ئوماق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بالىلىقتا بىزگە ھەمرا بولغان ئاشۇ كارتون فىلىملەر
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېشىمىز بارغانسىرى چوڭىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزدىكى بالىلىق ئەسلىمىسىنىڭ تېخى تولۇق يوقالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئامالسىزمىز. بۈگۈن بالىلار بايرىمى، بالىسى بارلار باللىرىڭلارنى ئېلىپ باغچىلارغا، ئويۇنچۇقخانىلارغا، كىتابخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ بۇ بىر كۈنى ئۈچۈن ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىڭلار. بالىسى يوقلار ياكى توي قىلمىغان بويتاقلار تورخۇماردا بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولغان ئاشۇ بىر قىسىم كارتون فىلىملەرنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
كىچىك چېغىمىزدا كۆرگەن ئاشۇ كلاسسىك كارتون فىلىملەرنىڭ ئىزىنى ھازىر تېلىۋېزوردىن تاپقىلى بولمايدۇ. لېكىن، شۇ كارتونلارغا ئائىت بىرەر پارچە رەسىم، بىرەر يۈرۈش مۇزىكا بولسىلا، شۇ ھامان ئاشۇ كارتون فىلىملەرنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھېسىياتقا قايتىمىز. تۆۋەندە شۇ يۈرۈشلۈك كارتون فىلىملەرنىڭ ئىسمى ۋە ئاساسى ناخشىلىرىنى تىزىپ باقايلى، چۈشۈپ قالغانلىرى بولسا ئىنكاستا تولۇقلاپ قويساڭلار تېمىغا قوشۇپ ئەڭ تولۇق بىر توپلاپ قىلىپ قويارمىز.
ئامىگو ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى | Amigo and Friends
بۇنى بېشىغا تىزىشىمدىكى سەۋەپ، مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ئەڭ بۇرۇن كۆرگەن ئۇيغۇرچە كارتون فىلىم مۇشۇ بولسا كېرەك؟ باشقىسىنى بەك ئېسىمگە ئالالمىدىم.
خەپ توختاپتۇر، توشقان! | Ну, погоди
ئۇنىڭدىن كېيىن كۆرگىنىم مۇشۇكەن، بىراق بۇنىڭ كومىك(رەسىملىك كىتابچە)سىنى كۆرۈپتىكەنمەن، كارتون فىلىمى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. توردا تولۇق توپلىمى باركەن، ۋاقتىڭلار چىقسا ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقارسىلەر.
خىيمەن ۋە ئالەمنىڭ خوجايىنلىرى | He-Man and the Masters of the Universe
بۇ بەلكىم ھېچكىمگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلگەن كارتون فىلىملەر ئىچىدە شۇ ۋاقىتتىكى ئاۋاز سەۋىيەسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارتون فىلىمنىڭ بىرى دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئىشەنمىسەڭلار ئاڭلاپ بېقىڭلار.
مىم | ミームいろいろ梦の旅/Meme’s Fantastic Adventure
پەن-تېخنىكىغا ئائىت نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى كارتونلارنىڭ بىزگە دەسلەپتە يېتىپ كەلگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك؟ ھازىر چوڭ بوپ كەتكەندۇ بۇ مىمخانمۇ…
ئەقىللىق يىشيۇ | 一休さん
ئارام ئالايلى، بىرئاز ئارام ئالايلى دېگەن گەپ چىقىشى بىلەن ھەممىنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان يىشيۇ، باتۇر ۋە نەسباستى شىڭيۇۋېيمېن، ئۆزىنى دانا سانايدىغان جىياڭجۈن ئالىيلىرى…
خاسبىينىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى | The Adventures of Teddy Ruxpin
بىكار تۇرسا بىر نەرسە كەشىپ قىلغۇسى كەپ تۇرىدىغان نىيۇتون جېمىك، سەككىز پۇتلۇق قۇرت كىلوبى ۋە تەۋەككۈلچى خاسبىي، ئالتۇن تاۋلاشنى ئۆگىنىمەن دەپ لوبىنىڭ مازىقىغا قالغان تىۋىگو، ياۋۇز ئالىلىيلىرى كۇيرى….
ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى | Marco
ھازىر ھەقىقىي مۇھەببەتنى تېپىش، ماركونىڭ ئاپىسىنى تېپىشىدىنمۇ تەس بولۇپ كەتتى دېگەن بىر جۈملە سۆز بۇ كارتونغا نەق چۈشىدۇ.
كارتوننىڭ سىرى | Kidd Video
بۇ كارتونمۇ مەن ئاڭ ياقتۇرىدىغان كارتونلارنىڭ بىرى. كاۋبىي مۈشۈكلەر چىقسىلا بىر مەيدان قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى ئېنىقلا، ھاھا!
مۈشۈك بىلەن چاشقان | Tom and Jerry
بۇ توغرىلىق جىق سۆزلىمىسەممۇ بولار؟ مەن ھازىرغىچە كۆرىدىغان كارتون فىلىمنىڭ بىرى بۇ. كەلگۈسىدە بالام بىلەنمۇ ئولتۇرۇپ كۆرۈشنى ئويلاۋاتىمەن. تورخۇماردا ئىلگىرى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ تولۇق 140 قىسىم توپلام ئېلان قىلىنغان، تېخى بايقىمىغانلار بولسا دەرھال بېرىپ چۈشىرىۋېلىڭلار.
ئۆردەك بىلەن چاشقان | Mickey Mouse and Donald Duck
قەشقەر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاۋاز بەرگەن مەزكۇر كارتون فىلىممۇ ئىنتايىن كلاسسىك دېيىشكە بولىدۇ، بىراق نېمىشقىكىن، ھەر قېتىم تېلىۋېزوردا قويغاندا ماڭا بەك قىسقا، بىردەمدە تۈگەپ كەتكەندەك بىلىنەتتى.
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا | 옛날 옛적에
مەكتەپتە ئەڭ قىززىق مۇلازىھە قىلىدىغىنىمىز مۇشۇ قونچاق بولسا كېرەك؟ بەسەي دەرۋىش بىلەن لوبو دەرۋىشنى قويۇپ تۇرايلى، فىلىمدىكى ئاجايىپ ئەپسانىلەرمۇ كىشىنى ئۆزىگە ئاجايىپ جەلپ قىلاتتى…
رامبو | Rambo
رامبو، ھەرىكىتىڭنى داۋاملاشتۇر دەپ قويسا، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچنىمە بولماي كېتىۋېرىدىغان تىپىك ئامېرىكىچە بۇ قەھرىماننىڭ ھېكايىسىمۇ بىزگە مۇشۇ كارتون ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇلاڭچى خورسېنبورس | Größer Räuber
سىرلىق ئورمانلىققا يوشۇرىنىۋېلىپ ساقچىلارغا تۇتۇق بەرمەيدىغان، كىمنى كۆرسە «مەن بۇلاڭچى خورسېنبورس، قارمۇش تاپانچامنىڭ تەمىنى تېتىپ باق!» دەيدىغان بۇ كارتون فىلىم شۇ ۋاقىتتىكى تۇنجى «3D» كارتون بولسا كېرەك؟ ھاھاھا!
چۈش تاش | The Dream Stone
بۇمۇ ناھايىتى قالتىس كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى ئىدى، ئوپىك دەپ ۋاقىرايدىغىنى شۇغۇ دەيمەن؟ بەك جىق تەپسىلاتى ئېسىمدە قالماپتۇ، ئەسلىيەلىگەنلەر تولۇقلاپ قويساڭلار.
مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدە ھېكايە | まんが偉人物語
پەن-تېخنىكىنى بالىلارغا ئومۇملاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر نادىر كلاسسىك كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى. ھەر بىر قىسىمدا دۇنيادىكى داڭلىق ئالىملار ۋە ئۇلار بايقىغان كەشپىياتلار توغرىسىدا مەزمۇنلار سۆزلىنەتتى.
باتۇر سانخىلو | Sanhilo
بۇ كارتوننى راستىنى دېسەم تۈزۈك كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. قۇتيار تورىدىن يۇقارقى ئىككى كارتوننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈپ قىستۇرۇپ قويدۇم.
شىر پادىشاھ: سىمبا: Simba: The King Lion
سىمبا! ساڭا بۇ يەردە نىمبا؟! دەپ ۋاقىرايدىغان يولۋاس سېركون ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ ئىتالىيە نۇسخىسىدىكى بۇ شىر پادىشاھ ئەينى ۋاقىتتا بالىلارنىڭلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن بالىلىقىقا قايتالمايدىغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنى تەسىرلەندۈرگەن.
بانان پالۋان | BananMan
بىر تال باناننى يېسىلە مۇسكۇللىرى چىقىپ يوغىناپ كېتىدىغان بۇ پالۋاننىڭ كارتون فىلىمى مۇستەققىل قويۇلدىمۇ ياكى ئەجدىھا كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ قويۇلدىمۇ تازا ئېسىمدە يوق، لېكىن مۇشۇنداق بىر پالۋان ئېسىمدە.
خىسلەتلىك دراگون كۇلۇبى | Dragon Club
خىسلەتلىك دراگون كۇلۇبى، ياخشى بالىلارنىڭ ياخشى دوستى! دەمتى؟ شۇ ۋاقىتتا ئەجدىھا دېگەن گەپ يوقمىكىن ياكى تەرجىمانلار نېمىشقا بۇنداق ئالدىكىن ئۇقمىدىم، ئىشقىلىپ بىلمەي كۆرۈۋېرىپتىكەنمىز. لېكىن بۇ كۇلۇبنىڭ ئىچىدە قوشۇپ قويۇلىدىغان نۇرغۇن ئېسىل كارتون فىلىملەر بار ئىدى. ھېلىقى پاپالار، يەنە بىر …. دوۋبەندە بۇ كۇلۇپ قويغان كارتون فىلىملەرنىڭ خەنچە ئىسمى باردەك قىلىدۇ، لازىملىقلار ئىزدەپ بېقىڭلار، مەنزىل
ۋاسكېتبول ماھىرى | SlamDunk
ماۋۇنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. 14-قىسىمدا توپنى ئاسمانغا بىر ئاتسا 63-قىسىمدا يەرگە چۈشىدىغان بۇ كلاسسىك كارتون فىلىم شۇ دەۋردە ھەممىمىزنى ۋاسكېتبولچى قىلىۋەتكەن دېسەم يالغان بولمايدىغۇ دەيمەن؟
قاپاقۋاش بالىلار، شۇكې بېيتا دېگەنلەرنى قالدۇرۇپ يۈرمىدىم، ئاخىرى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، بالىلار، بالىلىق، فىلىم، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,533 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: memories-of-classic-cartoon-animation.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيادىكى يۇقۇمچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئادەت، 99% ئادەم بۇ تىكوغا دەسسەپ كېتىدۇ
- كېيىنكى يازما > «جەسەتلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر2: زامان ھالقىش» iOS نەشىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى!
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
ئۇييۇ، قاچانلاردا رەتلەپ بولغانسىز ھە بۇنى؟ ئالدىرىماي بىر كۆرۈپ چىقاي، ھە راست، بالىلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بوسون
ۋاي ۋاي ۋاي …… يىللاردىن بېرى ىزدەپمۇ تاپالمايۋاتقان نەرسىلىرىمنى .اخىرى تاپتىم تورخۇمارغا رەھمەت
شەپەرەڭ پالۋان قاپتۇ
‹ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار› قويۇلغان ۋاقىتتا ماشىنا ئېلىش مودا بولۇپ كەتكەن مۇسابىقىگە سېلىپ ئۆز ئارا ماختىنىپ يۈرۈپ دىگەندەك.
ئاشۇ كارتوننىڭ ئاخىرى بولسا كۆرەتتىم مەن. مەندىمۇ ئاشۇنداق ماشىنىدىن ئىككىسى بار ئىدى، ياش چوڭىيىپ كەتكەندە ئويناي دېسەم سەت تۇرغۇدەك،شۇنداق قىلىپ ئۇستامنىڭ بالىسىغا بېرىۋەتكەن،ھازىر ئۇ شۇمتەكمۇ ئېڭەككە تاقاشتى
كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدى
شەپەرەڭ پالۋان ، ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار ، ھاماقەت كىچىك ئەۋلىيا دىگەندەك كارتون فىلىملەرمۇ بار ئىدى…
ھاماقەت كىچىك ئەۋلىيانى گەرچە جۇڭگۇ ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەمما مەزمۇنى خىلى قىزىقارلىق ئىدى، ھازىرقى ناخشا قۇتىسى، شىياڭياڭ ھايت-پايت دەيدىغان كارتون فىلىملەردىن ياخشىراق ئىدى…….
خاسبىنىڭ كارتون فىلىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا بار، بەزى كارتون فىلىملەر ئېسىمدىن چىقىپ قاپتىكەن، رەھمەت سىزگە…
ئاز تولا خەنچىگە تەرجىمە قىلىنغان كارتون فىلىملەرنىمۇ كۆرۈپ قوياتتۇق،
神斗士星矢,美少女战士,哆啦a梦,蜡笔小新,樱桃小丸子,
布雷斯塔警长,忍者神龟,足球小将,北斗神拳,奥特曼,变形金刚
خىمەنلا مېنىڭ ئامراق كارتونۇم!
خىمەننىڭ ھەر بىر قىسىمى ئاخىرلاشقاندا ھەرخىل دوستلۇق ، ئائىلە ، مىھرى مۇھەببەت توغرۇلۇق قىسقىغىنە خۇلاسە قىلىدۇ ، تەربىيە ئەھمىيتى بەك چوڭ . بىر ئاي بۇرۇن تېخى خىمەننىڭ ھەممە قىسىمىنى كۈرۈپ چىققانتىم .
سۇزۈك كۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇياي ، جەمئى 130 قىسىم ، ئاخىردىكى قىسىملىرىنى بەلكىم جىقلىرىمىز كۆرمىگەن بۇلىشىمىز مۇمكىن .
كۈرۈش ئادرىسى :http://so.iqiyi.com/so/q_%E5%B8%8C%E6%9B%BC
1983-يىلى مۇشۇنداق كارتون ئىشلىگەن بولسا ، ئامرىكلىقلار خېلى يامانكەن
1001مەشۇر شەخىسلەر ھەققىدە ھىكايە يوققۇ ۋاي ئاللا
ھەممىسى مەن ئامراق كارتۇن فىلىملەركەن
بەك رەخمەت سىزگە !! بالىلىقىمنى ئەسلەتتىڭىز! ئېسىل…..
كۆرۈپ باقمىغان كارتونلىرىم ئاز قاپتۇ جۇمۇ كىچىك چىغىمىزدا تېلۋىزوردا مۇشۇنداق ئېسىل كارتونلارنى قوياتتى . كۆپلىرىنىڭ دىئالوگلىرى ھازىرقىدەك يادىمدا … ھەتتا باشلاش ، ئاخىرلىشىش مۇزىكىلىرىنىمۇ ھازىرغىچە غىڭشىپ قويىمەن . ھېس قىلسام كۆپىنچىسى ياپونىيەنىڭ كارتونلىرىكەن، بىر-بىرىدىن نادىر . بالىلارغا بىلىم بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنتۇلماس كارتونلار!!!
ئەمما ماۋۇ جۇڭگونىڭ شى ياڭ ياڭ خۇي تەيلاڭلىرى لاۋىزلىقىدىن ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى، 3 ياشلىق نەۋرە ئۇكام مۇشۇ كارتونغا ئالامەت ئامراق ، بىر قېتىم ئۇكامدىن ‹‹ ئۇكام ، قوي يامانمۇ ، بۆرىمۇ؟ ›› دېسەم ، ‹قوي يامان ›› دېدى… ئىچىمدە‹ ھەي ›دەپ قالدىم . ئاندىن ئۇكامغا ئەمىليەتتە بۆرىنىڭ يامانلىقىنى ئېيتىپ بەرىم . ھازىر بۆرە يامان دەيدىغان بولدى… ئاپىسى پات – پات ،‹‹بۇرۇنقى كارتونلانى قويغان بولسا ، بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بوپ كېتەتتى دەپ قويىدۇ››…
ئىشقىلىپ كىچىكمدە ساپ ئانا تىلدا ئاشۇ كارتونلارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشكە نائىل بولالىغىمدىن مىڭ خوش جۇمۇ…
گۆدەك!!!!!!!!!!!!!!!!
كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر كارتون بۇلدىغان‹‹ساقچى مۇشۇك ›› دەپ،ئوغىرى مايمۇن چىقىدىغان،شۇ كارتوننى بىلدىغانلار بارمۇ؟ توردىن تاپقىلى بۇلامدۇ؟
ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدىكى ئوغرىلىق دىلوسى دىگەن فىلىمنى دەيسىزغۇ دەيمەن؟!
مۇشۇ « ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدىكى ئوغرىلىق دىلوسى » دىگەن فىلىمنى پەقەت تاپالمىدىم. خەنچە ياكى ئېنگلىزچە نامىنى بىلىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلارمۇ بوپتىكەن.
‹بۇرۇنننىڭ بۇرۇننىسىدا› مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان كارتون فىلىم ئىدى
قۇشۇلىمەن . بۇ كارتونلاردا شۇنداق ياخشى مەزمۇنلار سۆزلىنەتتى ، ئىسىمدە قېلىشىچە بىر قىسىمىدا ئالغان تىرناقنى قالايمىقان تاشلىماسلىق توغرىسىدا ھىكايە سۆزلىنەتتى ، گەرچە چوڭلارمۇ بۇ توغرىلىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ ، ما قىسىمىنى كۆرگەندىن كىيىن راس پەقەتلا قالايمىقان تاشلىمايتىم .
ئەپسۇس ، ما شادىمان پاقلان بىلەن ھارامتاماق بۆرە دىگەندەك كارتونلارنى جىق كۆرسە كىچىك باللارنى ھاڭۋاقتىلا قىپ قۇيىدىدە ، قىلچىمۇ ئەھمىيتى يوقتەك ھېس قىلىمە بۇنى ، خېلى جىق دۆلەتلەردە بۇ پاقلاننىڭ كارتونىنى قۇيۇشنى چەكلەپتىمىش
ئوبدان كارتونلاركەن، نەۋرىلىرىمگە قويۇپ بەسەم بولغىدەك
چوڭ داداش نەۋرىللىرىم با دىسىلە ، قانچىسى باردۇ ؟ يېقىندىن بىرى تورخۇماردىن چۆگلەپ كىتەممەيۋاتىلا ، مۇمايلىرى سىلىنىڭ كەپسىزلىك قىلىپ كۈندە تورخۇمار دىگەن بىر تورغا خۇما بوپ قېلىپ بىر توپ باللىرى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ياشلار بىلەن ئويناپ يۈرگەنلىرىنى بىلسە ، ئاۋۇ ھاسىسى بىلەن سەپ كەتمىسۇن بىكا
ئەڭ تۆپىسىدىكى كارتوندىن باشقا ھەممىسىنى كۆرۈپتىكەنمەن،.
قايسى كۈنى تېخى ئەۋۇ كارتوننىڭ سىرى دېگەن كارتوننى ئەسلەپ، ئىسمىنى تاپالماي يۈرگەن ئىدىم. ھەي،ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە! ئەجەپ تاتلىق چاغلار ئىدى…..
چۈش تاشنىڭ تولۇق قىسمىنى تاپقىنى بولامۇ ،ھە راس ئوپىك دەپ توۋلايدىغان يالماۋۇز سوۋداراك شۇ،كۆرىدىغان ئادېرسى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويسڭلا
ۋاي توۋا، مەنغۇ ئۇنچىۋالا كارتون مەستانىسىمۇ ئەمەس، ئەمما يۇقارقى كارتونلاردىن بانان پالىۋاندىن باشقا ھەممىسى مەن تولۇق كۆرۈپ باققانلىرىكەن.
مەن ھازىرمۇ باشقلار بىلەن چىقىشىپ قالسام «تېۋىگو» دەپ قويىمەن، «سەن تېۋىگوغا بەك ئوخشايسەن» دەپچۇ…
شىر پادىشاھ سىنبانىڭ كارتونىغا دەششەت ئامراقتىم ھەي . ئۇيغۇرچىسىنى تاپقىلى بولغان بولسا بالامغا مەجبۇر كۆرسىتەتتىمدە
ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ بېقىڭ، باركەن، لېكىن ئارىلىقتا 10 قىسىمدەك كەم، ئەمما ئۇيغۇرچە، ئىشقىلىپ يوقتىن ياخشىكەن.
كەچ بازارغا چىقسىڭىز ھەممە قىسمىنى تاپالايسىز!
بالىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! خېلى قىززىپ قۇيۇپتۇ ھە !
شىر پادىشاھ نى زورلاپ كۆرسەتمىسىڭىزمۇ ئۆزى يەنە كۆرمە قويۇپ بە دەپ تۇرۋالامىكى ،مەن ئەڭ ئامراق فىلىم ھەي ئۇ
ھەي… « بانان پالۋان » دىن باشقىسىنى كۆرگەن… بەك ئېسىل كارتونلاردى.بولسا خەنسۇچىنى تۇلۇقلىغان بولساق، مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھېكايىنى 伟人物语 دەيدىكەن.
ھەممىسى مەن ئاش نان يىمەي سىگىم كەلسىمۇ چىداپ ئولتۇرۇپ كۆگەن كارتۇنلاركەن تورخۇمارغا كۆپرەھمەت ھەراس كۈش تۈڭگۇر ماتروس چالا قالدىمۇ نىمە
ئا « نەسىرىدىن ئەپەندى » نىڭىنى قايسىڭلا ياقتۇرۇپ كۆرگەن ؟؟
بۇ كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەپ، كۆزەمگە ياش كەلدى، ئەجەپ گۈزەل چاغلاتى ئەشۇ!
火影忍者 قاپتۇ ھازىر قوچاقنىڭ قاتىلى مۇشۇشۇ،،،،،
ئۇيغۇرچىسى بامىدۇ بۇنىڭ ؟
ھەممە كارتۇننى كۆرۈپ بۇلۇپتىمەن،قىرىپ قالغان ئوخشايمەن
تېخى كىچك ئىكەنسىز.
ئۇنتۇلۇپ قالغاندىن يەنە بىرنى تاپتىم چاشقاننىڭ مارىستىكى ساياھىتىمۇ ئىشقىلىپ بىر كارتون بار ئىدى.http://www.bukade.com/cartoon/laoshuhuoxinglixianji/ گىرمانچىسىكەن…
مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ كۆرگەن كارتونلاركەن كىچچىك ۋقتىمدا ماركونى كۈرۈپ بەك تەسىرلىنىپ كۈگەنتىم رامبومۇ ھەيۋەت چىققان ياخشى كارتون ئىدى خېمەن ياخشى ئىشلارنى ئۆگەتكەن دىيىشكە بۇلدۇ ئىشقىلىپ كىچىك ۋاقىت ياخشىدە
مۈشۈك بىلەن چاشقان… مۇشۇنى بەكرەك ياقتۇرىمەن.
كارتون كىتاپ كۆرۈپ چوڭ بوپتىكەنمىز. كىچىگىمىزدە ھەر خىل كىنولارنىڭ رەسىملىك كىتابى بار ئىدى. مەخسۇس بالىلارغا ئاتالغىنى يوق ئىدى.
naruto نى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، naruto بىلەن تەڭ چوڭ بولدۇم دېسەممۇ بولىدۇ،تېخى تۈگىمىدى بۇ كاساپەت
‹‹كۈچتۈڭگۈر ماتروس بوبى››چۈشۈپ قالدىمۇ نېمە؟!
مېنىڭچىمۇ ‹‹مۈشۈك بىلەن چاشقان›› ھەممىدىن قىزىقارلىق!!!
ھېلىقى ياپۇنيەنىڭمۇ بىر 3د كارتونى بارتى ماشىنا ئادەملەر چىقىدىغان ، دىنوزاۋۇرغا ، ئورانگوتانغا ئۆزگىردىغان ئىسىمى نىمە ئىدى ئۇنىڭ؟
توردىن مىمنىڭ ياپونچىسىدىن ئازراق تاپتىم http://www.youku.com/playlist_show/id_19157121_ascending_1_mode_pic_page_1.html
مۇشۇ بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا دىگەن كىنو مەن ئەڭ ياقتۇرۇپكۇرىدىغان كارتۇن ئىدى.
مۇشۇ كارتۇننىڭ قاندا ئاۋازلىقى بولسا مەيلىتى بىلىدىغان دوسلارنىڭ ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
ھېلىقى ياپۇنيەنىڭمۇ بىر 3د كارتونى بارتى ماشىنا ئادەملەر چىقىدىغان ، دىنوزاۋۇرغا ، ئورانگوتانغا ئۆزگىردىغان ئىسىمى نىمە ئىدى ئۇنىڭ؟
ئۇنىڭ ئىسمى كېسەي ،شۇنداققۇ دەيمەن .
‹مايمۇن ساقچى› دىگەن فىلىمنى توردىن تاپقىلى بولارمۇ?
ئالەمنىڭ خوجايىنلىرى دىگەن كارتۇننىڭ ئادەم چىقىدىغىنى بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى بۇنى قايسىڭلار بىلسىلەر. يەنە جىكسوننىڭ فىلىملىردىن بولسا بۇلاتتى
مەشىھۇر كىشىلەر ھەققىدە ھېكايە كارتون فىلىمىنى تاپكىنى بۇلامۇ؟