ئالما كومپيۇتېرى ئاخىرى تۈگەشتى! تېخىمۇ كۈچلۈك نەشپۈت لەپتوپلىرى بازارغا سېلىنماقچى!!!
ئالدىنقى كۈنى، MunanSoft يەرشارى پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە ئەڭ يېڭى ئەۋلاد نەشپۈت لەپتوپلىرىنى بازارغا سالدى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ۋە يۇقىرى سەنئەت تۇيغۇسىغا ئىگە نەشپۈت لەپتوپلىرى بۇ كۆرگەزمىدە ئاخىرى دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت، ئالما، IBM قاتارلىق شىركەتلەرنى مەغلۇب قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورنىنى خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلدى…
تۆۋەندە بىز iPod، iPad لاردىن ئېشىپ چۈشكەن ۋە ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان نەشپۈت خاتىرە كومپيۇتېرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
قولغا ئەپلىك بولغان تاشقى لايىھە بىلەن سترولۇق مەھسۇلات ماركىسى بۇ لەپتوپنىڭ سەنئەتلىك تۇيغۇسىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگەن!
يان تەرەپتىن كۆرۈنۈشىمۇ ئىنتايىن كۆركەم
3 دانە USB 5.0 ئېغىزى سەپلەنگەن، ئۇچۇر ئۇزىتىش سۈرئىتى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەدە بولۇپ، 1GB لىق فىلىمنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن پەقەت 30 سكونتلا ۋاقىت كېتىدىكەن!
DVD10 ئۆلچىمىدىكى نۇر دېسكا ئويغۇچ سەپلەنگەن، 780P ۋە 1080P لىك فىلىملەرنى ھېچ قىينالمايلا قوش يۈزلىك نۇردېسكىغا ئويغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ سۈرئەت ئىنتايىن تېز!
لەپتوپ گەۋدىسى دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ۋە ئاق رەڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تېخىمۇ ھەيۋەت تۈسكە كىرگەن، بۇ ئارقىلىق يەنە بىر رەقىبى iPad نىڭ يۈزىنى قاتتىق تۆكىۋەتكەن!
ئېلىكترونلۇق قەلەم سەپلەنگەن ۋە سىفىرلىق رەسىم سىزىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن، ئۆزىدە ARTRAGE 5.0 ناملىق رەسىم سىزىش يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن، رەسىم سىزىش ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇپلا بىۋاستە ئېكرانغا رەسىم سىزىشقا بولىدۇ…
دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ۋە سۈزۈك 3D ئېكران سەپلەنگەن ۋە بۇ ئارقىلىق 3D فىلىم كۆرۈش ئۈچۈن كۆزەينەك تاقايدىغان دەۋرگە ئاخىرى خاتىمە بەرگەن!
سەزمە ئېكرانلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئەلۋەتتە سىرتتىن سىمسىز مائۇس ئارقىلىق كونترول قىلىشقىمۇ بولىدۇ
MunanSoft شىركىتىنىڭ كۆپ خىل سېستىمىلىق ھالىتىنى ئۆزىدە قوللانغان بولۇپ، يەنە بازاردىكى مودا مەشغۇلات سېستىمىلىرىنى تەڭلا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۆزىدە MunanSoft شىركىتى تۈزۈپ چىققان نەشپۈت مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە Doors سېستىمىسىنى تەمىنلىگەن!!
ئۈستەل يۈزىنى كۆرۈپ باقايلى، ۋاھ!!! نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرلىرى تاللاپ قاچىلانغان ئىكەن!!!
ھەرقايسى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى نەشپۈت لەپتوپى ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈپ بەرگەن IE10 تور كۆرگۈسى، 卡车司机 ۋىرۇسخورى قاتارلىق مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتاللار سەپلەنگەن!!!
ئامېرىكا FBI ئالاھىدە چەكلىك نۇسخىدىكى نەشپۈت لەپتوپلىرى!!!
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسى ۋە FBI تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن بولغاچقا، بىخەتەرلىكى ئالاھىدە يۇقىرى، AFIS بارماق ئىزى ئارقىلىق تونۇش تېخنىكىسى، AVIS ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى ۋە كۆرۈش پەردىسىنى تونۇش تېخنىكىسى تەمىنلەنگەن!!!
ئېكران يۈزىدىن تولۇق بىر كۆرۈنۈش:
ئەلۋەتتە نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى MunanSoft تەرىپىدىن داۋاملىق تۈزىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئادەم تېنى تېمپراتۇرىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش، پلانېتلار ئارا ئورۇن بەلگىلەش، دۇربۇن شەكىللىك كامېرا قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئەڭ يېڭى ئەۋلاد نەشپۈت لەپتوپلىرىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن ئىكەن. ئىچكى قىسىمدىكى ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، MunanSoft ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن، نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ كېيىنكى نەشىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان خىزمەتچى خادىم ئىزدەۋېتىپتۇ، بەلكىم ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە چۈشلىرىمىز نەشپۈت لەپتوپلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى، ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپ قورساق تويغۇزۇپ پۇل تاپالىشىمىز ۋە تاشقى پلانېتلارغا چىقىپ تاشقى پلانېت پۇقرالىرى بىلەن شاھمات ئويناپ رەسىمگە چۈشۈپ كېلەلىشىمىز مۇمكىن، نەشپۈت لەپتوپلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىزنىڭ بۇ خىياللىرىمىزنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر تېزلەتكۈچى سىگنال ئۇرۇپ بەردى دېيىشكە جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تامامەن ھەقلىقمىز!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، it، قىزىقارلىق، لەپتوپ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,635 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: naxput-notebook.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > YouTube نىڭ ئىشخانا مۇھىتى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى
- كېيىنكى يازما > دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى – FaceBook نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقمامدۇق؟
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
ۋاي مەن بىرنى زاكاس قىلاي…بۇ يەردە ۋاكالىتەن ساتامدۇ؟
بۈگۈن مانا تۆر ماڭا قپتۇ. پولوغا قول ئۇزاتتىم ئەمىسە.
بۇ مەھسۇلات قاچانمۇ بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلەر ھە؟ ئۇكىلىرىمغا بەرگەن پارچە پۇللارنى يىغىپلا بىرنى ئېلىۋەتسەم بولغۇدەك
ياپانا!!!
ما دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىنى!!!مەن ئاخشام ئۆيدە يېتىپ ئويلاپ بولغىچە بازارغا سېلىپ بوپتىيا؟!
مەن كىيىنىكى باسقۇچلۇق خىزمەتكە چۈشۈپ كىتەي ئەمىسە،ئەمما پۈتكەندە تورخۇمار ئەپەندىنى ئىلان-تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزپىسىگە تەكلىپ قىلىمەن!
…..ۋاي توۋا ~~‹‹مەن تېخى راس يىڭىلىقمىكىن دەپ كىرسەم ……..رەسىمكەنغۇ بۇ ……
ھەي ،تولىمۇ ئەپسۇس بۇ نەشپۈت كومپيۇتېرغا سۇدىن ساقلاش ئىقتىدارى قىتىلماپتۇ ئەمەسمۇ؟مەن كىلەركى تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاي
ما ئىشنى،ئەمدى مېنىڭ شاپتۇل لەپتوپۇمنى كىم ئالار؟!~~~~~~~~~~~
ما نەشپۈت لەپتوپ رەڭسىزكەن ،سىزنىڭ شاپتۇل لەپتوپىڭىزمۇ رەڭسىزمىدى
بۇ بىر خىيالى كومپىوتېركەنغۇ ،كەلگۈسىدە بەلكىم بۇمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار.
راستمىكىن دەپتىمەن تىخى
بىزمۇ ياڭاق-بادام،ئانار،ئەنجۇر لەپتوپلىرىنى ياساپ قويساق بولاما؟؟؟
مەن كومپىيوتۇر سېتۋالاي دىگەن ،نەچچە پۇلكەن ماڭا تېىخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرلار كىرەك،سەپلىمىسى،پۇلىسى،ساتىدىغان دۇكان ئادرىسى دىگەندەك…
مەن تېخ راس مىكىن قىزىقىش ئىلىكىدە ئۇقۇپتىمەن ، يالغان ئىش كەنكەنغۇ بۇ …. لىكىن بۇنى ئۇقۇپ كۆرۈپ كاللامدىكى باش ئاغرىقى يوقاپكەنكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم. يوللغۇغۇنىڭىزغا رەخمەت
ئۆزدىيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار سىز يازغان ئىنكاس تەستىقلاشنى كۈتۈۋاتىدۇ
مەن تېخ راس مىكىن قىزىقىش ئىلىكىدە ئۇقۇپتىمەن ، يالغان ئىش كەنكەنغۇ بۇ …. لىكىن بۇنى ئۇقۇپ كۆرۈپ كاللامدىكى باش ئاغرىقى يوقاپكەنكەندەكلا بۇلۇپ قالدىم. يوللغۇغۇنىڭىزغا رەخمەت