نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > يۇمشاق دېتاللار > يازما كۆرۈش

كونا سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك فىلىم قويغۇچ – 迅雷看看

كونا سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك فىلىم قويغۇچ - 迅雷看看

迅雷看看 بولسا 迅雷 نىڭ قارمىقىدىكى Windows سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان كىنو-فىلىم قويۇش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىشى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن، كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى چىرايلىق ۋە ھېچقانداق ئارتۇقچە ئېلان ئارىلاشتۇرۇلمىغان، سىغىمى كىچىك، فىلىم خېتىنى توردىن ئاپتوماتىك چۈشۈرۈپ بېرەلەيدۇ ۋە 迅雷 دا نۆۋەتتە چۈشىۋاتقان كىنونى تولۇق چۈشۈرمەستىنلا قويۇشقا بولىدۇ، سەپلىمىسى بىر قەدەر تۆۋەن كومپيۇتېرلاردا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 780P ۋە 1080P لىك فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان دوستلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولۇپ قالالىغۇسى!

نۆۋەتتە كۆپچىلىك بىر قەدەر ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان كىنو-فىلىم قويغۇچلاردىن 暴风影音، QQ影音، KMPlayer قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ قويغۇچلار بىر قەدەر كەسپى ۋە مۇشۇ ساھەدە بەلگىلىك ئۇتۇقلىرى بار قويغۇچلار ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قويغۇچلارنىڭ نەشىرىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پروگراممىنىڭ ئومۇمى ھەجىمىمۇ بارغانسىرى يوغىناپ كېتىۋاتقان ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىشى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، 迅雷看看 بىر قەدەر ياخشى تاللاش بولالايدۇ دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ فىلىملەرنى ئۆتكۈزۈپ كۆرگەن ۋاقىتتىمۇ سۈرئەت ئىنتايىن تېز ۋە يۇقارقى قويغۇچلاردەك بىر ئاز قېتىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، ئەلۋەتتە ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاز مىقداردا ئىگەللەش ئۈچۈن، كۆرۈنمە يۈز سۈپىتىنى بىر ئاز پرىسلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەلكىم سىز ئوخشىمىغان ئىككى قويغۇچتا قويغان ئوخشاش فىلىمنىڭ 迅雷看看 دە يەنە بىرسىدەك ئاجايىپ سۈزۈك كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇنى ئادەتتە قاراپ سېزىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس، قىسقىسى مەنمۇ جىق ھېس قىلىپ كېتەلمىدىم.
ناۋادا سىز يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كۆرسىڭىز ھەمدە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى بىر قەدەر كونىراق سەپلىمە بولسا، ئۇنداقتا 迅雷看看 سىزگە چوقۇم ياراپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كومپيۇتېر سەپلىمىڭىز بىر قەدەر ياخشى بولسا، تەدبىركار سىزگە بىر قەدەر كەسپىي بولغان QQ影音 قاتارلىق قويغۇچلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ھۆججەت ئۇچۇرلىرى:

ھۆججەت نامى: 迅雷看看
ھۆججەت سىغىمى: 32.5MB

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

迅雷看看 نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 399 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 05-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: xunlei-kankan.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
ماۋۇسى تاللاپ كۆرىدىغان يازمىلار
  1. يۈكسەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەگەر مەن يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ كارخانىنىڭ لىدىرى بولغان بولسام، چوقۇم مۇشۇ تەدبىركار ئەپەندىنى يۇمشاق دېتاللىرىمنىڭ ئوبراز ئەلچىسى قىلاتتىم، يەنە تېخى يۇمشاق دېتالىمنىڭ ئېلان تېكىستىنى چوقۇم تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە يازغۇزاتتىم (ئەلۋەتتە مىليۇنلۇق ئىش ھەققى بىلەن :mrgreen: ) !

    • سەھرالىق :

      ئىلاننى كۆرۈپ ئادەم يىغلاپ تاشلىغۇدەك يىزىۋىتىدۇ ھە، ئالامەت، ئالامەت…

  2. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن KM قويغۇچنى ئشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن ، بۇنىڭدىن باشقا سىن قويۇش دېتالى قاچىلىمايمەن ئادەتتە .

  3. RAVSHEN : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار ئەپەندى ھازىر سەركىگە ئوخشاپ قالدى. بىز بىر توپ قوي پادىسى بولۇپ قالدۇق. تەدبىركار نېمىنى تەۋسىيە قىلسا كومپىيۇتېرغا شۇنى مىنۇت ئىچىدە پەيدا قىلىمىز. خۇدايىم ساقلىسۇن بۇ سەركە ھېلىقى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىسىدىكى قارا قورساق سەركىگە ئوخشاش بىزنى قۇشخانىغا باشلاپ ماڭمىسىلا بولىدىغۇ :lol: :twisted: :mrgreen:

    • torhumar :

      كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان ئىقتىدارىڭىز باركەن ھە :lol:

  4. لەيلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق ئېلانبۇ ؟

  5. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ ئىشەك QQ影音 نى ئاران سۆۋەپ كېلىۋاتقان ، 迅雷看看 نى كۆرۈپ باقاي ، قانداقراق سۆرەيدىكىن .. :lol:

  6. ئابدۇۋەلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ 完美解码 دىن 迅雷看看 گە كۆچىۋالدىم ، ھەقىقەتەن ياخشىكەن .

 汗