ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
ئامېرىكىلىقلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەرخىل بولۇپ، بالىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر ئۇششاق ھالقىلىرىغىچە گەۋدىلەندۈرەلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەسىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ رۇخسەت سوراش خېتىنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتىكى بىر رۇخسەت سوراش خېتىغىمۇ مول تەسەۋۋۇر يۇغۇرۇلغان، مەنچە بۇنداق رۇخسەت سوراش خېتىنى كۆرگەن ھەربىر ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوغرىلىقچە كۈلۈپ سالىدۇ.
بەلكىم بەزىلەر بۇنىڭدا «يالغانچىلىق قىلىش» دەپ باھا بېرىشى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق بىلەن تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ پەرقى زور. مەنچە مەلۇم بىر قېلىپ ئىچىدە ياشاپ، ھەربىر ئىشىنى مەلۇم بىر قېلىپقا ۋە مەلۇم قائىدە-قانۇنىيەتكە چۈشۈرۈشكە كۆنۈشتىن، ئادەم تەسەۋۋۇر كۈچىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر ئىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەل. تۆۋەندىكىسى مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئامېرىكىدا خەنزۇتىلى دەرسى ئۆتكەن ۋاقتىدا يىغىپ، ساقلىغان رۇخسەت سوراش خەتلىرى، گەرچە بۇ بالىلار مەلۇم بىر ئاقماس باھانە سەۋەبلەر بىلەن رۇخسەت سورىغان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ باھانە-سەۋەبلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. شۇڭا بۇ يەردە بۇ رۇخسەت سوراش خېتىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
1. قەدىرلىك مۇئەللىم، مومام بەك قېرى بولغاچقا، قەھۋەنى كۆپ ئىچىۋىتىپ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭغا ھېچنىمە بولمىدى. ئەمما ئۇ پەلەمپەيدىن يىقىلغاندا، ئاپامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، بىچارە ئاپامنى ئايلاندۇرۇپ قويدى، ھازىر ئاپام دوختۇرخانىدا. بىچارە دادام بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىگەچكە، دوختۇرخانىدا نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالدى. شۇڭا مومام بىلەن ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسى ماڭا يۈكلەندى. ئەپسۇسلىنارلىقى، سىڭلىم ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەچكە، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، مەن چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە، بۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان جىنتەكنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك.
2. قەدىرلىك مۇئەللىم، سىز نېمىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈم شەھەردىن يىراق بولغاچقا، نەتىجىدە تۈنۈگۈن كەچتە ئۆيىمىزگە بۆرە كەلدى. بۆرە جۇمۇ بۆرە، ئاھ خۇدا، جىنىم مۇئەللىم ماڭا ھېسداشلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۆرىنىڭ ئائىلىلەرگە بۆسۈپ كىرىشى، ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، شۇڭا مەن بۆرىدىن قورقۇپ ئايلىنىپ قالدىم. ئاپام قورققىنىدىن چىقىرىپ كەتتى، ئەمما ئۇ ھېچنىمە قىلالمايتتى. ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ ئۇلۇغ ھەم قەيسەر دادام مېنى كۆتۈرۈپلا بۆرىگە قارىتىپ ئاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن يارىلاندىم، بۆرىمۇ يارىلاندى. شۇڭا مەن يارىلاندىم، ئۆيدىكىلەر مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، ھېلىقى بۆرىنى نەگە ئاپىرىۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىم، پەقەت ئۇ بۆرىگە ھېسداشلىق قىلىمەن…..
3. قەدىرلىك مۇئەللىم: دۇنيادا سىزچە مەندىن بەكرەك پالاكەت باسقان ئادەم بارمىدۇ؟ مۇئەللىم ئۆيىمىزدىكى ئوچاققا ئوت كەتكەنىدى، مەن دەپ ئوت كەتكەن ئوچاق بار ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيدە بولغاچقا، مەن ئىستا دەم ئالالماي قالدىم. ئەمما يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرگە تېلېفون قىلدىم. تەلىيىمىزگە ئۇلار سۇ چېچىپ ئوتنى ئۆچىرىۋالدى، ئەمما مەن زۇكام بولۇپ قالدىم.
4. قەدىرلىك مۇئەللىم، ئوغلۇمنىڭ نامىدا سىزدىن رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. ئوغلۇم ھاجەتكە كىرەلمەي، قورسىقى ئاغرىپ بەك ئازابلىنىپ كەتتى، ئەمما ئۇ قەۋزىيەت بولۇپ قالمىدى، پەقەت بىزنىڭ ھاجەتخانا بۇزۇلۇپ قالغاچقا، ئۇ ھاجەتخانىغا كىرەلمەي بەك ئازابلىنىپ كەتتى، ئامالسىز خوشنا مەھەللىدىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە بارغانتى، ئۇلارنىڭمۇ ھاجەتخانىسى بۇزۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا كىرسە قاۋاقخانىدىكىلەر ئۇنى قۇرامىغا يەتمىگەن دەپ كىرگۈزمەپتۇ، كىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئىسپات بولىشى كېرەككەن، شۇڭا ئوغلۇم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بېرىپتىكەن، بىر ئەركە-نايناق خېنىم يۈگۈرۈپ كېلىپ «مەي مۇئەللىم، ئۇ مېنىڭ دائىملىق خېرىدارىم» دەپتۇ.
5. قەدىرلىك مۇئەللىم، ناھايىتى ئەپسۇس، ئوغلۇم بۈگۈن مەكتەپكە بارالمايدىغان بولدى، چۈنكى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ سومكىسىنى مىترو ئىشىكى قىسىۋالغانىكەن، شامال بەك كۈچلۈك بولغاچقا، سومكىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ، كىتابلىرى بىراقلا چېچىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر كېچە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ كىتابىنى تېرىدۇق، ئاقىۋەت ئوغلۇم ئىككىمىز ئاغرىپ قالدۇق، چۈنكى كىتاب تېرىش جەريانىدا مىترونىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتۇق.
6. قەدىرلىك مۇئەللىم، مەن مەكتەپكە بارالمايدىغان بولدۇم، شۇڭا ئامالسىز رۇخسەت سوراش خېتىنى ئاننىغا بېرىپ قويدۇم. كۈچۈكۈم تۈنۈگۈن كەپسىزلىك قىلىپ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمنى يەۋىتىپ، ئۆلۈپ قاپتۇ. كۆڭلۈم بەك يېرىم، بۈگۈن ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىسەم بولمايدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ قاتناشسىڭىز بولىدۇ.
7. قەدىرلىك مۇئەللىم، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر بالا مۇنچىغا چۈشۈپ بولۇپ، تۇرۇببىنى ئېتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن. مەن ئۇخلاۋاتقاندا سۇ ئۈستۈمگە تامچىلاپ چۈشۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم. زۇكام بولۇپ قالمىدىم، كېسەل بولۇپ قالمىدىم، مۇئەللىم، ئىشىنەمسىز، ئۇ سۇ بەك سېسىق بولغاچقا، مەن ئايلىنىپ كەتتىم.
8. قەدىرلىك مۇئەللىم، تۈنۈگۈن ئاكام بىلەن بىلەن سوقۇشۇپ تاپشۇرۇقلىرىمنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتكەنىدى، مەن ئالدىراپ كېتىپ دېرىزىدىن سەكرەپتىمەن. تەلىيىمگە تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئەمما مەن ھەيران قالارلىق ھالدا ئۈچىنچى قەۋەتتىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ، ھېچنىمە بولمىدىم، پەقەت تېرەم ئازراق سويۇلۇپ كەتتى.
9. قەدىرلىك مۇئەللىم، تۈنۈگۈن تەيفىڭ بورىنى چىقتى، بىلىسىزغۇ؟ تەلىيىمگە مەن سېمىز بولغاچقا، بوران ئۇچۇرۇپ كېتەلمىدى، ئەمما ئاپام قورايدەك ئورۇق بولغاچقا ئاپامنى بوران ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئۇنى قوغلاش ئۈچۈن 49 كوچىنى يۈگۈرۈپ چىقىپتىمەن. ئاخىرىدا ئۇنى ئىستولبىغا ئېسىلىپ قالغان يېرىدىن تېپىۋالدىم، ئۇ ۋاقىتتا ئاپام ئايلىنىپ قالغانىكەن.
10. قەدىرلىك مۇئەللىم، قىز دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا بۈگۈن چوقۇم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىم كېرەككەن. غەلىتە يېرى ئۇ ئەمدى توققۇز ياشقا كىردى، مەن ئەمدى سەككىز ياشقا كىردىم، شۇنداق تۇرۇپ بالىلىق بولىدىكەنمىز. ئەمما بالىنى چۈشۈرىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، دادا بولالمايدىغان بولغاچقا كۆڭلۈم بەك يېرىم. ئەمما كەلگۈسىدە چوقۇم دادا بولالايدىغىنىمغا ئىشىنىمەن.
11. قەدىرلىك مۇئەللىم، تۈنۈگۈن ئاپام مەست بولۇپ قېلىپ، مېنى دادامغا ئوخشىتىپ قاپتۇ، نەتىجىدە تۈنۈگۈن كەچتە ئۇ مېنى ھارغىچە تىللىدى، مەن ئۇنىڭ تۈكۈرۈكلىرىگە كۆمۈلۈپ قالدىم. كەچۈرۈڭ، مەن بۈگۈنگە قەدەر پاكىز يۇيۇنۇپ بولالمىدىم، پۈتۈن ئەزايىمغا ئۇنىڭ تۈكۈرۈكلىرى چاپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
12. قەدىرلىك مۇئەللىم، دادام تۈنۈگۈن بىر ئەرنى ئۆيگە باشلاپ كەپتۇ، مەن ئاپام ئىككىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم، نەتىجىدە كېچىچە كارىۋات ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ، ئەتتىگەندە تۇرالماي قالدىم.
13. قەدىرلىك مۇئەللىم، ئاخشام چۈشۈمدە پەرۋەردىگارنى كۆردۈم، ئۇ ماڭا بۈگۈن مەكتەپكە بارسام سىزدىن تىل ئىششىتىدىغانلىقىمنى ئېيتتى، شۇڭا رۇخسەت سوراشقا مەجبۇر بولدۇم.
14. قەدىرلىك مۇئەللىم، بۈگۈن ئۆيىمىزدىكى گۈل ئېچىلىپتۇ، نېمىدىگەن غەلىتە، نېمىشقا بۈگۈن ئېچىلىدىغاندۇ، ئۇلار مېنىڭ بۈگۈن مەكتەپكە بارىدىغانلىقىمنى بىلمەمدىغاندۇ؟ سىزنىڭ كەڭ تەبىئەتنى كۆزىتىش كېرەك دىگەن سۆزىڭىز بويىچە ئۇلارنى كۆزەتمەكچى بولدۇم، شۇڭا رۇخسەت سوراشقا مەجبۇرمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: بالىلار، قىزىقارلىق، مەكتەپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,521 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kid-funny-leave-excuse.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى 3- سان 1114[37P]
- كېيىنكى يازما > ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
ئازراقمۇ قىزىقارلىق ئەمەسكەن ، ئەمما تەسەۋۋۇرغا باي كەن ……
بىزنىڭ بۇ يەردىكى بالىلارمۇ مۇشۇنداق رۇخسەت سوراش خىتى يىزىپ ئوقۇتقۇچىسىغا بەرسە، مۇئەللىملەر تىللاپ تۈكۈرۈككە كۆمىۋىتىدۇ.
ئۇنداق رۇخسەت سوراش خېتىنى مۇئەللىمگە بەرسەم ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن قىلىپ سۈرۈش تۈرمەي قاممايدۇ.
يالغانچىلق دىگەننى بەكلا تەبىئي قىلىدىكەنغۇ بۇ ئوماقلار،،،لىكىن 10-ىسى
ئۆزىچە مۇشۇ گەپلە بىلەن مۇئەللىمنى ئالدىماقچىكەندە ، لىكىن گەپلىرى بەك ئۇماقكەن
بىركۈنى كەچتە ئاغىنەمنىڭ ئۈيىدە قۇنۇپ كىلىمە دەپ ئانامدىن رۇخسەت سورىغان ، ئۇ ئاغىنەم مىنىڭ ئۈيۈمدە قۇنۇمە دەپ رۇخسەت سورىغان ، ئىككىمىز باشقا بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ، توۋا دەيلى ، ئەتىسى ئادىىشىمنىڭ ئاپىسى بىلەن مىنىڭ ئانام بازادا ئۇچرىشىپ قاپتۇ ، يالغانچىلىقىمىز نەچچە سائەتتىلا پاش بوغان ، شۇنىڭ بىلەن كەچتە تاياق يىگەن
نىمىدىگەن قىزىقارلىق بەك يۇمۇرىستىك تەسەۋۋۇرغا بەك باي ىىكەن
لىكىن بىزنىڭ مۇئەللىم راس ئشى چىقىپ قالغان بوسىمۇ بەرمەيتى ،شۇڭلاشقا رۇخسەت سوراشىنىڭ ھاجىتى يوقىتى،
ھەقىقەتەن بىر خىل ئىغىر ئالماسلىق تەنقىد قىلماسلىق تۇسىنى ئاپتۇ .
مەن بىر قىتىم يولدىن بىر رۇخسەت سۇراش خېتىنى تىپىۋالغان ، ھازىرمۇ پورتىمالىمدا بار ، مۇشۇ بانا بىلەن سىلەرگە ئۇقۇپ بىرەي . بۇ باشلانغۇچ ئۇچىنجى يىللىقتىكى بالنىڭ خېتى .
‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاينۇر خانىم ، بۇگۇن دۇشەنبە بولغاچقا ، دادام بازاغا قوي ئاپىرىپ ساتىدىكەن ئىدۇق ، مەن شۇ قوينىڭ كەينىدىن ھەيدىشىپ بەرمىسەم بولمايدىكەن ، شۇنىڭ ئۇچۇن ماڭغا بىر كۇن رۇخسەت بەرسىلە دەپ يازغۇچى مۇختەر ياسىندىن . ››
مانا شۇنىڭ بىلەن يېزىدا ئوقۇيدىغان ، دۇشەنبە كۇنى بازار بولىدىغان سەھرا بالسىنىڭ رۇخسەت سۇراش خېتى . شۇ چاغدا ئوقۇپ قانداق ھېستاتتا بولغىنىمنى بىلەمسلەر ؟
قوي ھەيدەيمە دەپ راست گەپ قىپتۇ……ئاشۇ قوينى بىرە ئىقتىساددتىن قىيىلىنىپ قالمىسا ھەرگىز ساتمايدۇ…..مەكتەپ مۇھىم ئەلۋەتتە ،ئەمما ئۆيدىكى ئىشمۇ مۇھىم …ئادەتتە باشقا رەسمىي بىر ئىش كەلمىسە ھېچكىم بىكاردىن روخسە سورىمايدۇ.ئۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ رۇخسەت بەرمىگىنى تېخى…
قەدىرلىك مۇئەللىم سىزبىزگە دائىم خوش ياقمىسا مەكتەپگە كەلمەڭلار دەپ بەك ۋاقىرايتىڭىز،مەن سىز دىگەن بويىچە چوڭلارنى ئالدىسام بولمايدىغانلىقى دەرھال ئىسىمگە كېلىپ سىزنى ئالدىسام بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم شۇڭغا بۈگۈن مەكتەپكە بارمايمەن.
دەششەت جۇمۇ
بۇ يىزا تەرەپتە نەدە رۇخسەت سورايدىغان گەپ.ئەگەر راس ئىش بوپ قالسا ئېغىزدا دەپ قوياتتۇق بەسە بەدى بەمىسە كەلمەيدىغان گەپ