قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
1،پىروگىراممىرلار ئىنتايىن ئەستايىدىل ، ئۇنىڭ دۇنياسىدا كومپىيۇتېردىن باشقا پەقەت سىزلا مەۋجۇت .
2،ھاراق ئىچىۋالمىغان بولسىلا سىزگە قاتتىق تەگمەيدۇ .
3، بىر قۇر كىيىمنى يېرىم يىل كېيىدۇ (بۇنداق بولغاندا سىزگە كۆپىرەك كىيىم سېتۋېلىشقا پۇرسەت بار دىگەن گەپ ).
4،باشقا قىزلار بىلەن ئۇچۇرشىشقا ۋاقتى يوق ،توي قىلغاندىن سىرىت مۇھەببەتلىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس .
5،ھەمىشە سىمىنا قۇشۇپ ئىشلەيدۇ .
6،بىر بىلەن نۆلنىلا تونىيدۇ ، ئادەتتە ئىقتىسادى كاللىسى يوق ، شۇڭلاشقا تاپقان بارىلىق پۇللىرىنى سىزنىڭ باشقۇرشىڭىزغا تاپشۇرىدۇ .
7, دۇنيادا Bug مەۋجۇت بولمىغان پىروگىرامما بولمىغىنىدەك ، ئادەمنىڭمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا سىزگە تەلەپنى بەك قاتتىق قويۇپ كەتمەيدۇ .
8، سېستىمىنى ئاسىراپ تۇرمىسا نورمال خىزمەت قىلمايدىغىننى ئوبدان چۈشىندۇ ، شۇڭلاشقا خۇددى سېستىمنى ئاسىرغاندەك سىزنىمۇ كوڭۈل قويۇپ ئاسىرايدۇ .
9، سىزنىڭ قىلدىغان ئىشلىرىڭىزنى if … else ..if else….while…شەكىلدە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ .
10، سىز بارىلىق نەۋرە ئىنى ، نەۋرە سىڭىلىرىڭىزغا مەغرۇر قىياپەتتە "سىلەرنىڭ بارلىق ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىسىرتاتسىيەڭلەرنى ماڭا تاپشۇرۇڭلا !" دىيەلەيسىز .
11،كەلگۈسىدە باللىرىڭىز دەرىسنى ياخشى ئۆگەنمىسە ،باللىرىڭىزغا "ئەگەر ياخشى ئۆگەنمىسەڭ داداڭغا ئوخشاش پىروگىراممىر بولۇپ قالىسەن" دىيەلەيسىز .
12،ھەر ئايدا بىردىن كىتاب سېتۋالغىنىدىن باشقا پۇل خەجلەيدىغان ئورنى يوق ،قالغان پۇللار سىزنىڭ ھەرخىل كىيىم كېچەك ،زىبۇ -زىننەتلەرنى خالىغانچە سېتۋېلىشىڭىزغا قالىدۇ .
13، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە كىتاب كۆرىدۇ ، بالىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ..
14،پىروگىراممىرلارنىڭ ئەقلى قابىلىيتى يوقىرى بولىدۇ ، پىروگىراممىر بولۇشنى ئويلىغان ئادەم چوقۇم ناھايتى يوقىرى بولغان ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىختىدارىغا ئىگە .
15, پىروگىراممىرلار كەمتەر ۋە خۇش پېئىل كىلىدۇ ، خۇتۇنىغا كۆيىنىشنى بىلىدۇ .
16، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ،خىزمىتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ ، شۇڭا سىرتتىن ئاشنا تۇتىۋېلىشىدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ .
17،پىروگىراممىرلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئۇستىسى ، شۇڭا كومپىيۇتېرىڭىزدىن مەسلە چىقسا ، كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسىدىكى ياكى تېلفۇنىڭىزدىكى ئېسىل رەسىملىرىڭىز يوقاپ كەتسە بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ،پىروگىراممىر يولدىشىڭىز ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ .
18،پىروگىراممىرلار بەزىدە بەك يۇمۇر كېلىدۇ ، تاغدىن باغدىن سۆزلەپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىشنى بىلىدۇ .
19،نۇرغۇن يېڭىلىقلارنىڭ بېشى پىروگىراممىرلار ، مۇھەببەتلىك ئائىلىڭىزدە ئۇ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتلاردا سىزنى ھاياجانغا سالدىغان ، بىر ئۆمۈر ئېسىڭىزدىن چىقمىغۇدەك رومانتىك ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن .
20،يېڭىدىن تۇرمۇشقا چىققاندا بەلكىم تۇرمۇشىڭىلار باياشات ئۆتۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما پىروگىراممىرلار ئىنتايىن ئىستىقباللىق كېلىدۇ ،دۇنيادىكى ياكى جوڭگۇدىكى مىليادىرلارنى كۆپىنچىسى IT ساھەسىدىن چىققانلاردۇر ، ئاللاھ رىزقىڭلارنى بەرسە سىزمۇ تۇيمايلا مىليۇنېرنىڭ ئايالى بۇلۇپ قالامسىز؟!! ..ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: پروگراممېر، تۇرمۇش، قىزلار، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,247 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: programmer-girlfriend.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئوغۇللار ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېساباتنى تەڭ قىلىدىغان قىزلارنى تېخىمۇ ياقتۇرىدىكەن
- كېيىنكى يازما > بىر دادىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
ھا ھا ھا مانا قىززىق دىۋانما بۇ ،بولىدىكەن ما گەپلەر
پەزى گەپلەركەنغۇ مەنمۇ كومپىيوتىر ئۇقۇيمەن .
ئۆزىمىزنى ماختاپ ھە
دىمەك IT ساھەسىدىكىلەر ئادەتتىكى ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق كىلىدۇ .
بۇ ھەقىقىي بولغان ۋەقە ….
قىز پىروگىراممىرمۇ مۇشتا بەلەن چىقامدىغاندۇ، ھەي ئەينى چاغدا بىرەنى ئېپ قۇيدىغان ئشكەنتۇق…
تورخۇماردا چۆگلەپ يۈرۈيدىغان بويتاق پىروگىراممىرلا ئاز ئەمەسقۇ دەيمە ، 7قىز مۇنبىرىدىكى قىزلانى تورخۇمارغا چىللايدىغان ئىشمىكى ، رىسقى بالا چىقىپ قاسا ئەجەپ ئەمەس
ئەييۇھانناس ئاڭلىمىدىم دىمەڭلا :
باياتىن تېخى مىكروسوفىت نوكىيا شىركىتىنىڭ تېلفۇن تۈرىنى 7مىليارد 170مىليۇن دوللارغا سېتىۋالدى، بەزى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىيىشىچە بۇ باھا شاپاق باھاسىدەكلا بەك ئەزان بوپقاپتۇمىش …
نوكىيا شىركىتى 150يىللىق تارىخقا ئىگە ، دەسلىپىدە قەغەز ياسايتى، كىيىن كەش بالون دىگەندەكلەرنى ياساپ ئەڭ ئاخىرىدا يانفۇن ساھەسىگە قەدەم قويغانتى ،مىكروسوفىتنىڭ قۇچىقىغا ئۈزىنى ئېتىشى يا ئۈلۈم يا كۈرۈم پات ئارىدا كۈرىمىزغۇ ! نوكىيانى ئىشلىتىپ باققانلار ، ھەم نوكىياغا ئامراقلار سازكەننى بېسىپ نوكىياغا مەدەت تىلىمەمدۇق …
تورخۇماردىكى قىزلار تېزدىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار
سىز پروگراممىرما؟
ئازراق
ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ…؟
ئاۋۇ 11- سى تازا ياقمىدى ماڭا .
كونا تىمىدەك قىلىدىغۇ
ئىنكاسلار سازكەن
،پىروگىراممىرلار بەزىدە بەك يۇمۇر كېلىدۇ ، تاغدىن باغدىن سۆزلەپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىشنى بىلىدۇ . ھاھاھا سىزمۇ ھە بولدىلا
مىنىڭچە سىز خاككىر ئىمپىرىيەسىنى تولا كۆرىۋەتتىڭىزمۇ نىمە
يوئەتىۋا جان يامانكەنلا جۇما تورخۇماردىكى قىزلا نىمە يوقاپ كىتىدىكى دىسى ھەي تىخى7 قىز مۇنبىرىگىمۇ كۆزش تاشلاپ بوللا يو مىنى دوراپلا جۇما
پروگرامماچىلىق بەك كاللا كېتىدىغان خىزمەتتە بۇ!
بىزدەك CG چىلارغا تەگسە تېخىمۇ بەك پايدا ئالىدۇ .،.
توۋا راسما
مەنمۇ بېسىپ ئولتۇرۇپ 5 يىل پروگرامما يېزىپتىم. خوتۇن خېتىنى ئالدى…
پروگراممېر دېگەن نېمىش قىلىدىغان ئاداش ئۇ
ماۋزۇدا لوگىكىلىق خاتالىق باركەن.‹…چوقۇم…..مۇمكىن›
شۇنداق، «چوقۇم» ئارتۇقچە بولۇپ قاپتۇ.
نەفىسە دەيدىغان بىر قىز بار ئىدى.كىم ئەپقاچقاندۇ تورخۇماردىن
نامەلۇم بىر پىروگىراممىر خۇماداشنىڭ كەينىدىن كىتىپ قاغاندۇ
تورخۇمارغا ساپ ئۇغاۋالا چىرىدىغاندەكلا تۇيىلىدىغۇ تاڭ
مەنمۇ پىرۇگىرامما تۈزۈشكە بەكلا قىزقىمەن . ئۇنى – بۇنى قىلىپ vb نى ئاز تولا ئۈگەنگەن .
ئا يازمىدىكى ئىشلارنى بىرە قۇر بىشىمدىن ئۆتكۈزۈپ بوپتىكەنمەن .
مەسىلەن :
كىچىچە كىتاپ كۆرۈش ، سەمىمى بوولۇش ، مۇلايىم بولۇش ، ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەسلىك ، ماتىرياللارنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرمەسلىك ……………………… دىگەندەك
ھەقىقەتەن سازكەن ياخشى ئالقىش
خا…….
خا خا
ئىسىل گەپ قىلدىڭىز
بوپقالىدىكەن