ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، يېنىكرەك كىچىك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ قويمامدۇق؟
تورخۇمارغا Flash ئويۇن يوللىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. ھەپتە ئاخىرى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تورداشلار بىلەن بىرگە يېنىكرەك Flash ئويۇندىن بىرەنى ئويناپ باقايلى دەپ ئازراق مىدىرلاپ باقتىم. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بۈگۈن ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىمىز – كىچىك بالونچاقنىڭ سەرگۈزەشتىسى(Little Wheel) دېگەن ئويۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
Little Wheel بولسا، كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگىچە بولغان بىر خىل تەۋەككۈلچىلىك ۋە سىرلارنى يېشىش تىپىدىكى ئويۇن(تورخۇماردىكى 机械迷城 دېگەن ئويۇن ئېسىڭىزدىمۇ؟). ھېكاينىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكى مۇنداق: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا، دۇنيادا بىر ماشىنا ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ناھايىتى بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، تاكى بىر كۈنى، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال بۇ شەھەرنىڭ گېنېراتورىغا ئەجەللىك بىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەپتۇ…
شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر قاراڭغۇدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇيقۇسىنى باشلاپتۇ، تاكى ئارىدىن 10 مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، دەھشەتلىك چاقماق تاتلىق ئۇخلاۋاتقان كىچىك بالونچاقنى سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن كىچىك بالونچاق ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، بۇ دۇنيانى قۇتقۇزۇشتىكى قەھرىمانلارچە سەپىرىنى باشلاپتۇ…
شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتتى، شەھرىزات ھېكايىسىنى مۇشۇ يەردە توختاتتى، ئۆھۈ ئۆھۈ! خەپ شۈك باللا ھە؟ ئەستايىدىلراق بولۇڭلا، بىز ھازىر ئويۇن ئوينىماقچى!
ئويۇنغا كەلسەك، قىيىنلىق دەرىجىسى ئوتتۇراھال دەرىجىگە كىرىدۇ، پۈتكۈل ئويۇندا سىز چۈشەنمىگۈدەك نەرسىمۇ يوق(سىز پەقەت ياقتۇرغان ئىشىڭىزنى ئەستايىدىل قىلىدىغان ئادەم بولسىڭىزلا)، ئويۇن مائۇستا باشقۇرىلىدىغان بولۇپ، قىسقىغىنە ئويناش جەريانىدا، بەلكىم سىز ئۈن-تىنسىز ئويۇننىڭ ئىچىگە چۆكۈپ قېلىشىڭىز، قارا ۋە سارغۇچ رەڭ تۈسىدىكى رەڭلەرگە قوشۇلۇپ باشقىچە كەيپىياتتا بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، Anyway…گەپنى يىغساق، ھەپتە ئاخىرىڭلار كۆڭۈللۈك ئۆتكەي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن، سىرلىق، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 22,791 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: little-wheel.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئويۇن ھەپتىلىگى | بوشلۇقتا تۇرۇپ ئوينايدىغان فانتازىيەلىك ئويۇن – بىئوخىمىيەلىك ھۇجۇم3: چەكسىزلىك
- كېيىنكى يازما > «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 5-نەشىرى: دۇنيا لوڭقىسى
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
شاھ
تىلفۇندا چىققان فىلەشنى كۆرگىلى ئىمكان بوممىدى كىيىن كۆرۋالاي
ئىنكاس دىگەننى ئاشۇنداق يازسا بولامدا؟ ئويۇننى ئوينىمايلا
جۈمەلىك ئۇيۇن بوپتۇ مانا !
نىمدا ئېچىلمايدۇ بۇ ۋوجوووووووون……….
ئويۇننى يېشىۋەتتىم ، سازكەن دىگەننى باسساڭلار ، ئۇيۇندىن ئاتلاپ كىتىدىغان پارولنى دەپ بىرىمەن !
مەنمۇ يىشىۋەتتىم ئاۋۇ كىران ھەم 3تال سائەتنى توغۇرلاش قىزىقارلىقكەن.ئاخىرىدىكى سىمنى تەستە چىتىۋەتتىم شۇنىڭ بىلەن دىبانىڭ چىرىغى ياندى مەنمۇ غەلبە قىلدىم مانا.
مەنمۇ 3 تال سائەتنى توغۇرلاشنى ئىككى قېتىم ئويناپ ئاران ئۆتتىم. مەنمۇ غەلبە قىلدىم
مەن ئويناپ ئاخىرغا چىقاندەك قىلىمەنغۇ ،،،،ھى ھى،،،
بۇمۇ ئاخىرىغا چىقىپ قالدىغۇ مانا
بىر زامانلاردا ئۇيغۇرچىلاشۇرۇپ ئوينىغان ئىدىم.. ئۇيغۇرچىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=534395&uk=587976888
يولداش مەستانە بىئو-خىمىيە ئائىلىسىدىكى ئويۇنلاردىن يېڭىلىرى چىقىپ كەتتى. ۋاقتىڭلار چىقسا يوللاپ قويۇڭلار. بىزلە خەتنىڭ ئۇستىخىنىنى تازا كەلتۈرەلمەيدىكەنمىز.
ھەقىقەتەن بولىدىغان ئويۇنكەن جۇمۇ… پويىز دېگەننى ۋالاقشىتىپ ھەيدەپ ئاشۇ…
ئويۇن تۈگەپ قالدىيا….
بۇ ئويۇننى زادى قانداق ئوينايدۇ؟
توۋا قىززىق ئىش ، ما تىمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىگە مازكەننى بېسىپ باققان بالا باكەن
شەنبە كۈنى بىكاچىلقىتا مازكەننى بېسىپ ئويناپ باققان چېغى
يامانكەنسىلە باللا ، راس گەپ قىسام ئوينايدىغان يىرىنى تاپاممىدىم ، ئاۋۇ مۇنانىڭ تۆپىسىدىلا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىۋاتىدۇ ،
قارىغاندا ، تازا ئويۇنخۇمار ئەمەسكەنسىزدە ….
ۋەزىپە تاماملامدى، شەھەر ئاھالىسى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى دېگەن يەردە تۈگەمدۇ
تۈگەتتىم!
ئاخىرىدا دىبانىڭ چىرىقى يانغاندىن كېيىن ئويۇن تۈگەمدا…نېمانداق ئاسانننن
ئويۇنكەن راس ماۋۇ
ئوينىياممىدىم ھەجەپ تەسمۇ يە مەن ئوينىياممىدىممۇ ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم
بىشىنى قانداق ئوينايدۇ ھىشنىمىنى چۇشەنمىدىم غۇ ؟ بولمىسا مەن ئۇنچە كالۋامۇ ئەمەس
پەچەت ئويۇنكەن بۇ
مەنمۇ ئاخىرىغا چىقىرۋەتتىم لىكىن بەك قىسقا ئويۇنكەن بىردەمدە تۈگەپ قالدى دەيمەن. ھەممە ماشىنا ئادەملەر ئويغاندى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.
بەك تەسكەن …
چۈشۈرۈش ئادرىسى نەدە
بولدىغان ئۇيۇن ئىكەن
نىمدا ئېچىلمايدۇ بۇ…مەن ئوڭشاپ بېرەي مۇ؟
ھاھا ئاددىي ئويۇنكەن .
بىرىنچى مەيداندىن ئۆتەلىگەنلەر بارمۇ؟…
ياخشى ئويۇن ئىكەن