QQ影音 – ئاددى ۋە قولايلىق ھەممىباب قويغۇچ(توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى كۆرۈشتىكى تەۋسىيەلىك قويغۇچلارنىڭ بىرى)
يېقىندا بىر قانچە تونۇشۇمنىڭ كومپيۇتېرىنى ئوڭشاش جەريانىدا ئۇلاردىن ياخشىراق بىرەر كىنو قويغۇچ تەۋسىيە قىلىش توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدىم. گەرچە ئىلگىرى تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار ئۈچۈن 迅雷看看 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولساممۇ، يەنىلا بىر قىسىم دوستلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى، پاكىز، ئېلاندىن خالىي، ھەتتا 3D كىنو كۆرۈش ئىقتىدارى بار بىر قويغۇچغا ئېھتىياجلىق ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. ھەقىقەتەن، ھازىر قويغۇچلارنىڭ كۆپلىگىدىن، ھەر بىر كومپيۇتېرغا قارىسا ئاز دېگەندە 2~3 خىل ئۇنىۋېرسال قويغۇچ قاچىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم بولسا، 腾讯 نىڭ كۆپچىلىككە تونۇش يەنە بىر مەھسۇلاتى QQ影音. باشقا ئۇنىۋېرسال ھەممىباب قويغۇچلارغا ئوخشاشلا، بارلىق ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويالايدىغان قويغۇچ. سىز پەقەت كومپيۇتېرغا QQ影音 نى قاچىلاپ قويسىڭىزلا، ئىشقىلىپ توردىن چۈشۈرگەن بارلىق كىنو-فىلىم ھۆججىتىنى قويالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە، QQ影音 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى پاكىز، ئېلاندىن خالىي بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا قويغۇچلاردىن ئۆزگىچە نۇرغۇن ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
QQ影音 بىلەن بۇرۇن تەۋسىيە قىلغان 迅雷看看 نىڭ نېمە پەرقى بار؟
بەزىلەر بەلكىم، سىز ئىلگىرى 迅雷看看 نى تەۋسىيە قىلغانغۇ، ئەمدى نېمىشقا بۇنى تەۋسىيە قىلىپ قالدىڭىز دەپ سورىشى مۇمكىن. 迅雷看看 مۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر قويغۇچ، بولۇپمۇ بىر قەدەر تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى راۋان كۆرۈشتە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. بىراق كۆپچىلىك شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، شۇ ئېنىقلىقتىكى سۈزۈك فىلىملەرنى راۋان قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، 迅雷看看 فىلىمنىڭ ئەسلى سۈزۈكلىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە پرىسلاش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق CPU نىڭ خىزمەت ھالىتىنى تېخىمۇ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش بەدىلىگە مۇشۇنداق ئۈنۈمگە يېتىدۇ. QQ影音 بولسا فىلىمنىڭ ئەسلى ئېنىقلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پرىسلاش ئېلىپ بارمايدىغان بولۇپ، ناۋادا بىر قەدەر كونا سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردا 1080P لىك ئېنىقلىقتىكى كىنولارنى كۆرسىڭىز، QQ影音 بەلكىم كومپيۇتېرىڭىزنى ئازراق ھالسىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. بىراق سەپلىمە شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، QQ影音 نىڭ ئۈنۈمىنى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ! ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى بەك كونا بولمىسا، ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي QQ影音 نى قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
QQ影音 نىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى:
ئەڭ يېڭى نەشىردىكى QQ影音 دا ھەممىباب ئۇنىۋېرسال قويغۇچلاردىكى بارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلىپلا قالماستىن، يەنە سىننى ھەرخىل فورماتقا، مەسىلەن ھەرخىل تىپتىكى يانفونلاردا قويۇشقا بولىدىغان ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، فىلىم پرىسلاش، 3D كىنولارنى قويۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. كۆرۈنمە يۈز ۋە ئىقتىدار تىزىملىكلىرىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچام ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ھەتتا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرمۇ ئىنتايىن ئاسانلا بۇ ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنالايدۇ.
ھازىرقى ھەرخىل تىپتىكى ئۇنىۋېرسال قويغۇچلارغا سېلىشتۇرغاندا، QQ影音 مۇ شۇلارغا ئوخشاشلا تەمىنلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن. ھەتتا قويغۇچلارنىڭ جىقلىقىدىن، قايسىسىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى ئايرىشمۇ تەس بولۇپ كەتتى. ئەمما QQ影音 ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى فىلىم قويۇش تېخنىكىسى جەھەتلەردە بولسۇن، خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئوخشاش شارائىت ئاستىدا، زادى قايسى قويغۇچنى تاللاشنى بىلەلمەيۋاتقانلار ئۈچۈن، QQ影音 ھەر ھالدا ياخشى بىر تاللاش بولالايدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر QQ影音 نىڭ iPad/Android نۇسخىلىرىمۇ بار. ئۈستىدە كۆپچىلىككە بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم، QQ影音 نىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى كۆپچىلىك ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
QQ影音 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، QQ، قويغۇچ، كىنو، يۇمشاق دېتال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,257 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qqplayer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- كېيىنكى يازما > ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
دىۋان دىۋان!!!!
دىۋان قولغا چۈشەي دېگەندىلا پەيدا بولاي دېگەندىلا پەيدا بولىدۇ مۇشۇئاداش!
androidدىمۇ بەك پەيزى ئىشلەيدۇ بۇ دىتال، باشقا قويغۇچتا قېتىۋالغان سىنلار بۇنىڭدا قاتماي چىقىدۇ، (مەنمۇ ھەقسىز ئېلان بېرىپ قوياي)
مەنمۇ نۇرغۇن قويغۇچلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاخىرىسىدا يەنە مۇشۇنى تاللىۋالدىم. پاكىز، ئاددى، ئىقتىدارلىق.
بۇ ھەقىقەتەن بولىدىغان قويغۇچ، مەن كىنو پىرىسلاش، كېسىش،ھەرىكەتلىك سۈرەت ئىشلەش،ھەتتا mp3 كە ئايلاندۇرىدىغان ناخشا دىگەندەكلەرنىمۇ مۇشۇ قويغۇچتا قىلىمەن. تىڭشۈننىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنم مۇشۇ بولسا كېرەك!
مەن ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولدى بۇنى ،ئىقتىدارى بەك جىقكەن،كۇنۇپكا تاختىسىدىنمۇ باشقۇرغىلى بۇلىدۇ بەك قۇلايلىق.
تەدبىركار تەۋسىيە قىلغان يەردە ئىشلەتمىسەك بولماس
مەنمۇ چۈشۈرۈپ قوياي ئەمىسە …
بىر-ئىككى بولدى مەنمۇ ئىزچىل ئىشلىتىۋاتىمەن…بوپقويىدۇ.قالايمىقان ئىلان چىقىۋالمايدۇ.
ھىچقانداق ئېلان قوشۇلمىغان، مۇشۇ يېرىگە كۆيىمەن.
بۇ راستىنلا بولىدىغان قويغۇچ ، ئەمما مەن بۇنىڭ فورمات ئايلاندۇرۇش ئىقدارىنىڭ بارلىقىنى ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەن دىسە.
ئىزچىل ئىشلتىۋاتىمەن.. ئاۋازى بوش خاتىرە كومپىيۇتېردا كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۈستى سىتىرىلكىنى بېسىپ تۇرساق 1000% كە چىقىدۇ. ئاۋازى چىڭراق بولسىغۇ قۇلاقنى يارىدۇ. باشقا قويغۇچتا بايقىمىدىم بۇ ئىقتىدارىنى.
مەنمۇ تەۋسىيە قىلىدۇ