نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

يانفونخۇمارلىق كېسىلى – ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، يانفوننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ

يانفون كەشىپ قىلىنغاندىن باشلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زور ئۆرگىرىشلەر بولدى. ھازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفون دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بىزلەر، ۋاقىت ۋە ئورۇن شارائىتىنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق دوستلىرىمىز بىلەن خالىغانچە ئالاقە ئېلىپ بارالايمىز، تورغا چىقىپ لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيسىز. دەل iOS ۋە Android قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفونلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشى بىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر يانفونغا بېقىنىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ھەتتا شۇ سەۋەپتىن يېڭىدىن – يانفونخۇمارلىق كېسىلى دەيدىغان كېسەللىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى…

mobile-panic-disorder

ئۇچرىشىشقا چىققاندا يانفوننى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشالماي تىت-تىت بولامسىز؟ ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا چوقۇم يانفوننى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغان دوستلار بارغۇ دەيمەن؟

يانفونخۇمارلىق كېسىلى(Nomophobia)، يەنى No Mobile Phone Phobia نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئاساسلىق كۆزدە تۇتىدىغىنى، كىشىلەر يان تېلېفون ئالاقىسىدىن مەھرۇم قالغاندا كۆرۈلىدىغان بىر خىل تەشۋىشلىنىش ۋە بىئارام بولۇش كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك 2008-يىلى ئەنگىلىيەدە رەسمى تۇرغۇزۇلغان، Yougov شىركىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 3/2 قىسىم ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغان. ئامېرىكا T-Mobile شىركىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يانفوندىن ئايرىلغاندىكى بىئاراملىق كەيپىياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، قارىماققا ھەر خىل يېڭى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قاتلىمى ئارىسىدا، قانداق قىلغاندا يانفوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىش بىز چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىنىڭ بىرىدەك قىلىدۇ.

ناۋادا شۇنداق بىر تاللاش بار دەپ قارالسا، ئامېرىكىقلار نېمە ئارقىلىق ئۇنتۇپ قالغان يانفوننى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ؟

63% ئامېرىكىلىق ئەخلەت دۆۋىسى ئارىسىدىن يۈتتۈرۈپ قويغان كۆچمە ئۈسكۈنىسىنى ئىزدەشنى خالايدىكەن؛

55% قىز ئىشىكتىن چىققاندا گىرىم قىلماي چىقىشقا رازىكەن؛

29% ئامېرىكىلىق نەق پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا رازىكەن؛

25% ئامېرىكىلىق يانفونىنى ئوغرىلىۋالغان ئوغرى بىلەن قاتتىق بىر مەيدان مۇشتلىشىشقا تەيياركەن؛

28% كىشى كرېدىت كارتىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا رازىكەن؛

11% يانفونغا ئېغىر دەرىجىدە ئاشىق بولغۇچى ھەتتا ئىشىكتىن چىققاندا ئىشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ مەيلىكەن….

ئۇنىڭدىن باشقا، 5/3 قىسىم ئامېرىكىقلار، يانفونى يېنىدا بىر سائەتتىن ئۇزاق بولماي قالسا، چىداپ تۇرالماي يانفوننى ئىزدەشكە باشلايدىكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سېھرىگەر 2012.08.15 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانىڭدىمۇ ئولتۇراي ، بىلەتتىم مەن تەدبىركارنىڭ 2 ياكى 3 يازمىنى بىر ئېلان قىلىدىغىنىنى ، شۇڭا ماراپ ئولتۇرغان ، بىلمىدىم بۇنىڭ كەينىدە يەنە بارمىدۇ ؟

  2. سېھرىگەر 2012.08.15 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    25% ئامېرىكىلىق يانفونىنى ئوغرىلىۋالغان ئوغرى بىلەن قاتتىق بىر مەيدان مۇشتلىشىشقا تەيياركەن؛ مەن ماۋۇنىڭغا كىرىدىكەنمەن ھى ھى ھى

  3. ئارسلان 2012.08.15 , 15:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يانفۇنۇمنى ئاكامنىڭ بالىسىغا بىرىپ خالىغانچە بۇزۇشقا يول قويۇپ مىنى باشلىقىمىنىڭ تاپالماسلىقنى ئۈمىد قلىمەن.

  4. ھەۋەسكار 2012.08.15 , 15:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانفون راستلا بەك مۇھىم. ئاددىيسى ئوبۇرنىدا ئولتۇرغاندا يانفون بولمىسىمۇ ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرغىلى بولمامدىكىن دەيمەنغۇ؟:mrgreen:

    • ياۋايى 2012.08.15 , 18:00

      مانا ماڭا ئوخشايدىكەنسىلەنجۇما … كەچتە ھاجەتخانىغا كۇسار بىلەن كىرسەممۇ قولامدا تىلفۇن تۇردۇ دەيمەن… ھى ھى ھى … بۇ تاللاش يوقمۇ نىمە …

    • Forever 2012.08.16 , 17:31

      ھەۋەسكار قارىم … ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىۋەتتىڭلىغۇ :mrgreen:

    • قىسمەت 2012.08.16 , 19:23

      قەغەز بۇلمۇسىمۇ شۇنداق بۇلامۇ؟؟؟:mrgreen:

  5. سەنسىز 2012.08.15 , 18:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي، ھازىر راسلا تىلفۇن شۇنداق مۇھىم بوپ كەتتى،مەن غۇ تىلفۇنۇمنى ئالماي سىرىتقا چىقىپ قالسام ئانچە جىددىيلىشىپمۇ كەتمەيمەن،لىكىن ھەرھالدا سىرىتقا چىققاندىكىن لازىم بولىشى ئىنىق :lol:

  6. تۇنجەر 2012.08.17 , 07:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې ھې ما يازمىنى كۆرۈپ ھەجەپ خوش بولدىما ، ماڭڭا ئۇخشاش تېلفون ساراڭلىرىمۇ جىقكەن ئەمەسمۇ..

  7. شۇڭقار 2012.08.17 , 13:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مەكتەپتە بولسا : ئۇنىڭدىن باشقا، 5/3 قىسىم ئامېرىكىقلار، يانفونى يېنىدا بىر سائەتتىن ئۇزاق بولماي قالسا، چىداپ تۇرالماي يانفوننى ئىزدەشكە باشلايدىكەن. ماۋۇنىڭغا كىرىدىكەنمەن . ئەگەردە ئۆيدە بولسام تىلفونىم بارمۇ – يوقمۇ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ .

  8. يولۋاسباي 2012.08.18 , 16:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق ھازىر يانفونلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يانفونسىز كۇن كۇن ئەمەس

  9. مەنگۈنۇر 2012.08.18 , 23:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەمدى رەسمىي كېسەل قاتارىغا كىرىپتۇ دە ئىلگىرمۇ ئاڭلىغانتىم بۇ كېسەللىكنى…..مەنمىغۇ بىر تېلفۇن مەستانىسى ھى ھى ھى

  10. شەيتان 2012.08.19 , 13:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە …. بۇ ئەسلى كېسەللىك ئىكەندە ، مەن تېخى ئادەتتىكى تۇيغۇ ئوخشايدۇ دەپتىمەن…… ھى ھى ھى
    مىنىڭكى ئازراق ئوخشىمامدۇ نىمە…. مىنىڭ ئىشىم چىقىپ قالغاندا تىلفۇن بولمىسا چىداپ تۇرالمايمەن، گاھىدا، باشقىلارنىڭ مەندە ئىشى بولۇپ قالسا ، ئۇنتۇپ قالساممۇ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايدۇ…….. :grin::lol:

  11. جاھانكەزدى 2012.08.22 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما گەپ راس لىكىن جۇمۇ ، مەنمۇ ئۇبۇرنىغا كىرسەممۇ يانفۇنۇم بىلەن قېرىشىپ ئولتۇرىمەن ،

  12. نەمۇنە 2012.10.21 , 21:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :arrow:ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭلا.باللا جان ئەمەسقۇ ئۇ؟

  13. نەمۇنە 2012.10.21 , 21:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې ھې ھې

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量