خاككىرلىق ۋە ۋىروس
ئالدىنقى يازمامدا بۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مېنىڭمۇ ھەم بۇ ھەقتە زور قىزىقىشىم بولغاچقا ، بىلىدىغان ئازغىنە ئۇچۇرلىرىمنى قىسقىغىنە قىلىپ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
ئاۋال بىز خاككىرىلىق ھەققىدە توختىلىمىز : خاككىرى دىگەن بۇ ئىسىم كۆپىنچىمىزگە ئانچە چىرايلىق ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكىى كىممۇ ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېرىغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە كىرىپ _ چىقىپ يۈرۈشىنى خالىسۇن؟ ئەمما بۇ كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن بۇ بىر شەرەپ ئۇنىۋانىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بىز دەۋاتقان خاككىرىلىق دەل يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت.__ (يەنى پىروگىراممىر) ئەلىۋەتتە خاككىرىلىق بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.بىرىنچى خىلىدىكىلەر ________ پەقەتلا يوچۇق ئىزدەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ بۇلار ئەڭ تۆۋەن بولغاندا توردىكى تەييار يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ QQ مەخپىي نومۇرى ، توربەت باشقۇرۇغۇچىنىڭ Root ھوقۇقى مەخپىي نۇمۇرى ، ئېلىخەت مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى ئوغۇرلايدۇ. سەل تەجىربىلىكلىرى بولسا كۆزىگە سەت كۆرۈنۈقالغان توربەتلەرنىڭ يۇچۇقىنى ئىزدەپ تېپىش ، باشقىلارنىڭ بانكا كارتىسىغا چاقچاق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى مۇمكىن. تەجىربىسى ناھايىتى موللىرى بولسا ھەرقانداق شىركەت ياكى ئورگانلارنىڭ خالىسا كامىرا سېستىمىسىغا ، خالىسا ھىساباتىغا ، خالىسا ساندانىغا بۆسۈپ كىرىۋېرىدۇ.
2.ئىككىنجى خىلىدىكىلەر _____________ يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىگە ناھايىتى پىششىق بولغان، ھەم بۇھەقتە تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بىرقىسىم خاككىرىلار باركى ۋىروسنى يەنى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتالنى ئۆزى ياسايدۇ. ۋە ئۆزى بۇيرۇق يۈكلەيدۇ ۋە ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كۆزىگە سەت كۆرۈنگەن بىرىنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلىۋىتىدۇ. مەسلەن : تور پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بولغاچقا ، ئەگەر سەۋيىسى يەتسىلا خالىغان دۆلەتتىكى بىرەر شىركەتنىڭ كامىرا سېستىمىسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئەڭ داڭلىق بولغىنى anonymous (نامسىز دىگەن مەنىدە) خاككىرلار ئەتىرتى ، خاككىر دەپ سانايدىغان بولساق 《تور دۇنياسىدىكى ساكلار》 دەپ ئاتالغان بۇ ئەترەتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. 2011 _ يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورى faceBook نىڭ ئەزا ساندانىغا ھۇجۇم قىلىپ مىليونلىغان faceBook ئابونىتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندىن كىيىن بۇ ئەترەتنىڭ نامى تېخمۇ داڭلىق بولۇپ كەتتى. ئالدىنقى يىلى دۇنيادىكى بىخەتەرلىكى ئەڭ كۈچلۈك ئورگان ئالمىنىڭ ئابونىت ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ كەتكەندە بولسا دۇنيا پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئۇلارنى تونۇپ كەتتى. گەرچە 2012 _ يىلىنىڭ ئاخىرىدا نىيۇيورىك شەھىردىكى ساقچىلارنىڭ ئانا _ بالىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدىن كىيىن بۇ ئەترەت توردا بايانات ئېلان قىلىپ ئامىركا ھۆكۈمىتىگە تەھتىد سالغان بولسىمۇ ئامىركا ھىچنىمە بولمىغاندەك جىم تۇرىۋالدى ، چۈنكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يىلىلاردىن بۇيانقى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يارىشا تا ھازىرغىچە بۇ ئەترەتنىڭ بىرمۇ ئادىمىنى تۇتالمايۋاتاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇتەشكىلاتنىڭ ئەزا قۇبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ تورغا ئېلان قىلغان ۋىدىئولىرىنى قاتمۇ _ قات تېخنىكىلىق سۈزۈشتىن كىيىن ئاندىن تورغا يوللايدىكەن. شۇڭا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىللىرى نە ئاۋازنى نە مۇھىتنى نە كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن.
2010 _ يىلىنىڭ يىل ئاخىردا مۇنداق بىر قىزقارلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. { ئەنگىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ تارمىقىدىكى بىر بانكىنىڭ مالىيە ئاتچوتىدا غايەت زور مالىيە ئېقىم ئۇچۇرى كۆرۈلگەن. ئەھۋالنى بايقاپ ۋە كونتىرول قىلىپ بولغىچە بولغان ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 33 مىليارد فونىستېرلىڭ قىممىتىدىكى مالىيە رەقىمى ئاللىقاچان شىۋىتسارىيە بانكىسىغا يۆتكىلىپ بولغان. . . . ئامىركا ۋە ئەنگىليەنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەتىرىتى ناھايىتى تېزلا ھۆجۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە گىرمانىيەدىن قىلىنغان ۋىروس ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما گىرمانىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى تەكشۈرۈشتىن كىيىن گىرمانىيەدىكى شىركەت مۇلازىمىتىرخانىسىنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھىلھىم شەھىردىن قىلىنغان تور ھۇجۇمدا كونتىرول قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. . . . كىيىنكى تەكشۈرۈشلەر ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىنى تېخىمۇ قايمۇقۇپ كەتكەن . چۈنكى بۇ غايەت زور زەنجىرسىمان تور ھۇجۇمى بولۇپ ئەسلىي مەنبەسىنى ئېنىقلاش ناھايىتى قىيىنغا توختايتتى. . . .
ئەنە شۇنداق ئورۇنسىز ئۇرۇنۇشلار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى بىزار قىلىپ ئاخىرى كارىمۇ بولماس بۇلۇپ كەتتى. شۇ تاپتا 《نامسىز》 خاككىرلار ئەتىرتى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ سىرلىق ئەترەت دەپ قارىلىدۇ. ھازىرچە بۇ ئەترەت توغۇرلۇق شۇنداقلا (خاككىر) دىگەن ئۇقۇم ئۈستىدە مۇشۇنچىلىك توختىلايلى. راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئەترەت ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىممۇ ناھايىتى تەس بىرئىش . . . .
ئەمدى بىز ۋىروس ھەققىدە قىسقىغىنا توختىلىپ ئۆتەيلى!
ۋىروس كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان بۇ ئاتالغۇدىن قېنىق قورقۇنىچ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر ۋىروس دىگەن ئىبارە بىلەن تەڭلا كۆز ئالدىغا قورقۇنۇچلۇق باكتىريەلەرنى كەلتۈرۈشى ئېنىق ، ئەمەلىيەتتە ۋىروسمۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللارغا ئوخشاشلا بىر پىروگىرامما نەتىجىسىدىن ئىبارەت. بىراق ئازراق ئوخشىماسلىقى بۇنىڭغا ئاراق ئالاھىدە بۇيرۇق كودى يۇكلەنگەن يېرى بار شۇ !
ئەمدى بىز ۋىروسقا ئاددى ئېنىقلىما بېرىپ باقايلى! ئادەتتە بۇ خىلدىكى ۋەيران قىلغۇچى يۇمشاق دىتاللار سىز توردىكى ئېلانلارنى چەككەندە QQ دىكى قالايمىقان تورداشلارنىڭ ئۇچۇرىنى قۇبۇل قىلىش ، نامەلۇم ئېلخەت قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزغا كىرىدۇ ۋە ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇيرۇق بويىچە ھەركەت قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىللىرى سىز ئۇنى چەككەندە ئاندىن قوزغىلىدۇ بەزىللىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ يەنە بەزىللىرى يىتەرلىك شارائىت ھازىرلانغاندا قوزغىلىدۇ …. ھەركەت تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئەلىۋەتتە !
ئەجبا سىز كومپىيۇتېرڭىزنى 关机 كونۇپكىسى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋەتتىم دەپ ئويلامسىز؟ ھې ھې ھې ئۇنداق ئاسان ئىش يوق پەقەت كومپىيۇتېرىڭىز توككا چېتىقلىقلا بولىدىكەن CPU توختىماي ھەركەتتە. يەنى ئەڭ تۆۋەن سەرپىياتتا توختىماستىن بارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ۋىروسنىڭ ئىقتىدارى شۇنداق يۇقرى بولسا راستىنلا كومپىيۇتېرىڭىزنى خالىغان ۋاقىتتا قوزغىتىۋىتەلەيدىغانلىقىغا ھەتتا تورغا ئۇلاپ خاككىرغا ئىچىدىن ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز ؟ ئەلىۋەتتە ئىشىنىشىڭىز كېرەك چۈنكى ئەمەلىيەت شۇنداق . ئادەتتىكى ئابونىتلارنىڭ ئىشلەتكىنىنىڭ نورمال بىر كومپىيۇتېر سەپلىمىسىنىڭ %10 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى (يەنى %90 تىن كۆپرەك ئىقتىدارى ئىشلىتىلمەيدۇ) بىلەمسىز؟ شۇنداق دۇنيادىكى %80 تىن %90 كىچە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ كومپىيۇتېرىنىڭ %20 چە شەپلىمىسىنى خورىتالىشى مۇمكىن. شۇڭا كومپىيۇتېرلار ئاساسەن سەپلىمىسىنىڭ خوراپ تۈگىگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى ۋىروس ۋە سىرىتقى زەخمىلەر تۈپەيلى كاردىن چىقىدۇ.
تەبئىيكى ئاقساقاللىق بىلەن قىلغان تەھلىلىرىمىدە ئاز بولمىغان خاتالىقلار بار. ئەمما ئېنىقكى تەھلىل قىلىش قىلمىغانغا قارىغاندا توغىرلىققا يېقىنراق….
ئەگەر ئۇنتۇلۇپ قالغان ، مۇجمەل بولۇپ قالغان ، كام قالغان يەرلەر بولسا پىكىر بەرسەڭلار ! خۇشاللىق بىلەن داۋاملىق ئىزدەنگەن ۋە ئىزدىنىش نەتىجىللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان بولاتتىم ……
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇچۇر، بىخەتەرلىك، خاككېر، كومپيۇتېر، ۋىرۇس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,335 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hacker-and-virus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- كېيىنكى يازما >
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- كىنولاردىكى خاككېرلاردەك كود يېزىپ تور بېكەتكە بۆسۈپ كىرىش تېخنىكىسى! سەت ئاقسا….
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
ئەسلى ماندا گەپ ئىكەن بۇ،خىلى كۆپ نەرسلىنى بىلۋالدىم
ياخشى تىما بوپتۇ!!!بوسا تىخىمۇ تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەگەن بوسىڭىز!!!!
خاككىرلىق دىگەن نوچى كەسىپ جۇما ! جايىدىلا ئىشلەتسە !
مەنمۇ خاككىرلىققا قىزىقاتتىم …..لىكىنزە ……
جەۋھەرلىك تېما بوپتۇ ، مۇشۇ تور دۇنياسىدا ‹‹جاسۇس››،‹‹خاككىر›› دېگەن گەپنى ئاڭلىساملا ،قۇيۇق تۈكلۈرۈم دىڭ تۇرىدۇ .شەرەپسىز ، نۇمۇسسىز ، ئەبلەخلەر…
سىزنىڭ بۇ گىپىرىڭىز قاملاشمىدى قېرىندىشىم. ئادەمنىڭ ياخشىسىمۇ يامىنىمۇ بولغاندەك خاككىرنىڭمۇ ياخشىسى يامىنى بۇلىدۇ.سىز بۇنداق يۇزەكى قاراپ بىر تاياقتا ھەممىنى ئەسكى دەپ قارسىڭىز بولمايدۇ.
چۇنكى ياخشى خاككىر سىزنىڭ قىلالمىغان ئىشىلىڭىزنى قىلىپ تۇگىتىدۇ يۇچۇقلارنىڭ ئىتدۇ ۋە مۇكەمملەشتۇرۇپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن پۇللۇق دىتاللارنىڭ ھەقسىزلەشتۇرۇپ بارىدۇ.خاككىر بولمىسا تور دۇنياسى تەرەققى قىلمايدۇ. يانا بىر سەۋەپ پۇل تېپىش ئۇچۇن بولسىمۇ تەرەققى قىلىش مۇمكىن .
تامام ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىلگىرى «خاككىر»لىق توغرىلىق ئازىراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغانتىم، مانا ئەمدى چۈشەنچەم بىر ھەسسە قاتلاندى. بۇرۇن بىر تور بىكەت بولىدىغان ئۇيغۇرچە خاككىرلىقنى ئۆگىتىدىغان (يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك چوڭ چاتاق تېرىيدىغانلىرىنى ئەمەس)، 2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تاقالغانچە كۆرۈپ باقمىدىم.
ئۇزۇن بولغان مەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىلى..
بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ نۇرغۇن تالانت ئىگىللىرى بار لىكىن ئۇلارغا شەرت شارايىت چەكلىمە بۇپ قالدى ئەپسۇس
%20 ﭼﻪ ﺷﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
نىمە دىگەن گەپ ما شەپلىمىسى دىگەن ؟ سەپلىمىسى دىمەكچىمىدىڭىز يا مۇشتا گەپ بامۇ ؟ چىش چىققاننىڭ ياقى ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن بۇ
چىش چىققاننىڭ ياقى ئاڭلاپ باقمىغان دەڭ ـ چىش چىقىشتىن بۇرۇن ئاڭلاپ باققان ئوخشىمامسىز.
ئالامەت تېما بۇپتۇ ئاڭلىسام 2010-يىلى ئۈرۈمچىدىمۇ 12 ياشلىق بىر شۇمتەك شۇنچە جىق پۇلنى يۈتكىۋىتىپتىكەنتۇققۇ ؟ بولسا مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققىم بار ما تېماڭىز ئالامەت بۇپتۇ ! داۋاملىق مۇشۇ تۇغۇرسىدا تېما يوللاپ تۇرۇڭ !
ناھايىتى ياخشى چۇشەنچە بىرلىپتۇ.
ئالدىنقى قېتىم ئامىرىكا ئاق ساراي ئاخباراتىغا ئاساسلانغا بىر خاككىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ خەۋىپ ئېلىپ كەلگەنكەن.لىكىن مەن گوگۇلنىڭ ھىساپ بىرلىكىگە شۇنداق قىزقىمەن،
بىر پىروگىرامما يېزىش خۇددى بىر ئەسەر يېزىشقا ئوخشايدۇ.سىز شۇ ئەسەرنى قانچىكى جانلىق يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇرەك تارىنى چىكەلىسىڭىز شۇنچىكى ئالقىشقا ئىرشەلەيسىز .
پىروگىراممۇ ئوخشاش پىروگىرامما قانچىكى ئالاھىدە ۋە ئۆزگىچە ئىختىدارى مۇكەممەل تۇزۇلسە شۇنچىكى ياخشى .
ھازىرقى دەۋىرمىزئىلىكتىرون پەن ـ تېخنىكا ئۇچۇر دەۋرى ئەڭ يامان خاككىر ھەممىنى تاماملايدۇ.
bu tema buldikan………………. ناھايىتى ياخشى چۇشەنچە بىرلىپتۇ.
ھەي مەنمۇ بەكلا قىزقاتتىمدە مۇمكىن بولسا مەنمۇ شۇ ئەترەتتە بولغان بولسام ھەي ؟ مۇشۇ توغۇردىكى يازمىلارنى كۇپرەك يوللاپ بېرىڭلار تورخۇمار دوستۇم