زېرىكىشلىك كۈنلەردە مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسىڭىزمۇ خېلى زېرىكىپ قالىسىز
تورخۇماردا يېڭى تېما يوق زېرىكىپ كونا تېمىلارنى ئارىلاپ ئولتۇردىڭىزمۇ؟ بىرەر تېما يېزىپ ئاپتورلۇق قىلىش يادىڭىزغا كەلمىدىمۇ؟ باشقا ئاپتورلار نېمىش قىلىۋاتقاندۇ؟
بۇ يېڭى نەرسىمۇ ئەمەس، خېلى ئىلگىرى توردا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈن كومپيۇتېرنى رەتلەۋېتىپ قارىسام ئۇچراپ قالدى، نېمە نەرسىكىن دەپ قاچىلاپ كۆرۈپ باقسام، مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەيدىغان ۋە شۇ ئىزلارغا ئاساسەن بىر پارچە رەسىم سىزىپ بېرىدىغان يۇمشاق دېتال ئىكەن. بۇ دېتالنىڭ ئىسمى IOGraph، تورخۇماردىكىلەر قىززىقساڭلار بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئۈستىدىكى «رەسىم»نى تورداشلار IOGraph تىن پايدىلىنىپ 8 سائەت ۋاقىتتا سىزىپ چىققان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، 8 سائەت ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ پۈتتۈرگەن نەتىجە دېيىشكە بولىدۇ. ئىنچىگە سىزىقلار مائۇسنىڭ ئىزلىرىنى بىلدۈرىدۇ، قارا رەڭلىك چەمبىرەكلەر بۇ ئورۇندا مائۇسنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چەمبەر قانچە چوڭ بولسا، توختىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
تېمىنى ئوقۇماي چۈشۈرۈش ئادرېسىنى سورايدىغان ئاقپىشماقلار ئۈچۈن يەنە ئايرىم چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي.
ئەگەر ھەقىقەتەن بەك زېرىككەن بولسىڭىز، 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ مائۇسىڭىزنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىشقىلىپ تورخۇمارغا قاراپ ئولتۇرغاندىن، بىرەر ئىككى تېما يېزىپ قويغاندىن، ياكى بىرەر ئىككى پارچە ھېلىقىدەك رەسىم چاپلاپ قويغاندىن ياخشى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: يۇمشاق دېتال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,207 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mouse-movement-pic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
- VirtualBox ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
باشىلۋەتتىم
مىنىڭ مائۇسۇمدىكى ئىنچگە سىزىقلار شۇنچقلىك چىقتىكى، قاتمۇ قات گىرەلىشىپ كەتكەن يۆگىمەچكىلا ئوخشاپ قالدى. باشقىلارنىڭ قانداق ئىنكاس بولدىكىن قېنى.
ياخشى دىتالكەن مەنمۇ ئەتە بىر كۈنلۈكنى سىناپ باقاي قېنى
مەن يەنە بىژ قېتىم ئەسكەرتىپ قۇياي جۇما ، مىيەدىكى بېشى يوق ئابومېك مەن ئەمەس ، ھەم بۇ باشسىز ئابومنىڭ ھەرقانداق ئىنكاسى بېشى با ئابومغا ۋەكىللىك قىممايدا !ئابوم سۆزىنىڭ ھېچقانداق لۇغەت مەنىسى يوق ، پەقەتلا ئاچام كىچىكىمدە ئىسمىمنى تۇلۇق ئاتىيالماسلىقتىن قۇيۇلۇپ قالغان كىچىك ئىسىم ، ھازىرغىچە بەزى ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرەدەرلەر ئارىسدا مۇشۇ ئىسىم بىلەن چاقىرلىپ قېلىنىۋاتىمەن ، شۇڭا ئابوم سۆزىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەسكەرتىش ، بۇ ئىسمنى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بۇلىدۇ ، لىكىن ئابوم سۆزىنى ئىشلىتىشتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە ، بېشى با ئابومجان ھەرقانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدا جىما
بىر ئىش كاللامغا كەپ قاغىلى خېلى بوغان ، مەسلەن بىز ئىنكاس يازغاندا ئىنكاسقىمۇ رەسىم چاپلاپ يوللىغىلى بوغان بوسا بەك بەلەن بۇلىتى ، مۇشۇنداق تىملارغا ئۆزىمىزنىڭ سىزغان رەسىمنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قۇياتتۇق ، مىنىڭچە مۇشۇنى تېخنىك جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بۇلامۇ ؟ يا بۇندا قىلىشنىڭ تازا ئەھمىيىتى يوقمىدۇ ؟ سىلەمۇ بىر نەسە دەپ بېقىڭلىيا باللا …
قوللايمە ن
ياخشى پىكىر، مېنىڭمۇ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا پىكىر قىلىش خىيالىم باتتى، لىكىن خۇمارىم تۇتقاندا دىيىشنى ئۇنتۇپ قەپ يۈرگەن، بۈگەن ئەجەپ ياخشى ئېسىمگە سالدىڭلا.
ئەگەر ئىنكاس يازغاندا بىرەر پارچە رەسىم ياكى فىلىمنى قوشۇپ يوللىغىلى بولغان بولسا بىزمۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ياكى فىلىم يوللاپ بىلىمىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋالغان بولاتتۇق.
كۇلۇب دېرىكتورىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا جاۋاب قايتۇرۇشىنى سوراي(مىز)مەن.
بىر قەدەر كەسپى بولغان كومپىيۇتۇردا ھەرخىل شەكىل ۋە رەسىم لاھىلەش ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ يىڭى دىتاللار بولسا بىر تۇنۇشتۇرۇپ باقساڭلار بوپتىكەن …
يېڭىلىرى بار، لېكىن مەن يەنىلا Photoshop بوۋاينى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ بىر قەدەر كەسپىي ئەمەس بەلكى تولۇق كەسپىي رەسىم، شەكىل بىر تەرەپ قىلىش دېتالى… گەپ پەقەت قانداق ئىشلىتىشتە
رەھمەت…….Photoshop تا قۇرلۇش بىناكارلىققا ئوخشاش لاھىيىلەرنى بولسۇن ياكى بىرەر ماشىنا ياكى قول سائىتى ياكى كىيىم كىچىەك بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق شەكىل دىگەندەك لاھىيىلەرنى بولسۇن شۇ كەسىپكە لايىق ئولچەملىك سىزغىلى بۇلامدۇ ….
Photoshop تا ياخشىراق ئۈگەنسىڭىز شۇ نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقالايسىز. ئەمما قۇرۇلۇش بىناكارلىق، ماشىنا، قول سائىتى، كىيىم-كىچەك قاتارلىقلارنى لايىھىلەشكە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس دىتاللار بار. ئەمما Photoshop تا ئۆلچەملىك سىزىپ چىققىلى بولمايدۇ.
قۇرۇلۇش بىناكارلىقتا ئەگەر كەسپىي ئىشلىتىمەن دېسىڭىز 3Ds Max، AutoCAD،Maya قاتارلىق ئۈچ تەكشىلىك لايىھەلەش دېتاللىرى بىلەن Photoshop نى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ھەقىقىي ئۈنۈمدىكى مەنزىرىلەرنى لايىھەلەپ چىقالايسىز.
ياكى شۇ خىلدىكى كەسىپلەرنىڭ ئوز ئالدىغا لاھىلەش دىتاللىرى بامۇ … ؟
بىناكارلىق، قۇرۇلۇش، ماشىنا ، قول سائىتى، كىيىم-كىچەك قاتارلىقلارنى لايىھىلەشتە ئاساسلىقى 3d max، cad ئىشلىتىدۇ.
رەھمەت
بۇ بولىدىغان دېتالكەن.
ماۋۇ تېمىنى كومپىيۇتېردا IE10 تور كۆرگۈچىدە ئاچسام يانفون نۇسخىسى بېتى ئېچىلىۋاتىدۇغۇ ؟ بۇندا ئەھۋال سىلەنىڭكىدىمۇ بارما ؟
ۋوي مىنڭمۇ ئاشتا چىقىۋالىدا بەزىدە ، تېلفۇندا ئاچسام كومپىيۇتېر بېتىگە يۈگۈرۈپ قۇيىدۇ تېخى ئېقىمنى مىقدارىنى خورىتىپ ، ۋايپايدا چىقسام كۈرۈۋىرىمە
مەن مائۇسۇمنىڭ 1800 سىكونت ۋاقىت ئىچىدىكى ئىزىنى كۆزەتسەم 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كۆرەشچى ئايروپىلانلار جەڭ قىلىۋاتقاندا قۇيرۇقىدىن چىقارغان ئىس تۈتەككنىڭ رەسىمىنى سىزىپتىمەن. (گەرچە سىزىق ئىنىچىكە بولسىمۇ)
ماۋۇ تېمىنى كومپىيۇتېردا قاپلان تور كۆرگۈچىدە ئاچسام يانفون نۇسخىسى بېتى ئېچىلىۋاتىدۇغۇ ؟
مەن چۈشۈرۈپ قوزغىتاي دىسەم This application requires a java Runtime Environment 1.5.0 دەپلا چىقىدا ؟
چۈشۈرەلىگەنلە ماڭا يوللاپ بەرساڭلا qq2392918424