دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى – FaceBook نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقمامدۇق؟
Facebook بولسا ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاقە تورىغا ئايلاندى. facebook نىڭ مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg نىڭ تۆھپىسى زور بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى بار. ئالدىنقى قېتىم YouTube غا بېرىپ كەلگەن ئىدۇق، بۇدا يەكشەنبە كۈنىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ FaceBook نىڭ ئىشخانىسىغا بىللە كىرىپ چىقمامدۇق؟
نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئابونتى ئەڭ كۆپ سانىلىدىغان Facebook دۆلىتىمىزدە چەكلىۋېتىلگەن. بەلكىم بىر قىسىم دوستلار ھەتتا Facebook نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. بىراق ئېلىمىزدىكى بىر قەدەر داڭلىق 人人网(بۇرۇنقى 校内网 شۇ) دېگەندەك SNS سۇپىلىرىنى خېلى كۆپ ساندىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق SNS سۇپىلىرى مۇشۇ FaceBook نى دوراپ تەقلىد قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.
تېخى يېقىندا Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg ۋە Facebook ھەققىدىكى نادىر فىلىم The Social Network نى كۆرۈپ چىققان ۋە بەك تەسىر قىلغان ئىدى، Facebook نىڭ ئەڭ دەسلىۋىدە قىزلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكەت ئىكەنلىگىنى بىلگىنىمدە بولسا تېخىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندە Facebook ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلالماس بىر قىسمىغا ئايلاندى، Mark Zuckerberg مۇ 26 يېشىدىلا دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىليادېرغا ئايلاندى. مۇشۇنداق بىر نادىر مەھسۇلاتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىشى ۋە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەسلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: facebook، ئالاقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,710 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-facebook-office.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما كومپيۇتېرى ئاخىرى تۈگەشتى! تېخىمۇ كۈچلۈك نەشپۈت لەپتوپلىرى بازارغا سېلىنماقچى!!!
- كېيىنكى يازما > Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- Facebook ۋە بىر مىليارد ئابونت | بۇ غايەت زور سانلىق مەلۇمات زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟
- يانفونخۇمارلىق كېسىلى – ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، يانفوننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ
- ئۆتمۈشكە نەزەر: دۇنياۋى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
- iPad ،iPhone قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە Google Sync ئارقىلىق ئالاقە دەپتىرىنى ماس قەدەملەش دەرسلىكى
- 8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كومىك ئوبرازى! جوبز جادۇگەرگە ئوخشىتىلغان
- QQ2011 Beta3 ئېلان قىلىندى، بىر قانچە QQ غا تەڭلا تىزىملىنىش، يېڭىچە تور دېسكىسى قاتارلىق يېڭىلىقلار…
- تېڭشۈننىڭ يېڭى مەھسۇلاتى مىكروخەت – iPhone/Android/Symbian دا ھەقسىز ئاۋازلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش
- سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ تۇرۇپ، FaceBook نىڭ زادى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ باقايلى!!
مۇشۇ ساھەدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ ئازادە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئالاھېدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن … چۈنكى بۇلارغا نىسپەتەن ئېلىھام بەك موھېم بولسا كېرەك .
google دىن دورىۋاپتۇ بۇ گۇيلا…
ھەجەپ سۈزۈك رەسىملەركىنا!!! پاھ، مۇشۇنداق يەرلەردە ئىشلىسە نېمىدىگەن…
facebookنىڭ ئىشخانىدىنمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىز بەكەرەك كۆركەم كۆرۈندى ،
راس دەيمە ، بەك چىرايلىق لاھىيەلەپسىز . تېمىللىرىڭىز بىربىرىدىن ئىسىلكەن ، تۇنجى كىرىپلا يېقىپ قالدى .
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن !
رەھمەت، سىزگە يارىغان بولسا، تونۇش دوست-بۇرادەرلەرگە تورخۇمارنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز
بۇنداق بولسا يىڭى يىڭى ئىلھاملار كىلىپ تۇرىدۇ ئادەمگە … ھەم بۇنداق يەردە ئىشلەشنى شەرەپ دەپ بىلىپ ياخشى ئىشلەيدۇدە …
مۇشۇ يەردە ئۇخلاشمۇ بىر راھەتمىكىن دەيمەن مەن!
FaceBook ۋە YouTube دەك نادىر توربەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىشى ۋە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەسلىكى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ….!
گەرچە سىز كىرەلمىگىنىڭىز بىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ داڭقىنى FaceBookدىكى éۇيغۇر قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قۇيدۇم !
بلوگىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى éىكەن .
ياخشى بوپتۇ، داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى
نىمىشقا جوڭگودا چەكلەنگەن بولغۇيدى ؟
بۇنداق ئىجادىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە ئىختىيارى فىلىم تورلىرى چەكلىنىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ، ئۆتكەندە مەن بىر بلوگ ئېچىپ قويۇپ ھازىرغىچە تۈزۈك ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن ، ھەقىقەتەن بەك مۇكەممەل ، بەك چىرايلىق ئىشلەنگەن بەت بۇ ،