پىئونېر پالۋان – دۆلىتىمىزدىكى ستۇدېنتلار ئىشلەپ چىققان ئۆزگىچە كارتون فىلىم
بۇ ئەسەر 中国传媒大学 نىڭ 2007-قارارلىق كارتون فىلىم فاكۇلتىتىدىكى 7 نەپەر ستۇدېنتنىڭ ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، فىلىمدە بىر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى زوراۋان قىلمىشلار ۋە بۇ قىلمىشلارنى توسىغۇچى «پىئونېر پالۋان»نى خىيال قىلىپ ئولتۇرغاندا، مۇئەللىم تەرىپىدىن دىققىتى چېچىۋېتىلىدۇ ۋە دەرستىن چۈشكەندە مۇئەللىم بۇ ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ قالىدۇ. ھېلىھەم ئاشۇ كومىكتىن(Comic) مېھرىنى ئۈزەلمىگەن بۇ ئوقۇغۇچى، مۇئەللىمنىڭ تەنقىدىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە ئاخىرى ھەقىقى «پېئونېر پالۋان» بارلىققا كېلىدۇ…
كارتون فىلىم مەيلى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىشلىنىش سەۋىيەسى جەھەتتىن بولسۇن، جۇڭگو كارتون فىلىملىرىنى يەنە بىر بالداققا كۆتۈرگەن بولۇپ، ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنچىلىك سەۋىيەدىكى كارتون فىلىم ئىشلەپ چىقالىشى ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بىلىشىمچە نۆۋەتتە دىيارىمىزدىكى كارتون فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىدىغان ۋە ئىزدىنىۋاتقان ياشلىرىمىز خېلى كۆپ، بەلكىم پەرزەنتلەرگە ياكى نەۋرىلەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئۆزىمىزنىڭ چۆچەكلىرىدىكى پېرسوناژلارنىمۇ TV ئېكرانىدا كۆرۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
720P يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نەشىرىنى چۈشۈرۈش(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
«پىئونېر پالۋان» 720P يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى نەشىرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كارتون,كومىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 776 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-red.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > RightDelete – شەخسى مەخپىيەتلىكلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ھۆججەتلەرنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرىۋېتىش
- كېيىنكى يازما > دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى – FaceBook نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىقمامدۇق؟
ئۇزۇن بولدى دىۋاندا ئولتۇرمىغىلى.. ئولتۇرۇپمۇ قوياي مۇنداق…
ئۆھۆ،ئۆھۆ…كەمىنە فەقىرمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتىدۇ…سۇپىدا بولسىمۇ ھە تارتىنمىدىم…
بەك كۆرگۈم باتتى ئەپەندىم … چىقمىدى لېكىن ؟ ئوڭشىۋېتىڭە
ھەقىقەتەن بولاپ قويغىدەك ئىشلەپتۇ ..قانچىلىك ۋاقىتتا ئىشلىگەندۇ … ئەگەر كۇپرەك ۋاقىت چىقارسا ھەقىقەتەن ياخشى بولغان بىرەر كارتون پۇتۇپ چىققۇدەك ….
بۇنداق تىخىنىكىلارغا ھەقىقەتەن قىزىقىمىز … بۇنداق تىخنىكىلار بۇيەرگە بىزنىڭ نەۋرىلىرىمىزگە كەلگەندە ئۇمۇملىشىدىغان ئوخشايدۇ …
لىكىن قارلۇق تىمۇ شۇنداق ياخشى دەتىتى .. لىكىن ئۇقۇش مۇددىتى ئۇزاق ھەم قەيسەر بولمىساق بولمايدۇ . ئۆزىمىز قەيسەر بولساقمۇ چوڭلار ئىددىيىسىدىن ئۆتمەيدىكەن ئۇ يەردە ئوقۇپ نىمە ئىش قىلاسەن دەپ …
ھەيــــــى!!!!
بىلمەمسىلە تېخى (پالۋان) ناملىق كارتون ئىشلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ…..تارىخي كارتون.
بىلىملەر تورىدا با!!!