يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ ئوينىغان قاملاشمىغان ماز ئويۇن ئېسىڭىزدىمۇ؟ كىشىنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان ماز كۈلكە ئاۋازى، ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان ماز ئۆتكەللەر، ھەتتا چىرايىغا قارىسىمۇ مازلىقى چىقىپ تۇرىدىغان چىراي ئىپادىسى…
بۈگۈن شۇ ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينايلى. ئويۇن ھېلىھەم شۇنداق ماز! پەرقلىنىدىغان يېرى، بۇدا تەققى تۇرقىدىن توخۇمۇ ياكى قۇشقاچمۇ بىلگىلى بولمايدىغان يەنە بىر جانلىق قوشۇلۇپتۇ، لېكىن ئويۇندا سىز ئۈچۈن ھالقىلىق يەردە ئەسقاتىدىكەن. قېنى ئەمىسە، ئويۇنغا مەرھەمەت!
Trollface Ques 2
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,090 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: trollface-quest-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- كېيىنكى يازما > تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 5-نەشىرى: دۇنيا لوڭقىسى
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى
- كىشىنى سېغىندۇرىدىغان ئەڭ قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 3-سى چىقىپتۇ، قېنى ئەمىسە!
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
- [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
- مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
ئېچىلمايدىغۇ؟ ئەستاغپۇرلا، دائىم ماشتا قىلىدۇ دىسە، ئالدىنقى قىسىمىنىڭمۇ 2-ئۆتكەلدىن ئۆتۈپلا ئاخىرى چىقمايلا تۇرۋغانتى.
3 چى ئۆتكەلدىن قاندا ئۆتىدۇ؟؟
مەنمۇ شۇيەردە توختاپ قالدىم…
باشتا ئاۋۇ مە مە نىڭ كۆزىنى بىسىپ يۇمدۇرۇپ قويۇپ ئاندىن رەسسىمگە تارتىڭ مەن 13 -ئۆتكەلدىن پەقەت ئۆتەلمىدىم
10 دىن قانداق ئۆتىدىكەن؟؟
ھوي تېخى ساقلىنىپ قالىدىكەنغۇ… ھازىر ئاچسام كەلگەن يېرىمدىن چىقىۋاتىدۇ بىر ئولتۇرۇپ ئاخىرىغا چىقىۋەتتىم. گۆھەر ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى بەرسە خوش بوپ كېتىپتىمەن. ئىچىدىن يەنە شۇ توخوغا ئوخشايدىغان چىقىۋاتمامدا. ئۆتكەللىرىنى دەپ بېرەيمۇ يا؟ ھە دەيدىغانلار سازكەن نى بېسىپ بېقىڭلار قانچىلىك ئادەم بىلىشنى خالايدىكىن.
ئەسكەرتىش: بۇنى ئويۇننى ئويناپ پەقەت بىلەلمىگەنلەر پايدىلانسۇن دەپ يېزىپ قويدۇم. ئۆزۈم مۇستەقىل ئۆتىمەن دېگەنلەر بولسا، بۇ ئىنكاسىمغا قارىماي ئويناڭ. چىدىماي قارىۋېلىپ مېنى تىللاپ يۈرمەڭ.
سازكەننى 12 ئادەم بېسىپتۇ مازكەن 0 ئەمسە دېدىم. تورخۇماردىكى ئويۇن توشىمايدىغان باللارنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش جەريانى مۇنداق:
1.ئاستى قۇر ئوتتۇرىدىكى قۇش قەپىزىنىڭ ئاچقۇچ سالىدىغان يېرىنى بېسىڭ.
2. قوغدىغۇچىنىڭ كەينىدە، ۋېۋىسكىدىكى 4 يۇلتۇزنى بېسىپ، ئاندىن مەمە نى بېسىڭ.
3. مەمەنىڭ كۆزىنى بېسىپ يۇمدۇرۇپ ئاپاراتنى بېسىڭ.
4. مەمەنى بېسىپ ئاينى كۈزىتىڭ، ئارقىدىن ئاينى باسسىڭىز كېلىۋاتقان بۇلۇتنى قوغلىۋېتىدۇ.
5. ئوڭ تەرەپ ئاستى تەرەپتىكى پەردىنى بېسىڭ. چىققان جۈمەكنى بېسىڭ.
6. ئورۇندۇقنىڭ تېگى ، ئۆگۈزنى ئۈستى قىرىدا چىكىتتەك بىر مونەك بار شۇنى بېسىڭ.
7. ئىككى ۋېكيۇچاتىلنى ئېچىپ مال توشۇش رېلىسىنى ماڭغۇزۇڭ. ئاندىن مېڭىۋاتقان رېلىشنىڭ ساقچى بار تەرىپىنى بېسىڭ.
8. قۇشنى، پاقىنى، ئاينى بېسىڭ. ئاندىن قارماقنى تارتىڭ.
9. مەمەنى بېسىپ قويىۋاتمەي ئاستىغا تارتىپ چۈشۈرۈڭ.
10. ئوخشاش رەسىملەرنى تېپىپ بولۇپ، ئوتتۇرىدا ئېشىپ قالغان رەسىم بىلەن سول تەرەپتىكى مەمەنىڭ بېشىنى بېسىڭ.
11. كەمپۈتنىڭ ئاستى تەرىپىنى بېسىڭ.
12. مەمەنىڭ بېشىنى بېسىڭ.
13. كىتنىڭ ئېغىز چىشى تەرىپىنى بېسىڭ ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى مەمەنىڭ بېشىنى بېسىڭ.(ماۋۇنى بەك تەستە تاپتىم)
14. ئوڭ تەرەپتىكى رەقەملىك سائەتنىڭ ئۈستى تەرىپىنى بېسىپ چىققان كۇنۇپكىنى بېسىڭ. (0 نىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىدۇ)
15. گرادۇسنى بېسىپ ئۆرلىتىپ ئوتتىرىغا كەلگەندە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كېتىڭ.
16. بۇرۇن تۆشۈكىنى بېسىڭ.
17. چۆرگىلەۋاتقان مەمەنى قويىۋەتمەي بېسىپ تۇرۇڭ.
18. MANUAL خەت بار كۇنۇپكىنى بېسىڭ. ئاندىن قوزغىلىش رولىغا تەگمەي تۇرۇپ ئۈچ مەمەنىڭ بېشىنى بىر يەرگە ئەكىلىڭ.
19. قولىدا تۇتۇۋالغا ئىستاكاننى ئىككى قېتىم بېسىڭ. ئۈچىنجىسىدە قۇشنىڭ رەسىمى بار بوتۇلكىنى بېسىڭ.
20. ئوڭ تەرەپتىكى مەمەنىڭ كۆزىنى بېسىڭ.
تاماشىبىن ما ئېنكاسنى قاندا يازغاندۇ توۋا ، مائۇسنى ما تۆپىدىكى ئاق يەگە ئەكىلىپ سول تەرەپنى بېسىپ تۇرۇپ سىيرىسا 20 مەيداننىڭ ئۆتۈش ئۇسۇلى چىقىدىكەن ،
يېڭىلىنىپ چىقىپ بۇلاممىغان ئوخشايدا دەپ بىژ مىنۇت ئولتاسام يەنە ئاق ،تور كۆگۈدىن 3نى ئالماشتۇرۇپتىمە
21-مەيدان : ما ئىنكاسقا يۇشۇرۇنغان جاۋاپنى تاپالىغانلا بامۇ
ئابومجان… ئاۋۇ ئاق يەردىكى خەت ئاق خەتكەن. تۇتۇپ پەسكە سىرىپ بويىسىڭىز چىقىدىكەن..
مېنىڭ كاللامغا كېلەمدۇ ئۇنداق قىلىش. ئابومجان تورخۇمار ئەپەندىم شۇنداق تەڭشەپ قويۇپتۇ.
16 مەيدان بەكتەسكەن قانداق ئاشىدىغاندۇ؟
16 مەيداندا بۇرۇننى چىكسىزكەن
بۇرۇننى چەكسە بولمايدىكەنغۇ؟!
ھە ،بۇرۇننىڭ تۈشىكىنى چىكىدىكەنمىز !
17.مەيداندىن ئۆتمەك نىمدا قىيىن. ئاخىرى ھەممىسىن تولۇق ئۆتىۋەتتىمغۇ
13_مەيداندىن قانداق ئۆتىدۇ؟
كىتنىڭ ئاغزىدىكى قارا يەرنى بېسىپ ، ئاندىن ناش پىرسۇناژنىڭ بېشىنى چىكىمىز
4تىن قاندا ئۆتىدۇ دەيمەندە
9-مەيداندىن پەقەت ئۆتەلمىدىم
مەنمۇ شۇ ،قايدا ئۈتىدىغاندۇ؟
مومونى بېسىپ تۇرۇپ پەسكە باسىمىز
11 دىن قانداق ئۆتىدۇ؟
ھەممىدىن ئۆتەپ كەتتۇق مانا…. بىلەلمىگەنلە سوراڭلار ئەمىسە
10-مەيدان؟؟؟
5-ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدۇ
ئەسلىدە ھەممە ئۆتكەللەرنى تەپسىلى دەپ بىرەي دىگەن. يەنىلا تىپىپ بىقىڭلا…
13 نى دەپپىرىڭلا .
بولدى، ئاخىرى ھەممىسىدىن ئۆتەپ بولدۇم.
18 مەيداندىن قانداق ئۈتۇدىغاندۇ
ئاخىرى تۇگەتتىم ساندۇقتىن تۇخا چىقىتىكەن
5-دىن قاندا ئۈتىدا؟
4-ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟
مەن بۇ ئويۇننى پەقەت ئوينىيالمدىم ئويۇن بار يەر ئاپپاقلا تۇردۇ ئۆتكەن قېتممۇ 1_قىسمىنىمۇ ئوينىيالمغان ئاپپاق تۇرۋېلىپ تور كۆرگۈچۈم 360
مۇنۇ توركۈرگۇچنى ئىشلىتىڭ http://download.microsoft.com/download/1/6/1/16174D37-73C1-4F76-A305-902E9D32BAC9/IE8-WindowsXP-x86-CHS.exe
ۋەششى ماز ئويۇنكەن شۇنداق باش قاتتۇرۇپ ئوينىسام ،ئاخىردا سەت بىر ئۆردەكمۇ ،تۇخىمۇ بىرنەرسە چىقىپ بېزىرىپ تۇردۇ
ئەجەپ تەس ئۆتتى تورخۇماردىن ئايرىلغان شۇ كۈنلەر . بۈگۈن تورخۇمارنى ئېچىپ كۆزۈمگە ياش كەلدى
ئوخشاش بۈگۈن تورنى كۆردۇق !
قايتىپ كەلگىنىڭلارغا مۇبارەك
ئىنشائاللا
ما يەردە ئوخشاش ھېسياتتىكىلەر خېلى باكەنمىز ھە ! مەن كومپيۇتېردا چىقالمىغاچقا پۇرسەت بولمىدى ئويۇن ئوينىغىلى.
6_ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟
5-مەيداندىن قانداق ئۆتىمىز باللا
بولدى دەپ بەرمەڭلا، ئۆزەم ئۆتەپ كەتتىم
3_ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟
4_ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدىغاندۇ؟
بۇ ئويۇن 1-چىسىدىنمۇ مازكەن ، بۇغۇلدۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ قوياي دىدى مىنى !!!
مەن نەچچە كۈن ئويناپ ئاران تۈگەتتىم . ئەمدى مۇشۇنداق ئۇيۇن چىقىپ قالسا بىرىنچى بۇلۇپ ئوينىمايمەن.
دەپ بەگىنىنى كۆرۈپ ئۆتىۋەتتىمغۇ
لېكىن ما ئويۇن كېسىلدۈرۈپ قويىدىكەن، ھەر مەيداندا سەت كۈلۈپ كەتتىم
:2-ھھھھھھ
يو….ئاللا مۇنۇ مازئوياننى ئوينايمەن دەپ 2:31 ئوتەپكىتىپتۇ ئاخىرى نىمەچىقاركىن دىسەم يانا شۇ توخو
ۋەششى ماز ئويۇنكەن
5-ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدۇ
4-ئۇتكەلدەقانداق ئۇتىمىز؟