80-يىللاردا تۇغۇلغان تەڭتۈشلەرگە تەقدىم ئېتىدىغان بىر قىسىم بالىلىق ئەسلىمىلىرىم
ھەش-پەش دېگۈچە مانا 20 دىن ئېشىپ يىگىتلىك دەۋرىمىزگە قەدەم قويۇپتىمىز، كەينىمىزگە قارىساق نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىمىزنى بايقايمىز. خۇددى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك، ئاشۇ كىچىك چاغلىرىمىزدا 魂斗罗، موگو دېگەن ئويۇنلارنى تالىشىپ ئويناپ كەتكەن ۋاقىتلارنى ئەسلىسەم، ئۆزۈمنى ھېلىھەم تېخى چوڭ بولمىغان گۆدەك بالىدەك ھېس قىلىمەن، تۆۋەندە بىر يۈرۈش رەسىملەر ئارقىلىق 80-يىللاردا تۇغۇلغان تەڭتۈش دوستلار بىلەن كىچىك چېغىمىزدا ئۆتكۈزگەن ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى بىرلىكتە ئەسلەپ باقساق دەيدىغان ئۈمىدىم بار…
ۋېلىسپىت مىنىشنى يېڭى ئۆگەنگەن ئاشۇ چاغلار تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى، دادامنىڭ ئەرەنچە ۋېلىسپىتىگە پۇتۇم يەتمەي، بىر پۇتۇمنى ئوتتۇرا قاپقاقنىڭ ئىچىدىن تىقىۋېلىپ يانتۇسىغا ھەيدەپ كېتەتتىم، تولۇق ھەيدەشنى ئۆگىنىپ بولغۇچە نەچچە يىقىلىپ، تىزلىرىم قاناپ يېغىر بولۇپ كېتەتتى…
ماۋۇ بىڭگور ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ يا؟ ھا ھا ھا، بىز كىچىك چېغىمىزدا بۇنى ۋاۋاتو دەپ قوياتتۇق، 5 موچەن تاپساق ئۇدۇل ئىشىك ئالدىدىكى ھەسەن مالىمنىڭ دۇكىنىغا يۈگىرەيتۇق.
باشلانغۇچ بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بىر قېتىم ماتېماتكا ئۆتىدىغان خانىم(بىزنىڭ جەنۇپتا ئايال مۇئەللىمنى مۇشۇنداق خانىم دەپ ئاتايمىز) بىر ھېسابنى ئىشلەشكە بۇيرىدى، ئىشلەپ بولغانلار ئاپىرىپ كۆرسەتسەك نومۇر قويۇپ بېرەتتى. مەن گەرچە 6 ياش چېغىمدىلا مەكتەپكە كىرگەن بولساممۇ، بىراق دەرسكە بەك قىزىقاتتىم، شۇ سەۋەپتىن نەتىجىلىرىممۇ ئالاھىدە ياخشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېسابنى تېزلا ئىشلەپ خانىمغا كۆرسەتتىم، خانىم بىر قۇر تەكشۈرۈپلا قىزىل رەڭلىك قەلەمدە 100 نومۇر قويۇپ قويدى، يېنىپ بارسام، كەينىمدە ئولتۇرىدىغان بىر ساۋاقدىشىم تىتماسلاپ ئولتۇرۇپتۇ، چۈنكى ئىشلەپ بولالمىغانلارنىڭ قايتىشىغا رۇخسەت يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ مۇنداق ياز دەپ ھەممىنى دەپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىجارىغانچە دەپتىرىنى كۆتۈرۈپ مالىمنىڭ ئالدىغا باردى، مالىم دەپتەردىكى ھېسابقا قارىۋېتىپ قولىغا قەلەمنى ئالدىيۇ بىر ئاز توختىۋېلىپ ئۇنىڭدىن: بۇنى ئۆزىڭىز ئىشلىدىڭىزمۇ دەپ سورىسا، ئا كالۋا ياق، ئالدىمدىكى XXX دەپ بەردى دەۋاتمامدۇ؟!! مالىم گەپ قىلماي ئۇنىڭ دەپتىرىگە 0 نومۇردىن بىرنى قويۇۋەتتى، ئارقىدىن مېنى چاقىرىپ كېلىپ دەپتىرىمنى قولىغا ئېلىپ بايقى 100 نومۇرنىڭ تېشىغا چۆرىدەپ يوغان 0 دىن بىرنى قويۇپ قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق» دېگەن گەپنى، ئوقۇش ھاياتىمنىڭ 1-يىلىلا ئۆز ئەمەلى تەجرىبەم بىلەن يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم.
بۇ رەسىمگە قاراپ يەنە بىر ھېكايەت ئېسىمگە كەلدى. باشلانغۇچ 6-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم، شۇ چاغدا يېشىممۇ بىر ئاز چوڭىيىپ، سىنىپتىكى بىر قانچە قۇلاق كەستى ئاغىنىلىرىم بىلەن ياخشى باردى-كەلدى قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىم. بىر كۈنى ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچماقچى بولدى ۋە بىزگە ئۆيۈڭدىكىلەرنى چاقىرىڭلار دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. مەن ئاپامغا خەۋەر قىلىپ قويدۇم، باشقا بىر قانچە دوستۇممۇ ئۆيىدىكىلىرىگە خەۋەر قىلىپ قويغاندىن كېيىن مېنى ئىزدەپ كەلدى ۋە ماڭا: ئاپىلىرىمىز سىنىپتا ئولتۇرسا، بىزمۇ كىرىۋالساق پارتا كىچىك پاتمايمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆستەڭگە بېرىپ سۇغا چۈشۈپ كېلەيلى دېدى. مەنمۇ بۇ گەپنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ ماقۇل دەپتىمەن. ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىمنى كېيىن بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاۋال ئۆستەڭگە بېرىپ سۇغا چۈشتۇق، ئاندىن يېنىپ كىچىك ئېرىقتىن بېلىق تۇتۇپ ئوينىدۇق، بىر ۋاقىتتا ئويناۋاتساق سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ياۋاش توختاخۇن ھاسىراپ ھۆمىدەپ كەپتۇ، نېمە بولدى؟ سىلەرنى خانىم چاقىرىدۇ، ھازىر كېلىڭلار، ئاچچىقى بەك يامان تۇرىدۇ. ئاپلا دەپ قالدىم، قورقۇنۇنچ باسقان ھالدا مەكتەپكە ياندۇق. بارساق خانىمنىڭ تەلەتى يامان، ھەممىمىزنى سىنىپقا سولاپ قويۇپ بىر ئۇزۇن تىللىدى. ئەسلىدە ھېلىقى قۇلاق كەستىلەرنىڭ نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچ، ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىن قورقۇپ، مېنىمۇ بۇ پاتقاققا سۆرىگەن ئىكەن…
كىچىك چېغىمىزدا، بىزنىڭ مەھەللىدىكى چوڭ بالىلارنىڭ قولى بەك ئەپلىك ئىدى، ھەمىشە ياغاچلارنى بىر-بىرىگە مىخلاپ ئاجايىپ چىرايلىق ئاپتوماتلارنى ياسىۋېتەتتى، مېنىڭمۇ ئاكىلىرىم ياساپ بەرگەن بىر قانچە قورالىم بار ئىدى. كەچلىكى مەھەللىدىكى باللا ئويناپ زېرىككەندە ۋاقىرايتى: جۈرۈڭلا، سوقاش ئوينايمىز!!! شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز يۈگۈرۈپ كىرىپ قوراللىرىمىزنى ئېلىپ تەق بولۇپ چىقاتتۇق، ياشقا چوڭراقلىرى باش بولۇپ، بالىلارنى ھەربىي-دۈشمەن ئىككى ياققا ئايرىيتى، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئاجايىپ كۆڭۈللۈك «سوقاش ئويۇنى» باشلىناتتى…
ماۋۇ ئويۇن مانا مەكتەپتە ئەڭ قىززىيدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىدى، رېمونتخانىغا بېرىپ، رېمونتچى ئۇستام تاشلىۋەتكەن ۋېلىسپىتنىڭ كامېرىنىڭ ئىچىدىن، شىمشىر(بىز شۇنداق ئاتايتۇق) دەيدىغان نەرسىسىنى قومۇرىۋالاتتۇق، ئاندىن ماي قەلەمنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ، ئۇچ قىسمىدىكى شارىكىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاۋۇ شىمشىرنىڭ بىر بېشىغا ئورنىتىپ، يەنە بىر بېشىنى بوغۇپ قوياتتۇق. ئاندىن تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئىشپېرىسلارنى تېپىپ ئەكىلەتتۇقتە، مەكتەپنىڭ سۇخانىسىدىكى تۇربىدىن ئىشپىرىستا سۇ تارتىپ، ماۋۇ شىمشىردا ياسىغان سۇ خالتىسىنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى ئېتىپ تۇرىۋالاتتۇق، شۇنداقلا قويۇپ بەرسەك، خالتىنىڭ ئىچىدىكى سۇ بېسىم بىلەن ئېتىلىپ چىقاتتى، گاھىدا بىر-بىرىمىزگە چېچىشىپ، گاھىدا تازىلىق قىلىۋاتقان قىزلارغا چېچىۋېتىپ قېچىپ كېتەتتۇق، بىچارە قىزلار يىغلاپ ئۇدۇللا مالىمنى چاقىراتتى، كەينىنى دېمىسەممۇ پەرەز قىلىپ بولدۇڭلار ھەقىچان…
ئارقان تاقلاش – بۇ ئويۇننى بەلكىم كۆپىنچە قىزلار ئوينايدۇ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئويۇننىڭ ئوغۇللار ئارىسىدىكى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى.
يۇقارقى رەسىمدىكى قىسمەتكە مەن يولۇقۇپ باقماپتىمەن، بىراق بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر قانچە كەپسىز باللا داۋاملىق مۇشۇنداق جىم تۇرغان ھەرىنىڭ كۆنىكىنى كوچىلاپ، يۈز-كۆزىنى ئىششىتىپ كېلەتتى، مېنى چوڭ بولۇپ، شۇ تولۇق ئىككىنچى يىلىقتا بىر قېتىم ھەرە چاققاندىن باشقا ھەرە چېقىپ باقمىغاچ، ئۇ چاغلاردا ھەرە چېقىۋالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم. بىراق بۇ باللا بەك سەت يىغلىۋېتەتتى، چوڭراق باللا بولسا: لاي سۈكىۋالساڭ ئاغرىمايدۇ، ئىتتىك ئوڭشىلىدۇ دەيتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كەپسىزلەر سۇ ئەچىقىپ توپىغا چېچىپ لاي ياساپ ھەرە چېقىۋالغان قاپاقلىرىغا، بويۇنلىرىغا سۈركىۋالاتتى…
ما ئويۇننى ھەقىقەتەن قىزلار تولىراق ئوينايدۇ، بىزدە بۇنى قۇتا تاشلاپ ئويناش ئۇسۇلى سەپ كۆپرەك، يەنى كۆپىنچە قىزلار ئاپىسىنىڭ گىرىم مايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، قۇتىسىنى تاشلىۋەتمەي، ئىچىگە توپا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سىغداپ، قۇتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئاغزىنى ھىم ئېتىۋېتىپ يېنىغا سېلىۋالاتتى، دەرستىن چۈشكەندە پەلەمپەيلەردە، ئىدارىدىكى كەڭرى مەيدانلاردا قىزلارنىڭ بۇ خىل ئويۇننى تولا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈش تەس ئەمەس ئىدى…
ئەڭ ئېسىلى يەنىلا مۇشۇ ئىدى جۇما! ھا ھا ھا! بۇ توغرىسىدا مەن ئىلگىرى تۆمۈر مۇشت ئويۇنىدىمۇ ئازراق توختالغان، ھېلىھەم مېھرىم بار بۇ ئويۇنچۇققا…
قار ئادەم ياساش – قىش كۈنلىرى ئەڭ كۆپ ئوينايدىغان ئويۇننىڭ بىرى. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىچى قىسمىدا، يەنى ئەڭ كەينى تەرەپتە يوغانلا بىر تاغ بار ئىدى، قىش كۈنلىرى قار قېلىن ياغقان چاغلاردا، مۇشۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قار ئېتىش ئوينايتۇق. بەزىدە قارلارنى ئازراق دۆۋىلەپ تاغدىن بىر قويۇپ بەرسەك، ئامان ئېسەن چۈشكەنلىرى يوغانلا قار دۆۋىسى بولۇپ قالاتتى، بۇنى چوڭلار بىزگە ياردەملىشىپ ئاجايىپ چىرايلىق قار ئادەملەرنى ياساپ بېرەتتى.
قوناق ئېتىلدۇرمىسى يېيىشنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك؟ ھازىرمۇ جەنۇپ تەرەپتىكى ناھىيەلەردىن قىش كۈنى مۇشۇنداق قوناق ئېتىلدۇرۇپ ساتىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. گەرچە ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ، قوناقنى iPhone دا ئېتىلدۇرۇپ يەيدىغان بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، بىراق يەنىلا بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئېتىلدۇرۇلغان قوناقنىڭ تەمى ئۆزگىچە ھېسابلىنىدۇ.
بىر تال چىۋىن پالىقى قولىمىزغا چىقىپ قالسا، پۈتۈن ئۆينى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتىپ تالاغا چىقىپ نەدە چىۋىن بولسا، قوغلاپ بېرىپ بىرنى ئۇرىۋالمىساق ئۇنىمايدىغان ئاشۇ غەمسىز بالىلىق چاغلار تولىمۇ گۈزەل ئىدى…
بالىلىق توغرىسىدا سۆزلىسەك گەپ بەكمۇ ئۇزۇن، تاتلىق ئەسلىمىلەر تېخىمۇ ئۇزۇن، بەلكىم كۆپچىلىكنىڭمۇ نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرى شۇ دەۋردە قالغان بولۇشى مۇمكىن، كارتون فىلىم كۆرۈپ ئۆتكۈزگەن شۇ دەۋرلەرگە يەنە قايتىۋېلىش مۇمكىن بولغان بولسا، نەقەدەر ئېسىل ئىش بولغان بولاتتى ھە؟؟~!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە,بالىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: childhood-time.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > لۇ ئۇستام – ئامراق كومپيۇتېرىڭىزغا ئومۇميۈزلۈك دېئاگنوز قويۇپ بېرىدۇ
- كېيىنكى يازما > ئارزۇ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەندە2 – dream and reality point
ھەي بالىلىق !!!!ھەجەپمۇ سېغىندىم ،ھازىرقى بالىلار بەك قورقۇنچاقمۇ بىلمىدىن مەن ھەرقېتم ئۆيگە قايتقىنىمدا مەھەللىدە ئۈنلۈكرەك ۋارقىراپ ئويناۋاتقان بىرمۇ بالىنى ئۇچۇرتالمايمەن ..
خا…خا بۇنەڭ ھەممىسى پۇتۇنلەي مەنكەنمەنغۇ! ھەي ! ئاشۇ سەبى چاغلىرىم … كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچى ئالىي مەكتەپنىمۇ پۇتتۇرۇپ بوپتىمەن. ئۇچاغلاردا مىنىڭ ھىچقانداق غىمىم يوق ئىكەنتۇق. دادام ھەر ئايدا ماش ئالسا ماڭا بىرىنجى بولۇپ قوللۇق ئويۇن دىينى ئىلىپ بىرەتتى. بىرتىلنى يۈز سوم ساتاتتى ھازىر 5 سومغا بىردىكەن.
بالىلىق مەن تېخخى چوڭ بولماپتىمەن دېمىسۇمۇشۇنداق مۇنداق ھەركەتلەر نىسىنىپتا ئاشۇرۇپ دورايمىز بىز خاھ ھاھ ھاھ ھى ىھ ھى
75 تىن كېيىنكىلەر بىلەن 80- يىللارنىڭكىلەرنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسەن ئوخشاشمۇ نېمە؟
بالىلىقنى ئەسلەشمۇ بىر تۈرلۈك ھوزۇر جۇمۇ!
ئادەم چوڭ بولغان سېرى ئويلايدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىدىكەن ”`
ھەي!!!ما ئىشلانى دىمىسىڭىز بۇلاتتى!ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ!
لىكىن تاتلىق ئەسلىملەرنى يادىمغا سالدىڭىز!
سىز مۇ جەنۇپلۇق ئىكەنسىزدە!
مىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىم ئۆزگىچىراق ئۆتكەن .مەكتەپتىمۇ ئۇزۇن ئۇقۇمىغان .لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاۋۇ كۈرنۈشلەرنىڭ بەزەنلىرى ھەقىقەتەن ئۆخشايدىكەن .
بالىلىقىمدىكى نەچچە يىل كالا – قوي بېقىپ ‹‹جاڭگال پادىشاھ››بۇپ قالغان ئاشۇ جاڭگاللىققا ھازىر بېرىپ قالسام ھازىر ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قەلەندەر بۇپقالغان ئادەمدەك تۇيغۇدا بۇپ قالىمەن .ھازىر ئېرىشكەن بارلىق نەرسىللىرىم ئاشۇ بالىلىقتىكى كىچىككىنە نەرسىلەرگىمۇ تەڭ بۇلالمايدۇ .
مەن ھەرە ئۇۋىسىغا ئوت قۇيۇۋېتىپ…بىر توپ ھەرىلەرنىڭ بىرلەشمە قايتۇرما زەربىسىگە ئۇچراپ كەتكەنىدىم،ھەي!
جەنۇبتا بالىلار ئويۇنى ھەقىقەتەن كۆپ، ھەم ساپ، لېكىن ھازىر ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ دىسە ھېچكىم ئوينىمايدۇ…
ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئويۇنلىرى بىلەن بىرىكىپ ئادەم چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ…
ئېسىت ئاشۇ ئويۇنلار بىزنى ھازىرقى بىز قىلمىغانمىدى…
ئىلھام بىزتور دا ۋارقىرشىپ تارقارشىپ ئوينايلى مەن ۋارقىردىم ۋاااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا خاخا كىممەندەك ۋارقىريالاي دۇ ھا ھا ھا
ئوينايقانلار مەن تېخى كىچىك بالا 16 گە كىردىم ئوينايقانلار مېنى ئىزدەڭلار مەن كىچىكلەر بىلەن ئويينايمەن 10ياشلىق شۇملاربىلەن بولسا دەيلار ئوينايمىز چاقچاق قىممىدىم خې مەن يېزىلىق
شەخەېلىك نوچىلار غا يېزامنى ……………………
قارىغاندا كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولسا، Street Fighters II دا بىر تۇتۇشۇپ باقساق بولىدىكەن. سەت دېگەندىمۇ بەك سەت ئامراق بولۇپ ئوينىۋىتەتتىم… بولۇپمۇ ئەڭ ئەشەددىي نۇسخىسى، خەنچە XiangLong دەپ خېتى بار ئىدىغۇ دەيمەن ئېسىمدە…
يەنە بىرىگىمۇ ئامراق ئىدىم، Peter Pan دەيدىغان 4 كىشىلىك ئويۇن، پنىگىۋىنىنى باشلىۋالىدىغان سېھرىگەردىن بىرى بار ئىدى…
مانا ئىكەن ئاۋۇ Peter Pan دېگەننىڭ سۈرەتلىرى، ئەسلى ئىسىمى Hook ئىكەندە ئەسلى… بىلمەي قارا-قويۇق ئىسىم بىلەن ئاتاپ ئويناۋېرىدىغان گەپ…
http://www.arcade-history.com/?n=hook&page=detail&id=1139
كىچىك ۋاقتىمدا شۇنداق يۇۋاش ئىدىم، بىراق ھەرە ئۇۋىسىنى بايقاپ قالسام ئۇلارنى تارمار قىلمىغۇچە بولدى قىلمايتىم، ئەلۋەتتە بۇنداق جەڭدە يارىدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولامدۇ دەيسىلەر، چۈنكى مېنىڭ ئۇلاردەك ھاۋا ئارمىيەم يوق، لېكىن پارتىزانلارچە جەڭ قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتەتتىم…………..
俄罗斯方块 كىرگۈزۈلگەن شۇ سىمسىز ئاددى ئويۇنچۇقنى 100 نەچچە يۈەنگە سېتىۋالغىنىم ئېسىمدە.
ھازىر 20 سومغا ئالىدىغان ئادەم يوقكەن…
ۋاي ۋاي ، ما رەسىملەر بىلەن بايانلارنىڭ بىر – بىرىگە ماسلىشىپ كەتكىنىنى. ئادەمگە تاتلىق بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلىتىپ قويدىغۇ بۇ تېما.ئاۋۇ كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق دېگەن قىسمىنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن …
مەن ئۆزەمنىڭ بالىلىق تەسىراتلىرىمىنى يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ ئالتۇنرەڭ بالىلىق ›› تېمىسىدا يېزىپ بوپتىكەنمەن. بۇ يەرگە قايتا چاپلاشنىڭ يولى بولمىدى.
http://www.yuksel.me/32.html
ھە بالىلىق
ئسىل يوللاپسىز دىگەنلىرىگىز بالىلىخ ۋاقىتلاردىكى ئەڭ خۇشاللىخ ئىشلار
بەك ئېسىل ھەممىسى مەن ئويناپ چوڭ بولغان ئويۇنلار ئىكەن ~!نىمىدىگەن گۈزەل ۋاقىتلار ھە ~~!~! ھەش-پەش دىگۈچە مانا 20نەچچەيىل ئوتۈپتۇ ~!قۇرداشلار ~داۋاملىق ئالغا ~~~!~
بۇ تېمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرخىل بولۇپ قالدى .
مەڭگۈ قايتىپ كەلمەس ئۇ بالىلىق دەۋرىمىز، ھەي ~~~~ راستىمنى دىسەم يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ
غەمسىزئويناپ يۈرگەن ۋاقىتلار نەقەدەر كۆڭۈللۈك! چوڭ بولغانسىرى غەم جىق ، ئىش جىق بولىدىكەن ئەمەسمۇ !!!!
بالىلىققا قايتقۇم كەلدى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ رەسىملەر بىلەن يازمىلار بەكلا قاملىشىپتۇ
قايتا-قايتا ئوقۇدۇم ~ بىردىنلا مىنىڭمۇ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى يازغۇم كىلىپ قالدى ، اللە بۇيرىسا مەنمۇ يازمىسام