نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟

ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو ھۆكىمىتى بىزنى دۆلەت بايرىمىلىق ئارام ئىلىشقا قويۇپ بەرگەندە، يىراقتىكى كاپىتالىزىم ئاتامانى ئا ق ش مۇ بىرمۇنچە ئادەملەرنى ئارام ئېلىشقا قويۇۋەتتى. لېكىن ئۇلاردا بايرام خۇشاللىقىدىن ئەسەر يوق، بايراملىق مۇكاپات پۇلىمۇ يوق بولۇپ، مەجبۇرى ئارامغا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاق ش فىدىراتسىيىسىنىڭ مەمۇرلىرىمۇ بارئىدى. دىمەك رىۋايەتلەردىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاقلىپ قىلىش ئىھتىماللىقى رېئاللىققا ئايلانغان بولۇپ، ھەتتا بۇ بىرمەزگىلدىكى ئوبامانىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆپۈككە ئايلاندى.

white-house-closed

ئا ق ش ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن تاقىلىپ قالىدۇ؟ ئەجىبا ئۇلار ئاخىرزاماندىن بىشارەت ئالدىمۇ؟

9-ئاينىڭ 30 –كۈنى ، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ shutdown بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ –ھەس قىلىشتۇق. دۇنياتارىخى ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئا ق ش غا ئائىت خىلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگىمەن دەپ يۈرەتتىم، لېكىن ماۋۇ ئىشقا نېسبەتەن ھېچنەرسە ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇ كۈنلەردە تاراتقۇلاردا ساپلا مۇشۇ گەپ ئىدى، تاراتقۇلاردىن بەكەرەك، كوچا-كويدىكى، ئىشخانىلاردىكى سىياسەتۋازلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋالىرى قالتىس ئىدى.

10-ئاي ئىچىدە مەن «ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا كېلىشى» دېگەن دەرسنى ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ماتېرىيال توپلىشىمدىكى ئەڭ جەلىپكار نۇقتا بولۇپ قالدى. كېيىن بىلدىمكى ئا ق ش دىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ۋەيران بولۇش»ى،ھۆكۈمەتنىڭ «تاقىلىپ قىلىش»ى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى قېتىملىق ئاق ش ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قالغان ۋاقتى 1996-يىلى ئىكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قىلىشىنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ سەۋەبى نېمە ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزۇمنىڭ ئا ق ش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ۋە ماۋۇ مەسىلىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ماتېرىيال كۆرۈپ ئىگىلىگەنلىرىمگە تايىنىپ بۇ ھەقتە كىچىككىنە بىلجىرلاپ باقاي:

ئالدىنقى قېتىمقى ھۆكۈمەت تاقىلىپ قىلىش ھادىسىىسدە نۇرغۇن كىشلەر ئاخىر زامان ۋەھىمىسىگە چۆككەن بولۇپ، بىراق بىرمەزگىلدىن كېيىن « قۇياش» يەنىلا چىققان. چۈنكى ئالدى بىلەن تاقىلىپ قالغىنى فىدراتسىيە ھۆكۈمىتى (Federal Government)، ئامېرىكا فىدراتسىيىسى ۋە ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ مالىيە سسىتېمىسى مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق ھەرقايسىنىڭ يەنىلا ئۆز بوشلۇقى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شىتاتلىق ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەنىلا نورمال ئىش يۈرگۈزىۋىرىدۇ. «تاقىلىپ قالغان» ى بولسا فىدراتسىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرى بولىدۇ. مەسىلەن؛ فىدراتسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مائاشى.  ئا ق ش دۆلەتلىك باغچىسى، نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئىلاھەسى ھەيكىلى ..قاتارلىقلارمۇ تاقىۋىتىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەرقايسى دۆلەتلىك مۇزىيلار، خاتىرە سارايلىرى قاتارلىقلارمۇ ئىشىك تاقىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاستانە ۋاشڭتوندىكى فود تېياتىرى (Ford’s Theatre) ھەتتا 10-ئايدىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ توختاتقان.

ئۇلاردىن سىرت، بۇ ئىشنىڭ تەسىر دائىرىسى باج ئىشلىرى،ھەربىي ئىشلارخىراجىتى، پاسپورت بېجىرىش قاتارلىقلارغىمۇ چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئىشلار يەنىلا ئاۋالقىدەك داۋام ئېتىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەرمۇ بۇ سەۋەبلىك ئوقۇش توختاتمايدۇ. Shutdown مۇھىتىدا تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىككى پارتىينىڭ ئىختىلابلىرى ھەققىدە بولىدۇ. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىشىچە ئەينى كۈنلىرى ئامېرىكا فىدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تورىمۇ تاقىلىپ قالغان بولغاچقا كېرەكلىك بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىشقا ئىمكان قىلالماپتۇ…

غەرب دىموكراتىك تۈزۈلمىسى ھوقۇقنى مەركەز قىلىپ پارلامىت ۋە پېرىزدىنت تۈزۈمىگە ئايرىلىدۇ.پارلامېنت تۈزۈمىدە ئەنگىلىيە ئەڭ كىلاسسىك. پارلامىنتتا قايسى پارتىيە كۆپ ئاۋازغا ئېرىشسە، شۇنىڭدىن باش ۋەزىر سايلىنىدۇ.شۇڭا كىشلەر يەنە ئەنگىلىيە تۈزۈمىنى پارتىيە ھۆكۈمىتى (Party Government) دەپمۇ ئاتايدۇ. مەلۇم پارتىيە كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەندىن كېين، قانۇن تۇرغۇزۇش، ھاكېمىيەت يۈرگۈزۈشى راۋانلىشىدۇ، چۈنكى باش ۋەزىر بىلەن پارلامنت ئۆز-ئارا تايىنىشىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، رەھبەر پارتىيە ئىشەنمەسلىك بېلىتى تاشلىسا بولىدۇ. باش ۋەزىر پارلامېنتنى ئالدىن تارقىتىۋىتىپ، قايتا سايلام يۈرگۈزسە بولىدۇ.

پىرىزدىنت تۈزۈمىدە بولسا ئەڭ ئالاھىدە نەرسە ھوقۇق ئايرىمىسى(Separation of Power) بولۇپ، پىرىزدىنت ۋە دۆلەت مەجلىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سايلام تەرتىپى ۋە ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ھوقۇق كاتىگورىيسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاق ش نى قۇرغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇلار مۇشۇنداق بولغاندا پىرىزدىنت ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھوقۇق تەڭپۇڭلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن مەزگىلىدىكى ھەل قىلىش چارىسىگە سەل قارالغان بولۇشى مۇمكىن.

بۈگۈن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىپ، پۈتۈن كۈچى  بىلەن دىموراكىراتلار پارتىيىسدىن بولغان پرىزدىنت ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھىسىگە قارشى چىقماقتا. ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەتتا ئۇلار «كېچىكتۈرمىسە ھۆكىمەت ئىشكىنى تاقاپ» تەھتىد سىلىشتەك چەكتىن ئاشقان تەدبىرنى قوللاندى. لېكىن ئوبامۇ قەتئى مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋايەتلەردىكى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قىلىشى» رېئاللىققا ئايلاندى.

بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان داۋالاش ئىسلاھاتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئوباما تەرەپ تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تىركىشىۋاتىدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا ئاساسى قانۇننى دەستەك قىلىپ، ھۆكىمەتتىن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. غەربتىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئا ق ش داۋالاش تۈزۈلمىسى جەھەتتە ئارقىدا قالغان ھېسابلىنىدۇ. ئەنگىلىيە 1948 –يىللىرى پۈتۈن خەلققە يۈزلەنگەن داۋالاش تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىپ بولغان، باشقا غەرب ئەللرىمۇ تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىغا قارىتىلغان شۇ خىلدىكى ئىسلاھاتنى تاماملاپ بولغان، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆرسەتكۈچنىڭ ئاز-كۆپلىكىدىلا كۆرۈلىدۇ. ئەمما ئا ق ش دا بولسا داۋالاش سىستېمسىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا خۇسۇسى شىركەتلەر رەھبەرلىك قىلىدۇ، داۋالاش سۇغۇرتىسى ناھايىتى قىممەت بولۇپ، كۆپ ساندىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەربۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بولسا كۆپ ساندىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇڭا سايلام خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوبامانىڭ ئىسلاھاتىنى توسۇش  كېرەك.

بۇ قېتىمقى ئامېرىكا فىدراتسىيىسنىڭ تاقىلىپ قىلىشىدىن كېيىن ئۈچتىن بىر قىسىم خادىم  ئائىلسىىدە مائاشسىز ئارام ئىلىشقا قويۇپ بېرىلدى. ھەرقايسى شىتاتلىق ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نورمال خىزمەت يۈرگۈزدى.

ئاق ش ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋىتىلگەن، ئىككى پارتىيىلىك تۈزىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۆز-ئارا ئۈنۈملۈك چەكلەش، كەمچلىكى بولسا ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش. نۇرغۇن قانۇن لايىھەلىرى مەنپەئەتكە تاقالغاندىن كېين مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئەيتاۋۇر  ئامېرىكا فىدراتسىسيىسى مانا مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمىغىمىز تەس بىر دۆلەت، ھەربىر ئىشى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ۋاشىڭتوندا ياشايدىغان نۇرغۇن كىشلەر بۇ مەزگىلدە يەنە بىر ئىشتىن خۇشال بولۇشقان، نۇرغۇن ھۆكىمەت خادىملىرى خىزمەتكە بارمىغانلىقتىن  قاتناش قىستاڭچىلىقى بىرمەزگىل پەسىيىپ، يوللار راھەت بولۇپ كەتكەنمىش ھاھاھا…قارىغاندا ئامېرىكانلار ھەرقانداق چاغدا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن خۇشاللىق تاپالايدىكەن.

قوشۇمچە: بۇ توغرىسىدا تورداشلار يەنە ئوبامانى ھەزىللەشتۈرۈشنى ئۇنۇتمىغان. تۆۋەندىكى سىننىڭ بىۋاستە 1:25 سكونتلۇق يېرىدىن باشلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاقالغاندىن كېيىن ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانمىش…



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,555 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: white-house-closed.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياخشى ئۇكاش 2013.11.18 , 11:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا بۇ چەتئەللىكلەر دىگەن بەك غەلىتە ئىكەن،
    ھۆكۈمەتنىمۇ تاقاپ قويدى دىسە!

  2. جاھانكەزدى 2013.11.18 , 12:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم . رەھمەت

  3. ۋىروس 2013.11.18 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قورقۇنۇچلىقى ھۆكىمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ئەمەس، بەلكى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ ھۆكىمەتكە تەھتىت كۆرسىتەلمەسلىكى ….

  4. تۇنجەر 2013.11.18 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ دۆلەتتە ھۈكمەت دەششەت باي تۇختىماي شۇئار توۋلاپ خەلىققە ياردەم قىلىدۇ ، لىكىن خەلىق يەنىلا شۇنچە نامرات ئامىركىدىچۇ ؟ خەلىق باي ھۈكمەت نامرات ! جۇڭگوچىلىقتا ھۈكمەت ئورنىغا ئۇرۇنلىشۋالسا بولدى كىشىلەرنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى بۇرنىغا تىگىدۇ ئەمما ئامىركىدا….

  5. چايان 2013.11.18 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى بىردۆلەتتە نەچچەئاي ھۈكۈمەت يوق تىپ-تىنىچ ئۆتكەنلىگىنى دەۋاتاتتى لىكىن بىزنىڭ بۇيەردە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،:!:

  6. تۇيغۇن 2013.11.18 , 16:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ. ئاۋۇ ئوبامانىڭ سۆزلىگىنى چانماپتۇ . ھە :mrgreen:

  7. بىكاچى 2013.11.18 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھۆكىمەتنىڭ ئىشى شۇنداق بولىدۇدە ئىشىكنى تاقىدى دەپلا بىردۆلەتىنىڭ رەھبىرىنى نەق مەيداندا كىيىم كىچىكلىرى سالدۇرۇپلا قوغلايدىكەن! خۇددى كىيىن قايتىپ كەلمەيدىغاندەك
    كىيىمىنى سالدۇرۋەتسىلا ئادەتتىكى بىر نىگىر دە بۇ ! ھىچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ :neutral:

  8. شامال 2013.11.18 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە… ئەسلى مۇندا ئىشكەندە..!
    « يولۋاس ئۈچ كۈن تاغدىن چۈشسە , مايمۇن ئۈچ كۈن پادىشاھ بولۇۋاپتۇ» دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ !? ئەمدى قايسى مايمۇن تاغدا پادىشاھ بولاكى دېسەم ھېچقايسىسى بوممىغان ئوخشايدۇ…

  9. موگو 2013.11.20 , 11:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئامرىكىنىڭ گۇمران بولغىندىن دىرەك بەرمەيدۇ ،
    ئىشلار تىخى ئالدىمىزدا ،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量