ئالما شىركىتى iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نى ئېلان قىلدى! Mac OS تىكى iPhoto مۇ ئاخىرى iOS قا ئورۇنلاشتى!
ئالما شىركىتى بۈگۈن سەھەردە يېڭى بىر ئەۋلاد The new iPad نى ئېلان قىلىپلا قالماي، يەنە iOS 5.1 ۋە iTunes 10.6 نىمۇ ئېلان قىلدى! iOS 5.1 دە ئاساسلىقى iPhone 4S تىكى توكنى زىيادە خورىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۇسخىدىكى Siri غا يەنە ياپونچە قوشۇلغان. iTunes 10.6 دىمۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان Apple TV ئۈچۈن 1080P لىق سىننى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
iOS 5.1 دىكى يېڭىلىقلار:
Siri غا ياپونچە قوشۇلغان. ئالدىنقى يىلى ياپونىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، Apple شىركىتى ئىزچىل ياپونىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە بولغان ياپون تىلىنى Siri غا قوشۇش بۇنچە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان يەردە، ناۋادا ئۇيغۇرچىنى قوشۇپ بەرگەن بولسا تېخىمۇ فەچەت ئىش بولاتتىدە؟
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، iCloud قا يوللانغان سۈرەتلەرنى ئۆزى ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ئىلگىرى بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەلۇم بىر قىزچاق بىر دانە iPhone 4S تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ھاياجاندا دەھشەت سۈرەتلەرگە چۈشىۋەتكەن، بۇ سۈرەتلەر iCloud قا ئاپتوماتىك ھالدا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى ئۆچۈرۈشكە ئامالسىز ئىدى. ئەسلى تېلىفوننىڭ ئىگىسى iCloud قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن يانفوننى تېپىۋالغان قىزچاقنىڭ سۈرەتلىرىنى بايقاپ قالغان.
باشقا يېڭىلىقلارمۇ خېلى كۆپ، ئەلۋەتتە، بۇنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ئالدىرىماي ھېس قىلىۋالالايدۇ دەپ ئويلىدىم.
iOS 5.1 نىڭ ھەرقايسى iDevice لار نەشىرىنى چۈشۈرۈش:
ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە iOS 5.1 نى تېخى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى يوق، ناۋادا سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، iOS نىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرگەندە ياخشىراق ئويلىنىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
iOS 5.1 نىڭ iPhone4S/iPhone4/iPad1/iPad2/iPod Tocuh/iPhone 3GS نەشىرلىرىنى چۈشۈرۈش
iTunes 10.6 نى چۈشۈرۈش:
ئالما ئورگان تور بېكىتىگە بېرىپ چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iOS، iPad، iPhone، iTouch
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,475 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios51-and-itunes106.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- كېيىنكى يازما > VirtualBox ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
دىۋان دىمەڭلار ئەمدى
ماقۇل
دىۋاندىكىسى «تورخۇمار» ئەپەندىم شۇمۇ؟
مەن تىخىچە 2-ئەۋلات ئالما ئىشلىتىۋاتىمەن نىمى دىگەن ئىچىنىشلىق ھە يىغلايمۇ بىلمىدىم نىمىشقا بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ پۇلىنىڭ ئانچە قىممىتى يوقتۇ دەيمەن بۇ ئامرىكىلىقلا ئازغىنا پۇل ھىساپلايدىكەن بۇ ئالما توت مەھسۇلاتىنى يەنىلا چۈشۈمدە كۆرەۋىرەي ئالما تۆتنى
ياكى ئامال قىلىپ مەنمۇ بىرنى ياسىۋالامەن ،مەن نەچچە دىدىم دىۋان دىگەن تونۇردا بولىدۇ كاساڭلار كۆيۈپ قالمىسۇن دەپ ھۇ شەرەپسىزلە ھاھاھا ھەي باللا بۇدا دىۋان دىمەي تۆر دەيلى