Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
يېقىندا ئېچىلغان Google I/O 2013 يىغىنىدا، گۇگېل ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئاندرويىد توپلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال ئېچىش قورالى – Android Studio نى ئېلان قىلىپ بىراقلا دۇنيادىكى پروگراممېرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.
Android Studio سۇپا ئاتلىغان پروگرامما ئېچىش مۇھىتى بولۇپ، Windows/Mac/Linux مۇھىتلىرىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، Eclipse ئىشلىتىپ Android ئۈچۈن پروگرامما تۈزىۋاتقانلارغا نىسبەتەن بۇ ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ھازىر يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىقلارغا App ئېچىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان مەزگىلدە، ناۋادا سىز Android قا ئەپ تۈزۈش ھەققىدىكى ئىشلارغا قىززىقسىڭىز، ئۇنداقتا Android Studio بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…
Android Studio نىڭ سىنلىق چۈشەندۈرىلىشى:
دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس پروگرامما ئېچىش مۇھىتى دەپ قارىلىدىغان، مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى بولغان Visual Studio غا ئوخشاش، گۇگېلمۇ بۇدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالىنى تارقاتتى. Android Studio مەخسۇس ئاندرويىد سۇپىسىغا پروگرامما ئېچىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشىنىمەنكى ھايال ئۆتمەي ھەرقايسى كۆچمە ئۈسكۈنە پروگراممېرلىرىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە Android Studio پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، قىززىققۇچىلار ئۈچۈن چۈشۈرۈپ سىناپ باقماسلىققا ھەقىقەتەن باھانە يوق. ناۋادا سىز بىر ئاندرويىد ھەۋەسكارى، شۇنداقلا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ تۈزۈشكە قىززىقسىڭىز، ئۇنداقتا Android Studio نى بىر سىناپ بېقىڭ….
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:
PS: قورالنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، Java JDK مۇھىتى ھازىرلاشنى ئۇنتۇماڭ
Android Studio نى چۈشۈرۈش(Win نۇسخىسى) | مەنبە: تورخۇمار | Android قا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [پروگرامما تۈزەش]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، App، ئەپ، پروگرامما تۈزەش، پروگراممېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,793 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: android-studio.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows تا PHP مۇھىتى ھازىرلاش | WordPress نى قاچىلاشتىن بىر مىسال
- كېيىنكى يازما > بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- iPhone 5s نىڭ M7 بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئەپ – Strava Run
- قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
دىۋان نىسىپ بولدىغان ئوخشايدۇ
ئازلا قالغانتىم دىۋان دېگىلى
2-دىۋاندا بولسىمۇ راپ تۇراي…
ئەنجۈرنىڭ ئەخلەت ئويۇن ، سېستىمىلىرى بەڭ جىق . ئەپ بازىرىغا چىقىپ بىرە يىڭىلىق نەرسە چۈشۈرسە 3 نىڭ 2 كىسى ھېپىنەك ، بىر تازلاشقا تىگىشلىك،ئەمدى ئەخلەتلە تېخىمۇ ئاۋۇغىدەك ئەمدى.
يازمىغا مۇناسىۋەتسىز پىكىر، تورخۇمارنىڭ ئابونتلار بۆلىكى تارقىتىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى
توغرا دەيسەن!
ئاندرويىدنىڭ باھارى كەپتۇدە،،،،
ئەنجۇر 4.2.2 نەشىرنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، سىېستىمىنىڭ تېزلىكى بولسۇن راۋانلىقى بولسۇن ئالدىنقى ئەۋلات سىېستىمىغا قارىغاندىا خېلىلا ئىلگىرلەش زور دىيىشكە بۇلىدۇ ، بۇ قېتىمقى گوگولنىڭ يىللىق چوڭ يىغىنىدا 5.0 نەشىرىنى ئېلان قىلامىكىن دىسەم 4.3نى ئېلان قىلدىغان ئوخشايدۇ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالان قىلامىش…تېزرەك ئېلان قىلسا بۇلاتتى…تېزرەك سېستىما يېڭىلاپ يېڭى سىېستىمىنىڭ تەمىنى بالدۇراق تېتىساق بۇلاتتى…
مېنىڭ خۇاۋېي y300c تېلگراف نۇسخىسىدىكى 4.1.1 نەشرى،،بۇنىمۇ 4.2.2 گە كۆتۈرگىلى بولامدۇ؟
ئاندىروئىد ئىكران سەزگۈرلىكى ۋە ئىنكاسى ئاستىلىقىنى ئوڭشىسا بولاتتى، ئەتراپىمنى ساقلا ئالما قاپلاپ كىتىپ بارىدۇ.
4.1 نەشىرىنى 4.2 گە قانداق كوتۇرىدۇ … ؟
قايسى ماركىدىكى قايسى خىل تىپتىكى يانفون ؟
قارىغاندا راسلا ئاندويىدنىڭ باھارى كەپتۇ جۇما! wphone نىڭ ئەپ ئېچىش قورالىنى ئاز تولا ئىشلىتىپ كۆرگەن. ماۋۇ سېندىكىسى تېخىمۇ ئىلغار بىلىندى. نۇرغۇن نەرسىلەرگە كود يېزىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوقكەن. گىرافىكلارنى سىزىپلا بەرسەك كودىنى ئۆزى ھاسىللايدىكەن ئەمەسمۇ؟
samsung galaxy s3 mini i8190 يانفۇنى ئىدى .. سېستىمىسى 4.1 ئىكەن. 4.2 گە قانداق كوتۇرىدۇ …. ؟
كەچۈرۈڭ ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، سېستىما يېڭلاشتا سامسوڭنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ odinنى چۈشۈرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ياكى بەيدۇغا 三星odin刷机工具دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بۇلدۇ، بۇ سامسوڭنىڭ ئورگان تەرەپ تارقاتقان سېستىما يېڭىلاش قورالى،ھەرگىزمۇ 百度刷机، 绿豆刷机神器، 刷机大师، دىگەندەك ئەخلەت قوراللارنى ئىشلەتمەڭ، 机锋 تورىغا، 三星手机论坛 تورىغا كىرىپ سېستىما يېڭىلاش دەرىسلىكلىرى بار سۇ يەدىن كۆرۈپ ئۈگەنسىڭىزمۇ بۇلدۇ، بەك ئاددى مەنمۇ شۇ يەردىن ئۈگەنگەن….
… مەن سىناپ باقاي ھە …
Layout
ئىقتىدارىنى قۇشۇپ ئوبدان قىپتۇ، تەقلىدىي سىناق قىلغىلى بۇلىدىكەن ئەمەسما
Android سېستىملىق يانفۇنلارنىڭ راستىنلا باھارى كەلگەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن كىينمۇ Android ئۈسكۈنلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
باللار JDK نى ساق ئورنىتىۋىلىپ، Android Studio نى قوزقاتسام قوزغالمىدى، ھېچقانداق ئىنكاس يوق، سېستىما ۋىن7 ئىدى. سىلەرنڭ ساق سالامەت قوزغالدىما؟
تۇرداشلار مەن gallaxy .s4miniئالاي دىگەن ئكىلنىپ قىلۋاتىما تىلفۇن تۇرنىڭ جىقلىقىدىن شۇڭا بى ئاشۇ تىلفۇن تۇغۇرسىدا بىلدىغانلا ئازاق بۇلسىمۇ سۇزلەپ بارمەمسىلە
Android Studio qq1936853056 maga yollap bargan bolsagla慢 man senap bakay manquxuralmedemئىقتىدارىنى قۇشۇپ ئوبدان قىپتۇ،