يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
كومپيۇتېر ئىشلىتىپلا باققان ھەرقانداق كىشى كومپيۇتېردىكى نۇرغۇنلىغان مەشغۇلاتلارنىڭ ئىشلەتكۈچى بىلەن سىستېما ئارىسىدىكى دىيالوگ رامكىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ھەرقايسى يۇرتتىكى پىروگراممېرلار سىستېما لايىھەلىگەندە ئۆز يەرلىك تىلىنىڭ شىۋىسىگە ئېغىپ كېتەرمىش، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.
ئورتاق تىلدا:
قەشقەرلىكلەر بۇ دىيالوگ رامكىسىنى
مۇنداق يازىمىش.
خوتەنلىك پىروگراممچىلار:
ئاتۇشتىكى پىروگراممىچىلار:
غۇلجىدىكى پىروگراممىچىلار:
ئۈرۈمچىدىكىلەر:
بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ چىرايىڭىزغا
كۈلكە يۈگۈرگەن بولسا بىز شۇنىڭدىن خۇشال!
مەيلى قايسى يۇرتلۇق بولايلى، بىز ھامان قېرىنداش، يەرلىك شىۋىمىز ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ يەنىلا ئۆزئارا گېپىمىزنى چۈشىنەلەيمىز، بۇ كىچىككىنە چاقچاقنى تورداشلارنىڭ يۇرتۋازلىق» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋەتمەي توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تورداش گىپنوسنىڭ تەمىنلىگەن يازمىسىغا رەھمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [پروگرامما تۈزەش]
- ھالقىلىق ســــۆز: پروگراممېر، كومپيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,678 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: yerlik-shiwisi-eghir-programmichilar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- كېيىنكى يازما >
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- نۇر دېسكىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
- دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپيۇتېرى قانداق ئىدى بىلەمسىز؟ | IBMنىڭ 1975-يىلدى IBM 5100 خاتىرە كومپىيۇتېرى
- ئالدانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق ئىشلىنىدۇ(2-قىسىم)
ھەجەپ كۈلۈپتىمە ھا ھا ھا
نېمىدىگەن قىزىقارلىق ھاھاھا…
ئاقىش ئاقىش ، نىمە دەيسە ۋا ئىنكاس يازغانغا پۇل ئالمايمىز دەيمە ۋا يېزىۋە دەيمە
ئېسىل!
بىر كۈنى خوتەن يولىدا كىتىپ بېرىپ ھېرىپ قېلىپ بىر يەگە كەپ ئولتۇسام تامدا بىر تېلفۇن نۇمۇر تۇرتۇ ئاستىندا كىياموتو دىگەن خەت تۇرتۇ قاسى ياپۇنلۇق سامۇراينىڭ نۇمۇرىدۇ بۇ دەپ تېلفۇن ئاسام كىراموتوچى ئىكەن
تېخىمۇ قىززىقى بۇ يەردىكەن تېخى ،ما گەپنى ئاڭلاپ تازا كۈلۈپ ساپتىمەن.
ما گەپكە تازا كۈلۈپتىمەن
ئى بىژكۈنى ئاڭلىغان بىر گەپنى دەپ بىرەي ……
بىر قەشقەلىك ئاغىنىمىز غۇلجىغا بېرىپتكەن ، غۇلجىلىق بىر بۇرادەر ئاغىنەمگە دەپتۇدەك ، مەن سىلىنىڭ ماشىناڭلىنىڭ نۇمۇر تاختىسىغا قارىمايمۇ قەشقەرنىڭ ماشنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىمەن دەپتۇ ، ئاغىنەم قىزىقىپ سەۋەبىنى سورىسا غۇلجىلىق بۇرادەر دەپتۇ : سىلە قەشقەلىقنىڭ ماشنىسىنىڭ لاباسىمۇ ئۆزەڭلىگە ئوخشاش پا…پاپاپاپ دەيدۇ دەپتىكەن بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتكەن
ئەمدى قىززىق تۇيۇلۇپ يەرلىك شىۋە توغرىسىدا ئانچە مۇنچە سۆزلەپ قۇيىمىز ، لىكىن ھەرگىزمۇ مەسخىرە قىلغانلىق ئەمەس ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ يەرلىك شىۋىمۇ ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان مىراس دەپ ئويلايمەن
مىنىڭ بىر ئۇكام بۇلىدىغان شەمۇشە يۈرۈپ سودا قىلىدىغان ، قەشقەردە ئالتاي تۇرۇپ ئاكا ماڭ قايلا ، دەپ يۈرۈيدۇ ھە بوپتۇ دىدىم ، ما گۇي ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىككى ئاي تۇرۇپ ئۈندىدارغا گەپ قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ : يى ئاكا ھېي ، ئۇندا يوقاپ كەتمە دەيمە ، تېلفۇن قىپ تۇر قارا … دىمەسما ، ئاچچىغىمدا تەگكۈدەك ئىككى ئېغىز گەپ قويسام ، ئاكو خاپومما قالا ، ئەدەم كۈنەپ قالدىكەن شۇ دەپ گەپ قايتۇرۇپتۇ
يەرلىك شىۋىنى ياخشى يامان دەپ ئارىماسمىز ھەقچان ، ئەڭ ياخشىسى ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ شىۋىمىزدا سۆزلىسەك ياخشى
بىر قىز ساۋاقدىشىم گېپىنىڭ ئارقىسىغا ‹چۇ›نى قاتىدىغان بوپقاپتىكەن باشقا يۇرتلۇق ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىدىن.بىزنىڭ يۇرتتا قاتمىغاندىكىن قۇلىقىمغا غەيرى ئاڭلىنىپ ئاخىرى بۇلالماي ‹سىزچۇ،گېپىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچۇ،چۇنى قاتماڭ بۇلامدۇ؟ئادەمنىڭ قۇلىقىغا بىرقىسما ئاڭلىنىدىكەنچۇ›دەپ بىرمۇنچە ‹چۇ›نى قېتىپ سۆزلگەنتىم.ئاخىرى قانداق بولدى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار
نىمە بولاتتى ‹‹ ماڭغا قاراڭچۇ ؟ خاپا بولماڭچۇ ؟ كۆنۇپ قاپتىمەنشۇ ! ئەمدى ئۇنداق دېمەيچۇ ؟
بوپمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىز چۇ دىگەن ئاز سۆزلەيچۇ ؟ماقۇل دەڭچۇ ؟ ›› دىگەندۇ ؟
مۇنداقلا چاقچاق جېمۇ خۇماردىشىم
ھاھاھا،سىزدىمۇ باركەن جۇمۇ تەسەۋۋۇر دىگەن.ئاۋۇ ھەرخىل چىراي ئىپادىسىنى تەسەۋۋۇرۇڭلارنى قوزغاش ئۈچۈن قەستەن يوللاپ قويغان
قېنى يەنە كىم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدۇ
ئەھۋالدا سىزنىڭ تەسەۋۇر قىلىش قابىلىيىتىڭىز يۇقىرىكەن ، بىر چالمىدا ئىككى پەختەك سۇقالىغان ‹‹ مايماق ›› بولغاندىكىن
ئىككى ياپونىيلىك ئەر ئايال سوقۇشۇپ قاپتۇ, ئېرى:كانتومىيازىتىياسې!!!!كوڭباڭۋاباگا!!!
ئايالى:نونىىىىىى تىيامېدې كىسساكۇرۇ شىشىجى ۋۇجىىىىىىىى ئېمو!!! بۇچاغدا ئېرىنىڭ ئاچچىقى قىرىققا چىقپ قولىغا كۆكتات توغرايدىغان قىڭراقنى ئېلىپ ۋاقىرپ تۇرۇپ:كېياشىمېدا???ياسۇكونى تىمارىياتو ئىچىدا?!!!مىما مىياڭ مىيوڭ شىماس???كېرومىتىدا سازې شىيو!!!!!!دەپتۇ,لېكىن سىزچۇ ھاڭۋاقتىدك مۇشۇلارنى ئوقۇۋاتىسىز,,,خۇددى ياپونچىنى چۈشىندىغاندەك!!!!
ئى گەپلىرىدىن بىرە مەزمۇن چىقىپ قالامىكى يا دەپ ئوقۇپتىمىز ئەينا…
مەن ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى.مەكتىپىمىزدە ھەر يەردىن كەلگەن باللا بار.ئالدىنقى كۈنى ئاقسۇلۇق ئاغىنەم.ئاداش مەن سەن بىلەن باشتا پاراڭلاشقاندا تاس قالغان ئۇرۇشقىنى دەيدۇ نىمىشقا دىسەم ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئادەمنى سەنلەيدىغان ئادىتىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن دەيدۇ…راست گەپنى قىلسام مەنمۇ باشتا بەك ئاچچىقلانغانتىم ھە دەپ تۇرسام سىزلەۋېرىدۇ….
يەرلىك شىۋىمۇ ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان مىراس
دەھشەتقۇ باللا
ياااااااۋ باللوووووووو تېشلىق تۇدىڭلىما
دۇچۇزارلىق قىلىۋىپسىلەرغۇ بۇ يەرنى ھېيتكاھ جامەسىدەك
يامان قىزتىۋىتىپسىلە دەيمەن
بوپتا بوپتا قاينىغاندىن قىزغان يامان دەپتىكەن بىژ قىزتىۋىتىڭلار جۇما
ماخاڭ MH370 ئايروپىلانى بۇلانغاندىن كېيىن … - يولۇچىلار دىققەت، يولۇچىلار دىققەت! بىز شەپەرەڭ پالۋان ئەتىرىتنىڭ بۇلاڭچىلىرى، بۇ ئايروپىلاننى بۇلاپ قويدۇق. ھەرقايسىلىرى خاپا بۇلۇشماي، تېرىكىشمەي جايىڭلاردا غ غا ت نى قوشۇپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەنزىلگە بېرىۋالغاندىن كېيىن سىلەرنى يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ساياھەت قىلدۇرىمىز. ئەگەر قايسىڭلار قارشىلىق قىلساڭلار پەنجىرىدىن دېڭىزغا تاشلىۋىتىمىز! قەشقەرلىق قېرىندىشىمىز مەمەتجان ئابلا گەپكە ئارلىشىپ قاپتۇ: - غوجام، ماڭ قايلىسىلا. ما ئايرۇپىلان بۇلاندىما؟ - ھەئە. - بىزمۇ تەڭ قوشۇپ بولۇنۇپ كەتتۇق دەيلى شۇنداق قىلىپ؟ - ئەلبەتتە. -ياۋپانا، 35 يىل قەشقەردە يۈرسەم بىژكىم بى ئوڭ كۆزىدە قايلاپ باقمىغانتى ماڭا، ئەمدى بى نامرات دۆلەتكە چىقىپ قويسام ياۋۋۋ بۇلاپ كەتكىنىنى قايلا ما يىتىملىنىڭ. - ئاغزىڭنى يۇم! -يوغان ئىش قىلغاندەك ئايرۇپىلان بۇلىغىچە بېرىپ ئى بانكا بۇلاشسىلىرى بولممامدا؟ -نىمە بۇلىساق سېنىڭ نىمە چاتىقىڭ؟ -ياق دەيمىنا، بىز خەقتە ئەسكى-تۈسكى كىيم بىلەن پارچە-پۇرات پۇلدىن باشقا نىمە بارتى دەيمەنغۇ ئەمدى. ھى ھى ھى. -بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۇل بۇلاش ئەمەس. -ھەجەپ بەلەن گەپ قىلدىلىيا، مەندە خوتۇن بالىغا ئەپ ماڭغان ئازغىنە كىيىم-كىچەكتىن باشقىسى يوق دەڭلا، خوتۇن ئۆيدە لەغمەن ئېتىپ ساقلاۋاتقان، مېنى بى باشقا ئايرۇپىلانغا سەپ قوياڭلا غوجاملىرىم. ھى ھى ھى -يې گوروز، ئۇچىۋاتقان ئايروپىلاندىن قانداق باشقا ئايروپىلانغا سەپ قويغىلى بولىدۇ؟ جىم ئولتۇر. - ياق ما گەپنى چۈشەنمىدىڭلا دەيمەن، مېنىڭ چىملىگىمنى بىلىشمىدىلىما؟ - كىمۇ سەن؟ -قەشقەرلىق ئۇيغۇر! - ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟ -بىر ئۇيغۇرنىڭ ما بۇلانغان ئايروپىلاندا بوپ قىلىشى كىچىك ئىش ئەمەس دەيمەن، بىر ئايرۇپىلاننى بۇلىماق ئاسانما مۇشۇ كۈندە؟ - ۋاي گەپ قىلما بۇنىڭ جاپاسىغا، تۆت يىل پىلانلاپ ئاران بۇلىدۇق دەيمەن ما ئايروپىلاننى. -ھەببەللى، ھەننىۋاسى ما ئايرۇپىلاننىڭ بۇلىنىشىنى مەندىن كۆرىدۇ. سىلەر شۇنچە پىلانلاپ، جاپا تارتىپ بۇلىساڭلار ھەممە تۆھپە مېنىڭ بۇلۇپ، مېنىڭ نامىم چىقىپ سىلەر بىر چەتتە قالساڭلار قانداق بولىدۇ دەيمەن؟! - ھە بۇ گېپىڭنىڭمۇ ئاساسى باردەك قىلىدا؟ - شۇڭا غوجاملىرىم، خاپا بولۇشماي ئى ئارلىقتا بىرەر بىكەتتە توختىساڭلار، مەن بى دىككىدە چۈشىۋالسام، قولۇڭلاردا ئايروپىلان بولغانكىن يازلاردا قىشقەرگە بى لەپپىدە كەلسەڭلار، مەن بى سىلەرنى چاھارباغدا ئايلاندۇرۇپ، ھەرەمباغدا يىگۈزۈپ، چىنىباغدا ياتقۇزۇپ، كېرەمباغدا ئەنمو قىلغۇزۇپ يولغا سەپ قويسام بولاپتىكەن. ھى ھى ھى -ئۇف ف ف، باشلىق مايەردە بىر قەشقەرلىق تولا كوتۇلداپ مېڭەمنى يەپ كەتتى. ئېتىۋىتىمەن مانى جۇمۇ؟! باشلىق: - ساراڭ بولمما، ئوق چىقارساڭ ئايرۇپىلاندىن تۆشۈك ئېچىلىپ قالىدۇ. ما ئۇچۇش بۆلىمىگە ئەكىرە ئۇ قوناقنى. قەشقەرگە ئۆزى ھەيدەپ ئاپىرىپ چۈشىۋالسۇنچۇ بولدى. ئايروپىلاندا قەشقەرلىقنىڭ بارلىغىنى بالدۇر بىلگەن بولسام باشقا ئايروپىلان بۇلايدىكەنمىزتۇق. ھەي ي ي. شۇنداق قىلىپ باتۇر قېرىندىشىمىز مەمەتجان ئابلا ئايروپىلاننى ئۆزى ھەيدەپ قەشقەرگە قاراپ كېلىۋىتىپتۇدەك…
شۇ يوقالغان ئايرۇپىلاندا سىنىڭ ئاپاڭ داداڭ ياكى ئاكا ئۇكا ئاچا سىڭىلىرىڭ بولغان بولسا بۇنداق ماز يۇمۇرنى يەنە سۆزلەپ يۈرمەستىڭ ھەي نادان قىرىندىشىم