ئوخشاش بالىلىق دەۋر، ئوخشىمايدىغان ئويۇن…ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئويناپ چوڭ بولغان ئويۇنلىرىنىڭ پەرقى
ئويناش – ھەممە بالىلارغا خاس بىر خىل ئادەت. ئېلىكترونلۇق ئويۇن ساھەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، گەرچە ھازىرقى بالىلار بىزنىڭ ئەينى يىللىرى ئاشۇ كىچىككىنە ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇپ قانداق چاپاق ئويۇنلارنى ئويناپ چوڭ بولغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمىسا كېرەك؟ ئوخشاش بالىلىق، بىراق ئويناپ چوڭ بولغان ئويۇنلىرىمىزدىكى پەرق خېلىلا زور. تۆۋەندە بىر قىسىم رەسىملەر ئارقىلىق ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئويناپ چوڭ بولغان ئويۇنلىرىنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، بالىلىق، ھاياتلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,189 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: new-and-old-games-compare.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆي تىزىش ئويۇنىنى كۆپ ئوينىغان، بىراق دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟!
- كېيىنكى يازما > كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان نادىر ئويۇن – كىچىك پلانېتتىكى چوڭ پارتلاش(The Tiny Bang Story)
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
مانا بۇنىڭدىن كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ قانچىلىك تەرەقىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ھېچقانداق ئۇيۇن ئوينىمىسىمۇ ئادەم بولىغىلى بۇلىدىكەن مانا
ئالدىنقى بىر تىمىدا، پوتبۇلغا قىزىقمايمەن دەپتىكەنسىز، ئەمدى ئويۇن ئوينىماپتىكەنمەن دەپسىز، سىز بالا ۋاقتىڭىزدا نىمە ئىش قىلاتتىڭىز؟
ئېسىت سىزنىڭ بالىلىقىڭىز
بالىلىقىمدا كالا باقاتتىم
كالا بېقىۋىرىپ كالىدەك چوڭ بولۇپ قالغان بالاڭزا ئوخشايدۇ
توغرا دىدىڭىز . بىمەھەل ھاڭرايدىغان ئېشەكتىن ياخشى
گەپ سۆزىڭىزدىن قارىغاندا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم ئوخشايسىز. گەپ – سۆز ئىشلىتىشىڭىز ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىكەن، ئاپىرىن…
لېكىن دەسلەپتە يازغان ئىنكاسىڭىزدىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئويۇن ئوينىمايدىغان شەخسىي تۇرمۇشىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغانلىقىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. لېكىن مەقسىتىڭىزنى چۈشىنىشكە ئاجىزلىق قىلدىم. كۆپرەك تەلىم بەرگەيسىز…
ھەجەپ ئويناپتىكەنمىز
مان ئىنكاس ئالامەت كەپتۇ …
دېمىسىمۇ بەك ئوينىغان بۇ ئويۇنلارنى… مەندە ئاستىدىكى ياپون نۇسخىسىدىكى پۇتبولنىڭ PC نەشىرى بار. لازىم بولسا ھايت دەڭلار…
شۇچاغلارنى ئويلىسام زە!!!…كەلمەسكە كەتتى..
مەن ئا پۇتپولنى تولا ئوينايتىم ، يامان يۇمۇر ئويۇنتى ئۇ .. مەيداندىكى ئادەملەرنىمۇ قوشۇپ تەپكىلى بولىدىغان .
ھەي بالىلىق ………….
يۇقارقى رەسىملەرنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئويۇنلارنى ئوينۇغۇم كېلىپ قالدى
پۇتبۇمنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىنى ئويناۋىرىپ بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ئوينىسا يوپ پۇتىغا چاپلىشىپلا قالدىغاندەك ھىس قىلىدىكەن دىسە … شىلىم بادەك … لىكىن باشقىسىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنى ئوينىسىمۇ ئادەم يەنىلا ھوزۇر بىغىشلايدىكەن …
مەن ھازىرغىچە 实况8 نى ئوينايمەن، 实况8 غا يېتىدىغان ئويۇن يوقكەن لېكىن.
شىكۇاڭ8نىڭ ھېلىقى تىيەنشا زۇچىيۇ غا رېياسەتچىلىك قىلىدىغان گۇي ئاۋاز بەرگىنى يامان قىززىق.. شىكۇاڭچى چاغلادا شۇنى تولا ئوينايدىغان توردا مۇسابىقىلىشىدىغان شىكۇاڭ بار دەۋاتىتى.. داڭ باما… ئويناپ باقىلى بىر چاڭ
تەرەققىيات بەكلا زور مەن ئاشۇ كىچىك ئويۇنلارنى كۆرۇپ بالا ۋاختىمنى تولىمۇ سىغىندىم
بالا ۋاختىغا قايىتقىنى بولسىمۇ
مەن يۇقارقى ئۇيۇنلارنى ئاساسەن ئويناپتىمەن. بىردىنبىر قىزىقالمىغان ئۇيۇنۇم پۇتبۇل. بۇرۇنقى چاپاق نوسخىسىنىمۇ ئوينىغۇم كەلمەيتتى. دائىم توپ تارتقۇزۇپ قوياتتىم ياكى ۋارتاغا ئۇرسام تۇتىۋالاتتى. باشقىلار ماڭا مۇنداقلا تەپسە كىرىپ كېتىۋاتقان تىرىكتۈرۈپ. ھازىرقى يېڭى نوسخىسىنىمۇ ئوينىغۇم كەلمەيدۇ. يا ئوينيالمىغاچقىمۇ
ھەي بالىلىقىم!!!
实况足球8دىن 实况足球2011نەچە ھەسسە نوچا!!!
مەن مارىئونى ئوينايتتىم ، ئۇيغۇربەگ بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ . ھادۇگىت دەپ ئاۋاز چىقىدىغان بىر ئويۇن بار ئىدى ، بەگ بەك ئامراق بوپ قاپتىكەن ، بىر كۈنى ئويۇن ماشىنىسىنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغاندا ھادۇگىت دەپ بىر مۇشت قويۇپ ئۇدۇل چىشىمنى تۆكۈۋەتكىنى تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا ،،،،
ھەي ئىشقىلىپ بەك قىززىق بالىلىقتىكى ئويۇنلار …….
ئۇيغۇر بەگ قىزلارغا قول كۆتۈرمەيدىغىنىدىن ئىدى، قانداق بولۇپ
ئىتنىڭ ئاچچىقى كەلسە ئىگىسىنى چىشلەيدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ، ئادۇگىت تا تاياق يەۋىرىپ چىدىماي ئۇنى قىلسىمۇقىلغاندۇ
ئەلشات قارىم، گەپ-سۆزنى قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىشىپ قىلسىلا جۇمۇسىلا. چاقچاق بىلەن تېتىقسىزلىقنىڭ پەرقى بىرى ئاڭلىق، بىرى ئاڭسىز!
رىتاخان، ئۆينىڭ ئىشىنى سىرىتقا يايمايلى!
سەھرالىق، رىتاخاندىن باشقىسىغا قول كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىم راست
تەرەققىيات قانچە تىزلەشكەنسىرى كونىلىقنى ئەسلىگۈمىز كىلىدىكەن…لىكىن بۇ ئوخشىمايدۇ…بالىلىق ھەقىقەتەن ئەسلەشكە تىگىشلىك…
كەچۈرسىز مەن بۇنى پەقەت بىر ئوخشىتىش قىلغان ئىدىم، قاتتىق تەككەن بولسا كەچۈرگەيسىز
ئۇيغۇربەگ ، ئەپتى بەشرەم ئېچىلىپ كەتتى كەتتى دەپ ئەنسىرەۋاتاملا ؟
سەھرالىق ، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ ، بەگ ھازىر ئاجايىب ئاڭلىق بوپ كەتتى ، نىكەم ئۇنىڭ بىلەن ئالىيىپمۇ قارىشىپ باقمىغىلى ، ئۇرۇشاي دەپمۇ ئۇرۇشقىلى بولمايدۇ ئۇنىڭ بىلەن .
ئۇنى بىر دېمە، ئۇيغۇربەگ دېسە تورخۇماردىن ئاتلاپ تۇراغا ھازىرلىنىدىغان بولدى خەق !
بالىلارنىڭ جەڭ مەيدانى بوپ كېتىپتىغۇ بۇيەر!!! ھى ھى !!!
ھەي باللىقىم….
ماۋۇ سېلىشتۇرۇشنى … دادامغا نەچچە يەردىن ۋەدە بېرىپ 学习机 ئالدۇرۇپ ئۇكام بىلەن ۋەدىنى ئۇنتۇپ شۇنداق ئويناپ كېتەتتۇق. تەلەپ شۇنچىلىك ئىكەن شۇ چاغلاردا. ھازىر تاللاپ تاللاپ، كىنونىڭ چەتئەلنىڭ بولمىسا كۆرمەيدىغان، ئويۇننىڭ 3D لىكى بولمىسا ئوينىمايدىغان بوپ كېتىپتۇق. ئەتە ئۆگۈن ئۆزىمىز ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان تېخنىكىلار چىقىپ كەتسە ھازىرقىسىنى مازاق قىلارمىز ھە؟
بۇ ياخشى تېما بوپتۇ ،بۇ ئويۇنلارنىڭ بىزگە نىسبەتەن ۋاقىت پەرقى15 يىلدىن 20يىلغىچە ، دەۋرنىڭ تەرەقىياتى نېمدېگەن تېزھە!ھەرساھەلەردە دەۋرگە ماسلىشايلى،پەقەت ئويۇنلارغا ماسلىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايلى،ئەلۋەتتە !
ماڭا يەنىلا بىز ئوينايدىغان ئاشۇ چاپاق ئويۇنلار قىزقارلىقتەك تۇيۇلىدۇ.
ھازىر چوڭ بولۇپ قالغان ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىمەن.
ئۈستىدىن سانىغاندا ئۈچىنجى،تۆتىنجى رەسىمدىكى ئويۇننىڭ ئىسمىنى بىلدىغانلار بارمۇ؟
بولمامتىكى. مەن بۇ ئويۇنلارنىڭ ھەممە نۇسخسىنى ئويناپ بولغان، كىچىك ۋاقتىمدا قالاق نۇسخىسىنى چوڭ بولۇپ، ئېسىل نۇسخىسىنىڭ ھەممىنى تۈگەتكەن. ئۈچىنچى رەسىمدىكىسى: WANTED «باندىت» دېگەن مەنىدە. تۆتىنچىسى: 波斯王子 prince of persia «پارىس (يەنى قەدىمقى پېرسىيە)شاھزادىسى» دېگەن ئويۇن شۇ… يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ ئەسلىمىلەرگە چۆكۈپ. لېكىن يەنىلا شۇ بۇرۇنقىلىرى تاتلىق بىلىنىدىكەن ئادەمگە….
خىيال ئاغىنە، مىىنىڭ دەۋاتقىنىم ئۈچىنجى تۆتىنجى ئويۇن ئەمەس، بەلكى ئۈچىنجى تۆتىنجى رەسىمدىكى ئويۇن.