تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئوغۇللار ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېساباتنى تەڭ قىلىدىغان قىزلارنى تېخىمۇ ياقتۇرىدىكەن
مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا كالېفورنىيە چاپمان ئۇنۋېرسىتېتى بىر تۈرلۈك قىز-ئوغۇللار ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېسابات قىلىشقا دائىر سىتاتسىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېساباتنى بۆلۈشۈپ قىلىدىغان قىزلارغا ئوغۇللارنىڭ بەكرەك مەيلى بار ئىكەن، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، ئۇچرىشىشقا چىققاندا ئوغۇللار ئاكتىپ ھېسابات قىلىدىغان ئىش ئاللىقاچان كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر ئورناپ بولدى.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلار قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ باراۋەر ۋە كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيىدە ئىكەن. ئەمما، ئەنئەنىۋى چەكلەنمىلەرنىڭ بۇ ياشتىكىلەرگە نىسبەتەن تەسىرى بەك زور. مەسىلەن، ھازىر قىزلار بۇرۇن ئوغۇللارغىلا ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمما ئۇچرىشىشقا چىققاندا قىز-ئوغۇل تەڭ ھېسابات قىلىدىغان ئىشنى ئۇلارغا قوبۇل قىلدۇرماق سەل تەس.
بۇ تەتقىقاتقا داۋىد.فېلورېد يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئارىلىقتا 17000 نەپەر قىز-ئوغۇل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ھېسابات قىلىدىغان ئوغۇللارنىڭ سانى قىزلارنىڭكىدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇپ چىققان. ئەمما، يېرىمدىن ئوشۇق قىزلار ئۆزىنىڭ تەڭ چىقىرىپ ھېسابات قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق يەنە ئەمما، 39% قىز يەنىلا ئوغۇللارنىڭ كۈچلۈك «قارشىلىق» بىلەن ئۆزىنىڭ پۇل تۆلىشىنى توسۇپ قېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئوغۇللار تەرەپتىن، 64% يىگىت قىزلار تەڭ چىقىرىپ تۆلىسە مۇۋاپىق دەپ قارىغان، ھەتتا بەزى ئوغۇللار بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. 44% يىگىت قىز دوستىنىڭ ئەزەلدىن تەڭ ھېسابات قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئۇچرىشىشقا چىققۇسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كۆپ قىسىم ئوغۇللار قىزلار بىلەن تەڭ ھېسابات قىلغاندا يەنىلا ئىچىدە خىجىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ بىر دۆۋە سىتاتسىكىلارنى كۆرگەندىن كېيىن، قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ قىز-ئوغۇل ھېسابات قىلىش ئىشىغا نىسبەتەن قانداق دانا تەدبىرلىرىڭىز بار؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇچرىشىش، تۇرمۇش، قىزلار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,956 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: quien-debe.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
- كېيىنكى يازما > قىزلارغا …! | تەگسىڭىز پىروگىراممېرغا تېگىڭ! ئۇ سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىشى مۇمكىن!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
قىزلارمۇ ئۇچرىشىشقا چىققاندا ئاكتىپ پۇل تۆلىگەن ئوغۇللارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغۇ دەيمەن؟
ئەگەشتىم
قىزلارغا ھىسابات قىلغۇزماسلىق قانداقلا بولمىسۇن ئۇرۇنلۇقتەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بەك خاتا ئىش بۇ … بىر دوستۇم قىزلار بىلەن سىرىتقا چىققاندا قاتناش پۇلىدىن تارتىپ تاماق پۇلىغىچە ، تاس قالىتى خالاغا كىرسە ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ تۆلەپ قويغىلى …
دەسلەپتە بۇ قىز ئانچە مۇنچە تارتىنغاندەك تالىشىپ پۇل تۈلىمەكمۇ بوپتۇ ، نەچچە ئايدىن كىيىن بۇ قىز شۇنداق كۈنۈپ قاپتۇكى ، سىرىتلاغا چىقىپ قالسا پورتمال دىگەننى يېنىغا سېلىپمۇ قويمايدىكە …
بۇلۇپمۇ يۈرۈۋاتقانلا ، ئۇغۇل بالىنىڭ ھىسابەت قىلىشى بەرھەقتۇ بەلكىم ، لىكىن ما خېنىم قىزچاقمۇ داپتەك قاراپ تۇرسا بولمايدىدە ھەرقېتىم ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەسە ئۇغۇل بالىمۇ ھېرىپ قالىدۇ ، قىز بالىمۇ ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ ، ئەقىللىق ، ئوڭلۇق قىزلار بۇنداق ئىشلارنى بەك ئەتراپلىق ھەل قىلالايدۇ ، ھەمدى بىلمەيدىغان قىزلارغا قىلسىڭىز ئاسماندىكى ئاينى ئەپ بەرسىڭىز كۈنگە قاراپ شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ ، تېگى يوق ھاڭ ئۇنداق قىزلا …
مەرتلىكتە ئۇ ، شۇنىڭغا ئاملاق
ھې ھې مەن بەك امراق شۇنداق قىزلاغا
مىنىڭچە يېڭى يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلاردا پۇلنى بىر تەرەپكە تۆلەتكۈزىۋىرىش تازا ياخشى ئەمەس، بۇلۇپمۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقانلار… سىزگە ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلسە ، سىزنىڭ ئايلىقىڭىزنىڭ ئاران يىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق سىزنى تۆلەتمەيدۇ ، ھېچ بولمىغاندا يەنە بىر قېتىم تالىشىپ تۇرۇپ ھېسابات قىلىدۇ … ئەقىللىق قىزلار بۇ نوقتىلارغا چۇقۇم دىققەت قىلىدۇ ، ھەم مەنچە بۇنداق قىزلار بەك ئۇماق
ئورۇنلۇق….
مەنمۇ شۇ قاراشتا! !
مۇشۇنداق تەتقىقات ئورۇنلىرىغا مەبلەغ قەيەردىن كېلىدىغاندۇ!
كۆمىدىڭلىما ئىۋۇ64%ئوغاۋاللىنىڭ گىپىنى، ئاشۇلارنىڭ قىزلار بىلەن چىققاندا تەڭ تۆلەپ تىجىلىپ قاغان پۇلنى مۇشۇ تەتقىقاتقا مەبلەغ قىپ ساغان چىغى ئەلۋەتتە بۇ گىپىمغۇ چاقچاق ، لىكىن بايىقى بىر توردىشىمىز ئېيتقاندەك تاماق يىگەندە ئارلاپ ئۆزىمىز بىلىپ پۇل تۆلەش-پۇل تۆلەپ قويۇش ياخشى ، لىكىن ماۋۇلاردەك ھەرقىتىم تاماق يىگەندە ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ ھىساۋاتىنى ئۆزى قىلسا بۇ بىر قاملاشمىغان ئىشتە ……….
مەن يۈرۋاتقان ۋاقىتىلىرىمدا دائىم مەن ھېساباتات قىلاتتىم. قىز دوستۇم مەن ھېساپ قىلاي دىسە قوشۇلمايىتتىم، بىرخىل خىجىل بولىدىكەن ئادەم.
مەن يۈرۋاتقان ۋاقىتىلىرىمدا دائىم مەن ھېساباتات قىلاتتىم. قىز دوستۇم مەن ھېساپ قىلاي دىسە قوشۇلمايىتتىم، بىرخىل خىجىل بولىدىكەن ئادەم.
تۆۋە قىلدىم ، بانكىر بىلەن موگو بىر ئادەمكەن ئەسلى ، يازغان ئىنكاس قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاشكەن ،ئالدامچى
پۇل تۆلەشكە توغرا كىلىپ قىزلار ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تۆلەيلى دېسە:
-ھەجەپ ياخشى قىزكەن
-مۇستەققىل ئىقتىساد قارىشى بار قىزكەن
-قىزبالا بولا مۇشۇنداق بولا
.
ئەگەر ئوغۇللار ئاشۇنداق دېسە:
-ھۇپىتى! بىرە قىېتىم پۇل تۆلىسە نىمە بوپتۇ؟!
-نىمانداق پىخسىق بالىدۇ ماۋۇ؟
-ئۆلۈكتىن جان تىلايدىغان پىتىكەن ماۋۇ …..
-@#$%^&*
مىنىڭچە بىزنىڭ يۇرتلاردا ئوغۇل-قىزلار ئۇچرىشىشقاچىقىپ ھىسابات قىلغاندا مۇنداق بولىدۇ:
ئوغۇللار ھىسابات قىلىش 70%
قىزلارھىسابات قىلىش 20%
ئىككى تەرەپ تەڭ تۆلەش 10%
ئوغۇللا ھىسابات قىلسا ياخشى . لىكىن دائىملا ھىسابات قىلىدىغان يەرگە كىرىمىز دەپ تۇغان قىزبالىمۇ ياخشى ئەمەس .
ئەقىللىق قىزلارئانچە مۇنچە پۇرسىتى كەلگەندە پۇلنى يىگىتكە تۇتقۇزىدۇ ياكى يىگىتكە ئۇقتۇرماي بىرىپ ھىساۋات قىلىۋىتىدۇ. يىگىتلەرنىڭ غورۇرىنى ئويلاشسا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مۇھەببىتىم شۇنداقتى.
توۋا ، ئۇ چەتئەللىكلەر بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى قانداقمۇ ماس كەلسۇن ؟ ئۇ تەتقىقاتنى ئەجنەبىيلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىپتۇ . مۇشۇ نەتىجىگە قاراپلا ئۇيغۇر ئوغۇللىرىمۇ ھېسابنى تەڭ قىلىدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ تۇرىۋالساق بولماس ؟
ئۇ چەتئەللىكلەر بىر ئائىلە تاماق يىگىلى چىقسىمۇ چوڭدىن باشلاپ كىچىككىچە ئۆزىنىڭ تاماق پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ . بىزدە ئۇنداق ئادەت بولمىسىمۇ ، بىر قېتىملىق تاماق پۇلىنى نۆۋەتلىشىپ تۆلەپ تۇرىدىغان ياخشى ئادەت بار . گەرچە ئوچۇق – ئاشكارە دىيىشىپ قويمىسىمۇ كۆڭلىدە دىيىشىپ يېقىن دوستلار ياكى ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنى نۆۋەتلىشىپ مېھمان قىلىش نېمىدىگەن ياخشى ئادەت ھە .
بىر ۋاخ تاماقنىڭ پۇلىنى تەڭ چىقىرىپ تۆلەش . نېمىدىگەن چاكىنىلىق . ئۇنداق ئادەت ئەشۇ كۆك كۆز ، سېرىق چاچ ئالىچىپارلارغىلا ماس كېلىدۇ . بىزدەك ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە نىسبەتەن ئۇنداق ئىش نۇمۇس …
بىز بىر چەتتە قاراپ تۇرساق قىزلار ھېسابات قىلسا بەك سەت ئىش، ئىككىمىز ئايرىپ تۆلەپ يۈرسەك تېخىمۇ سەت ئىش. بىراق ھېسابات قىلغاندا دائىملا بىز قىلساق قىزلارنىڭ غورورىغا تېگەمدىغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
بۇ تىمىنى كۆرۈپ بىر يۇمۇر ئىسىمگە كەپ قالدى …
قايسى يۇمۇر؟
مەنچە يەنىلا مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. دائىم بىر تەرەپ ھېسابات قىلىۋېرىدىغانغا ،ئۆيىدە ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشىكى بولمىغاندىكىن، يا بىر ئوغۇل بالا قىز بالىنى مېھمان قىلىشنى كۆتۈرگە ئالمىغاندىكىن. گېزى كەلسە قىز بالىمۇ ھېسابات قىلسا بولىدۇ.
شەخسەن ئۆزۈم قىز بالا بولغىنىم بىلەن ( يۈرۈۋاتقان چاغقا نىسبەتەن )دائىملا قارشى تەرەپنىڭ ھېسابات قىلىۋېرىشىنى ياقتۇرمايمەن . ھەم خىجىل بولىمەن.
شۇڭا يەنىلا كۆڭلىگە سېپ قويۇپ ،پەيىت كەلگەندە ياندۇرغان ياخشى.
بىر ئادەملا تۆلەۋەرسە خىجىل بولدىغان قىزلارمۇ بار.لىكىن بەزى بىر قىسىم قىزلار ئوغۇللارنىڭ مەجبۇرىيتى دەپ ئويلاياىغان چېغى