خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
گەرچە مىكروسوفت ئىزچىل ھالدا Internet Explorer نىڭ يوقايدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىرەر نەتىجە يوق ئىدى. تاكى ئۈلۈشكۈنكى يىغىندا، مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن رەسمىي ھالدا، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد تور كۆرگۈنىڭ IE نىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ يېڭى تۈرنىڭ نامىنىڭ سپارتان دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سپارتان تور كۆرگۈسىگە پۈتۈنلەي يېڭىچە ماركا ۋە نام قويۇلۇپ، Windows 10 ئابونتلىرىنىڭ ئاساسلىق تورغا چىقىش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىكەن. Internet Explorer بولسا ھېلىھەم مەلۇم نەشىردىكى Windows 10 لاردا مەۋجۇد بولۇپ، ئاساسلىق كارخانا ئابونتلىرى ئۈچۈن قوللاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدىكەن.
قارىماققا، مىكروسوفت ھازىر يېڭى تور كۆرگۈنىڭ نامى ئۈچۈن بازار تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ، گەرچە ھازىرغىچە زادى قايسى نامنى قوللىنىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق تور كۆرگۈچ نامىنىڭ ئالدىدا چوقۇم «مىكروسوفت» دېگەن ئىسىمنى قوشۇشى ئېنىق. مىكروسوفتتىكىلەر، پەقەت مىكروسوفتنىڭ نامىنى تور كۆرگۈچنىڭ نامىنىڭ ئالدىغا قويغاندىلا، ئەنگلىيەدىكى كۆپ قىسىم Chrome ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىنى بۇ يېڭى تور كۆرگۈچكە يۆتكىگىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,831 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: goodbye-ie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- كېيىنكى يازما > بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
- توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
- Google Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ قانچىلىك تېز ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟
مېھرى ئىسسىق تور كۆرگۈچ ئىدى رەھمەتلىك
بۈگۈن دىۋاندا ئەدەم يوقمۇ
يامان ئامراقتىممەن بىچچارە…
بويۇن قىسىپ قەپقالدىغان بوپتىدە…
ئاخىرى كومپيۇتېر يىنكلەپ قالدىغان بولىدى،
بىزنىڭ ھۆكىمەت توربەتلىرى بانكا توربەتلىرى قانداق قىلىدۇ ؟
ھۆكمەت بانكىلاغا ماسكىلدىغان توكۆرگۈچ ئىلان قىلشى مۇمكىن…
منىڭ قەنىناسىم ئىدى ھەي
بۇمۇ ياخشى بولغىنى
ئامما ie ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي .
مكروسوفىتنىڭ ئەڭ ياخشى يۇمشاق دىتالى ئىدى مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم گوگىل چورمى ئالمىنىڭ سەفارى قاتارلىق دىتاللارنىڭ باشلامچىسى دىيىشكە بۇلىدۇ،مەن يۇكسەك تېخنىكا بىلەن مۇكەممەللىككە ئىنتىلىمەن ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان كۆرگۇچلەردە ئىقتىدار جىق بولغان بىلەن مۇكەممەللىك يوق