ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن ئوينايلى | بۇ بەلكىم سىز ئوينىغان يەنە بىر قاملاشمىغان ماز ئويۇن
ئالدىنقى قېتىم پالاكەت ئېللانى يوللىغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ بۇ ئويۇنغا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن ياخشى بولدى. قارىماققا، كۆپچىلىك مۇشۇنىڭدەك سىر يېشىش تىپىدىكى ئويۇنلارنى يەنىلا خېلى ياقتۇرسا كېرەك؟
بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئوينىماقچى بولغان بۇ ئويۇنمۇ شۇ خىل تىپتىكى سىر يېشىش ئويۇنىنىڭ بىرى. قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە ئەخمەق كۆرۈنىدىغان باش پېرسوناژ بىر يۈرۈش ئىنتايىن ماز لايىھەلەنگەن قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىدۇ، بىراق بۇ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئۈچۈن سىزدە چوقۇم باشقىچىراق بولغان تەپەككۇر ئېڭى بولۇشى كېرەك. پۈتۈن مەشغۇلاتلار مائۇستا تاماملىنىدۇ، قېنى ئەمىسە ئامەت تىلەيمەن.
Trollface Ques
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 26,209 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: trollface-quest.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «جەڭگاھ 4»نىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلىنىپتۇ، بۇدا شاڭخەينى پارتلىتىپ ساراڭ قىلامدۇق نېمە؟!
- كېيىنكى يازما > مۇردىلار تېمىسىدىكى يەنە بىر نادىر ئويۇن – بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس : ۋەھىينامە
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 5-نەشىرى: دۇنيا لوڭقىسى
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى
- كىشىنى سېغىندۇرىدىغان ئەڭ قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 3-سى چىقىپتۇ، قېنى ئەمىسە!
- ھەپتە ئاخىرىدا يەنە قاملاشمىغان ماز ئويۇندىن بىرەنى ئوينايلى | مەمەجاننىڭ ھاجەتخانا ئىزدىشى
- تارىختىكى ئويناش ئەڭ قىيىن بولغان يۈگۈرۈش ئويۇنى QWOP، تەسلىگىدىن كۆڭلىڭىز ئازراق يېرىم بولۇپ قالىدۇ
- يەنە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 2-سىنى ئوينىمامدۇق؟
- [Flash ئويۇن] ھەپتە ئاخىرىدا يەنىلا كىچىك ئويۇن ئوينىغانغا يەتمەيدۇ – كالۋا Ella
- ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
- مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
ھېلى چىراي ئىپادىلىرى ئىكەنغۇ
ئاخىرىغىچە ئويناپ تۈگىتىۋەتتىم بىر ئولتۇرۇشتىلا! ھىھى…
دىۋانغا يىقىنلاپ قاپتىمەنغۇ ؟
بۇ ئۇيۇننى قانداق ۇينايدۇ بىشىم ئىلىشىپلا كەتتى دىسە
قاندا ئوينايدا باللا!
ۋاي نىمدا ماز ئۇيۇندۇ بۇ …….
ھېي باللا ئاۋۇ تەرىتى قىستاپ كەتكەن ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىمىز زادى
ئاۋۇ قىزلار ھاجەتخانىسىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىز ئوغۇللارنىڭكىدەك ئۆزگەرتىۋىتىپ، كىرىپ كېتىۋىرىدۇ ئا قېلىن تاز
قارىغاندا مەندە ئىجادىي تەپەككۇر بەكلا ئاز ئوخشايدۇ …. ئىككىسى بىر بىرىگە قاراپ قولىنى سۇنۇپ كۈلۈپ تۇرغان ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدىم ، يول كۆرسىتەمسىلەر
trollface دېگەن خەتنى 10 قېتىم چېكىڭ.
مەن 10 تال Trollface تاپىدىغان يەردىن 9 نىلا تاپتىم ، باشقا باسىدىغان ھەممە يەرنى بىسىپ باقتىم ، پايدىسى يوق ، ئۆتەلىگەنلەر تەجرىبەڭلارنى دەڭلار …
ئەمما ما كۆرۈنۈشتىن قانداق ئۆتۈشنى ھەرگىز دەپبەمەيمەن خەپ، خەپ، خەپ ئاشۇنداقمۇ بوزەك قىلامدۇ دەيمە سىز دېگەن كۆرۈنۈش.
ئىككىسى بىر بىرىگە قاراپ قولىنى سۇنۇپ كۈلۈپ تۇرغان ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدىم ، يول كۆرسىتەمسىلەر
ئۈستىدىكى ئىنگلىسچە خەتنىڭ مەنىسى trolface دىگەن خەتنى ئون قېتىم بېسىڭ دەپتۇ ، سىز ئاۋۇلار بىلەن ھەپلەشمەي ، ئاستى سىزىلغانtrolface خەتنى ساناپ تۇرۇپ 10 قېتىم بېسىڭ
ئويۇن مۇۋاپىقىيەتلىك تۈگىدى …
ۋاي ئاۋۇ كالا بار ئۆتكەلدىن قاندا ئۆتىدۇ ؟!
كالىنىڭ دۈمبىسگە بىرنى چېكىڭ.
ئاخىرىغىچە ئويناپ تۈگىتىۋەتتىم… ھې…ھې…ھې… راستلا ماز ئويۇنكەن بۇ
ھېلىقى ئىككى ئادەم قولىنى چىقىرىپ تۇرغان يەردىن قانداق ئۆتىدىكەنمىز ؟
ئۇف ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتىم ئويان بولا مۇشۇندا ماز بولا …..
———————————————
@Teddy: ئويناش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ يۈرسەك ئويۇننى ئوينىغاننىڭ مەززىسى قالماس؟
ئاۋۇ يۇمۇلنۇپ كەلگەن تاشتىن قانداق ئۆتىدۇ ؟
ئاۋۇ بىرمۇنچە ساراڭ ساراڭدەك كۈلۈپلا تۇرغان ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدىم …
مەن 10 تال Trollface تاپىدىغان يەردىن 9 نىلا تاپتىم ، باشقا باسىدىغان ھەممە يەرنى بىسىپ باقتىم ، پايدىسى يوق ، ، يول كۆرسىتەمسىلەر
ماشنا ماڭغۇزدىغان يەردىن قانداق ئۈتەمىز
ماشنا ماڭغۇزدىغان يەردىن قانداق ئۈتەمىز
قايتا ئويناش دىگەن گەپنىڭ يىنىدىكى كۇلگەن ئادەمنى باسسىڭىز 10بولىدۇ
1. تېلۋىزورنى ئۆچۈرۋېتىڭ.
2.كۆزىڭىزنى بېسىڭ.
3.ئاياللار تازلىق ئۆيىنىڭ بەلگىسىنى بېسىڭ. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كېتىڭ.
4.ئاۋال باشنى بېسىپ زەھەرلىك گازدىن مۇداپىيىلىنىش نىقابىغا ئالماشتۇرۇڭ. ئاندىن تۇربىنى تۇتاشتۇرۇڭ.
5. ياۋايى ئادەملەرنىڭ يوپكىسىغا بېسىڭ. ئاندىن يەنە بىرنى بېسىڭ…..لاي لاي لاي لاي….
6. بۇقىنىڭ گەجگىسىنى بېسىڭ.
7. سېھرىگەر ئەسلىڭىزگە كەلتۈرگەندە سېھىرلىك تايىقىنى بېسىپ تارتىۋېلىڭ.
8. ماشىنىنى توختىماي چېكىپ ، ئالدى چاقىنى بايراق بىلەن تەڭەرەك قىلىپ توختۇتۇڭ. ئېشىپ كەتمىسۇن.
9. مەمەنى توختىماي بېسىپ ئۆتۈپ كېتىڭ.
10. ئاستىنى سىزىپ قويغان trollface دېگەن خەتنى 10 قېتىم چېكىڭ.
11. ئوڭ تەرەپتىكى چۈشەندۈرۈش تاختىسىنىڭ ئۈستى ئوڭ بۇرجىگىدە سىزىقچىدەك قىستۇرۇش بار شۇنى بېسىڭ. ئاندىن شۇ سىزىقچىنى يەنە بىر باسسىڭىز WIN دېگەن خەت چىقىدۇ. شۇنى بېسىڭ.
12. كەمپۈتنى سىزىقلارغا تەككۈزمەي كۈلۈپ تۇرغان باشتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ،next level دېگەن خەتكە ئاپىرىپ بېسىڭ.
13. ماشىنىنى تۆۋەنگە- يۇقىرىغا تارتىپ توسۇقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا چىققان قوش توسۇق ئۆزىنى بېسىڭ.
14. تاش دومىلاپ قېشىڭىزغا كەلگەندە تاشنى بېسىڭ.
15. يېشىل كۇنۇپكىنى بېسىۋېرىپ بىر قېتىملىقى قالغاندا ئىككى كۇنۇپكا ئورنى ئالمىشىدۇ. يېشىل كۇنۇپكىنى بېسىڭ.
16. دورىلارنىڭ ھېچقايسىنى ئىچمەڭ. قاراپ تۇرسىڭىز تام قىستاپ كەلگەندە ئوڭ تەرەپ تامنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بىر قارا كۇنۇپكا بار. شۇنى بېسىڭ.
17.كۈلۈپ تۇرغان 10 باشنى تاپىدىغان يەردە خىرىلداپ تۇرغان 9 باشنى تېپىپ بولۇپ، ۋاقىت توشقاندا مەغلۇپ بولدى دېگەن خەت چىقىدۇ شۇ چاغدىكى چىققان يەنە بىر باشنى باسساڭلار ئۆتۈپ كېتىسىلەر.
18. بىرىنجى ، ئىككىنجى قاپقانلاردىن سەكرەپ ئۆتۈپ ئۈچىنجىسىدە سەكرىمەي ئۆتۈڭ.
19. مۇزىكا نوتىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن رەت تەرتىۋى بويىچە بېسىپ، بەشىنجىسىگە كەلگەندە باشنى بېسىڭ.
20. ئاخىرىدا تېلۋىزورنىڭ سىمىنى ئۇلاڭ.
تۈگىدى
ۋاي ئاداش سىلە دىمىسەڭلەرمۇ قىززىقكەنسىلەر ئويۇننىڭ جاۋابىنى دەپ قويساڭلار بۇ ئويۇننىڭ نىمە قىززىقى قالىدۇ دەيمە!!!سىلە دىمىسەڭلار سىلە بىزدەك ئەخمەق بوپبېقىپ ئاندىن ھوزۇر ئالىدىغان ئويۇ تۇرسا بۇ!قىززىقىنى قويماپسىلە!سىلە خىيالىڭلىدا ھېچكىم ئۆتەلمەي قالغان ئوخشايدۇ دىگەنمىتىنڭلا؟؟!!
سىلىمۇ قىزىقكەنلا. ئويۇننى ئىنكاسىمغا قارىماي ئوينىساڭلا بولمىدىمۇ. شۇنىڭغىمۇ كاللىسى يەتمىگەن…… بۇنى بەك تاپالماي تېرىكىپ كەتكەنلەرگە دەپ بەردىم بولدىما. ئويۇن توغۇرلۇق تازا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئوخشايلا. ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم تورىدىكى ‹‹شەمشەر تورى›› ناملىق كارتوننى كۆرۈپ بېقىشىڭلىنى تەۋسىيە قىلىمەن.http://www.akburkut.com/eza/forum-125-1.html
ئويۇن دېگەندە بايقىغان نەرسىسىنى يوشۇرماي تەڭ بەھىرلىنىش ئويۇن ئوينىغۇچىلاردا بولىدىغان يەنە بىر خىسلەت. يەنە دەپ قوياي كاللاڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا. بۇنى پەقەت ئۆتەلمەي ياردەم كېرەك بولغانلارغا يوللىدىم. جاۋابىنى ئۆزۈم تاپىمەن دېسەڭ قارىماي ئوينىساڭلا بولدى. تەتە-پەتە پاراڭ قىلىشنىڭ ئورنى يوق بۇ يەردە.
ئاخىرىدا ئويۇنغا تۇيۇپ قاچىدىكەن
ئۇيان بۇلا مۇشتا ماز بۇلا ،بەزىدە ئەدەم نىمە قىلشىنى بىلەممەي سەت بۇغۇلۇپ كىتىدىكەن ،ئۆتەممىسە زاڭلىق قىپ سەت ھېجاراپ قۇيىدۇ تېخى ، لىكىن بىكاچىلىقتا خېلى ياراپ قالدى .
ۋىروسكام يوق بوپ كەتتىغۇي ؟ نەلەدە يۈرگەندۇ بۇ ۋىروس ، بەلەن ۋىروستى يازمىللىرى بەك ئىسىل ! خۇماداشلاغا ۋاكالىتەن سېغىنىپ قويدۇم
مەن ئوينىسام ئىككىنچى ئۆتكەل (كۆزەينەك تاقاپ تۇغان مويسىپتنىڭ قولىدىكى ئىككى تال نەرسىنى كۆزىگە تىقىدىغان) دىن ئۆتەپ، ئاخىرى چىقمىدى؟؟؟
ئاخىرىدا ئويۇنغا تۇيۇپ قاچىدىكەن
تىلۋىزوردىكى بىزگە گەپ قىلۋاتقىنى ھىلىقى كىنو دىكى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئويۇننى ئورۇنلاشتۇرىدىغان [ھەرە] ناملىق كىنودىكى ئەبلەخ شۇكەن، يۈزىدىكى قىزىل يومىلاق بەلگىمۇ شۇ. بۇ داڭلىق كىنو ئويۇنغىمۇ مەزمۇن بولۇپ كىرىپتۇ