئارقىلىق روسىيەگە باردى ۋە روسىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق سورىدى، شۇنداقلا 2012 – يىلى  يىل ئاخىرىدا روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ئەڭ ئالىي سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشتى.

snowden

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئاز كەم بىر يىلدا، سىنوۋىدىن تەرىپىدىن ئاشكارلانغان ئۇچۇرلار  ئەنگىليە تايمىس گېزىتى، دۇنيا ھەپتىلىكى گېزىتى، ئەنگىليە كۈندىلىك سەھەر گېزىتى ۋە باشقا نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىللىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭلىق بىلەن ئامېرىكىنىڭ  خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى سىياسىي ئورنى ۋە دىپلوماتىيەدىكى ئابرويى خېلىلا تەۋرەپ قالدى(ھېچ بولمىغاندا قارىماققا شۇنداق)  مەسىلەن: مۇشۇ يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سىنوۋىدىن تەرىپىدىن ئاشكارلانغان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىش پىلانىغا دائىر ئۇچۇرلار خەلقارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.  ئۇچۇرلار ھېلىھەم توختىماستىن ئاشكارلانماقتا. ئەمما ئامېرىكا قىرىغىمۇ ئېلىپ قويغاندەك ئەمەس.  تۆۋەندىكىسى مىسال ئۈچۈن ئازغىنە مىدىيا خەۋىرى…

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى: ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئاز دېگەندە 35 نەپەر مۇھىم سىياسىي ئەربابنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئامېرىكا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ ئۇچۇر شەك-شۈبھىسىزكى يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
يۇقىرىقى ئۇچۇرنى ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» 10-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلغان. «مۇھاپىزەت گېزىتى» نىڭ ئاساسلىق ئۇچۇر مەنبەسى يەنىلا ئوغرىلىچە ئاڭلاش سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغۇچى سنوۋدىن ئىكەن.
24-ئۆكتەبىر ئاشكارىلانغان ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاق ساراي، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قاتارلىق يادرولۇق تارماقلارنى دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىسىنىڭ چەتئەل سىياسىئونلىرى ۋە مۇھىم ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ئالاقە خاتىرىسىنى ھەمبەھىرلەشكە ئىلھاملاندۇرغان.
ۋاقتى «2006-يىلى 10-ئاي» دەپ بەلگە قويۇلغان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسمى بېرىلمىگەن ئامېرىكا ئەمەلدارى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە 200 نەچچە تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن، بۇ نومۇرلاردا خەلقئارادىكى 35 نەپەر سىياسىي ئەربابنىڭ نومۇرى بار ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى دەرھال ئوغرىلىقچە ئاڭلاش خىزمىتىنى باشلىغان.
دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئەسلەتمىسىدە ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا ئالاقىدار ۋەقەنىڭ ئايرىم ئىش ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن، ئەسلەتمىدە بىرلا ۋاقىتتا چەتئەل سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش خىزمىتىنىڭ دوكلات قىلغۇدەك ئاخبارات تەمىنلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئالاقىدار ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى داۋاملىق تەمىنلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، بۇ 35 نەپەر خەلقئارالىق مۇھىم سىياسىي ئەربابنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان، ھەم گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسسېف قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئېرىشكەن ئاخباراتتا مېركىلنىڭ يانفونىنى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئولەند، ئىتالىيە باش مىنىستىرى لېتتا قاتارلىق چەتئەل سىياسىئونلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قىلمىشىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئامېرىكىدىن ئەھۋالنى تېزراق چۈشەندۈرۈشىنى، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا باھا بەرمىگەن.

سىنوۋىدىن ۋەقەسى ھەققىدە ئانالىز :
ئانالىز(1) :
يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەندەك سىنوۋىدىن ناھايىتى ئۇسىتىلىق بىلەن CIA  نىڭ جاسوسلىرىدىن قۇتۇلۇپ ، شىياڭگاڭ ئارقىلىق رۇسسىيەگە باردى ۋە ۋاقىتلىق خەتەردىن قۇتۇلدى. ھەمدە  توختىماستىن ئامىركا جاسوسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دائىر سەتچىلىكلىرىنى ئاشكارلاشقا باشلىدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئامىركىنىڭ سىياسىي شۆھرىتىگە خېلىلا تەسىر كۆرسەتتى.(قارىماققا)  بۇنىڭلىق بىلەن بىر تەرەپتىن ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ دىققىتى مۇشۇ ۋەقەگە مەركەزلەشتى.(ئەلىۋەتتە  بۇ دىگەنلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى دىگەنلىك .. . . ) ئامىركىمۇ قارىماققا ناھايىتى سەتچىلىكتە قالدى.
ئانالىز(2):
سىنوۋىدىن ۋەقەسى ئامېركىنىڭ دۇنيا ئەھلىگە قويۇپ بەرگەن قىزقارلىق مايمۇن ئويۇنلىرىنىڭ بىرقىسىمى ، بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى (ئىسىمى ئىسىمدە قالماپتۇ.) ئىراق ئۇرشى دەۋىرىدە ئامىركا ئارمىيسى تەرپىدىن ئىراقتا يۈز بەرگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە ئالاقىدار سىن ۋە سۈرەتلەرنى ئاشكارلىۋەتكەن ۋە دۆلەت خائىنى بولۇپ تۈرمىگە كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سەللا بۇرۇن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر غوللۇق جاسوسى مەخپىيەتلىك ئاشكارلاپ ئۇزاققا بارمايلا قەسىتلەنگەن ئىدى. ئەلىۋەتتە 1963 – يىلى 35 – نۆۋەتلىك ئامېركا زۇڭتۇڭى كېنىدىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن قەسىتلەنگەن ئىدى.  دىمەك يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى  مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ھەرگىزمۇ ئامېركىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىلا بولماستىن بەلكى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە قارماق تاشلىغان غايەت زور بېلىقچىلىق پاراخوتى…

the_lonely_flight_of_edward_snowden__tyler_group_by_philidanielle-d6c0xx4

ئەمدى گەپكە قايتىپ كېلەيلى !  سىنوۋىدىننىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، تەربىيلىنىش تارىخى ، خىزمەت تارىخى قاتارلىقلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق ئۇنىڭدىن مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىگە ساتقىنلىق قىلغۇدەك سەۋەب تاپالمايمىز. دىمەك بىرىنجى خىل ئېھتىماللىق تۈگىدى ،   ئىككىنجى خىلى : ئۇ راستىنلا خۇددى   ئۆزى ئېيتقاندەك ھەقىقەتكە قايتىپ ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سۇيقەستىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېچىپ تاشلىماقچىمىدۇ؟  ئۇنداقتا بۇ ئېھتىماللىقنى نەزەرگە  ئېلىپ سەل كەينىمىزگە قايتىپ بۇ ۋەقەنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىپ باقايلى !
ئۆتمۈشكە قارىغاندىن كىيىن بىزدە مۇنداق بىرقانچە سۇئال تۇغۇلدى :
سىنوۋىدىن ۋەقەسىنىڭ باشلىنىشى دەل سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئەۋجى ئېلىش ۋاقتىغا توغرا كەپ قالدى ؟سىنوۋىدىن قانداق قىلىپ 5~6 ئايلارچە ۋاقىتنى ئامىركىنىڭ ئەڭ ئالىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ بىخەتەر ئۆتكۈزەلىدى؟ئەينى ۋاقىتتا مايكول جېكسوننىڭ ، كېنىدىنىڭ  ۋە باشقا نۇرغۇن  مەخپىيەتلىك ئاشكارلىغۇچىلارنىڭ ئاشكارلىغان مەخپىيەتلىكلىرىنى تۈزۈك تارقاتمىغان  ئاخبارات ۋاستىللىرى سىنوۋىدىن «ئاشكارلىغان مەخپىيەتلىكلەرنى» نىمىشقا شۇنچە كۈچەپ تارقاتتى.  ئەجبا سىنوۋىدىن ئاشكارلىغان ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ  رارستىنلا شۇنچە مۇھىم ئاخبارات قىممىتى بارمۇ؟  سىنوۋىدىن ئەينى ۋاقىتتا شىياڭگاڭدا نىمە قىلدى؟ سىنوۋىدىن  ئەينى ۋاقىتتا  «ئېلىپ يۈرگەن» نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر نەگە كەتتى؟  ئەجبا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ۋە جاسوسلۇق ئورگانلىرى ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئوغىرلىقچە ئاڭلىغۇدەك تېخنىكىسى  بارلىقىنى بىلمەمتى؟  دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تېلىفوننى ئوغىرلىقچە ئاڭلاش كىچىك ئىشمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چوڭ بىر ئىشتا داۋراڭ سېلىشتىن باشقا ئىش قىلالمايدۇ؟  ئامىركىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئەتى ئۈچۈن ھە دىسلا  ئاتوم بوبىللىرىنى تىكلەپ قوپىدىغان ئامېركا ، نىمە ئۈچۈن بۇ قېتىم دۆلەت خائىنىنىغا سىياسىي پاناھلىق بەرگەن  رۇسىيەگە غىڭ قىلمىدى؟ ياكى ھىچ بولمىسا دىپلوماتىيە يولىنىمۇ قىلمىدى؟ ئامىركا بۇ قېتىم نىمە ئۈچۈن سىنوۋىدىننى ئىچىنى بوشىتىۋېلىشقا قويۇپ بەردى؟  نىمە ئۈچۈن بۇرۇن ياكى كىيىن ئەمەس دەل ھازىر يەنى سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلىشى باسقۇچىغا كىرگەندە ، 250 مىڭغا يېقىن بىگۇناھ پۇقرا قىرىلپ بولغاندا… سىنوۋىدىننى ۋەتەنگە قايتىپ كەلسە ئۆتكەن ئىشلارغا سالۋات قىلىدىغانلىقىنى خەلىقارالىق بايانات شەكلىدە ئېلان قىلىدۇ؟؟؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,625 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: snowden-heqqide.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. خىيال 2013.10.25 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ بەك يامان نېمە بۇ. مەن خېلى قايىل بولغان بۇرۇن

    • ئىلچىن 2013.10.26 , 17:15

      بۇنى يامانكەن دىمەيمىز، مۇشۇنداق ئادەمنى چىقىرپ قويۇپ بىزنى ئويناتقان ئامېركىنى يامان دەيمىز….چۈشىنىپ ئوقۇڭ بۇ يازمىنى، باشقا دۆلەتلەردە يۈزبەرگەن ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق نەتىجە چىقىشى ..بۇلار ھەرگىزمۇ بىز ئاڭلىغان خەۋەرلەردە دىيىلگەندەك ئىشلار ئەمەس، بەلكى شۇنداق خەۋەرلەر بولغاچقىلا شۇنداق بولغان…

  2. سادا 2013.10.25 , 21:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمەك ئامرىكا ( مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ) دۇنيا جامەئەتچلىگىنىڭ سۈرىيە ۋە مىسىردىكى بۇلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىچىكى ئۇرۇش ۋە ھىمىسىگە بولغان دىققەت نەزىرىنى باشقا ياققا بۇراپ ئۈزىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇيۇنىنىڭ باشلىنىشىغا شەرت ھازىرلىماقتا . :sad:

  3. ئىسيانكار 2013.10.25 , 21:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامرىكا ئۆزى ئوينىغان ئويۇن دىسەك زادى نىمە مەقسەتتە؟

    • پادىچى 2013.10.25 , 22:04

      يازمىنىڭ ئەڭ ئاخىرغا قوشۇپ قوياي :

      توختاڭ ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ، ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھاياجانلانماي تۇرۇپ بىردەم ئويلۇنۇڭ ، بەلكىم يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋاب تېپىپ بولغان ۋاقتىڭىز ، دەل سىنوۋىدىن ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتىنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلغان ۋاقتىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . . .. . .

      شەك – شۈبھىسىزكى يۇقارقى تەھلىلەر پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس ، ئەمما تەھلىل قىلىش تەھلىل قىلمىغانغا قارىغاندا توغىرلىققا يېقىنراق . … ..

  4. ئۇيغۇرۇم131 2013.10.25 , 22:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋوي باللا …. ئالىپتا بىرسى 20-30دەك يانفون تىرمىنالىنى يوللاپ قوياپتىكەن، ئارىسىدا تورخۇمارنىڭمۇ باكەن، ئۇ يەردىن چۈشۈرمەي ئۇدۇل مىششەگە يۈگرەپ كىرىشىم يانفوندا ……. مەن ھىچ تىرمىنال چۈشۈرىدىغان يەرنى تاپالمايۋاتىمەنيا ……..

  5. كونسۇل كوچىسى 2013.10.26 , 00:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويلىغانلىرىڭىز مېنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن، بۇ پەرەڭلەر كاللا ئوينىتىشقا شۇنچىلىك يامانكى، ئەييۇھانناس… شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سېلىۋېتىدۇ. ئاددىيسى 1907 يىلى مادرىتتا مېترو بار ئىكەندۇق، ھەيران قالدىم. يۈز يىلدىن كېيىنكى ھازىرمۇ بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇ نەرسە يوق، نېمىشقا؟ ئۇلارنىڭ كاللىسى بىزدىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يۈز يىل ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن… دۇنيادىكى تېرورچىلارنىڭ پېشىۋاسى بىن لادىننى تۇتالىغان ئامېرىكا، بىر دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭىنى دارغا ئېسىشقا قۇربى يەتكەن ئامېرىكا ئاشۇ بىر سېرىق تۈكنى تۇتالماسمۇ؟ ئەگەر مەن CIA نىڭ باشلىقى بولغان بولسام ئەڭ ياراملىق جاسۇستىن 100 نى سېنوۋدىننى قەستلەشكە ئەۋەتكەن بولاتتىم، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار جاسۇسلۇق ئورگىنىدىكى ئەڭ خىللانغان 100 جاسۇسنىڭ ئاشۇ بىر سېرىق تۈكنى تۇتالماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن… ئۇلاردىن تەرەققىياتى 100 نەچچە يىل ئارقىدا رايوندا ياشاۋاتقان مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئۇلار ئويلىيالماسمۇ؟ ئامېرىكا مەقسەتلىك سىنوۋدىننى ئاشۇنداق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھىيلىسى، تىكوسى خالاس…
    قوشۇمچە: بۇ پەقەتلا مېنىڭ ئويلىغانلىرىم خالاس، تەھلىل قىلىپ باقتىم ئۆزەمچە… بەلكىم راستىنلا تۇتالمايۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن

    • ئىلچىن 2013.10.26 , 17:19

      ناھايىتتى توغرا دەپسىز…. لېكىن سىز تىلغا ئالغان بىن لادىن توغۇرلۇق بىز زادى نىمىلەرنى بىلىمىز؟ لىكىن بىزنىڭ ئاڭلىغىنىمىز يەنىلا شۇلا بىزگە يەتكۈزگەن خەۋەر، ئەجىبا مۇشۇمۇ بىر ئويۇن ئەمەسمىدۇ؟ بۇمۇ بىر سىر….

    • كونسۇل كوچىسى 2013.10.27 , 01:21

      بىن لادىن كىم؟ ئۇنى كىم كۆرۈپتۇ؟ ئۇنى نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش بار يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان غايىۋى شەخسمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. ئامېرىكا قوشماق بىنانى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى دۇنيا سودا مەركىزى قوشماق بىناسىنى ئامېرىكا ئۆزى پارتىلاتقان، ئاندىن لادىن ئىسىملىك ئوبرازدىن بىرنى يارىتىپ پۈتۈن گۇناھنى لادىنغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇسۇلمانلارغا، ئىسلام دۇنياسىغا دۆڭگەپ قويغان. ئاندىن يەر شارى مىقياسىدا
      مۇسۇلمانلارغا ئۆش بولۇش خاھىشىنى پەيدا قىلغان، دۇنيادا بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، ئەگەردە بۇ مۇسۇلمانلار ئىسلام تۇغى ئاستىغا يىغىلىپ بىرلىكسەپ ھاسىل قىلسا ئامېرىكا ئۈچۈن غايەت زور تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ تەرىپىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن ئامېرىكا بىر قاتار ھىيلە نەيرەڭلەر ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى پارچىلاپ ئۆزىگە كېلىدىغان تەھدىتنى يوقاتماقچى ۋە ھېلىھەم ئاشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، 911 نى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ نوچىسى ئىراقنى ۋەيران قىلدى، ۋە بۇ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭىنى دارغا ئاستى. ئارقىدىن لىۋىيە، مىسىر، سۈرىيە، تۈركىيە. ھەممىسىدە ئامىرىكىنىڭ قارا قولى بولۇشى ئېھتىمالغا ئۇيغۇن. ئون يىگىرمە يىلنى ئەمەس، ئىككى ئۈچ يۈز يىلنى ئالدىن كۆرۈۋاتىدۇ بۇلار، شۇڭلاشقا دۇنيانىڭ نوچىسى بولالىغان ئامېرىكا… .

  6. تاڭنۇرى 2013.10.26 , 02:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دۆلىتىمىزدىكى شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىغا قويۇپ ئىككى كۈنگە قالماي پۇت قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئەكېلەتتى ئەسلى….

  7. چاتقال 2013.10.26 , 10:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    9ى رەڭ، 1ى جەڭ دەپتىكەن. زادى نېمە ھىيلە مىكىرلەر بولىۋاتىدۇ جەڭ باشلىنىپ قىسقا نەتىجە چىققاندا ئايدىڭلىشىدۇ. باشقىلارنى مۇشۇنداق قايمۇقتۇرۇپ دىققەت ئېتىبارىنى ئۇششاق چاچما نىشانلارغا قارىتىپ قويۇپ ئەمەلىي نۇقتىغا سەل قارىغىلى سالىدۇ ۋە ياكىئاساسى كۈچنى مەركىزىي نۇقتىدىن چېچىلدۇرىۋىتىدۇ، ئاندىن يىلاندەك شەپە بەرمەي بىرلا چىقىدۇ چۈمۈلىلەر يىغىلىپ بولغۇچە ۋەرتتىدە تىكىۋىتىدۇ. مېنىڭچىمۇ بۇ ئېنىقلا قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسىدىكى قايتىپ كەلمەيدىغان جاسۇس (جاسۇس نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ ئىچكى جاسۇس، تاشقى جاسۇس، قايتىپ كېلىدىغان ۋە كەلمەيدىغان جاسۇس،قۇربانلىق جاسۇس، ۋاقىتلىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك جاسۇس…ئىشقىپ خېلى باركەن، بۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى يازالىغان بولسام ھە،لېكىن ئۇنتۇپ قاپتىمەنكەن):oops:

  8. ئۆمەر 2013.10.26 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونسۇل كوچىسى دوستۇمىزنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن.دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت،ئۆز مەنپەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپ تۇراما.روسىيەمۇ ئامركىنىڭ ئويۇنىغا ماسلىشىۋاتقان چىراي.ئەگەر ئامرىكا ئاچچىقلىسا روسلارنىڭ دۇنيادىكى مەنپىتى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.دوسلارنىڭ ئىزدىنىش تورىدىن«قورقۇنۇچلۇق ئامرىكا» دىگەن تىمىنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  9. ئىلتەبىر 2013.10.26 , 11:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئويلايمەن :بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىز راستىنلا بىخەتەرمىدۇ؟تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ھەرھالدا شەخسى سىرلار خېلى ياخشى ساقلىنىدىكەن . بىزدە بولسا، سىنوۋدىندەك كىشىلەر بولمىسىمۇ ،قەدەمدە بىر شەخسى ئۇچۇرلىرىمىزئاشكارلىنىپ تۇرىدۇ.

    • تۇنجەر 2013.10.26 , 12:48

      ئۇلارمۇ ئۇنداق ھەممە ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيدو چوڭ -چوڭ ئەرباپلارنىڭكىنى تەكشۇرە بىزلەرنى تەكشۇرۇشكە ۋاقتى يەتمەسمىكىن.

  10. بۆرەزادە 2013.10.26 , 16:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جاسۇس دىگەن سۆز بىزگە باشقىلاردىن كىرگەن… بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇنى نىمە دەر بولغۇيتى

  11. ئىلچىن 2013.10.26 , 17:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىن لادىن راستىنلا تىرورچىمۇ؟ ئۇ شۇنچىلىك بايمۇ؟ ئامىرىكا خەۋەرنى ئاشكارلاشتىن بۇرۇن بىن لادى يوقمىدى؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ نىمە ئىش قىلغان؟ … ياكى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىمۇ بۇ …

  12. پادىچى 2013.10.26 , 18:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركارغا : قېرىندىشىم گوگىلنىڭ ئېلانلىرىنى قويسىڭىزمۇ قويۇڭ ئەمما تاللاپ قويسىڭىز بولماسمۇ ؟ ئاقىۋىتى بەكلا خەتەرلىك قېرىندىشىم . ئىھتىيات قىلايلى .!

  13. ئەتىۋا 2013.10.27 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىياسى كاللىسى ئۇچۇق باللا خېلى باكەن مىيەدە

  14. app mahiri 2013.10.29 , 00:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامىركىنى كىم باشقۇرىدۇ ياھوديلار ياھوديلار 14 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلامنى يوقىتىشنى پىلانلىغان بولوپ ماكو پولو نىڭ دىڭىز كىزىشىدىكى ئاساسى مەخستى مۇسلىمانلار ئاجىز رايوننى تىپىش ئىدى ئۇلار ھەممە يەردە مۇسلىمانلارنى ئۇچراتتى كىيىن ئۇلار مۇسۇلمانلار ئاجىز رايونغا ھۇجۇم قىلىپ بىسىۋالدى ئەڭ ئاساسلىقى ياھوديلار ئىسلامغا چىش تىرنىقىچە ئۆچ شۇڭا ئۇلار ئىسلامنى يوقاتماقچى بولىدۇ ياھودي قىساسچىللىرى دەپ ئاڭلىغانمۇ….. ئاخىرنىڭ دىمىسەممۇ چۈشەندىڭىز

  15. پەتىھ 2013.11.06 , 17:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئامىركا ھېلى ئۇنى تېرورچى ھېلى بۇنى تېرورچى .ئۇ كاتتىباشنى ئۆلتۈردۇق بۇ كاتتىباشنى ئۆلتۈردۇق دەپ ئادەمنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرېتىدۇ دە .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量