Google Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ قانچىلىك تېز ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
مەن ئادەتتە Google Chrome نى ئانچە كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيمەن، بىراق Chrome نىڭ سۈرئىتىگە يەنىلا قايىللىقىم بار. گەرچە سۈرئەت بىر تور كۆرگۈنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەپ بېرەلمىسىمۇ، بىراق تۆۋەندىكى Google Chrome ئېلانى ھەقىقەتەن قالتىس چىققان دېيىشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، Chrome نىڭ سۈرئىتى ئاۋاز بىلەن چاقماق تېزلىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Chrome، Google، ئېلان، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,388 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: chrome-fast-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يۇقىرى تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەنگەن ئىجادى قاتۇرما كارتون – قەغەز يۈزىدىكى Photoshop
- كېيىنكى يازما > سەزگۈ ئېكران تېخنىكىسىدىكى ئۇقۇم دەرىزىسى سەپلەنگەن Toyota ماركىلىق ئاپتوموبېل، مانا بۇ كەلگۈسى دۇنيا!
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
مەن دىۋاننى قەستەن ئىگەللىمىدىمبۇ ئىنكاس كىرومدا يوللاندى،شۇڭا دىۋان تېز ئېگللەندى، مانا بۇ تېزلىقىنىڭ پاكىتى.
بەرھەق، بۈگۈن تور سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتمىگەن بولسا بۇدېۋان سىلىگە ئاشمايتى!
بۇ ىنكاسنى المىدا يازدىم ھىچقانداق كىرگۈزگۈچ قاچىلىمىغان بولساممۇ نورمال كۆرىنىۋاتىدۇ ، تورخۇماربۇنى قانداق ەمەلگە اشۇرغاندۇ؟ لېكىن ھەمزىنى قانداق چىقىرىشنى بىلمىدىم
ئالمىدىمۇ ئوخشاشلا كومپىيۇتىردىكىدەك يانتۇ سىزىق ئارقىلىق چىقىرىدىكەنمىز . يەنى سان چىقىرىدىغان يەرنى ئاچىسڭىز يانتۇ بىر سىزىق بار شۇنى باسسىڭىز ‹ ئ ›ھەرىپى چىقىدىكەن ، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنى چىقىرالماي سىزدەك ئىنكاس يىزىپ يۈرگەن ، كېيىن بۇنى پاسىبان ئەپەندى دەپ بەردى
Chrome دىگەن ئاداش بىكەت ئۇسلۇبىنى بىرخىل قىلىپ قويامدۇ نىمە؟
ئۇنداق ئەمەسقۇ، مۇشۇ بىلىملەر تورى گەرىچە قاپقارا ،سۈرلۈك ئۇسلۇبتا بولسىمۇ ،كرومدا شۇنداق پەچچەت كۆرۈنىدۇ!
يېرىم كېچە سائەت بىر يېرىمدا تېلفۇندا تورغا چىقىپ تورخۇمارغا ئىنكاس يېزىپ يۈرمىگەن بولسام دىۋان مىنىڭ بوپ بولاتتىدە ، ھەرىپلەر تولا ئېنگىلىزچە چىقىۋىلىپ تولا بەت يىڭىلاپ يۇرۇپ يامان تەستە يازدىم ئۇشبۇ ئىنكاسىمنى ……
مەنمۇ كېرەمجانغا يېڭىدىن كۆچتۈم، سۈرئىتىدىن ۋە ئىقتىدارىدىن بەكلا رازى بولدۇم. كۆپلىگەن جاھاننامىلەرنى ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ بۇنىڭدەك مېنى رازى قىلالمىغان ئىدى، چەكلىمىسىز ھەرقانداق تىلدىكى توربەتلەرنى زىيارەت قىلالىدىم، شۈنلېيدە بىر نەرسە چۈشۈرىۋىتىپمۇ بىمالال ھالدا توربەتلەرنى زىيارەت قىلالىدىم.
مەن كرومنى ئىلگىرى بىر قاچىلاپ ئۈچۈرۋەتكەنىدىم كۈنەلمەي. بىراق يېقىندا قايتا قاچىلىغانتىم مەيلى كۆرۈنۈش مەيلى سۈرئەت جەھەتتىن بولسۇن ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ. بولۇپمۇ سۈرئەتنىڭ تېزلىكى ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ. بىر قاملاشمىغان يېرى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر firefox قا ئوخشاش خەتلەر تازا سۈزۈك كۆرۈنمەيدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ؟
بۇگۇن دىۋانچىلانىڭ ھەممىسى فىلىمدىكى تور كۆرگۇدە بولغاچقا بىرىنچى بولاپ ئولتۇرىدىكەندە ھە … مەن گوگول نىڭكىنى ئىشلەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ … دىۋاننىڭ ھوزۇرىنى سۇرۇش ئۈچۈن …
ئىسىم كىرگۈزدىغان يەرنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان تەڭشەپ قويۇپتىكەن، كېسىپ چاپلاپ يۈرۈپ Goodluck نىمۇ كىرگۈزۋالدىم
بۇ خۇرۇم دىگەن تو كۆگۈچ خېلى بولاپ قويامدۇ نېمە
تورغا چىقىش ئۈچۈن مۇشۇ چىرومنى، تور بېكەت ياساش ئۈچۈن تۈلكىنى، بانكا تورلىرىغا كىرىش ئۈچۈن IE نى ئىشلىتىمەن .
ماۋۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن
نىمىشقا ئالمىدىمۇ نورمال يازغىلى بولىدۇ
چۈنكى ئالمىدىمۇ نورمال يازغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن
ما ئىلان چىرومنى سەل مازلاشتۇرۇپ قويغاندەك بىلىندى.
مەنمۇ تۇلا ئىشلىتىپ باققان نەرسە ئۇ . ئۇنچىۋىلا غايىۋى ماختاپ كەتمىسىمۇ ؟
نۇردىن، ئاۋازدىن تىز دىگەنلىرى پۈتۈنلەي مەدداھلىق .
ئوت تۈلكىنىڭ بەشىنچى نەشىرى سەل ئاۋارە قىلغاندىن كىيىن چىرومغا كۆچۈپمۇ باقتىميۇ يەنە تۈلكىگە قايتىۋالدىم. ھېچ قانداق كۆرگۈ ئۇيغۇرچە توربىكەتلەرنى تۈلكىدەك چىرايلىق كۆرسەتمەيدىغاندەك بىلىندى.
تۈلكىدىن كۆچۈش ئۇنچىۋىلا ئاساندەك ئەمەس ئىشلەتكەنسىرى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتىمەن
ھەر بىر تور كۆرگۇچنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن ،
مەنمۇ 糖果تور كۆرگۇچنى ئىشلىتمەن ،ئۇنىڭدا ھەر قانداق تور بەتتىكى ناخشىنى چۇشۇرگىنى بولىدىكەن .
يوقرىدىكى تور كۆرگۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى سۇرئىتى ئىتتىك ،مىنىڭمۇ ئىشلەتمۇم كىلىپ قالدى.
ھەي ھەممىسىدىن نوچىسى مەن يەنىلا
http://v.youku.com/v_show/id_XMjMxOTkxNTMy.html
ماۋۇمۇ قاتىلىكەنغۇ
مائۇسنى بىسىپ بولغۇچە ئېچىلىپ بولدىكەنغۇ
بۇبالىغە بولا مۇشتا بولا…نۇردىنمۇ تىز بولامدۇ؟؟!!
مەن چۈشۈرۈپ باقتىم لىكىن سۈرئەت تىز بولغان بىلەن 115نىڭكىگە يەتمەيدىكەن.
flashلىك سۆرەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدىكەن ، قايسى قىستۇرما لازىم ؟