نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

VirtualBox ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى

virtualbox

مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى توغرىسىدا توختالساق، ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىك ھەممەيلەن VMWare ۋە Microsoft نىڭ Virtual PC قورالىنى ياخشى بىلىدۇ. بۈگۈن تەدبىركار كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنى، يەنە بىرخىل تۈردىكى ئۆزى يېنىك بولغان مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى VirtualBox. ئۇ ئەسلىدە گېرمانىيەنىڭ Innotek شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، كېيىن Sun شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. بىراق بۇ قورال تاكى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل ھەقسىز بولۇپ كەلمەكتە. ئەسلى كودىنىڭ ئوچۇقلىقى، سۇپا ھالقىپ خىزمەت قىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئاددىيلىقى، مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.

1-1

VirtualBox ئالاھىدىلىكلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ئىقتىدار جەھەتتە ناھايىتى ئىلغار. VirtualBox نى Linux، Mac ياكى Windows كومپيۇتېرلىرىدا ئوخشاشلا خىزمەت قىلىشىمۇ، نۇرغۇن ئابونتلارنىڭ VirtualBox نى تاللىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. Ubuntu قاتارلىق سېستىمىلاردا Windows تىكى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالغاندا، VirtualBox نى قاچىلاش ۋە ئىخچاملاشتۇرۇلغان XP دىن بىرنى ئورنىتىپلا مەشغۇلاتنى ئىنتايىن قولايلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. VirtualBox تا قاچىلاشقا بولىدىغان ئابونت مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىن Windows (NT 4.0، 2000، XP، Server 2003، Vista)، DOS/Windows 3.x، Linux (2.4 ۋە 2.6)، OpenBSD قاتارلىقلار بار. ناۋادا سىز ئىلگىرى مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا شۇ تەجرىبىڭىز بىلەن VirtualBox نى تېخىمۇ ئاسان ئىشلىتىپ كېتەلەيسىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى باشقا مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىغا نىسبەتەن كۆپ ئاددى.

VirtualBox2

VirtualBox3

VirtualBox يەنە Remote Desktop Protocol(يىراقتىن كونترول قىلىش RDP) ۋە iSCSI ھەمدە USB لارنىمۇ قوللايدۇ. VirtualBox ئابونت مەشغۇلات سېستىما يۈزىدە USB 2.0 ئۆلچىمىدىكى قاتتىق دېتاللارنى خالىغانچە ئورنىتىشقا بولىدۇ.

VirtualBox4

VMWare ۋە Virtual PC بىلەن سېلىشتۇرساق: Virtual PC ئۆزىدە USB ئۈسكۈنىسى قوللىمايدۇ، يەنى مەۋھۇم مەشغۇلات سېستىمىسى ئىچىدە بارماقدېسكا، MP3 دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتەلمەيمىز. شۇ سەۋەپتىن گەرچە Virtual PC غا Microsoft نىڭ بەلگىسى ئۇرۇلغان بولسىمۇ، بەزىدە ئېھتىياج تۈپەيلى تاللاشقا ئىمكانىيەت يوق. VMware غا كەلسەك، ئاۋال ئۇ بىر ھەقلىق يۇمشاق دېتال، ئاندىن قالسا سىغىمى بەكلا چوڭ، مۇرەككەپ مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، سىغىمى كىچىك، ئەپچىل، ھەقسىز بولغان VirtualBox ئادەتتىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
VirtualBox نىڭ قوزغىلىشى سۈرئىتىمۇ خېلى تېز، ھەم كۆرۈنمە يۈزىمۇ خېلى مودا. ئاۋاز سۈپىتىگە كەلسەك، VirtualBox نىڭ ئاۋاز سۈپىتى دېگەندەك ئەمەس، ئۆزىدە تەمىنلىگەن مەۋھۇم ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلىتىپ مۇزىكا قويغاندا قېتىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ، USB لىق نائۇشنىك ئىشلەتسەك تېخىمۇ ناچار. VMWare نىڭ ئاۋاز سۈپىتى خېلى ياخشى، مەيلى ئۆزىدە تەمىنلىگەن مەۋھۇم ئاۋاز كارتىسى بولسۇن، ياكى USB لىق تىڭشىغۇچ بولسۇن ئاۋاز سۈپىتى خېلى ياخشى ۋە راۋان. بىراق بۇ ئاۋاز كارتىسى ۋە ئاۋاز كارتىسى قوزغاتقۇچ پروگراممىىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن.

VirtualBox5

ئەمما شەخسى ئابونتلارنىڭ ئېھىتىياجى ياكى، ياكى خىزمەت، پروگرامما تۈزۈشتە قوللىنىش جەھەتتە بولسۇن، VirtualBox بۇ خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدۇ. VirtualBox نىڭ يەنە بىر خىل تېخنىكىسى ئىنتايىن قولايلىق، يەنى ئىككى خىل مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىرگە قويۇپ تۇرۇپ، قوللىنىشچان پروگراممىلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ…

VirtualBox نى چۈشۈرۈش:

Windows نەشىرىنى چۈشۈرۈش    |     Linux نەشىرىنى چۈشۈرۈش      |      مەنبە: تورخۇمار      |     Mac نەشىرىنى چۈشۈرۈش



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2012.11.20 , 20:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئۇبۇنتۇنى مۇشۇنىڭدا ئوينايتتىم…

  2. بانكىر 2013.04.05 , 16:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىنى بىر سىناپ باقاي

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量