«جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئويۇنى ئارىمىزدا ھېچكىمگە ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئويۇن شىركىتى PopCap يېقىندا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئويۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد نەشىرى «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە PopCap نىڭ بىلدۈرىشىچە، «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2» پەقەت iOS سۇپىسىنىلا قوللايدىغان بولۇپ(بىر مەزگىلگىچە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، Android سۇپىلىرىدا قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى نامەلۇم)، پەقەت iPhone/iPod ۋە iPad تىلا ئويناشقا بولىدىكەن.
«جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2» ئويۇننىڭ ئىلگىرى ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ ئارقا ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىشىنى توسۇش ۋە نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2» دە نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر قايتىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئۆتكەل ۋە ئويناش ئۇسۇلىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپتۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كىشىنى خۇش قىلىدىغان يەنە بىر خەۋەر شۇكى، «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2» پۈتۈنلەي ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىكەن، ئەمما ئىچىدىكى بىر قىسىم قورال-جابدۇقلارنى ئىشلەتمەكچى بولساق، ئايرىم ھەق ئېلىنىشى مۇمكىن. PopCap نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئەلۋەتتە بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ئويۇننى ئاخىرىغىچە ئوينىيالايدىكەن، بىر قىسىم جابدۇقلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئويۇننى تېخىمۇ ئاسان تۈگەتكىلى بولىدىكەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، 4 يىلدىن كېيىن يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغان بۇ كلاسسىك ئويۇنغا تەقەززا بولماسلىققا باھانىمىز يوق.
«ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر2: زامان ھالقىش» نىڭ تەشۋىق فىلىمى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر,نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,612 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: plants-vs-zombies-2-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئوماق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بالىلىقتا بىزگە ھەمرا بولغان ئاشۇ كارتون فىلىملەر
- كېيىنكى يازما > ACT تىپىدىكى بۇ يىلقى نادىر ھەرىكەتلىك ئويۇنلارنىڭ بىرى: ئۇنۇتما(Remember Me)
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
يېڭە چىققىنى پەيزىدەك قىلىدۇ
بۇ ئويان چىققان بولسا دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئوينىسام ئىسىت ئىسىت
تەۋەرۇك ئۇيۇن جۇمۇ بۇ..
ئىشقىلىپ مەن ساقلايمەن …
بۇ ئويۇننى مەن بەك ئويناپ كەتمەيمەن، ئەمما ياتاقداشلىرىم ۋەھشى ئويناپ قويىدۇ جۇمۇ…
( ھە شۇنداقمۇ ، ئەسلى مۇنداقكەندە )
ما يىڭىسى پەچەت ئوخشايدۇ تىزراق ئىلان قىلىنىشىنى ساقلايمىز
ئەنجۈر ئويناپ زىرىكتىم ، مۇشتا ios تىكى ئۇيۇنلارنى ئويناش ئۈچۈنمۇ بولسا ئالمىدىن بىژنى ئالىمە خەپ
شۇ شۇ…ئالما 6 چىققاندا بىرنى ئالمىسام… قوش كارتا قىلىپ چىقارسا بولىدۇ بۇ ئالمىنىمۇ…بىرسىدە تورغا چىقىپ ، بىرسىدە پاراڭلىشىدىغانغا… ھەي ئالما ، ھەي ئالما
مەن مۇشۇن ئويۇننى ئويناشنى پەقەتلا بىلمەيمەن جىما…ھېلىقى temple run , مۇشۇنىڭغا ئامراق مەن….
tor xumargha qandaq tizim lit miz ?tizim lat may mu pikir qilalam duq ?مەن مۇشۇن ئويۇننى
ۋاھ، ياخشىغۇ، بىرىنجىسىنى 18 كويغا ئېلىپ ئوينىغان مەن، كىيىن ھەقسىز قىلغاندا باشقا ھېساباتىمغا ئېلىپ ئايپەدكىمۇ قاچىلىۋالدىم.
ئىشقىلىپ بەك ياقتۇرىمە مەن. باشتىن ئاخىرى ئىككى قېتىم يىڭىپ ئۈچىنچى قېتىممۇ تۈگىگىلى ئازلا قالدى. بەزى زىرىككەندە ئويناپ قويىمەن. ھازىرمۇ تېخى ئويناپ بوپ تورخۇمارغا كىرگۈم كەپ كىرگەنتىم، خوش بولدۇم ماۋۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ.
يېڭىىسى پەچەتكەنغۇ،.،،،، ئاندورىتنڭمۇ چىقسىتدى تېزىرەك….!
سازكەن
يەنە پۇل،،،،،،،دەپ چىقابۇ
بوپ قويدىكەن….ئەممازە ماۋۇ ۋىندۋوس سېستىمىسىنىڭ چىققۇچە ساقلاي
ئويۇن ئويناشتا ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولمىسام بىكار… بەك دۆتتە مەن ئويۇندا…
كومپىيۇتېر نۇسخىسى يوقمىدۇ بۇ نەشىرنىڭ.
بەك ياخشى ئۇيۇن بۇ مەنمۇ يامان ئەمەس ئويناپ قۇيمەن 1-نەشىرنىڭ ھەممە ئۆتكەللىرىنى تاماملاپ بولدۇم ئەمدى بۇمۇ چىقسا بىر ئويناپ ئاياقلاشتۇرۋەتمىسەم
كۆڭۈلسىز زامانلاردىكى تور تاقالغان بىر يىلىمىزغا ئوبدان ھەمرا بولغان بۇ ئويۇننىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.
« ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن » ئويۇن …… !
ئۇچ ئۆلچەملىك قىپتۇ دە بۇلار . ھەممە ئىشلار ئەمدى ئۇچ ئۆلچەملىىك كۆرنۇشلەر بىلەن تۇشۇپ كېتىدىغان بولدى دە .
بولۇدىغان ئويۇن بۇ
بەك ياخشىي بۇپتۇغۇ