نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > كىنو-فىلىملەر > يازما كۆرۈش

تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام

تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام

كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بارمۇ يوق، بىلمىدىم. دۇنياغا داڭلىق كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى MGM(فىلىملەرنىڭ بېشىدا بىر شىر ھۆكىرەپ چىقىدۇ) تېخى يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى، يەنى 007 ئائىلىسىدىكى فىلىملەر ۋە بۈگۈن قەھرىمانىمىز Tom بىلەن Jerry نىڭ ماكانى يوق بولدى، گەرچە 007 نىڭ 23-يۈرۈش قىسمى كېلەر يىللىرى چىقىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق بىز بىلەن بىللە چوڭ بولغان بۇ ئامراق ئىككى بۇرادىرىمىز شۇندىن تارتىپ ئۆي-ماكانسىز قالدى، شۇنداقلا ئەمدى يېڭى نەشىرى چىقماسلىقى مۇمكىن. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بۇ دۇنياۋى كارتون «مۈشۈك بىلەن چاشقان» ھەر بىرىمىزنىڭ بالىلىقىمىزغا ھەمرا بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ھېلىھەم سېغىنىپ كۆرىدىغان بىر تۈرلۈك فىلىم بولۇپ بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ «ئاكا-ئۇكا شاتۇرلار»،«ھاماقەت كىچىك ئەۋلىيا»نى كۆرۈپ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەنىلا بۇ نادىر فىلىمدىن بىر يۈرۈش ساقلاپ قويۇشنى ۋە تورداشلارغا بىرلىكتە تەۋسىيە قىلىشنى لايىق تاپتىم.

پۈتۈن دۇنيادا كارتون فىلىم مۈشۈك بىلەن چاشقاننى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇنى بالىلارلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇنلىغان چوڭلارمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ كارتون فىلىم 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى تۇنجى قويۇلغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر 70 يىل ۋاقىت ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇنى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىشىلەر چوڭ ئادەملەرگە ئايلاندى، بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىزگە ئۆزگىچە بىر تۈس قوشتى.

مۈشۈك بىلەن چاشقان(يەنە بىر نامى: تام ۋە جېررىي) بۈگۈنكە قەدەر، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى William Hanna ۋە Joseph Barbera ئامېرىكا ھوللىيۋود كارتون فىلىم ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە بۇ فىلىمنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدىكى ھېكايەتلەرنى بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىش مۇمكىن.

تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام

تۆۋەندە كۆپچىلىككە چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، «مۈشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىدىكى 140 دانە مۇكەممەل ۋەقەلىك تولۇق يىغىپ توپلانغان تەۋەرۈك نۇسخىسى بولۇپ، فىلىم ئەسلى ئېنگلىزچە ئاۋاز ۋە ئۈنۈمدە ۋە بىر قىسىم زۆرۈر ئورۇنلارغا خەنچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن ھالەتتە ساقلانغان سۈزۈك نۇسخىسى. كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىۋېلىپ ئىچىمىز پۇشقاندا ئۆزىمىز كۆرسەكمۇ ياكى ئوپتېك دېسكىغا ئويىۋېلىپ كېيىن بالىلىرىمىزغا قويۇپ بەرسەكمۇ ۋە ياكى سوۋغا سۈپىتىدە دوستلىرىمىزغا ۋە پەرزەنتلىرىگە تەقدىم ئېتىشتىمۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ دەپ قارايمەن. نېمىلا دېمىگەن بىلەن، بۇنىڭدەك يەنە بىر نادىر ئەسەرنىڭ چىقمىقى بەك تەس، شۇڭا تورداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋېلىشىنى ۋە باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توردا تۇرۇپ كۆرۈش:



ھۆججەتنىڭ جەمئىي سىغىمى 3.38GB بولۇپ، ھەر بىر بۆلەك 400MB ئەتراپىدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى RMVB شەكلىدە پرېسلىنىپ جەمئىي 10 بۆلەككە بۆلۈنگەن. نۆۋەتتىكى توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئەڭ تولۇق ۋە ئېنىقلىقى يۇقىرى بىر نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فىلىم نامى: مۈشۈك بىلەن چاشقان
لاتىنچە نامى: Tom And Jerry
تارقىتىلغان ۋاقتى: 1965-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
تارقاتقان دۆلەت: ئامېرىكا
فىلىم ئۇزۇنلىقى: ھەر بىر قىسىم 7 مىنۇت ئەتراپىدا

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

مۈشۈك بىلەن چاشقان: [1-بۆلەك] [2-بۆلەك] [3-بۆلەك] [4-بۆلەك] [5-بۆلەك] [مەنبە: تورخۇمار] [6-بۆلەك] [7-بۆلەك] [8-بۆلەك] [9-بۆلەك] [10-بۆلەك]

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 16 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىرىسلوغا مەن چىقتىمما بۈگۈن؟
    مەنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ ئامراق ئىدىم. قاچاندا قارىسا تېلىۋىزور ئالدىدىن كەتمەي ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان. قېنى مەنمۇ چۈشۈرۈپ ساقلىۋالاي. 20يىلدىن كېيىن يەنە قايتا كۆرۈپ بالىلىقىمنى ئەسلەرمەن

  2. ۋېرۇس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كارتون ھەقىقەتەن بىر ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ … قارىغاندا بىزنىڭ باللىرىمىز بۇنداق كارتونلارنى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايدۇ .. شۇڭا شۇلار ئۈچۈن بولسىمۇ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ .

  3. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ساقلاپ قۇياي!تىلىۋۇزۇردا كۆرىمەن تازا!!! :lol:

  4. ئەلقۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ-پاھ ياخشى سوغاتلار !
    مەنمۇ ساقلاپ قۇياي

  5. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرۈش باشلاندى…

  6. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بالىلىقتا تازا بىر كۆرگەن كارتونتى ،مانا چۇشۇرۋاتىمىز

  7. 0102 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي ماۋۇخەۋەرنى مەنمۇ‹‹دۇنيا ھەپتىلىكى››دە كۆرگەن
    ئۈمۈچۈك پەلۋان شەپەرەڭ پالۋانلار يولغا چىقىپ ئۆز فىلىملىرىنى ماختاۋېتىپتۇ مەن بۇMGM بىڭ فىلىم لىرىگە ئامراق تىم :arrow:
    :cry: :cry: :cry: :cry: :cry: :cry:

  8. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈلۈپ توختايدىغان يىرىنى تاپالماي يۈرگەن بىر مەزگل~

  9. ئوبۇلقاسىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەجرىڭىزگە كوپ تەشەككۇر قىرىندىشىم مەنمۇ ساقلىۋالدىم

  10. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاپالماي يۈرگەنتىم، كۆپ رەھمەت

  11. ئۇيغۇربەگ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسىنى چۈشۈرۈۋالاي ئەمدى!

  12. ئابدۇللام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاغىنە ساڭا رەھمەت مەن بەك ياخشى كۆرىمەن بۇ كارتوننى دەرھال چۇشرىۋالاي

  13. مۇئەللىم پۈتۈكلىرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھەقىقەتەنمۇ ئامراق ئىدىم ،ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرىمەن !!؟؟؟

    • torhumar :

      قانداق قىلىتۇق؟ ئاۋال چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئېلان چېكىمىز! :mrgreen:

  14. مۇئەللىم پۈتۈكلىرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈندە ئىككى بۆلۇم چۈشۈرىۋاتىمەن ، ئېلان دېگەننى دەسسەپ-چەيلىۋەتتىم :cool:

  15. زىرەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى مەنلام كۆرىدىغان ئوخشايمەن دىسەم ، مەندەكلەردىن نەچچىسى باركەن ئەمەسمۇ :lol:

 汗