كىشىنى سېغىندۇرىدىغان ئەڭ قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 3-سى چىقىپتۇ، قېنى ئەمىسە!
قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 3-سى كەلدى! ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد(بىرىنچى قېتىملىق مازلىشىش، ئىككىنچى قېتىملىق مازلىشىش)نى ئويناپ كۆرگەن تورداشلارغا بۇ ئويۇن چوقۇم ناتونۇش ئەمەس، بۇ ئويۇننىڭ تورخۇماردىكى باشقا ئويۇنلارغا ئوخشاش پۇزۇر كۆرۈنمە يۈزى يوق، ياكى مۇرەككەپ ئېلىمېنتلار يوق، ئويۇننىڭ كىشىگە ئەڭ ياقىدىغان يېرى – قاتتىق ماز!
تورداشلارغا ئوخشاشلا، مەنمۇ ئىلگىرىكى ئىككى نەشىرىنى ئويناپ باققان، شۇڭا مەزكۇر نەشىرىگە نىسبەتەن ئىدىيە جەھەتتىنمۇ ئانچە-مۇنچە تەييارلىق بار. گەرچە ئويۇن تېتىقسىزراق بولغىنى بىلەن، ئەمما يەنىلا تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى:
- ئادەتتىكى نورمال تەپەككۇر بىلەن بۇ ئويۇنغا تۇتۇش قىلماڭ، ئۆزگىچە، ئويلىمىغان پىكىرلىرىڭىزنى چىقىرىڭ؛
- Flash ئويۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىڭ، يەنى بېسىلىدىغان ئېلىمېنتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلگەندە، مائۇس ئىسترېلكىسى كىچىك قولغا ئۆزگىرىدۇ.
- مابەت ياكى خوتۇن بىلەن ئويناپ سالماڭ! بولۇپمۇ سىز ئويۇنغا ئۇستا، ئۇياق ئانچە ئويناشنى ئۇقمايدىغان ئەھۋالدا! ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ!
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: قاملاشمىغان ماز ئويۇن 1-ئەۋلاد | قاملاشمىغان ماز ئويۇن 2-ئەۋلاد
بولدى، قۇرۇق گەپنى قويۇپ ئويۇنغا كېلەيلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,697 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: trollface-quest-3.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- كېيىنكى يازما > 2013-يىلىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئەسلىمىسى – 3 مىنۇتتا 2013-يىلىدىكى چوڭ ئويۇنلارنى كۆرۈپ چىقىش
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 5-نەشىرى: دۇنيا لوڭقىسى
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
- يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
- [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
- مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
قېنى ئويناپ باقىلى
ۋاي، ۋاي! قارىغاندا ئويۇن ئويناش ماھارىتى ئەڭ قاملاشمايدىغنى مەن ئوخشايمەن، يا بولمىسا مەن ئۆزگىچە ئويلىلايمايدىكەنمە، ئىككىسنىڭ بىرى… ھىېچ بولمىسا بىرنەچچە مەيداندىن ئۆتتۈم.
ئالدىنقى نەشىرىنىمۇ ئاخىرىغا ئاچىقالمىغانتىم ئويناپ. قېنى ئولتۇرۇپ بىر ئويناپ باقاي باشقىلار كىرگۈچە، باشقىلار كىرسە قول تۇتۇشۇپ ئۆتەپ كىتەمىز…
ئۆزگىچە ئويۇنغا… ئوينىدىم ئەمىسە….
بىرىنچى مەيداندىن پەقەت ئۆتە لمىدىم
11 -مەيداندىن قاندا ئۆتدا ..
بۇنىمۇ تۈگەتتۇق. قاپاقنىڭ ئىچىدە قاپاق ئاخىرىدا پوق چىقىدىغان بىلەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئوخشىماسلىقنى تاپىدىغىنى بەك قىينىۋەتتى. مازدەك قىلغان بىلەن خېلى زېھنىمنى سەرپ قىلىۋەتتى جۇمۇ….
مەنمۇ شۇ 11- مەيدان
8-مەيداندىن قاندا ئۆتدا ..
ئويناپ ئۈتىدۇ…
مەن پەقەت 2- دىن ئۈتەلمىدىم…مىنى بېسىڭ دەيدۇ..لىكىن قەيەرنى باسىمەن…
ئۈستىدىكى MENIU دىگەن خەتنى باسسىڭىز ئۆتىسىز.
6-مەيداندىن قانداق ئۆتىدۇ،مەن پەقەت ئۆتەلمىدىم
6-جىسىدىن قاندا ئۆتتۈڭلا باللا ؟
ئاخىرى ئۆتەپ بولدۇم. 11، 15، 20لەر خىلى تەسكەن.
6-دىن پەقەت ئۆتەلمىدىم
ئوڭ تەرەپتىكى چوڭ تاشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك تاشنى چىكىڭ. يۈندەيولىنىڭ ئېغىزى ئىچىلىدۇ.
11-مەيدانغا 87655نى ئۇرۇڭ .ئۇرۇپ بولۇپ ئويلىنىپ بىقىڭ نىمىشقا ئۇ نۇمۇرنى باسسىزكىن!!
6-دىن قاندا ئۆتىدىغانلىقىنى بىر دەپ بېرەڭلا باللا ، بىكا ماۋۇ مائوسۇمنىڭ بەختىگە ئوتتۇراپ قويىسىلە
6-دا ئوڭ تەرەپ پەستىكى بۇلۇڭدا بى كىچىك تاش بار شۇنى چىكىپ قويسىڭىز ئىش تامام
19-تەس كەلدى ، ياردەم دوسلار !
20تال كۇنۇپكىنى بىر-بىرلەپ چەكمەيدىكەن سىز، ئەڭ ئاخىرىدىكىسىنىلا چەكسڭىز بولۇدىكە.
15-دىن قاندا ئۆتىدىغانلىقىنى بىر دەپ بېرەڭلا باللا
تاماشىبىن جاۋابىنى بىر يېزىۋەتمەمسىلە
15-دە ئاۋۋال ئاۋۇ يوغان باشنىڭ بېشىنى ئاچىسىز . ئاندىن ئوتتۇرىدىكى چۆرگىلەيدىغاننى ماۋۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىدا بېسىپ تۇرۇپ قويۋەتمىسىڭىزلا ئۆتىسىز .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئويۇننىمۇ ئويناپ تۈگەتتۇق !
قانداق جاۋابىنى يوللاپ بىرەيمۇ باللا…..
جاۋابىنى يېزىپ قوياي ئۆتەلمىگەنلەر پايدىلانسۇن . بۇ ئويۇننىڭ بىر تەرىپىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش kergk ئىكەن ، يەنى مازلىقى چوقۇم ئەڭ ماز ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە ئاندىن ئۆتكىلى بولىدىكەن .
1- ماشىنىنى بىر ھەيدەپ توختاتقاندىن كېيىن بومبىنى يولغا چۈشۈرۋىتىپ ئاندىن ئالدىدىكى تاشنى پەسكە تارتىۋەتسەكلا بولدى .
2- ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى MENUدېگەن خەتنى بېسىڭ
3-مابىتىڭىزنىڭ كالپۇكىنى بىر بېسىپ ئۆزىڭىزنىڭكىنى بىر باسسىڭىزلا بولدى
4-5- بەك ئاسان دىمىسەممۇ بولىدۇ .
6-ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بىر كىچىك تاشنى بېسىپ قويساقلا بولدى
7-مە مە نى ئوڭ تەرەپكە تارتىۋىتىپ قۇراللىق ئادەمنى بېسىڭ
8-دەرەخنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر كىچىك شېخى بار شۇنى بېسىڭ
9-تۆمۈر تۇمشۇقنى توختىماي چوقىلاتقۇزۇڭ
10-مە مە نى بىر بېسىپ قويسىلا بولىدۇ .
11-تېلفون دەپتىرىدىكى CALL TROLLدېگەن خەتنى بېسىڭ . تېلفوندا ئۇچۇر يازغاندەك قىلىپ.
12-بىرىنچى پارچە كومزەكنى ئاچسىڭىزلا ئۇ كومزەكنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىدە كىچىك بىر چىكىت بار شۇنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .
13-سۇنى ئىككى قېتىم قويۇپ ئاۋۇ زەھەرنى بىر قېتىم قۇيۇڭ .
14- دەرەخنىڭ ئوڭ تەرەپ شېخىنى ئۈچ قېتىم بېسىڭ .
15-يوغان باشنىڭ ئۈستىنى ئېچىپ ئوتتۇرىدىكى چۆرگىلىمەشنى بېسىپ تۇرۇڭ .
16-پەللىنى ماۋۇستا تارتقان پېتى مەمەنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىڭ .
17-ئوتتۇرىدىكى 4 خىش پارچىسىنى ئاندىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئىككى خىش پارچىسىنى بېسىڭ .
18-بىر تال كوكۇسنى مەمەنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈپ ئاندىن دېڭىزدىكى ھېلىقى مەخلۇقنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .
19-ھېلىقى تەڭشەيدىغان يېرىنى ئېچىپلا ئەڭ ئاخىرقى دۈگىلەكنى بېسىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
20-نى ئەسلى يازماي دېگەن بىراق كۆزۈڭلارنى ئاغرىتىۋالماڭلا يېزىپ قوياي.
ئالدىدىكى تۆت ئوخشىماسلىقنى كۆزى بالىكى ئادەم تاپالايدۇ . بىراق 5-جىسىنى مىكروسكوپ بىلەنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ . مەنمۇ مائوسۇمنى ھەممە يەرگە تەڭلەپ يۈرۈپ ئاران تاپتىم . سول تەرەپ سەل ئۈستى كەينىدىكى دەرەخنىڭ ئوڭ شېخىدا سەت ھىڭگاراپ تۇرغان بىر مەمە بار . ئاخىرقسى .
12-بىرىنجى پارچە كومزەكنى ئىچىپ ئىككىنجى پارچە كومزەكنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭدىكى قارا چىكىتتنى باستىم ،نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى ،مەن باسقان چىكىت ئۇئەمەسمۇ ياكى باشقا ئىشلار بارمۇ باللار ياردەم قىلساڭلار!؟!؟
بىرىنجى كومزەكنى ئاچسىڭىزلام ئىچىدە بىرنىمىنىڭ كىچىك ئۇچى چىقىپ تۇرىدۇ شۇنى چىكىسىز.
بىرىنچى پارچە كومزەكنىڭ ئاستىدىكىنى باسىسىز . چىكىت دىسەم خاتالىشىپ قالغان ئوخشايسىز . كىچىك بىر نەرسىنىڭ ئۇچى
تىلىفۇننىڭما ئۇ
كومزىكتىن پوق چىقىدىغىنى بىلەن، ئەڭ ئاخىرقى مەيداننى سىلەر دەپ بەرمىسەڭلار مەڭڭۈ ئۆتەلمىگۈدەكمەن ئەسلى. تولۇق قاتلىۋەتتىم .
20 – قەتتى تاپالمىدىم جۇمۇ
8 – مەيداندىن قانداق ئۆتىمىز؟
8 – مەيداندىن دەرەخنىڭ شاخلىرىنى باسسىڭىز بولىدىكەن!
11 – مەيداندا نىمىشقا 87655 بۇ نۇمۇرلارنى باسىمىزكەن!
11 – مەيداندا نىمىشقا 87655 بۇ نۇمۇرلارنى باسىدىغىنىمىزنى بۈلدىم ، چۈنكى call troll (تىرولغا تېلفۇن قىل) دەپتۇ ئەمەسمۇ ، 87655 بۇ نۇمۇرلارنىڭ ئىچىدە troll نىڭ ئىسمى باركەن ئەمەسمۇ ، بەك مازكەن!
ئۇيان بولا مۇشۇنداق بولاماز بولا مۇشۇنداق بولا
ئۇيان بولا مۇشۇنداق بولا ماز بولا مۇشۇنداق بولا
ئاخىرى ئۆتەپ بولدۇم. 11، 15، 20لەر خىلى تەسكەن
ۋاي ۋاي ۋاي مۇشۇن داقمۇ ماز ئادام نىڭ كاللىسىنى قاتۇردىغان ئويۇن بولدىكەن دېسە
بەك بەك تەستە ئىشىپ كەتتىم دېسە بولۇپمۇ 1- كونىشىنى 100 قىتىمدىن سەللا ئازراق ئوينىدىم دېسە
20- كۆرنىشنىڭ جاۋابىنى يىزىپ قويغان تورداشقا رەھمەت ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئۇۋ يا ئاللا ۋاي كۆزۈم قانداق قىلاي 20-كۆرىنىشنىڭ ئوخشىماسلىقىنى تاپقان بۇرادەر كۆزلىرى مىكروسكوپتىنمۇ ئۆتەكەن جۇما ئاخىرى ئۆتتۇق مانا
3 مەيداندىن قانداق ئۆتىمىز؟
راس نىمدا ماز ئويۇن بۇ
7 مەيداندىن قانداق ئۆتىمىز؟
16 دىن قانداق ئۆتۈمىز
18-دىن قانداق ئۆتۈمىز
7-دىن قانداق ئۆتىمىز
بۇرادەرلەر 12-دىن قانداق ئۆتىمىز
بارلىق دوسلارغا رەخمەت………………
ئاخىرى ئويناپ بولدۇم…
يوۋ لاۋزا بولا مۇشتابولا ھە لىكىن 2_مەيداندىن ئۆتەممىدىميا مان بەك دۆتمۇ نىمە
ھەي باللا 16 نى قاندا قىلىمىز ؟؟
8-مەيداندىن قانداق ئۆتىدۇ؟
ئاخىرى ئويناپ بولدۇم…
ئاخىرى ئويناپ بولدۇم
توۋا 18-كۇرنىشنى مىنىڭ 5 ياشلىق بالام تىپىپ بەردى…
مەن ئۆتەممىدىم دەپ بىرىڭلا
3 مەيداندىن قانداق ئۆتىدۇ باللا
3- مەيداندىن ئاخىرى ئۆتتۇم….ئاۋۋال قىزچاقنىڭ بېشىنى بېسىپ ئاندىن تىزلا مەمەجاننىڭ بېشىنى باششاق بولدىكەن
ئەمدى 4- مەيداندىن ئۆتەلمەيۋاتىمەن يا
10-مەيداندىن ئۈتەممىدىم ياردەم قىساڭ لا
بۇمۇتۈگدى
10-دىن پەقەي ئۆتەممىدىم ياردەم قىلىڭلا