توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
ھازىر ھەر كۈنى ئارىلايدىغان تور بېكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تىزىملاتقان ھېسابات نومۇرلىرىمىزنىمۇ ئەستە ساقلاش قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، بىر قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تور بېكەتلەردە ئوخشىمىغان ئىسىم ياكى پارول ئىشلىتىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ ئىسىم ۋە پاروللار ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ قالسا ئۇ ھالدا قايتىدىن ئىسىم تىزىملىتىش تولىمۇ ئاۋارىچىلىق…
بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم دەل توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پاروللارنى كۆرۈش ئىقتىدارى بار قورال – WebBrowserPassView، ئۇ opera، ie، firefox ۋە chrome قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى قوللايدۇ، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق. ئەلۋەتتە، بۇ قورالنى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا سىناشقىمۇ بولىدۇ، بىراق مەن ئۇنداق قىلمايمەن، ھەم مۇنداق قىلىشقىمۇ قارشى، چۈنكى بۇ بىر ئەخلاق مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان ئىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسى كۆرۈنمە يۈزى بولۇپ، سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە تور بېكەت ئادرېسى، تور كۆرگۈ، ئىسىم، پارول قاتارلىق ستونلاردىن تەركىب تاپقان. ناۋادا ئۇچۇرلارنى كوپىيەلىۋالماقچى بولساق، تىزىملىكتىكى edit نىڭ ئىچىدىن copypassword نى باسساقلا تامام.
قوللايدىغان تور كۆرگۈلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن options نىڭ ئىچىدىن advanced نى بېسىپ تاللاپ بەرسەك بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ قورالمۇ تەڭداشسىز ئەمەس، كەمچىلىكلىرىمۇ خېلى بار، زۆرۈر بولغاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
WebBrowserPassword نىڭ ئېنگلىزچە نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | خەنچە تىل بولىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، پارول، توركۆرگۈ، مەخپىيەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,230 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: webbrowserpassview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > رىۋايەتلەردىكى تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرىدىغان ئىقتىدار، Photoshop CS6 ھەممىنى باپلايدۇ!!!
- كېيىنكى يازما > Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
ما ئىشنى
دىۋان
ماۋۇ دېتال ۋەششىكەنغۇ ؟ ئادەم مەخپى دەپ بىر نىمنى ساقلىيالمامدۇ نىمە دۇنيادا؟
پىچەتكەنغۇ
ھى ھى ھى ماۋۇ ئەسقاتېدۇ
مەخپى نومۇرىچۇ؟