ئۆي تىزىش ئويۇنىنى كۆپ ئوينىغان، بىراق دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟!
ئۆي تىزىش ئويۇنىنى ھەممىمىز كىچىك چېغىمىزدا ئويناپ باققان، بىراق ماۋۇنىڭدەك دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى تېخى تۇنجى كۆرۈشۈم! بۇ سەۋىيەدىكى ماھىرلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالساق، نەپەسنى چوڭقۇرراق ئېلىش ياكى كۆزنى چىمچىقلىتىشمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھەرىكەت بولۇپ قالغۇدەك. قېنى ئاۋال بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىدىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…
يېڭىچە يەككە كىشىلىك قوش ئېكرانلىق ئۆي تىزىش ئويۇنى
ناۋادا ئۈستىدىكى سىننى كۆرۈپ سىزنىڭمۇ ئازراق قولىڭىز قىچىشقان بولسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى يەككە كىشىلىك قوش ئېكرانلىق ئۆي تىزىش ئويۇنىنى بىر ئويناپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق چۈشۈۋاتقان جىسىملارنى كونترول قىلغىلى، بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىككى ئېكران ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ يېڭىچە ئۆي تىزىش ئويۇنىنى ئويناپ بالىلىقىڭىزنى ئەسلىگەچ، ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرىدىكى ماھىرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىر ئېكرانلىق ئادەتتىكى ئۆي تىزىش ئويۇنىنى كۆپ ئويناپ كەتتۇق، ئەمدى ماۋۇ يېڭىچە قوش ئېكرانلىق ئۆي تىزىش ئويۇنىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tetris-top-match.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەبىئىي پەن ئوقۇغان ئادەمنى بوش چاغلىماڭ! تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ۋاسكېتبول ئۆگىنىشى
- كېيىنكى يازما > دۆلىتىمىزدىن چىققان iPhone بىلەن Android نىڭ ئارلاشمىسى GooApple، جوبز كۆرسە يۇم-يۇم يىغلىغۇدەك!
ئىنكاس سىنايدىغان ئويۇنلاركەن بۇ !
ۋۇججون …ما تېزلىتىلگەن كۆرۈنىشىمۇ يا ؟
سىكونتنىڭ ئۆتىشىگە قارىسام تىزلەتمەپتۇ..
ۋۇييۇ
مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئويۇن .
دەرس خوشياقمىغاندا ئويۇنچۇقنى پارتامنىڭ تېگىگە تىقىۋېلىپ تازا ئوينايتتىم .
ئاۋۇ ئوينىغىنىنى كۆرەپ يىغلىۋەتتىم
بىر يەرنى باسسام مۇندا چىقتى :
سىز زىيارەت قىلماقچى بولغان بەت بۇدۇنيادا ئەمەسكەن، ئامىن…
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىتىۋ جوبىس ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئويۇننىڭ پىشىۋاسىكەنمىش .
تەدبىركارنى دەۋاتمايدىغانسىز؟
بىر يېزىدىن كەلگەن بالىنى دەۋاتامدىكىن دىسەم ئىشەنمەڭلا ھە
مېنى دەۋاتىدۇ
ئەمسە ئۇ دۇنيادا ئوخشايدۇ ھاجىم….بېرىپ كەلمەملا؟
ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ھەممىمىز بارىمىز
پاھ، ئىنكاس دېگەن ئاجايىپ تېزكىنا، ماۋۇ سىندىكىسى ئاپتوماتىك ئوينىغان كۆرۈنۈش ئەمەستۇ ھە…
مەن ئويناپ قاسام ھەيران قالدىكەنسىلەندە … ھى ھى ھى … ئەڭ ياخشىسى كۆرىمەن دىمەڭلار
ياپونىيەدە ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقتا ئوينىغان ئوخشىمامدۇ بۇنى…
تور خۇماردا يىزىلغان تىمىغا ئىنكاس يىزىش ئۇنىڭدىنمۇ تىز
ئېنىقلا ۋەيگۇا ئىشلىتىپتۇ..
توغرا، (ۋەيگۇا) نىمە دەيمىز..؟ ئىشقىلىپ سىرتقى كۈچ ئىشلىتىپتۇ..