تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
قىيىنلىق دېگەن نېمە، ئىچى سىقىلىش دېگەن نېمە، تېرىكىپ پارتلاپ كېتىش دېگەن نېمە، بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى QWOP ناملىق بۇ ئويۇندا بار. QWOP بولسا يۈگۈرۈش تېما قىلىنغان بىر تۈرلۈك كىچىك Flash ئويۇن، مەشغۇلات قىلغاندا P، O، W، Q دىن ئىبارەت تۆت كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەچكە، ئويۇنغا QWOP دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئۇنداق مۇنداق ئەمەس، تەسلىگىدىن ھەتتا كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئويۇننىڭ يەنە iOS ۋە Android نۇسخىسىمۇ بار، قىززىققۇچىلار ئىزدەپ باقسا بولىدۇ.
QWOP ئويۇنى
ئويۇننى ئويناش ھەقىقەتەن تەس، نەچچە قەدەم ماڭا مايلا يىقىلىپ چۈشىدىغان ئىش چىقىدۇ. شۇڭا يېقىندا تورداشلار مۇشۇ ئويۇننى ھەزىل قىلىپ بىر قىسقا كۆرۈنۈش ئىشلەپ ئېلان قىلغان.
مەن ئون مىنۇت ھەپىلىشىپ ئاران 3 مېتىر ماڭدۇرۇپتىمەن، قېنى كۆپچىلىك قانچىلىك يۈگۈرتەلىدىكىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,775 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: qwop.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
- كېيىنكى يازما > 植物大战僵尸2 – ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر جېڭى 2 رەسمىي ئېلان قىلىندى! (iOS/Android نۇسخىسى)
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 5-نەشىرى: دۇنيا لوڭقىسى
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى
- كىشىنى سېغىندۇرىدىغان ئەڭ قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 3-سى چىقىپتۇ، قېنى ئەمىسە!
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
- [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
- مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
كەينىچىلاپ ماڭسىمۇ ھېساپما، مەن كەينىگە ماڭدۇرىۋەتتىم
ەسسالام
مەن 15 مىنۇتتا ئاران 9 مېتىر ماڭدۇرۇپتىمەن.
مەن 20.6 مېتىر ماڭغۇزدۇم!!!
مەن ئۆتۈپ كەتتىمغۇمۇكاپات بارمۇ…
19 مىتىر ماڭدىمغۇ تىزىم بىلەن تىخىمۇ ماڭدۇرغىلى بولدىكەن تىزى بىلەن ماڭسا
…… ئۇھ
بەك مازكەن ماۋۇ ،50 مىتىرغا كەگەندە بىر بىرنەسە پۇتلىشىدىكەن،شۇ يەردىن ئۆتەممىدىم
دەل 50 مىتىردا بىر توساق باكەن، راس گەپنى دىسەم دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ماز ئويان بوماس،بۇنى ياسىغان ئادەممۇ ئۆتەپكەتكەن بىر مازدەي قىتۇ، تورغا چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۈزى بىي ئويناپ باقسىچا ئۇنى،ۋاي قۇلام ، ئىچىمنىڭ سىقىلىشىچا تېخى، موشوۋرىم نى ئويناي بۇندا ماز ئويانغا ۋاقىت ئىسراپ قىمماي.
ھاياتنى قەدىرلەپ ما ماز ئۇيۇندىن يىراق تۇرۇڭلا باللا
كۆڭلۈم ھەقىقەتەن بىر ئاز يېرىم بولدى….
ھەپتە ئاخىرنى ئەمدى مۇشۇ ماز ئويۇننى ئويناپ ئۆتكۈزەمدۇق نېمە ……………..
تازا بېلىغا سۈيقاش بارمىغان ئاداش ئىكەن بۇ …
يېڭى رېكورتىم 51.4
100.7ئۆزى تۈگەپ قالدىغۇ…. بۇ مېڭىشىمچە بىرور يۈز مېتىر
ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى بولمىسا.
نېمە ساراڭمۇ ماۋۇ!!! 3.1- مېتىر دەيدا؟ كەينىگە يۈگۈرتۈپ سالدىم ما گۇينى…
سەت ماز ئويۇنكەن ماۋۇ
كۆگۈللىرى كەپ قاپتىدە مىنى …
بى يۈز مىتىرغا يۈگۈرۈپ پوچى ئىنكاس يازامە دىسەم ، يېرىم سائەتنىڭ ياقى ئون مىتىردىن ئاشامماي بۇغۇلۇپ قالاي دىدىم ، ئىنكاس يازغىلى ھېسيات يوقەي
ماتېمىدا ھەجەپ ئابومجان يوققۇ؟غەلىتە ئىش!
مەن QWئىككى كونوپكا بىلەنلا 50.1يۈگۈردۈم…. opكونوپكىغا قاراپمۇ سالمىدىم… بىر پۇتۇم بىرتىزىم بىلەنلا يۈگرىۋەتتىمغۇ
مەن ماڭالمىدىم
يىراققا سەكرەش ئويۇنىمۇ نېمە بۇ،100 مېتىرغا كەلگەندە سەكرەڭ دەپ خەت باكە ،سەكرەشكە ئۈلگۈرمەيلە يىقىلدىم،ئاۋۇ 50 مېتىردىكى توساقنى ئىتتىرىپ 80 گە ئاپىرىپ قويۇپتىمە تىزچىلاپ يۈگرەپلا
ئىككى مىتىردىن جىق ماڭمايدىغۇ بۇ. سىلەر قانداق ماڭدۇرغان بولغىيتىڭلار. باشچىلاپلا چۈشىدىكەنغۇ بۇ. ئالدىغا دوللار تاشلاپ بەسە ماڭامدۇ يا؟
ۋاي مەن كەينىمگە 10 مېتىر ماڭدىم
مېنىڭ كەينىگە ئۈچ يېرىم مېتىرلىق رىكورتۇمنى سىز بۇزۇپسىز
مەنغۇ يا ئالدىمغا يا كەينىمگە بىرەر مېتىرمۇ ماڭالماي ئاخىرى ئۆزەم كومپىيوتېر ئالدىدىن نەچچە مېتىر نېرى مېڭىۋەتتىمغۇ……
قىسقا فىلىمنى بەك ئوخشىتىۋىتىپتىغۇ
ئىككى مىنۇتتىلا 18.4 مېتىر مېڭىپتىمەن ئاينا
ماۋۇ يەردە بۇ ماز ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى بار ئىكەن
http://v.youku.com/v_show/id_XMjI4NDYyNDUy.html
ئۇف …كەينىچىلەپ مېڭىش ھېساپ بولغان بولسا چىمپىيون بۇلاكەنمە!
مەن بەك موللاقچىلىق قىلىپ 2مىتىرمۇ ماڭالمىدىم.
ياخشىمۇسىز نەۋقىران، قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز؟
ھە ماقا مەن ماڭالمىدىم
يا ئاللا، ئەڭ يۇقىرى رېكورت 58 مىتىر باللا، دو چىقىدىغانلا باما
ۋاي رىكورتنى چۇۋۋەتتىم…100مىتىرغا كەلگەندە قۇم كۆلچىكى باكەن…..سەكرەپ ئۆتىدىغان….سەكرىمەي ئوتسەم يىڭىلدىڭىز دەپ چىقتى،،،،،،،،،،،،،
مەن نۆل پۇتۇن ئوندەن بىر مېتىر مېڭىپتىمەن
مەن ئاران 37 مىتىر ماڭدىم