21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە، يانفوندىن ئىبارەت بۇ قورال تۇرمۇشىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. ئىلگىرى شۇنداق بىر خەۋەر كۆرگەن، تاماق ئۈستىلىدە موماي بالا-چاقا، نەۋرە-چەۋرىلىرىگە توختىماي تاماقنىڭ سوۋۇپ قالغانلىقىنى ۋە تېز يېيىشنى ئەسكەرتىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممەيلەن قولىدىكى يانفون بىلەن بولۇپ كەتكەن، يالغۇزلۇققا چىدىمىغان موماي ئاخىرى تەخسىسىنى يەرگە ئېتىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن….
تۆۋەندە يانفوننىڭ تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە بىر قانچە پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى.
يۇقارقى كۆرۈنۈشلەر ئەتراپىمدا يوق دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز؟ شۇنداق. تەرەققىيات تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەرمۇ تەڭ كېلىپ چىقتى. بۇرۇن سائەت 9 دا ئۇخلاپ بولاتتۇق، ھازىر 12 بولمىسا كۆزدە ئۇيقۇ يوق. بۇرۇن ئاپتوبۇسلاردا سوقۇلۇپ كېتىپ ياكى ئورۇن بېرىپمۇ بىرەر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالاتتۇق، ھازىر ھەممىمىزنىڭ كۆزى يانفوندا. ئىشىنىڭكى، ئوبدان سەپسالسىڭىز، يوقاتقانلىرىڭىز ئېرىشكەنلىرىڭىزدىن كۆپ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي يانفونغا بېغىشلىۋەتتى، كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىشنىڭ ئورنىنى يېتىۋېلىپ تېلىفوندا ئۇچۇرلىشىش ئالدى، بىرلا تېلىفون بىلەن دېيىشىپ كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىپ دىدارلىشىدىغان دوستلار ئۇچۇردا ئەھۋال سورىشىپ قويىدىغان، ھېچكىم ئەھۋالىنى سورىمىسا بىرەر تال رەسىم چۈشۈپ ئەھۋالىمىزنى تورغا يوللاپ كۆپچىلىكتىن خەۋەر قىلىدىغان بولدۇق. ھەتتا ئاڭلىساق، بەزى كىشىلەر يانفون ئۈچۈن ئىشتىنىنى كىيىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا رازى ئىكەن، ئەسلى تۇرمۇش بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى…
مەڭگۈ يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان ئاشۇ كىشىلەر
ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق شىمالىي قۇتۇپ ئەمەس، بەلكى قىز-يىگىت تاماقتا ئولتۇرۇپ تېلىفون ئوينىغان چاغدىكى ئارىلىقمىش.
ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن دوستلار يىغىلىشى
خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر
ئەمدى ئالىي مەكتەپتە ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى
سابىق مەستانە مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن توردا مەدەت تىلەۋاتىدۇ
يەنە تاماق ۋاقتى بوپتۇ، بۇدا پىسا يېسەك قانداق؟ ۋۇ…ما پىسا ئوخشاپتۇ، پېڭيوۋچۈەرگە بىر يوللىۋېتەي
ئۇزۇندىن بېرى يىغىلمىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تاماق ۋاقتى
بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى، ماشىنا ھەيدەپ شامالداپ كېلەيلى
تەتىل بولدى، سۇغا چۆمۈلگىلى بارغاچ قىزلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەيلى
ساۋاقداشلار يىغىلىشى
كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ئاكا-سىڭىل
كىنوخانىدا…
ھاجەتخانىدا كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىسىنى خاتىرەلەۋاتقان ياش
تۇغۇلغان كۈن سورۇنىدا تورت ئەمەس، يانفون باردۇر
بۇ ئاشىق-مەشۇقلارغا قاراڭ، يىگىت ھازىرلا ئۇچۇر يېزىپ قىزغا تەلەپ قويماقچى
مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق ئاددىي نەرسە
شىكە شەنبە كەپتۇ، بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلىپ بىر ئوپچە يانفون ئوينايلى…
تاماق ئوخشاپتۇ، تورغا بىر يوللاپ قوياي
بالىلارغا قاراشتىكى توغرا ئۇسۇل
مېنى ئاۋارە قىلماڭلار، مەن تورخۇمارغا چىقىۋاتىمەن
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,085 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: people-texting.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ھەممىسى ياخشى قىزلار، تورخۇماردىكى يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار
- كېيىنكى يازما > تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئوغۇللار ئۇچرىشىشقا چىققاندا ھېساباتنى تەڭ قىلىدىغان قىزلارنى تېخىمۇ ياقتۇرىدىكەن
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
ھەي نىمە دىسەم بولار، شۇنداق جىق نەرسىلەرنى بىرەلىگەن بۇ يانفۇن. يەنە بىز ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلىرىمىزنى تارتىۋالىدىكەن ئەمەسمۇ. مەن ئەمدى قاتتىق دىققەت قىلىمەن. ئايالىم ۋە بالامنىڭ قانچىلىك ئىچى سىقىلىپ كىتىدىغاندۇ. كەچۇر بالام.
ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن ئارلىقىمىز بارغانچە يىراقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ
ئۆزۈم ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالدىم… ھىس قىلدىمكى مەن ھەقىقەتەن زىرىكىشلىك ئادەمكەنمەن
قېرىنداشلار ئامال بولسا ئاۋۇ تاۋباۋ نىڭ كالتا ئىشتان ئېلانىنىڭ ئورنىغا باشقا ئېلان قويغان بولساڭلار. مەسىلەن يىمەك- ئىچمەكنىڭ، تېلىفۇننىڭ ئېلانى دىگەندەك…..
تاۋباۋنىڭ ئېلانىدا يېقىندا سىز تاۋباۋ تورىدا نىمە كۆرگەن بولسىڭىز شۇ چىقىدۇ ! مىنىڭ كىدە تېلىفۇنلا چىقىۋاتىدۇ !
ئامېرىكىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ماندا بى قائىدە تۈزۈپتۇ ، ئۆيگە كىرىش بىلەن ھەر قانداق ئەدەم تېلېفۇن ، كومپىيۇتېر دىگەندەك نەرسىلەرنى بىر ئىشكاپقا سالىدىكەن، ھەم ھېچكىمنىڭ ھەرقانداق بىر باھانە بىلەن بۇلارنى ئېلىشىغا رۇخسەت يوقكەن، كىمكى خىلاپلىق قىلسا بىر ھەپتىلىك ئۆي ئىشىنى ئۆزى يالغۇز قىلىدىكەن…
بىر ئايدىن كىيىن ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا بۇرۇنقىدەك سوغوق كەيپىيات خېلى ئازلاپتۇ ، تاماق ۋاقتىدا بۇلار شۇنداق خۇشال خۇرام پاراڭلىشىدىكەن ، بىللە دىلبۇزۇر كۆرۈدىكەن،ئىشقىلىپ بۇلا بەك ئىناق بوپ كىتىپتا …
دىمەك، تېلپۇن تاراق تۇرۇقنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك ياخشىكەن ،بەك كۆپ ۋاقتىمىزنى بىرىۋەتسەك بەلەن بوممايدىغان ئوخشايدا !
مېنىمۇ بەك ئويلاندۇرۇپ قويدى بۇ كۆرۈنۈشلەر . ئەسلى تۇرمۇش بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ….
راستىنى دېسەم تېخى ئۆتكەن يىل مەن ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى قىرىنداشلىرىم شۇنداق ئىدى، ئۆيگە كىرسەم ئانام خاپولاۋاتقان، سورۇنلاردا ئولتۇرساق چوڭلار خاپولاۋاتقان، ۋاي كۆرۈشمىگىلى خېلى بوپتۇ، بىللە تاماق يەيلى دەپ يېغىلساق تېخى بىرىمىز گەپ قىلىۋاتساق ھەممىمىز يانفۇنغا قاراپ، ئاخىرى بىر يىلدىن ئاشتى، بىر قېتىم ئۆزىمىزنى قاتتىق ئىسلاھ قىلىمىز دەپ ۋەدىلەشكەنتۇق، دېگەندەك ئۈنۈمى بولدى، ھازىر كىم بىللە ئولتۇرغاندا يانفۇن ئالسا پاتاڭغا شاپىلاق يەيدۇ، تۇيمايلا قالىدۇ زادى، شۇنداقتىمۇ يەنە ھەر قېتىم بىر ئىككىسى چىقىپ قالىدۇ، مەنغۇ يەپ باقمىدىم ئەمدى ھەممىدىن بەك ئۇرۇدىغىنى مەنكەنمەن
ھە شۇندا بولغاچ مەن ماشىنامدا ئاناممى كۈندەدىگۈدەك ئايلاندۇرۇپ كىلىمەن
مەندىمۇ باكەن يۇقارقى ئىللەتلەر
مەنمۇ بىر يىل بۇرۇن مۇشۇنداقتىم،ھازىر بىرە سورۇندا ئولتۇرۇپ قالسام تېلفۇن كەلسىمۇ ئۈزۈۋېتىپ ئولتۇرىمەن……
مەن دىققەت قىلاي ۋە ئەتراپتىكىلەرگىمۇ تەۋسىيە قىلاي !
بىراق ، مۇشۇ تورخۇمارنى ئوينىغاندىلا ھاۋاۋا جۇما !
ھاياتقا بولغان ئىسىراپچىلىقكەن بۇ …
ھازىر تېلفونغا ئانچىلىك گەنجۆ قالمىدى بەك ئويناپمۇ كەتمەيمەن ھازىر..
بۇ گەپنىڭ ئۇيغۇرچىسى نىمە بولغىيتى
ئاغىينىلەرنىڭ ئارىسىدا بىرسى بار شۇنداق. بېشىنى كۆتۈرمەي يانفونى بىلەن ھەپىلىشىدىغان. پاراڭلاشساقمۇ شۇ، ئولتاساقمۇ قوپساقمۇ شۇ، بىرە ئاشخانىلاردا ئوپچە تاماق يەپقالساقمۇ بېشىنى تىققان پېتىم كىرىپ شۇ پېتى چىقىدۇ، ئەمدى تاماقنى ئامالنىڭ يوقىدىن يەيدۇ…غەلۋىرنىڭ ئالدىدىنمۇ بېشىنى تىققانچە ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. يېقىندىن بېرى سېسىق گەپ بولامدۇ، تېگىدىغان چاقچاق بولامدۇ.. توختىماي دەۋەرگەننىڭ ياقى بىز بار يەردە ئېسىگە كېلىپ قېلىپ يانچۇقىغا سېلىۋېتىدىغان بولدى
نوكىيانىڭ 2013-يىللىق يىڭى يانفۇنى 1050 نى ئىشلەتسىڭىز، مانا كارامەت يۇقارقى باش ئاغرىقىدىن بىراقلا قۇتىلىسز.
نەدە كۆدۈم… ئىشقىلىپ بىر يەدە كۆدۈم، يانغۇن ئويناۋېرىپ ئۇنتۇپ قاپتىمە، نىمە كۆدۈڭلا دىسەڭلا [ توكقا چېتىپ زەرەتلەۋاتقان يانغۇننى ئويناۋاتقان بىر كىشىنى باغلاپ قويغان ئىشتقا ئوخشىتىپتىكەن] ، دىمىسىمۇ ھازىر بەزەنلەر باغلاپ قويغان ئىشتقىلا ئوخشاپ قالدى، ئاتا-ئانىسى ئىشقا بۇرىسىمۇ كارى يوق، ۋېيشىن-پېيشىن، كۇكۇ-پۇكۇ ئويناپلا ئولتاغان، ياتسىمۇ شۇ، قوپسىمۇ شۇ، ماڭسىمۇ شۇ، تۇسىمۇ شۇ، خالاغا چىسىمۇ شۇ، تاماق يىسىمۇ شۇ… ئىشقىلىپ نىمىش قىسا شۇ…
يۇقارقى بىر قاتار سۆرەتلەرنى كۆرەپ مەنمۇ ئۆيگە كىرسەملا قولامغا تېلفۇن ئەپ ئەتىراپىمدىكىلەر بىلەن كارىم بولمىغانلىقىنى كۆگەندەك بولدۇم.
ژۇقۇملۇق كېسەلدىن ئېغىر كېسەلكەن بۇ يانغۇن خۇمارلىق.
تەرەققىيات ۋە يىڭى تىخنىكىغا كەمچىىللىك ھامىلدار … بەلكىم ئاتا بۇۋۋىللىرمىز مۇشۇنداق قولايلىق دەۋىرنى چۈشىدە بولسىمۇ كۆرمىگەن بولغىتى …. بىلكىم كىيىن نەچچە يىلغىچىمۇ ئۇيدىن چىقمايدىغانلار بارلىققا كىلدىغاندۇ …..
بىرئولتۇرۇشقايېڭى تۇنۇشقان بىردوستۇمنى باشلاپ باردىم كىچىكىپرەك كەلگەن بىردوستۇم ئۇزىنى تۇنۇشتۇرۇپ ‹‹مىنىڭ ئىسمىم››دەپلا توختاپ قالدى قارىسام مەن باشلاپ كەلگەن دوستۇم تېلغۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ ئۈزىنى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان دوستۇم كۈزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ قۇيۇپ جىممىدە ئولتۇردى مەنمۇ نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان يانغۇنغا بەك بىرلىپ كەتسەك بىزنى ھەممىدىن ئايرىپ ئۆزىگە قۇل قىلىۋالىدىكەن دىققەت قىلايلى يانغۇننىمۇمۇڭدىشىدىغان ئادەم يوق زىرىكىپ قالغاندا ئاندىن ئوينىساق مىھىر-مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالمىساق دىگەن ئۈمۈدىم بار
ھەممىدىن ھەپتە ئاخىرى بوپتۇ، يىغىلىپ بىللە تېلفۇن ئوينايلى دېگىنى تەسىر قىلدى جۇما، دېمىسىمۇ بەزى ئۆيگە دوستلىرىم كىرسە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۇيمىغان ھالدا تېلفۇن ئويناپ كېتىمىز…..
ھەي مۇشۇ تېلىفۇنغۇ ئادەمگە خېلى خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى ھەم قۇلايسقزلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ
مەنمۇ ئادەتتە ئۆيدىكىلەرنىڭ قېشىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتمەيمەن ياتاق ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقىشتىن باشقا ئىش يوق دۇكاندىمۇ شۇنداق
ئايدا بىر تېلىفۇن ئالماشتۇرۇپ ئۇ تېخى زىيان
دەپ كەلسەك كۆڭۈل خوشى دەپ ئوينايدىكەنمىز شۇ… ھەي