نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور > يازما مەزمۇنى

شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)

ئالدىنقى تەھلىلىمىز شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟ دا قېرىنداشلارغا ئازدۇر – كۆپتۈر  نەپلەر يەتتى دەپ ئويلايمەن. ئەمەلىيەتتە  بۇ ھەقتىكى تەھلىلىمىزنى تۈركىيە فىلىملىرىدەك كۆپ قىسىملىق قىلىشنى ئويلىمىغانىدۇق. ئەمما خۇشاللىنارلىق ھالدا بىرقىسىم تورداشلارنىڭ يۇقرى سەۋىيەلىك سۇئاللىرى سەۋەبلىك جاۋاب سۈپىتىدە  تەھلىلىمىزنىڭ داۋامىنى  يېزىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق… قېرىنداشلارغا كىچىككىنە نەپ بەرسە ______ مەقسەد تامام!

private-info-2

بىز بۇ قېتىمقى تەھلىلىمىزنى سۇئالغا _ جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بارىمىز:
1. تور بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۈسكۈنىدىكى شەخسى ئۇچۇرغا بىراۋنىڭ ئېرىشىشى مۇمكىنمۇ؟
ج :1. مۇمكىن، ئەمما ناھايىتى  كەم ئۇچرايدۇ. يەنى ئۈسكۈنىنى تور بولمىغان ئەھۋالدا نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە  ئۈسكۈنىگە يېقىن ئارىلىقتا بولۇش لازىم. چۈنكى ئىلىم – پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئېلىكتررونلۇق ئۈسكۈنىدە ئېلىكتىر ماگنىت مەيدانى بولىدۇ، ئېلىكتىر ماگىنىتى بولغانىكەن، ئېلىكتىر زەررىتى بولىدۇ…  بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقانچە ئامىللار تولۇقلانسىلا (يېقىن ئارىلىقتىن)  ئۈسكۈنىنى كونتىرول قىلىش مۇمكىن. مەسلەن تۇنجى تور  ئەنە شۇنداق بارلىققا كەلگەن.      
2. ئىچكى تور ئارقىلىق  بولۇشى تامامەن مۇمكىن. تورنىڭ دائىرىلىك تور، ئىچكى تور…قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئادەتتە ئىچكى  تورنىڭ ئۇلىنىش شەرتلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، يەنە كېلىپ تور سۈرئىتى ۋە باشقا مەشغۇلاتلىرى بىرقەدەر قولاي بۇخىل ئەھۋالدا ئۈسكۈنىنى كونتىرول قىلىش ھېچقانچە تەس ئىش ئەمەس، يەنى ئىچكى توردىكى ئۈسكۈنىلەر بىر قوتاندىكى پادىلارغا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزئارا  ھۇجۇم ۋە كونتىرول قىلىش تېخىمۇ ئوڭاي بولىدۇ. ئەمدى بىز ئىچكى تور بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن كۆك چىش ئىقتىدارىنى ئەسلىسەكلا كۇپايە، يەنى سىز دوستىڭىزنىڭ يانفونىدىكى خالىغان ھۆججەتنى بەھىرلەنمەكچى بولسىڭىز، كۆك چىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈرىۋالالايسىزغۇ؟ ئەنە شۇ  ئىچكى تور.  
3. ئۈسكۈنىگە (جاسۇس كىرگۈزىۋىتىش ئۇسۇلى)  _____________  مەزكۇر ئۇسۇل بىرقەدەر سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىڭىزگە ۋىرۇس كىرگۈزىۋىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان خاككېرلىق ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى كۆپىنچە كىشىلەر (ۋىرۇس)  دىگەن ئۇقۇمغا نىسبەتەن يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.  ۋىرۇس بولسا يۇقرى دەرىجىلىك كومپىيۇتېر پىروگىرامما تىللىرى ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل ۋەيران قىلغۇچى پروگىرامما (يۇمشاق دىتال).  تەھلىلىمىزنىڭ داۋامى ئۈچۈن بۇ مەزمۇن مۇھىم بولغاچقا مەخسۇس توختىلىمىز.

20131030190056_65354

ئەلۋەتتە ۋىرۇس بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ

  1.  يۇقىردا دېيىلگەندەك ۋەيران قىلغۇچى ۋىرۇسلار – بۇ خىلدىكى ۋىرۇسلار كومپيۇتېرىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىگە يېزىلغان بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلىدۇ. بەلكىم كومپيۇتېرىڭىزنى فورماتلىۋىتىشى مۇمكىن، بەلكىم توختىماي  ئەخلەت ھۆججەت ھاسىل قىلىپ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ CPU سىدىن ئىس چىقىرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم تېخىمۇ خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ شۇ ۋىرۇسقا پروگىرامما يازغان خاككېرنىڭ (پروگىراممىر) ئىنساۋىغا باغلىق.

2. كونتىرول قىلغۇچى ۋىروسلار – بۇخىلدىكى ۋىرۇسلار ئادەتتە كومپىيۇتېرىڭىزنى ئاپتوماتىك قوزغىتىۋېتىش، ئاپتوماتىك تورغا ئۇلىۋىتىش، ئاپتوماتىك فورماتلىۋېتىش، ئاپتوماتىك توردىن ئۈزىۋىتىش  ۋە باشقا نۇرغۇن ئاپتوماتىك مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ.

3. ئاخباراتچى ۋىروسلار – بۇ خىلدىكى ۋىروسلار ئادەتتە كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ  ئالاھىدە مەشغۇلاتلىرىنى (ۋىروس ياسىغۇچىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغان مەشغۇلات خاتىرىسى) سۈرەتكە تارتىپ، ياكى ھۆججەت خاتىرىسىنى بەلگىلەنگەن ئېلخەت ياكى QQ  غا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساناقسىز ۋىرۇس تۈرلىرى بار ئەلۋەتتە. (شۇنداق ۋىرۇسمۇ بىرخىل يۇمشاق دېتال بولغاچقا ، يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى (ياكى خاككىر) ئۇنىڭغا قانداق بۇيرۇقنى يۈكلىگەن بولسا، ئۇ شۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ ياكى ۋىروسخور تەرپىدىن ئېتىۋىتىلىدۇ(ئۆلتۈرۈلىدۇ)، ئەمما بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچىرايدىغان ۋىروسلار ئاسانلا ۋىروسخور تەرپىدىن بايقىۋېلىندۇ ۋە يوقىتىلىدۇ. چۈنكى ۋىروسخورمۇ، ۋىرۇسمۇ  بىر شىركەتنىڭ  يەنى سىز ئۇچراۋاتقان ئادەتتىكى ۋىروس بولسا پۇل تېپىش ۋاستىسى…بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەيمەن.      
دېمەك ئەگەر خاككىر سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئىرىشمەكچى بولسا يۇقارقى خالىغان ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.  
تەبئىيكى ئاقساقاللىق بىلەن قىلغان  تەھلىلىرىمىزدە ئاز بولمىغان خاتالىقلار بار. ئەمما ئېنىقكى  تەھلىل قىلىش قىلمىغانغا قارىغاندا توغرلىققا يېقىنراق…ئەگەر ئۇنتۇلۇپ قالغان، مۈجمەل بولۇپ قالغان، كام قالغان يەرلەر بولسا  پىكىر بەرسەڭلار! خۇشاللىق بىلەن داۋاملىق ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىش نەتىجىللىرىنى سىزلەر بىلەن ئورتاقلاشقان بولاتتىم …



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. YawaxBoy 2013.11.01 , 17:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمسە ۋىروس ياسغدەك ئىنژىنر بولۇش تەس گەپ ئىكەندە،

  2. مۇسلىم 2013.11.01 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللاڭلا

  3. چاتقال 2013.11.01 , 20:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق قىلغاندا بىخەتەر بولىدىغاندۇ زادى؟:mad:

    • ئىسيانكار 2013.11.01 , 22:39

      مىنىڭچە بىخەتەرلىك دىگەن يوق گەپ

  4. مەنسۇر 2013.11.01 , 22:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دەسلەپ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىپ، بىرىنچى قېتىم ۋىروس تازلاش دېتالى رۈيشىن بىلەن ئۇچراشقاندا بىر كومپىيۇتېر ئۇستىسى ماڭا «رۈيشىننىڭ ئۆزى بىر ۋىروس» دىگىنى ئېسىمدە. ھەرقانداق بىر ۋىروس تازلاش دېتالىنى تۈزگۈچى شەخس (ياكى ئورۇن) ئالدى بىلەن ۋىروس تارقىتىپ ئاندىن شۇ ۋىروسنى تازلايدىغان دېتالنى تارقىتىدۇ. بۇنىسى بەرھەق.

  5. جاھانزات 2013.11.02 , 01:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://bbs.bilik.biz/thread-25706-1-1.html
    بۇ تېما تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بولالىغۇدەك مەنچە

  6. ﮪﻪﯞﻩسكار 2013.11.02 , 04:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى

    • مەن شۇ 2013.11.03 , 21:23

      مىنىڭغۇ توردا شەخسى ئۇچۇرلىرىم يوق

  7. زەھەر 2013.11.04 , 12:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىروس بىلەن ياغاچ ئاتنى ئارلاشتۇرۋالغاندەك قىلىسز….

  8. ھىجران 2013.11.05 , 19:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر پىروگىراممىر بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى دۇنيادا مۇكەممەللىك يوق !
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاككىر گوگۇل بۇلارنىڭ ھىسابلاش قانۇنى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان دەرجىدە،شۇڭا ھەر قايسى جەھەتلەردە گوگۇلنىڭ ئىزدەش ماتورى ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردۇ .
    بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ خېلى جىق بېسىم ئېلىپ كىلدىغان تور بەتلەرنىڭ بىرسى
    ئەگەر گوگۇلنىڭ پۇتۇن ئختىدارنى ئېچىۋىتىشكە توغرا كىلىپ قالسا بانكا ۋە BDT ياكى FBI مۇ بۇنىڭ سىرتىدا يوق پۇتۇن سانلىق مالۇماتىغا بىۋاستە ئۇلىنىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك تور بىكەت ئاشۇ. دۇنيادا مۇكەممەللىك يوقلىقىغا 100% ئىشىنىمەن !

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量