نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە

مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقانMH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ يوقاپ كەتكىنىگە بۈگۈن 3 كۈن بولۇپ قالدى، بۇ ھادىسە بىزنى ھەقىقەتەن چۆچۈتتى. پىقرىمۇ بۇر ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتىمەن. تۈنۈگۈن كەچ بىر دەم ، ئۆزۇمنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىگە ئائىت خاتىرە سۈرەتلەرنى كۆرۈپ چىقتىم ۋە شۈكرى دېدىم …ئاللاھ ھەركىمنىڭ سەپىرىنى ئاسايىشلىق قىلسۇن!
بۇ سىرلىق ھادىسىدە بىر ئۇيغۇر قىرىندىشىمىزنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكى بىزنى بۇ ھادىسىگە تېخىمۇ دىققەت قىلدۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۇلارغا ئامانلىق تىلەش بىلەن بىرگە ئايروپىلان ھادىسىلىرى بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك قاراقۇتا ھەققىدە ئاز-تولا بىلىمگە ئېرىشىپ تۇرايلى…

ayropilan

قارا قۇتا ( ئېنگىلىزچە يېزىلىشى black box)  بولسا ئايروپىلان ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى،  ئەسلى ئاتىلىشى ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇش خاتىرىلىگۈچىسى.  ئۇنىڭ ئىچىگە ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەش ئەسۋابى ۋە كابىنكا ئۇنئالغۇسى ، ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى مىخانىكىلىق بۆلەكلىرى ۋە ئېلېىكرۇنلۇق ئاپاراتلىرىغا مۇناسىۋەتىلىك سېنزورلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قارا قۇتا ئايروپىلان خىزمەتتىن توختاشتىن ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كېتىشتىن يىرىم سائەت ئاۋۋالقى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ئۇچقۇچىلار كابىنكىسىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلىۋالىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنى كېرەك بولغاندا چىقىرىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاراقۇتانىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا، بىسىمغا، سوقۇلۇشقا، ماگىنىتلىق كاشىلىلارغا  بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز سۇيىغا ئۇزۇن مۇددەت چىلىنىپ تۇرسىمۇ ئاسانلىقچە ھېچنەرسە بولمايدۇ. شۇڭا ئايروپىلان پۈتۈنلەي پاچاقلىنىپ كەتسىمۇ، قارا قۇتىدىكى ئۇچۇرلار مۇكەممەل ساقلىنىپ قالىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا يۈزبەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ سىرى ئەنە شۇ قارا قۇتىغا ساقلانغان ئۇچۇلارنىڭ ياردىمىدە يېشىلگەن.

كونكىرتراق قىلىپ ئېيتقاندا قاراقۇتا قايسى ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ؟

قاراقۇتا ئاساسەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى، سۈرئىتى، ئۇچۇش يۆنىلىشى، ئۆرلەش –چۈشۈش ئەھۋالى، سۈرئەت ئاشۇرۇش ئەھۋالى، يېقىلغۇ سەرپىيات ئەھۋالى، شاسسى (قونۇش جازىسى)نىڭ خىزمەت ئەھۋالى، گرېنۋىچ ۋاقىت خاتىرىسى، ئايروپىلان سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە دۋىگاتېللارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلىرىگە يەنە ئايروپىلان بۆلۈمچىلىرىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلەش قۇرۇلمىسىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

قارا قۇتىنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى زادى قانچىلىك؟

قارا قۇتىنىڭ سرتقى قېپى ناھايىتى مۇستەھكەم پولات تاختا بىلەن قاپلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادىئاباتىك (يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا قارشى) قەۋەت ۋە سوقۇلۇشتىن قوغداش قەۋىتى بىلەن قوغدىلىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا قارا قۇتىنىڭ تېخىمۇ بېخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇ  ئادەتتە ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى «ئەڭ بېخەتەر» ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچىرىغاندا قۇرۇق قىسمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

ناۋادا ئايروپىلان چۈشۈپ  كېتىپ كۆيۈپ كەتسە ، قاراقۇتا 1100℃ لىك ئوت يالقۇنى ئىچىدە 30 مېنۇتتىن ئارتۇقراق بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. 2 توننا ئەتىراپىدىكى جىسىم بىلەن باسقاندا 5 مېنۇت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ،  بېنىزىن، ئاپتول، ئولېئىن،باتارېيە سۇيۇقلۇقى، كىسلاتا، دېڭىزسۈيى قاتارلىقلارغا نەچچە ئاي چىلىنىپ تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، يېغىنچاقلىغاندا ئۇ خىلمۇ-خىل  بالا-قازالارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ قالغان. ھەتتا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇ بىردىن- بىر «شاھىد» بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بىز ئايروپىلان ھادىسىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندا كۆپىنچە ئاڭلايدىغىنىمىز قارا قۇتىنى ئىزدەش ھەققىدىكى پاراڭلار بولۇپ قالىدۇ.

گەرچە ئومۇمى ئەھۋال شۇندا بولسىمۇ ، ئەمما  ئازساندىكى بىر قىسىم ئاۋىئاتسىيە ھادىسىلىرىدە بۇ مۇستەھكەم قارا قۇتىمۇ  ئامان قالمىغان،  شۇڭا خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە ئورگانلىرى قاراقۇتىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى(ئۆلچەم) تۈزگەن بولۇپ، ساقلىغۇچ دىئېلېكترىك مۇھىتى ماگنىتلىق لېنتدىن تېخىمۇ قاتتىق سوقۇلۇشقا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان تىنچ ھالەتلىك ساقلىغۇچقا ئالماشتۇرىلىۋاتىدۇ، بۇخۇددى كومپيۇتېرنىڭ ساقلاش ئۆزىكىگە ئوخشايدۇ.

ئۇنداقتا بۇ «قاراقۇتا»  راستىنلا « قارا» رەڭلىكمۇ ؟

قاراقۇتا دېسە كۆپىنچىمىزنىڭ كۆزئالدىغا قاپقارا رەڭلىك بىر قۇتىسمان جىسىم كېلىشى مۇمكىن. بىز ئەمدى قاتاقۇتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن بىرئاز تونىشايلى ؛

قاراقۇتىنىڭ سىرتقى قىپى ناھايىتى مۇستەھكەم، پاراللېلېپىپېد شەكلىدە بولۇپ، تەخمىنەن 4~5 پارچە خىش چوڭلىقىدا بولىدۇ. ئىچكى قىسمىدا بىرقىسىم ئېلېكترىك زاپچاسلار جايلاشقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر سىگنال قوبۇللاش-تارقىتىش ئاپپاراتى.  ئايروپىلان سەپىرى جەريانىدا ، ئۇ ئىچكى قىسمىدىكى سىنزۇر ئارقىلىق يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا توپلاپ،  ئاپتۇماتىك ھالدا مۇناسىپ رەقەملىك ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ داۋاملىق تۈردە خاتىرىلەيدۇ؛ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچىرىغاندا ، قاراقۇتىنىڭ جىددى سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسى نۆۋەتتىكى ئورنى ھەققىدە ئېنىق چاستۇتىلىق ئۇچۇر سىگنال تارقىتىدۇ (مەسىلەن؛ 37.5كىلوگېرتس) ، بۇ خۇددى يۈرەك سوقۇشىغا تەقلىد قىلىنغان سىمسىز تېلېگراف سىگىنالىدەك ئۆزىنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلىپ، ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

قاراقۇتا – قارا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە يالتىراق ھەل بېرىلگەن ئاچ قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، بۇخىل رەڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىش بىلەن بىرگە تاشقى قىسمىدىكى نۇرقايتۇرۇش تاسمىسى قاتارلىقلار ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قاراقۇتىنى تىپىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللاردا بۇنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ياۋروپانىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ، قاراقۇتا جەزمەن 2.25 توننا سوقۇلۇش زەربىسگە بەرداشلىق بېرىشى، 1100℃ يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئىچىدە 10 سائەتكە يېقىن بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.  يۇقۇرىقى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن قاراقۇتا ئادەتتە مونوكرىستاللىق تۆمۈر ۋە بىرقىسىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ.

قاراقۇتا قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟

كۆپ قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ھەربى ئىشلار ئايروپىلانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قاراقۇتىلار ئىككى خىل بولىدۇ. بىرخىلى بولسا ئايروپىلان سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەيدىغان قاراقۇتا (FDR) بولۇپ مەخسۇس ئۇچۇش داۋامىدىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ، مەسىلەن؛ ئۇچۇش ۋاقتى، سۈرئەت، ئېگىزلىك، يۆنىلىش، ئېغىش بۇلۇڭى، ماتورنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى، تىمپىراتورا قاتارلىق جەمئىي 30 خىلدەك ئۇچۇرنى خاتىرىلەيدۇ، خاتىرىلەش ۋاقتى 25 سائەتكە يېتىدۇ.  ئۇچۇشتىن ئاۋۋال  پەقەت قاراقۇتىنىڭ ۋىكلۇچاتىلنى ئىچىپلا قويسا يۇقۇرىداتىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىشكە باشلايدۇ.

يەنە بىرخىلى بولسا ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئاۋازىنى خاتىرىلەيدىغان قاراقۇتا (CVR) ، بۇ خۇددى ئۈنئالغۇغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئادەتتە ئۇچقۇچىلار مەشغۇلات بۆلۈمچىسدىكى تۈرلۈك ئاۋاز ئۇچۇرلىرىنى ، يولۇچىلارنىڭ، كۈتكۈچىلەر بىلەن يولۇچىلارنىڭ پاراڭلىرىنى  خاتىرىلەيدۇ . ئۇنىڭ خاتىرىلەش ۋاقتى 30 مېنۇت بولۇپ، 30 مېنۇتتىن ئىشىپ كەتكەندە، يەنە يېڭىدىن خاتىرە قالدۇرىدۇ. شۇڭا بۇ قاراقۇتىدىكى  ئۇچۇرلار  ئايروپىلان ھادىسىىگە ئۇچراشتىن 30 مېنۇت بۇرۇنقى مۇھىم ئۇچۇلار بولىدۇ.

پەن –تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك يېڭىلىنشىقا ئەگىشىپ،  قاراقۇتىنىڭ ئىقتىدارىمۇ داۋاملىق كۈچىيۋاتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى قاراقۇتا (FDR)  پەقەت 5 خىل پارامىتىرنى خاتىرىلىيەلەيتى ، خاتالىق پەرقىمۇ چوڭ ئىدى. 70 –يىللارغا كەلگەندە  رەقەملىك خاتىرىلەش لىنتىسى ئىشلىتىلىپ 100خىلغا يېقىن پارامىترنى خاتىرىلىيەلەيدىغان بولدى ھەم خاتىرىلەش ۋاقتى 25 سائەتكە يەتتى. 90- يىللاردىن كېيىن توپلاشتۇرۇلغان توك يولىلىق ساقلىغۇچ مەيدانغا كەلگەندىن كېين ، كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىغا ئوخشاش،  2 سائەتلىك ئاۋاز ئۇچۇرىنى خاتىرىلىيەلەيدىغان (CVR) ۋە ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى 25 سائەتكىچە خاتىرىلەيدىغان (FDR)  لار روياپقا چىقىپ، ئاۋىئاتسىيە ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈش ،ھۆكۈم قىلىش  توغرىلىق نىسبىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

قاراقۇتىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قايسى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؟

ئادەتتە قاراقۇتا ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىغا ئورۇنلىشىدۇ. سەۋەبى  مۇتەخەسسلەر نۇرغۇن قېتىملىق  ئايروپىلان ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ، ئايروپىلانلارنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئاسانلىقچە بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇڭا بۇ قارا قۇتىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قارا قۇتا ئۆزىنى قانداق مەلۇم قىلىدۇ؟

رەڭ ۋە نۇرقايتۇرۇش لېىنتىسدىن باشقا  يەنە سۇئاستى بېئاكون (سىمسىز تېلېگراف يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگىسى) (ULB) ئورنىتىلغان بولىدۇ.  ناۋادا سىز ئاۋۇ  قاراقۇتىنىڭ رەسىمىنى كۈزەتكەن بولسىڭىز، قاراقۇتىنىڭ بىر بىشىدا كىچىك سىلىندىرسىمان نەرسىنى بايقايسىز، قارىماققا ئۇ قاراقۇتىنىڭ تۇتقۇچىدەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دەل بىز دېگەن سۇئاستى بېئاكۇنىدۇر.

ئايروپىلان سۇغا چۆككەندە، بېئاكۇن ئاددى قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلۇسى تارقىتىدۇ، بۇخىل ئىمپۇلۇسنى سونار ياكى ئاۋازئىلمى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى بىلەنلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.  بېئاكوننىڭ بىر تەرىپىدە خۇددى كالىنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان بىرخىل سىنزور ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ دەل سۇئاستى سىنزورى بولۇپ،  ئۇ سۇغا تېگىشكەن ھامان  قارا قۇتا ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلۇسى تارقىتىشقا باشلايدۇ.

ئۇ ئادەتتە 37.5kHz ئىمپۇلۇسلىق سىگنال تارقىتدىغان بولۇپ،  14000 فۇت (4267مېتىر) چوڭقۇرلۇقتىكى سۇئاستىدىن سىگنال يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇ خىزمەتكە كىرىشىپ ھەرسېكۇنتتا بىر قېتىم سىگنال تارقىتىدۇ ۋە بۇ ھالەتتە 30 كۈن داۋاملاشتۇرالايدۇ ، ئۇنىڭغا ئۇدا 6 يىل خىزمەت قىلالايدىغان باتارىيىلىك قوزغاتقۇچ سەپلەنگەن بولىدۇ.

قارا قۇتىنىڭ قىسقىچە تارىخى

ھەقىقى مەنىدىكى قاراقۇتىنى 1958- يىلى ئاۋسترالىيە مىلبورنلىق ئىنژىنىر  داۋىد ۋارىن (Dr David Warren) كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ قاراقۇتا ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. 1925- يىلى تۇغۇلۇپ، 2010 –يىلى 85-يشىىدا ۋاپات بولغان . ئۇ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ تاۋۇتى سىرتىغا  « ئىچىدە  قارا قۇتىنىڭ كەشپىياتچسى بار، ئاچماڭ !» دەپ يېزىلغان .( قارا قۇتىنىڭ سىرتىدىكى ئېنگىلىزچە ئاگاھلاندۇرۇشنى ئوقىسىڭىز بۇ ئىشنى چۈشىنىسىز)

1908-يىلى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچىرىدى، بۇ تۇنجى ئايروپىلان ھادىسىى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە  ئايروپىلان تالاپەتلىرى ئاستا-ئاستا قاتناش ۋەقەلىرى قاتارىدىن  رەسمىي ئورون ئالدى.  دېمەك بۇ خىل ئەھۋال ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ياردىمى بولۇدىغان بىرتۈرلۈك ئەسۋابنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىياجىنى كۈچەيتتى.

بۇ ئەسۋابنىڭ قاراقۇتا دەپ ئاتىلىپ قىلشىمۇ تاساددىپي ئەھۋال ئەمەس،  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دەسلەپكى ئۇچۇش  ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئەسۋابلىرى  جەڭ ئايروپىلانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلق ئاۋىئاتسىيسىدە قوللىنىلغان . ئەينى ۋاقىتلاردا ئايروپىلاندىكى ئېلېكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەر چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قارا رەڭلىك ساندۇقچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قاراقۇتا دەپ ئاتىلىپ قىلىشى شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولسا كېرەك.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەرە 2014.03.13 , 12:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەسۋابنىڭ قاراقۇتا دەپ ئاتىلىپ قىلشىمۇ تاساددىپي ئەھۋال ئەمەس

    • ئابومجان 2014.03.13 , 15:15

      ئەڭ يېڭى ئەڭ نۇپۇزلۇق خەۋەر !
      يۈتۈپ كەتكەن ئەرىپۇلان ھازىر ئايشارىدامىش ! ئالدىرماي تۇرۇڭ سەۋەبىنى دىسەملا ئىشىنىسىز !
      ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، بۇ ئايروپىلاندا قەشقەرلىك بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ باركەن ، ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەي كىملىك تەكشۈرۈپتىدەك ، بۇ ئايروپىلاندا خەڭسۇلا سەل جىق ئەمەسمۇ ، ئالدىنقى ئۇرۇندا شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر باكەن دىگەننى ئاڭلاپ بەسەيلەنىڭ ھەممىسى مەرەزدىن قاچقاندەك قېچىپ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسىمىغا بېرىۋاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئارقا قىسىمىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىپ ئايروپىلاننىڭ تۇمشۇقى ئاسمانغا قاراپ قالغان پېتى ئۇچۇپ ئۇچۇپ ئايشارىغا بېرىپ قاپتۇدەك …

  2. ھەرە 2014.03.13 , 12:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :cry::cry:مۇمكىن ئەمەس

  3. ئالامەت 2014.03.13 , 12:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى يامان ئوقەتكەن، ئۆيدە ئىشلەتسىمۇ بولامدىغاندۇ؟ :?:

    • ئەتىۋا 2014.03.13 , 18:25

      تاماقنى يەنىلا ئاشخانىدا يىگەن ياخشى ، ساتىراشخانىدا سىزگە نىمە بار ؟
      ئۆيىڭىز ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرمەيدىغاندۇ ؟ مارىستىن كەلدىم دەڭ …

  4. نۇرلۇق 2014.03.13 , 13:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ قارا قۇتا توغرىسىدىكى گەپلەرنى يېقىندا يۈتكەن ئايرۇپىلان توغرىسىدىكى خەۋەردىن ئاڭلىغان ئۇندىن بۇرۇن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن

  5. Forever 2014.03.13 , 13:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توردىكى ئايرۇپىلان ھادىسىسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئوقۇسىغۇ ئادەمنىڭ ئايرۇپىلاندا ئولتۇرغىسىمۇ كەلمەيدىكەن …

    • ئىسيانكار 2014.03.14 , 13:45

      ئەجەل كەلسە ھېيتگاھدا ئايلىنىپ يۇرسىڭىز ئۈستىڭىزگە ئايرۇپىلان چۈشۈپ ئۆلۈپ كىتىشىڭىزمۇ مۇمكىن :razz:

  6. شەھرۇ 2014.03.13 , 13:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ قۇقۇپ كەتتىم دىسە ئايرۇپىلانغا چىقمىسا بۇلامدۇ نىمە

    • ئەتىۋا 2014.03.13 , 21:15

      بىزنىڭ جېنىمىز ھە قاچان ئاللاغا ئامانەت ، ۋاقىت سائىتى كەپ قالسا ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئامانىتىنى ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ دۇنيالىقتا ئۇ دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ئازتۇلا بىر ئىش قىلىپ قويغىنىمىز دۇرۇس

  7. مايماق 2014.03.13 , 14:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قېتىمقى ئايروپىلان يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۈرۈپ باشتا تېخى ‹ۋاقت تونىلى›دېگەندەك فانتازىيىلىك خىياللار كىرگەنتى كاللامغا:evil:

  8. مەنسۇر 2014.03.13 , 14:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارا قۇتا-قارا قۇتا دىسە ئادەتتە ئىدارە-ئورۇنلار ئىشىتىۋاتقان كۆزىتىش ئۈسكىنىسىنىڭ قاتتىق دېسكا سېلىنغان باش ئاپپاراتىمىكى دەپ ئويلايتىم، ئەسلى مۇنداق نەرسىكەندە بۇ كاساپەت.
    ئەمما مەن ئويلىغاندەك ئىلغار ئۈسكىنە ئەمەسكەن بۇ، مۇشۇنداق تېخنىكا تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ 30 مىنۇتلۇق ئاۋاز بىلەن سانلىق مەلۇمات ساقلايدىغان نەرسە ئىشلەتكۈچە، ئايروپىلاننىڭ ئىچى-تېىشىغا كۆزىتىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىپ، 30 مىنۇتلۇق سۈرەت ۋە ئاۋاز بىر گەۋدە قىلىنغان سىنلىق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوشۇپ ساقلايدىغان قىلىپ لاھىيەلىسە بولمامدۇ دەيمە، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولاتتى ئەمەسمۇ. ماۋۇ مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇننىڭ 3 خىش پىش چوڭلىقىدىكى قارا قۇتىسىمۇ 27 كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ 35 كۈنلۈك ئەھۋالىنى تولۇق خاتىرلەيدۇ.

    • ئەتىۋا 2014.03.13 , 15:21

      مەنسۇر بەگ ئەتىلا بىزنىڭ شىركەتكە كىلىپ ئىشقا چۈشۈڭ ، قالدى گەپلەرنى قىسقا ئۇچۇر قىلاي ، مەلىڭىزنىڭ ئالدىغا شەخسى ئايرۇپىلانىمنى ئەۋەتىمە ، خاتىرجەم بۇلۇڭ يۈتۈپ كەتمەيسىز ، مەن شەخسى ئايرۇپىلانىمنى ئاق قارا ئىككى خىل قۇتىدا ياسىغان

    • مەنسۇر 2014.03.15 , 01:02

      ئوخخو، ئەتىۋالىق شىركىتىڭىزگە تەكلىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر! ئادەتتە مەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى ئانچە بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن، ئۆزۈم ئاپتىموبىل ھەۋەسكارى بولغاچقا ئاددىي بولسىمۇ قارا رەڭلىك K5 ئاپتىموبىلىم بار، شۇڭلاشقا شەخسى ئايروپىلان ئەۋەتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئادېرىسىڭىزنىلا قالدۇرسىڭىز شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقانداق يەر (ماشىنا ماڭالىغىدەك يول) بولىسا ھايداپ بېرىشىمدا گەپ يوق. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ئاق-قارا قۇتىدا ئايروپىلان ياسىغىنىڭىزغا قارىغاندا تېخنىكىڭىزمۇ ۋەششەت «نوچى»كەن، مەن مەكتەپتە كۆپ ئوقۇمىغان، بۇنداق «ئالاھىدە» شىركەتلەردە ئىشلەشكە سەۋىيەم يەتمەيدۇ، شۇڭا مەن ئاددىي بولسىمۇ ھازىرقى خىزمىتىمىنى قىپ كەتسەم.
      ئەۋەتكەن ئۇچۇرىڭىز تورخۇمار نامىدىن ئېلخەت ساندۇقۇمغا يىتىپ كەلدى، ھازىر شۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئولتۇراپتىمە. ماڭا «كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىزگە» كۆپ رەھمەت! ھۆرمەت بىلەن- مەنسۇر بەگ!

    • ئەتىۋا 2014.03.15 , 02:45

      مەنسۇر بەگنىڭ جاۋاپ خەت قايتۇرغانلىقىغا تەشەككۈر !
      دىگىنىڭىزدەك شىركىتىمىز سەل ئالاھىدە ، ئېنىق ئىسمىنى ئاتاش سەل بىئەپ ، ھەم جۇڭگۇ رايۇنىدا تېخى تارماق شىركەت قۇرمىدۇق
      سىزنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قايتۇرغان جاۋاپ خېتىڭىزدىن شۇنداق مەمنۇن بولدۇم ، سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە شىركىتىمىزنىڭ بازارلىق مەھسۇلاتى بولغان يىشىل قۇتىدىن بىرنى سىزگە سوۋغا قىلماقچى ئەلۋەتتە بىكالىق … يىشىل قۇتا مەخسۇس ماشىنلار ئۈچۈن ياسالغان بۇلۇپ ئىقتىدارى ئاق قارا قۇتىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ، پات ئارىدا بىزنىڭ يىشىل قۇتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىڭىزغا كىپىللىك قىلىمەن ، سىز جۇڭگۇ بازىرىدىكى بىرىنجى بۇلۇپ يىشىل قۇتا ئىشلەتكۈچى بۇلۇپ قالىسىز (چوڭ قۇرۇقلۇق تاموژنىسى يىغىۋالمىسىلا)

  9. ئابومجان 2014.03.13 , 15:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي MH 370 يۈتۈپ كەتكىلى ساق بەش كۈن بولدى ، نىمىشقا قارا قۇتىنىڭ ئىز دىرىكى بولمايدۇ ؟
    كۈندە يېڭى خەۋەر مارىلاپ تېلپۇننىڭ لۇلاڭسىمۇ تۈگىدى نەۋاخ ، مالايسىيەنىڭ قوسقىدا جىن بادەكلا تۇيۇلىدۇ ماڭا ، يېنىشقاق يەپ قاغاندەك ھىلى دىگەن گىپى ھىلى يوق …

  10. ‏ئوسمان تۈرىك 2014.03.13 , 15:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قالايمىقان چاخچاق قىلماڭلار ئايرۇپىلاندا كىملىك تەكشۈرمەيدۇ بۇنداق تۇترىقسزگەپلەر بىلەن باشقا قېرىنداشلىرىمىزنى قايماقتۇرۇپ سەۋەپسىزئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالايلى…

    • ئابومجان 2014.03.14 , 07:16

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام !
      ھې ھې ئاپلا ما گەپنى…… ئالدى بىلەن قايمۇقۇپ كەتكەن قېرىنداشلار چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سۇرايمەن !
      ئىنكاسىمنى ئىككى قېتىم ئۇقۇغان بولسىڭىز ، ھەم بەزى مۇنبەردىكى تېما خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ قويغان بولسىڭىز بۇنداق ئەستايىدىل بۇلۇپ كەتمەيتىڭىز !
      ھەممىمىزگە ئايان بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىزنىڭ يۇرتىمىز ھەم مىللىتىمىزگە پايدىسىز بولغان گەپ سۆزلەر ناھايىتى جىق ، ما بەزى ھاقلى يوق ھارام تاماق بەسەيلە يۇرتىمىزنىڭ نامىنى ئاڭلىسىلا ئەسكى ئىشلارنى بىزنىلا قىلىدۇ دەپ ئويلامدىغاندۇ ئىشقىلىپ ، ھەر ۋاقىت بىزگە قارا چاپلاشقا تەييارلا تۇرىدۇ ، يۇقىرىدىكى ئۇ خەۋەرنى سىزنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل چۈشەنگىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم ، بۇ پەقەت بەسەيلەنىڭ ئەقىلسىزلىكىگە قىلىنغا كىنايە ، مەسخىرە …

  11. www.uyghurqq.cn 2014.03.13 , 19:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ قاتناش ۋاستىلىرى ئارسىدا ئارۇپىلاننىڭ ھادىرسگە ئۈچىراپ ئۆلۈپ كىتىدىغانلار ئەڭ ئاز بەك كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەڭلار

  12. yawaxboy 2014.03.13 , 20:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامرىكا تىلىۋىزىيە تىياتىر ئازغۇن (迷失)يادىمغا كەپ قالدى بىرەر ئارالدا يۈرەمدۇ بۇخەق

    • پىنھان 2014.03.14 , 19:11

      ھا ھا ھا …. بەلكىم دەپ قويايلۇق ئۇنىڭغىمۇ … ھى ھى .. (چاقچاق) ھە

  13. ئالامەت 2014.03.13 , 23:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ زادى نىمىش تورخۇماركا،،،بۇمېنىڭ ئىككىنچى قېتىم دىۋان توغرىلىق يازغان ئىنكاسىمنىڭ يوقاپ كېتىشى،،،،، بۇ تېمىدا مەن بۇ دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئىككى ئنكاسنى ئۆتكۈزىۋېتىپ يەنە بىر ئىنكاس يازغان لېكىن ئىككىنچى قېتىملىقى بار، بىرىنچى قېتىملىقى يوق،،،ياكى مېنىڭ دىۋاندا ئولتۇرۇشۇم مەڭگۈلۈك نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانمۇ مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟؟:???::???::???:

    • تورخۇماركا 2014.03.14 , 00:13

      دىۋان توغرۇلۇق ئاللىقاچان قانۇم نىزاملار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ،ئاساسلىق مەزمۇنى تورخۇماردا دىۋان تالىشىش چەكلەنمەيدۇ ، لىكىن بىرىنجى بۇلۇپ دىۋان تالاشقان كىشىدىن باشقا كىشىنىڭ دىۋان توغرۇلۇق يازغان ئىنكاسى بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ياكى تەستىقلانمايدۇ دەپ ئۆتكەن يىلى رەسمى يولغا قۇيۇلغان ، سىز مۇشۇ قانۇنغا بەك ئامدان چۈشۈپسىز ، شۇڭا ئىنكاسىڭىز كۈرۈنمەيدۇ

    • تورخۇمار 2014.03.14 , 01:16

      تورخۇماردا دىۋان ھەققىدە تېما بار، ئۆزىڭىز ئىزدەپ كۆرۈۋېلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنكاسىدا دىۋان دېگەن گەپتىن باشقىسى يوق دىۋانلارنى ئۇدۇللۇق كۆزدىن يوقىتىۋاتىمىز. مەن سىزگە بىر ئامال ئۆگىتىپ قوياي.
      دىۋان دەپ يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئىنكاسىڭىز يوللىنىپ بولغان بولىدۇ ھەم باشقىلارغىمۇ كۆرۈنىدۇ. باشقىلارمۇ دىۋاندا ئادەم باركەن دەپ بۇ توغرىسىدا قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئىنكاسىڭىزنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن دىۋاندا ئولتۇرغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرگەن بولسىڭىز، بەتنى يېڭىلىماي تۇرۇپ ئىنكاس تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. شۇ جاينى بېسىپ قويۇپ يازمىنى بىر ئالدىرىماي ئوقۇپ ئاۋۇ باشتا يازغان دىۋان دېگەن قۇرۇق گەپنى ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ئىنكاسىڭىزغا تەھرىرلەپ قويسىڭىز، دىۋاندىمۇ ئولتۇرغان بولۇسىز، ئىنكاسىڭىزغىمۇ مازكەن ئاز چۈشىدۇ، ھەم باشقىلارمۇ ئىنكاسىڭىزدىن بىرنەرسىلەرنى بىلىۋېلىشى مۇمكىن.
      بۇ توغرىسىدا مۇشۇ تېمىدا توختىلىپ قوياي، ئەمدى ئايرىم بىر تېما يېزىپ يۈرمەيمەن.

  14. تاش بۇلاق 2014.03.13 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايروپىلان چۈشۈپ كەتسە بېلەت باھاسىمۇ تەڭ چۈشىدىكەن دېسە .. 14-چىسلانىڭ خوتەن-ئۈرۈمچىنىڭ بېلەت باھاسى 200 گە چۈشۈپ قاپتۇ دېسە:wink:

    • پىنھان 2014.03.14 , 19:13

      ئوخخو … ئۇ چۈشسە ئۇدۇل تەكلىماكانغىلا چۈشەتتى ئەمەسمۇ … ھا ھا ھا … ئۇندا ئەرزانچىلىق بولمىغاندى دەيمەن …

    • نۇرنىجات 2014.03.16 , 16:56

      ناۋادا بۇ توردىكى باھا بولسا،يەنە نەچچە يۈز يۈەن قوشۇلۇشىدا گەپ يوق…يەنىلا كۆپ ئەرزان ئىكەن…

  15. hayatim538 2014.03.14 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئىش راستلا خېلى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ، ئۇدا 3 كۇن بولدى تېلۋىزىيە ، جاھاندىكى ئىشلار ، ئۇندىدار يەنە خەلئقارا بەس مۇنازىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ . مۇشۇ ئىشلارنىڭ قانداق نەتىجە بۇلۇپ چىقىشى نۇرغۇنلىغان دۆلەتنىڭ يۇزىنى يۇرۇق قېلىشى ،تۆكىۋىلىشى نۇرغۇنلىغان قانۇنى ساھەگە باغلىنىشلىق . ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا بىرلەشكەن تۇرۇقلۇق ھەم شۇنداق ئالىملىرىمىزمۇ تاپالماي ساراسىمدە قىلىۋاتىدۇ .

  16. نەۋقىران 2014.03.14 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە قەدەر دىگەن شۇ ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن ئوبدانران ئويلىنىلى تورداشلار بۇ ئۆلۈم كىملەرنى ئاياپ قويغان ئاللا بىلگۈچىدۇر

  17. روھچىن 2014.03.14 , 14:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەسلەپكى كۈنلەردە ھېلى تېپىلا، مانا تېپىلا دەپ يۈردۇق. بۈگۈن ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان ئوخشايدۇ. ھازىرغىچە تېىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بىرەتال ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن بۇ ىشتا بىرە ئۇيۇن بارمىكىن دەپ قالدىم. قېچىپ يۇشۇرنىۋالغان بىرە ئادەمنى تاپىدىغان تۇرسا ئىشقىلىپ بەزى سىياىسيونلارنىڭ ئۇيۇنىنىڭ مەقسىدىنى نەچچە ئون يىلدىن كىيىن بىلىدىكەنمىز

  18. ئالامەت 2014.03.14 , 17:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ شۇ تۇنجى قېتىم ئولتۇرغاندىكىن دىۋان دەپلا يېزىپتىكەنمەن،،، ئىلگىرى ئۇ تېمىنىمۇ ئوقۇغان بولمىسا لېكىن سىز دېگەن بۇ قائىدىنى ئەمدى بىلدىم،،رەخمەت چۈشەندۇرۇپ قويغىنىڭىزغا:mrgreen::mrgreen:

  19. پىنھان 2014.03.14 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ۋاقىتلادا توردا گېپى بولغان …. ماسون دەمدۇ بىر كىشلەنىڭ ئويىنىمۇ تېخى بۇ

  20. ھايات 2014.03.14 , 19:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كىتىشى سىياسىي ئويۇن بولۇشى مۇمكىن

  21. ياخشى ئۇكاش 2014.03.14 , 21:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن بولسا :!:

  22. ئوغۇل 2014.03.14 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇئايرۇپىلاندىكى ئۇيغۇر قېرندىشىمىزنى ئاللاھ ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!

  23. داداش 2014.03.15 , 11:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىسى ھەققىدە لەتىپە توقۇغان ئادەملەرنى نورمال دېيىشكە ھەقىقەتەن باھانىمىز يوق.

    • مەنسۇر 2014.03.15 , 18:59

      توغرا دەيسىز، ماۋۇ ئۈن دەللالنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە يوقاپ كەتكەن ئايروپىلان توغۇرلۇق يوللىغان ئاتالمىش «شىئېر، لەتىپە، قوشاق،نەسىر» لەرنى كۆرۈپ نىم دىيشىمنى بىلمەي قالدىم. شۇنى توقۇغانلارنىڭ ئاشۇ ئايروپىلاندا بىرەر يېرىم قېرىنشى بوپ قالغان بولسا قانداق بولار بولغىيتى؟ كاللىسىنىڭ جىڭ سۈيى بار ئادەملەرمۇ پىشكى با ئوخشايدۇ.

  24. تۇنجەر 2014.03.15 , 23:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەرزىمچە بۇ ئەيرەپۇلان بىر بولسا ماگنىت مەيدانىدىن چىقىپ كىتىپ بىز ئويلاپمۇ يىتەلمۈگۈدەك يىراق يەرگە خوش دىمەيلا كىتىپ قالدى بىرى بولسا بىشىنى پىت چىقۋالغاندىن بىرى بۇلاپ قاشتى (بۇ ئېھتىماللىق سەل تۈۋەن ) يەنە بىرى بۇ ئەيرەپۇلان ۋاقىت تونىلىغا سۇقۇلۇپ كەتتى خوش ياقسا بىزنىڭ نەۋىرلىتىمىزنى دەۋىرلىرىدە چۈشۈپ قالامىكى….. بۇ ئېھتىماللىق سەل يۇقرى چۈنكى بۇنداق ئىشلار دۇنيادا نۇرغۇن يۈز بېرىپ كەتكەن ئىكەن ..:idea:

  25. داداش 2014.03.16 , 01:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن سىرلارھەققىدىكى جاۋابلارنىڭ توغرىسىنى، ياراتقان ۋە ئورۇنلاشتۇرغان ئېگىسى بىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئاندىن ئاجايىپ بىر دەۋردە ئۆزەڭلارنىڭ ئاجايىپ ئىشلارغا شاھىد بولىدىغانلىقىڭلارغا ئىىشنىڭلار…

  26. ھەرە 2014.03.16 , 12:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇچوقۇم بىر سىياسىي ئويۇن باللا.

    • Mr . E 2014.03.16 , 12:49

      مەنمۇ مۇشۇ پىكىردە، مۇشۇنداق ئويلاپ قالدىم مەنمۇ.

  27. baress 2014.03.21 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا كىنونى جىق كۆرۈۋەتتىمۇ مەنمۇ ؟ سىياسى ئويۇن ؟ بۇ گەپ قانداقلارچە پەيدا بوپ قالدى

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量